ئانا سەھىپەساغلاملىقئادەم بەدىنىقايسى كېسەللىكلەر ئۆزلۈكىدىن ساقىيىدۇ؟

قايسى كېسەللىكلەر ئۆزلۈكىدىن ساقىيىدۇ؟

     + چوڭ خەت | - كىچىك خەت

سىنا تورى خەۋىرى، نۇر تورى تەرجىمىسى:

ھەممە ئادەمنىڭ بەدىنىدە ئىممۇنىتېت سىستېمىسى مەۋجۇت، ئادەم كېسەل بولۇشىنىڭ ئاساسلىق سەۋەبى ئىممۇنىتېت سىستېمىسىنىڭ بۇزغۇنچىلىققا ئۇچرىغانلىقىدا، ئىممۇنىتېت سىستېمىسى نورماللاشسا بەدەندىكى كېسەللىكلەرمۇ ئۆزلۈكىدىن ساقىيىدۇ. ئۇنداقتا قايسى كىچىك كېسەللىكلەر ئۆزلۈكىدىن ساقىيىدۇ؟

1. كىچىك يارا ئېغىزى

ئېھتىياتسىزلىقتىن يارىلىنىپ قالسا باشتىكى بىر نەچچە مىنۇتتا قاننى توختاتسىلا يارا ئېغىزى تەبىئىي ساقىيىدۇ. لېكىن يارىلىنىش ئەھۋالى ئېغىر بولسا، يارا ئېغىزىدا يۇقۇملىنىش پەيدا بولسا ۋاقتىدا دوختۇرخانىدا بېرىش لازىم.

2. زۇكام

زۇكام دائىم كۆرۈلۈدىغان كېسەللىكلەرنىڭ بىرى، بەدەن ۋىرۇس، باكتېرىيەلەرنىڭ ھۇجۇمىغا ئۇچرىغاندا زۇكام پەيدا بولىدۇ. دورىخانىلاردا سېتىلىدىغان دورىلارنىڭ ھېچقايسىسى زۇكامنى ئۈزۈل كېسىل داۋالىيالمايدۇ، پەقەت زۇكام ئالامەتلىرىنى پەسەيتىدۇ. ئادەتتە زۇكام بولۇپ قالغاندا يېمەك-ئىچمەك، دەم ئېلىشقا دىققەت قىلسا 7-5 كۈندە ئۆزلۈكىدىن ساقىيىدۇ.

3. قىزىپ قېلىش

قىزىپ قېلىش كېسەل ئەمەس، پەقەت بىر خىل ئالامەت، بەدەن ۋىرۇسلاردىن يۇقۇملانغاندىن كېيىن تېمپېراتۇرىسى ئۆرلەش ئارقىلىق ئۆزىنى قوغدىماقچى بولىدۇ. قىزىپ قېلىپ 38℃دىن ئېشىپ كەتمىگەن ئەھۋالدا ئاق قايناقنى كۆپ ئىچىش، مۇۋاپىق ئارام ئېلىش قاتارلىق ئۇسۇللار ئارقىلىق ساقايغىلى بولىدۇ. ئەگەر بەدەن ئاجىز بولسا مۇۋاپىق مىقداردا ۋىتامىن، ئاقسىل تولۇقلاش لازىم،

4. يېنىك دەرىجىدىكى ئۈچ يۇقىرى بولۇش

بەدەندىكى ئەخلەتلەر ئۆلچەمدىن ئېشىپ كەتكەندە ئىچكى ئەزالار تېز سۈرئەتتە خىزمەتكە چۈشىدۇ، جىگەر ۋە بۆرەك بەدەندىكى ئاساسلىق زەھەر تازىلاش مەركىزى بولۇپ، بەدەنگە زىيادە كۆپ ماي ۋە ئىسسىقلىق يىغىلىپ قالغاندا مۇۋاپىق ھەرىكەت قىلىش، يېمەك-ئىچمەكنى تەڭشەش ئارقىلىق ئەسلىگە كەلتۈرۈشكە بولىدۇ. يېنىك دەرىجىدىكى جىگەرنى ماي قاپلاش، دىيابېت ۋە ئۈچ يۇقىرى بولۇشنى دورا ئىشلەتمەيمۇ كونترول قىلغىلى بولىدۇ، لېكىن قەرەللىك تەكشۈرتۈپ تۇرۇش، كېسەللىك ئەھۋالى ناچارلاشسا ۋاقتىدا دورا ئىچىش لازىم.

5. ئىچى سۈرۈش

ئادەتتە سۈپىتى ئۆزگەرگەن يېمەكلىكلەرنى يېگەندە ئادەمنىڭ ئىچى سۈرۈپ قالىدۇ، بۇمۇ بەدەننىڭ ئۆزىنى قوغداش ئۇسۇللىرىنىڭ بىرى. ئىچى سۈرۈپ قالغاندا يېتەرلىك سۇ تولۇقلاش، سۇس تۇز سۈيى ئىچىش ئارقىلىق بەدەننىڭ سۇسىزلىنىپ كېتىشىنىڭ ئالدىنى ئالغىلى بولىدۇ.

