قان تەقدىم قىلىش ئون چوڭ خاتا قاراش ۋە توغرا چۈشەندۈرۈش
بىرىنچى، قان تەقدىم قىلىش B تىپلىق جىگەر ياللۇغى ياكى ئەيدىز كېسىلى قاتارلىق كېسەللىكلەرگە يۇقۇملىنىش ئىھتىماللىقى يۇقىرى بولامدۇ؟
قان تەقدىم قىلىش بەدەندىن سۇيۇقلۇق چىقىرىش جەريانى بولۇپ، قان ئادەم بەدىنىدىكى قان تومۇردىن سىرتقا ئېقىپ چىقىدۇ، «بىر ئادەمگە بىر يىڭنە» نى ئۆلچەملىك باشقۇرۇش ۋە مىكروبسىز مەشغۇلات قىلىش ئاستىدا، ھەقسىز قان تەقدىم قىلىشقا قاتناشقاندا كېسەللىك بىلەن يۇقۇملىنىشى مۇمكىن ئەمەس، جىگەر ياللۇغى ياكى ئەيدىز كېسىلى بىلەن يۇقۇملىنىش قاتارلىق قان تەقدىم قىلىش تېخىمۇ يۈز بەرمەيدۇ.
ئىككىنچى، قان تەقدىم قىلىش ھەقسىز، قان ئىشلىتىش ھەقلىق؟
دوختۇرخانا ئالىدىغان خىراجەت قان يىغىش، تەكشۈرۈش، پىششىقلاپ ئىشلەش، ساقلاش، توشۇش قاتارلىق تەننەرخ خىراجىتى بولۇپ، قاننىڭ ئۆزىنىڭ باھاسى ئەمەس. بەدەنگە جىددىي قان كېرەك بولغاندا دوختۇرلار قاننى چوقۇم بېرىدۇ.
ئۈچىنچى، قان تەقدىم قىلىش قان ئازلىقنى كەلتۈرۈپ چىقىرامدۇ؟
ھەر قېتىملىق قان تەقدىم قىلىش مىقدارى ئادەم بەدىنىدىكى قاننىڭ ئىنتايىن ئاز قىسمىنى ئىگىلەيدۇ، ۋاقتىنچە ئاز مىقداردا ئېقىپ چىقسا، ئادەم بەدىنىدىكى قاننىڭ نورمال ئايلىنىشىغا تەسىر يەتمەيدۇ، تەقدىم قىلىنغان ئاز مىقداردىكى قان ناھايىتى تېزلا ئەسلىگە كېلىپ تولۇقلىنىدۇ.
تۆتىنچى، ئادەم قان تەقدىم قىلغاندىن كېيىن نۇرغۇن ئاق قان ھۈجەيرىلىرىنى يوقىتىپ، ئىممۇنىتېت كۈچى تۆۋەنلەپ كېتەمدۇ؟
فىزىئولوگىيە جەھەتتىن ئېيتقاندا، ئادەم بەدىنىنىڭ ئىممۇنىتېت كۈچىنى تەشكىل قىلىدىغان ئاساسلىق ماددا ئاق قان ھۈجەيرىلىرىدۇر. قان تەقدىم قىلغاندىن كېيىن ئادەم بەدىنىنىڭ مېتابولىزمى تېزلىشىدۇ، مەلۇم نۇقتىدىن ئېيتقاندا ئىممۇنىتېت كۈچىنى ئاشۇرغىلى بولىدۇ.
بەشىنچى، بىۋاسىتە تۇغقانلار ئارا قان بېرىش قان قېرىنداشلىق مېھرىنى تېخىمۇ گەۋدىلەندۈرۈپ بېرەمدۇ؟
بىۋاسىتە تۇغقانلار ئارا قان بېرىش ئاسانلا «قان بېرىشكە مۇناسىۋەتلىك كۆچۈرۈلگەن ماددىنىڭ كۆچۈرۈلگۈچىگە قارشىلىق قىلىش كېسىلى» نى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ، بۇ قان بېرىشتىكى ئەڭ ئېغىر ئەگەشمە كېسەللىكلەرنىڭ بىرى. بالىلار، ئاخىرقى باسقۇچتىكى ئۆسمە كېسىلى بىمارلىرى، ياشانغان، تېنى ئاجىز بىمارلاردا كۆپ يۈز بېرىدۇ، بۇ بىمارلارنىڭ ئىممۇنىتېت كۈچى تۆۋەن بولۇپ، ئۇرۇق – تۇغقانلىرىنىڭ قېنىنى كىرگۈزگەندە بۇ كېسەلنىڭ يۈز بېرىش ئېھتىماللىقى زور دەرىجىدە ئاشىدۇ، ئۇنىڭ ئۈستىگە ئۆلۈش نىسبىتى %90 تىن ئېشىپ كېتىدۇ.
ئالتىنچى، قان تەقدىم قىلىشتا ئاچ قورساق بولۇش كېرەكمۇ؟
قان تەقدىم قىلىش بىلەن دوختۇرخانىدا تەكشۈرتۈپ قان ئېلىش ئوخشىمايدۇ، ئاچ قورساق بولۇش ھاجەتسىز. ئەكسىچە، ئاچ قورساققا قان تەقدىم قىلغاندا، قاندىكى گلۇكوزىنىڭ مىقدارى بىر قەدەر تۆۋەن بولۇپ، باش قېيىش قاتارلىق قان شېكىرى تۆۋەنلىك رېئاكسىيەسىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىشى مۇمكىن.
