قان قۇسۇش ئېغىز بوشلۇقى، گال، قىزىلۆڭگەچ، ئاشقازان ياكى ئون ئىككى بارماق ئۈچەي قاتارلىق ھەزىم يوللىرىدا قان پەيدا بولۇش ھەمدە يېمەكلىك ياكى شۆلگەي بىلەن بىللە بەدەن سىرتىغا چىقىپ كېتىش ئالامەتلىرىنى كۆرسىتىدۇ.
بۇنىڭ سەۋەبى كۆپ خىل بولۇشى مۇمكىن، تۆۋەندىكى بىر قانچە خىلنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ، ئەمما ئۇنىڭ بىلەن چەكلەنمەيدۇ:
1. يۇقىرى ھەزىم يولى قاناش:مەسىلەن، ئاشقازان يارىسى، ئون ئىككى بارماق ئۈچەي يارىسى، قىزىلئۆڭگەچ ۋېناسى ئەگرى – بۈگرى كېڭىيىش يېرىلىش قاتارلىقلار.
2. تۆۋەنكى ھەزىم يولى قاناش:مەسىلەن، بوغماق ئۈچەي راكى، تۈز ئۈچەي راكى، ياللۇغلۇق ئۈچەي كېسىلى قاتارلىقلار.
3. باشقا ئامىللار:مەسىلەن، دورىنىڭ ئەكس تەسىرى، تاشقى يارا قاتارلىقلارمۇ قان قۇسۇشنى كەلتۈرۈپ چىقىرىشى مۇمكىن.
قان قۇسۇش سەۋەبىنى بېكىتىش ئۈچۈن، دوختۇر تۆۋەندىكى تەكشۈرۈش ۋە دىئاگنوز قويۇش ئۇسۇللىرىنى ئېلىپ بېرىشى مۇمكىن:
1. بەدەن تەكشۈرۈش:دوختۇر بىمارنىڭ قورساق قىسمىنى سىلاپ مونەك ياكى باشقا نورمالسىزلىق بار – يوقلۇقىنى بېكىتىدۇ.
2. قان سىنىقى:دوختۇر بىماردىن قان سىنىقى ئېلىپ بېرىپ، قان ئازلىق قاتارلىق مەسىلىلەرنىڭ بار-يوقلۇقىنى تەكشۈرۈشنى تەلەپ قىلىشى مۇمكىن.
3. تەسۋىر ئىلمى بويىچە تەكشۈرۈش:مەسىلەن:X نۇرى ،ئۇلترا ئاۋاز دولقۇنى ياكى Uڭق1دا تەسۋىر چۈشۈرۈش قاتارلىق تەسۋىر ئىلمى بويىچە تەكشۈرۈش ئارقىلىق ئەزالاردا زەخىملىنىش ياكى باشقا نورمالسىزلىق بار – يوقلۇقى ئېنىقلىنىدۇ.
4. ئېندوسكوپتا تەكشۈرۈش:ئەگەر بىماردا ئاشقازان – ئۈچەي يولى مەسىلىسى بار دەپ گۇمان قىلىنسا، دوختۇر بىماردىن ئېندوسكوپتا تەكشۈرۈش ئارقىلىق ھەزىم قىلىش يولىنىڭ ئىچكى ئەھۋالىنى كۆزىتىشنى تەلەپ قىلىشى مۇمكىن.
داۋالاش ئۇسۇلى كونكرېت كېسەللىك سەۋەبىگە باغلىق. دائىم كۆرۈلىدىغان بەزى داۋالاش ئۇسۇللىرى تۆۋەندىكىلەرنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ:
1. دورا بىلەن داۋالاش:كېسەللىك سەۋەبىنىڭ ئوخشىماسلىقىغا ئاساسەن، دوختۇر ئانتىبىئوتىك، ياللۇغقا قارشى دورىلار، قان توختىتىش دورىلىرى ياكى باشقا دورىلارنى يېزىپ بېرىش ئارقىلىق كېسەللىك ئالامىتىنى پەسەيتىشى ۋە كېسەلنى داۋالىشى مۇمكىن.
2. ئوپېراتسىيە قىلىپ داۋالاش:ئاشقازان راكى ياكى بوغماق ئۈچەي راكى قاتارلىق ئېغىر كېسەللىكلەرنى ئوپېراتسىيە قىلىپ داۋالاشقا توغرا كېلىدۇ.
3. باشقا داۋالاش ئۇسۇللىرى:باشقا تۈردىكى كېسەللىكلەرگە قارىتا، مەسىلەن:قىزىلۆڭگەچ ۋېناسى ئەگرى – بۈگرى كېڭىيىپ يېرىلىش قاتارلىقلارغا قارىتا، باشقا داۋالاش ئۇسۇللىرىنى قوللىنىشقا توغرا كېلىشى مۇمكىن، مەسىلەن:ئىچكى بوشلۇق ئەينىكىدە قان توختىتىش ياكى نەيچە كىرگۈزۈپ داۋالاش قاتارلىقلار.