سۈيدۈكتىن زەھەرلىنىش كېسىلى ئاستا خاراكتېرلىك بۆرەك كېسىلى تەرەققىياتىنىڭ ئەڭ ئاخىرقى باسقۇچى بولۇپ، ئادەتتە بۆرەك ئىقتىدارى تۆۋەنلەپ تەخمىنەن %10 − %15 كە چۈشكەندە كۆرۈلىدۇ. بۆرەكنىڭ ئاساسلىق ئىقتىدارى مېتابولىزملىق كېرەكسىز ماددىلارنى چىقىرىش، بەدەندىكى سۇ ۋە ئېلېكترولىتلارنىڭ تەڭپۇڭلۇقىنى تەڭشەش ھەمدە بەزى ھورمۇنلارنى ئاجرىتىپ چىقىرىشنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. سۈيدۈكتىن زەھەرلىنىش كېسىلى يۈز بەرگەندە، بۇ ئىقتىدارلار كۆرۈنەرلىك زىيانغا ئۇچراپ، بەدەندىكى توكسىن ۋە كېرەكسىز ماددىلارنىڭ يىغىلىپ قېلىشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ.
ئۇيغۇرچە ئىسمى: سۈيدۈكتىن زەھەرلىنىش كېسىلى
ئىنگىلىزچە ئىسمى: Uremia
خەنزۇچە ئىسمى: 尿毒症
تۈركچە ئىسمى: Üremi
سۈيدۈكتىن زەھەرلىنىش كېسەللىك ئالامىتى
1) چارچاش ۋە ئاجىزلىق: توكسىن يىغىلىپ ھۈجەيرىلەرنىڭ مېتابولىزمىغا تەسىر كۆرسىتىپ، پۈتۈن بەدەن خاراكتېرلىك چارچاش ۋە ئاجىزلىقنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ. شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا، بۆرەك ئىقتىدارى زەئىپلىشىش دائىم قان ئازلىقنى كەلتۈرۈپ چىقىرىپ، ھارغىنلىقنى تېخىمۇ ئېغىرلاشتۇرۇۋېتىدۇ.
2) ئىشتىھاسى تۇتۇلۇش ۋە كۆڭلى ئېلىشىش:ھەزىم قىلىش سىستېمىسىمۇ تەسىرگە ئۇچرايدۇ، مېتابولىزم كېرەكسىز ماددىلىرى يىغىلىپ ئاشقازان – ئۈچەي يولى بىئارام بولۇشنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ، بۇ كۆڭلى ئېلىشىش، قۇسۇش ۋە ئىشتىھاسى تۇتۇلۇشنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ.
3) ئىششىق:بۆرەك ئارتۇق سۇيۇقلۇقنى ئۈنۈملۈك چىقىرالمايدۇ، سۇيۇقلۇق بەدەنگە يىغىلىپ قالىدۇ، بولۇپمۇ پۇت ۋە قاپاق قىسمى ئىششىقنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ.
4) تېرە قىچىشىش:مېتابولىزم كېرەكسىز ماددىلىرى ( مەسىلەن، ئۇرېيە ) تېرىگە يىغىلىپ، ئېغىر دەرىجىدە قىچىشىش ۋە قۇرغاقلىشىشنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ.
5) نېرۋا سىستېمىسى كېسەللىك ئالامەتلىرى:ئاڭ غۇۋالىشىش، ئەستە تۇتۇش قابىلىيىتى چېكىنىش، دىققىتىنى يىغالماسلىقنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ، ھەتتا ئېغىر بولغان ئەھۋالدا چۆچۈش ۋە ھوشسىزلىنىش كۆرۈلىدۇ.
6) نەپەس تېزلىشىش:بەدەندىكى ئارتۇق سۇيۇقلۇق ئۆپكىگە يىغىلىپ قالغاچقا، بىماردا نەپەس تېزلىشىش ۋە نەپەس قىسىلىش ئەھۋالى كۆرۈلۈشى مۇمكىن.
7) يۈرەك قان تومۇر مەسىلىسى:سۈيدۈكتىن زەھەرلىنىش يۇقىرى قان بېسىم، يۈرەك رىتىمسىزلىقى ۋە يۈرەك زەئىپلىشىش خەۋپىنى ئاشۇرۇۋېتىدۇ.
سۈيدۈكتىن زەھەرلىنىش كېسىلىنىڭ سەۋەبى
سۈيدۈكتىن زەھەرلىنىش كېسىلىنى ئاساسلىقى ئاستا خاراكتېرلىك بۆرەك كېسىلى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ، دائىم كۆرۈلىدىغان ئاستا خاراكتېرلىك بۆرەك كېسىلىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدىغان سەۋەبلەر تۆۋەندىكىلەرنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ:
1) دىئابېت كېسىلى: ئۇزۇن مۇددەت يۇقىرى قان شېكىرى بۆرەك شارچىلىرىغا زىيان يەتكۈزىدۇ.
2) يۇقىرى قان بېسىم: ئۇزاق داۋاملاشقان يۇقىرى قان بېسىم بۆرەك قان تومۇرلىرىنى زەخىملەندۈرىدۇ.