يەتتىنچى، قان تەقدىم قىلىش سەمىرىپ كېتىشنى كەلتۈرۈپ چىقىرامدۇ؟
قان تەقدىم قىلىش ئادەم بەدىنىنىڭ سەمىرىپ كېتىشىنى كەلتۈرۈپ چىقارمايدۇ. قۇرامىغا يەتكەن ساغلام كىشىلەر 400ml ~ 200ml قان تەقدىم قىلغاندىن كېيىن بىئارام بولمايدۇ، مۇۋاپىق ئارام ئېلىپ، ئوزۇقلۇق تولۇقلىغاندىمۇ سەمىرىپ كەتمەيدۇ.
سەككىزىنچى، قان تەقدىم قىلغاندىن كېيىن ياخشى قۇۋۋەت تولۇقلىغاندىلا، ئاندىن زىياننى ئازايتقىلى بولامدۇ؟
نۆۋەتتىكى كىشىلەرنىڭ تۇرمۇش سەۋىيەسى، يېمەك – ئىچمەك قۇرۇلمىسى ۋە ئوزۇقلۇق ئەھۋالىدىن ئېلىپ ئېيتقاندا، قۇرامىغا يەتكەن ساغلام كىشىلەر قان تەقدىم قىلغاندىن كېيىن تۈرلۈك ئوزۇقلۇق بۇيۇملىرىنى تولۇقلىمىسىمۇ بولىدۇ.
توققۇزىنچى، بىر تامچە ئۇرۇق، ئون تامچە قان، قان تەقدىم قىلىشمۇ ھامىلىدارلىققا ۋەيا تۇغۇتقا تەسىر يەتكۈزۈشى مۇمكىن.
تۇغۇت ئىقتىدارىغا تەسىر كۆرسىتىدىغان ئامىللار ناھايىتى كۆپ بولۇپ، ئاتا – ئانا ئىككى تەرەپنىڭ سالامەتلىك ئەھۋالى بىلەن مۇناسىۋەتلىك بولغاندىن سىرت، روھىي ھالەت ۋە تۇرمۇش، خىزمەت مۇھىتى ئامىلىمۇ بۇنىڭ بىلەن مۇناسىۋەتلىك. ئەمما شۇنى مۇئەييەنلەشتۈرۈشكە بولىدۇكى، نورمال قان تەقدىم قىلىش بىلەن كېيىنكى ھامىلىدارلىق ۋەيا تۇغۇتقا تەسىر كۆرسىتىشنىڭ بىۋاستە مۇناسىۋىتى يوق.
ئونىنچى، قان تەقدىم قىلىش بىلەن زەھەر چېكىش ئوخشاشلا ئادەمنى «خۇمار» قىلامدۇ؟
قان تەقدىم قىلىش تاماكا چېكىش ئەمەس، زەھەر چېكىشمۇ ئەمەس، ئەلۋەتتە «خۇمار» بولمايدۇ. قان تەقدىم قىلغاندىن كېيىن ئادەم نورمال سۈرئەتتە قايتا قان ھاسىل قىلىشنى ھېس قىلىدۇ، قان «زىيادە كۆپ ھاسىل بولۇش» سەۋەبىدىن قان تەقدىم قىلغۇچىلارنى توختىماي قان تەقدىم قىلىشقا مەجبۇرلىمايدۇ، قان تەقدىم قىلىشقا خۇمار بولۇشنىڭ ئىلمىي ئاساسى يوق.
قان تەقدىم قىلىش بىلەن مۇناسىۋەتلىك باشقا سوئاللار:
1. قانچىلىك ۋاقىتتا بىر قېتىم قان تەقدىم قىلغىلى بولىدۇ؟
قان تەقدىم قىلىشنىڭ ئالتە چوڭ پايدىسى
بىرىنچى پايدىسى:قەرەللىك قان تەقدىم قىلغاندا يۈرەك مېڭە قان تومۇر كېسەللىكلىرىنىڭ ئالدىنى ئالغىلى بولىدۇ.
ئىككىنچى پايدىسى:قان تەقدىم قىلىش قان ئىشلەش ئىقتىدارىنى يۇقىرى كۆتۈرىدۇ.
ئۈچىنچى پايدىسى:دائىم قان تەقدىم قىلغاندا قاندىكى ماينى تۆۋەنلەتكىلى بولىدۇ.
تۆتىنچى پايدىسى:دائىم قان تەقدىم قىلغاندا يۈرەك كېسىلىنىڭ ئالدىنى ئالغىلى بولىدۇ.
بەشىنچى پايدىسى:قان تەقدىم قىلىش راك كېسىلىنىڭ پەيدا بولۇش نىسبىتىنى ئازايتىدۇ.
ئالتىنچى پايدىسى:مۇۋاپىق مىقداردا قان تەقدىم قىلىش ئۇزۇن ئۆمۈر كۆرۈشكە پايدىلىق.