3) بۆرەك شارچىلىرى بۆرەك ياللۇغى: بۆرەك شارچىلىرىنىڭ ياللۇغلىنىشى ۋە زەخىملىنىشى.
4) كۆپ خالتىلىق بۆرەك كېسىلى: ئىرسىيەت خاراكتېرلىك كېسەللىك بولۇپ، بۆرەكتە كۆپ خالتىلىق ئىششىق پەيدا قىلىدۇ.
5) ئاستا خاراكتېرلىك سۈيدۈك يولى يۇقۇملىنىش: تەكرار يۇقۇملىنىش بۆرەك توقۇلمىلىرىغا زىيان يەتكۈزىدۇ.
سۈيدۈكتىن زەھەرلىنىش كېسىلىنى داۋالاش ئۇسۇللىرى
1. دىئالىز:
1) قاننى دىئالىز قىلىش: ماشىنا ئارقىلىق قاننى تازىلاش، ئادەتتە ھەر ھەپتىدە ئۈچ قېتىم، ھەر قېتىمدا تەخمىنەن تۆت سائەت ئېلىپ بېرىلىدۇ.
2) قورساق پەردىسى دىئالىزى: قورساق پەردىسىنى سۈزۈش پەردىسى قىلىپ، قورساق بوشلۇقىغا كىرگۈزۈش ۋە دىئالىز سۇيۇقلۇقىنى چىقىرىش ئارقىلىق قاننى تازىلايدۇ، ئادەتتە ھەر كۈنى كۆپ قېتىم ئېلىپ بېرىلىدۇ.
3) بۆرەك كۆچۈرۈش: ساغلام بۆرەكنى بىمارنىڭ تېنىگە كۆچۈرۈش سۈيدۈكتىن زەھەرلىنىش كېسىلىنى داۋالاشنىڭ ئۈنۈملۈك ئۇسۇلى، لېكىن مۇۋاپىق تەمىنلىگۈچى تەنچىنى ماسلاشتۇرۇش كېرەك.
2. دورا بىلەن داۋالاش:
1) يۇقىرى قان بېسىم ۋە دىئابېت كېسىلىنى كونترول قىلىپ، بۆرەك ئىقتىدارىنىڭ ناچارلىشىشىنى ئاستىلىتىش كېرەك.
2) سۈيدۈك ھەيدىگۈچى دورىلارنى ئىشلىتىش ئارتۇقچە سۇيۇقلۇقنى چىقىرىپ تاشلاشقا ياردەم بېرىدۇ.
3) فوسفورنى تۆۋەنلەتكۈچى دورىلار ۋە كالتسىي دورىلىرىنى ئىشلىتىپ، ئېلېكترولىت تەڭپۇڭلۇقىنى كونترول قىلىش كېرەك.
4) قىزىل قان ھۈجەيرىلىرىنى ھاسىل قىلغۇچى ماددىلارنى تولۇقلاپ، قان ئازلىقنى داۋالايدۇ.
سۈيدۈكتىن زەھەرلىنىش كېسىلىنىڭ ئالدىنى ئېلىش
1) ئاساسىي كېسەللىكلەرنى كونترول قىلىش: دىئابېت كېسىلى ۋە يۇقىرى قان بېسىمنى ئۈنۈملۈك باشقۇرۇپ، بۆرەكنىڭ زەخىملىنىشىنىڭ ئالدىنى ئالىدۇ.
2) قەرەللىك سالامەتلىك تەكشۈرتۈش: بولۇپمۇ بۆرەك كېسىلى خەۋپ – خەتەر ئامىلى بار كىشىلەر توپىنىڭ بۆرەك ئىقتىدارىنى قەرەللىك تەكشۈرتۈش ( مەسىلەن، قان زەردابىدىكى كرېئاتىنىن، سۈيدۈكتىكى ئاقسىل ) كېرەك.
3) ساغلام تۇرمۇش ئۇسۇلى: ساغلام يېمەك – ئىچمەكنى ساقلاش، تاماكا تاشلاش، تۇزنى چەكلەش، مۇۋاپىق ھەرىكەت قىلىش بۆرەكنىڭ ساغلاملىقىنى قوغداشقا پايدىلىق.
4) بالدۇر بايقاش ۋە داۋالىنىش: بۆرەك مەسىلىسىنى بالدۇر بايقاپ، ۋاقتىدا داۋالاش ۋە باشقۇرۇش كېسەللىك ئەھۋالىنىڭ تەرەققىياتىنى كېچىكتۈرۈشكە پايدىلىق.
سۈيدۈكتىن زەھەرلىنىش بىر ئېغىر كېسەللىك بولۇپ، ئالدىنى ئېلىش، بالدۇر بايقاش ۋە ئاكتىپ داۋالاش ئىنتايىن مۇھىم. ئەگەر مۇناسىۋەتلىك كېسەللىك ئالامەتلىرى ياكى خەۋپ – خەتەر ئامىللىرى بولسا، ۋاقتىدا دوختۇرغا كۆرۈنۈش كېرەك.