6. ئۇيقۇسىزلىق

ئۇيقۇسىزلىق ھازىرقى زامان كىشىلىرىنىڭ ئورتاق كېسىلى بولۇپ قالدى، ئۇيقۇسىزلىق ئەھۋالى كۆرۈلگەندە بەزى كىشىلەر دەرھاللا ئۇيقۇسىزلىق دورىسى يەيدۇ، لېكىن پەقەت كەيپىياتنى ياخشىلاپ، يېمەك-ئىچمەكنى ياخشىلاپ، مۇۋاپىق بەدەن چېنىقتۇرغاندا ئۇيقۇ سۈپىتىنى ياخشىلىغىلى بولىدۇ.

سەمىمىي ئەسكەرتىش: بەزى كىشىلەر ئازراقلا ئاغرىپ قالسىمۇ دورا يېيىشكە ئالدىرايدۇ، قالايمىقان دورا ئىستېمال قىلغاندا بەدەندە دورىغا چىدامچانلىق كۆرۈلۈپ، كېيىنكى داۋالاشلارغا تەسىر كۆرسىتىدۇ، شۇڭلاشقا قالايمىقان دورا يېمەسلىك، يۇقىرىدا دېيىلگەن كېسەللىكلەرگە گىرىپتار بولغاندا مۇۋاپىق ئۇسۇل بىلەن بەدەننىڭ ئۆزىنىڭ ئەسلىگە كېلىشىگە ياردەم بېرىش كېرەك.

 

مەنبە:

https://m.nur.cn/news/2023/12/17806553.shtml

يۇقارىدىكى مەزمونغا قانداق قارايسىز؟
+1
0
+1
3
+1
0
+1
0
+1
0
+1
0
+1
0
مەزمون قوشۇلغان ۋاقىت: 2024-03-31

يېقىندا تەھرىرلەنگەن ۋاقىت: 2024-03-31 / 08:23:54

ساقلىۋالايچۇ؟
ساقلىۋالدىم!
سەمىمىي ئەسكەرتىش
مەزكۇر بەتتىكى مەزمۇندا، ئىملادا خاتالىق بولسا، ۋەيا تولۇقلىما مەزمۇن تەمىنلەپ بېرىشنى خالىسىڭىز، ئاستىدىكى سۆز قالدۇرۇش قىسمىغا سۆز قالدۇرسىڭىز بولىدۇ. تاما تاما كۆل بولۇر. سىزنىڭ نامىڭىزنى قوشۇپ ئېلان قىلىمىز.

بىكەتتىكى مەزمۇنلار تورداشلارنىڭ پايدىلىنىشى، ساغلاملىققا بولغان تونۇشىنى ئاشۇرۇش ئۈچۈن تەمىنلەنگەن ئۇچۇرلاردۇر. ئەمما دىئاگنوز ئاساسى بولالمايدۇ. ئوخشىمىغان بىماردا ئوخشىمىغان ئالامەتلەر كۆرۈلىدۇ ۋە دىئاگنوزى ئوخشىمايدۇ. شۇڭا بەدەندە كېسەللىك ئالامەتلىرى كۆرۈلگەندە چوقۇم مۇنتىزىم دوختۇر بىلەن يۈز تۇرانە مەسىلىھەت ئېلىشىڭىزنى، دوختۇرخانىدا تەكشۈرتۈشىڭىزنى تەۋسىيە قىلىمىز.

باشقا يەرلەردىن ئېلىنغان بەزى مەزمۇنلار، رەسىملەرنىڭ ئەسلى مەنبەسىنى ئەسكەرتىشكە تىرىشتۇق. باشقا يەردىن ئېلىنغان مەزمۇنلار پەقەت شۇ ئاپتور يازارنىڭ ئۆز كۆز قارىشىنى ئىپادىلەيدۇ، بېكىتىمىزنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلالمايدۇ. بۇنىڭدىن سىرت، ئەگەر ئەسەرنىڭ ئەسلى ئاپتورى ماقالىنىڭ تور بېكىتىمىزدە ئېلان قىلىنغانلىقى ئۆزىنىڭ شەخسىي مەنپەئىتىگە دەخلى قىلىندى دەپ ئويلىسا، بىز بىلەن ئالاقىلاشسىڭىز، ئەڭ قىسقا ۋاقىت ئىچىدە بىكەتتىن ئۆچۈرۋەتسەك بولىدۇ.

تور بېكىتىمىزدىكى مەزمونلارنى شەخسىي بېتىڭىزدە ئىشلەتمەكچى بولسىڭىز، دوختۇرلار تور بېكىتى ياكى dohturlar.com دىن ئېلىنغانلىقىنى ۋەيا بىز ئەسكەرتكەن مەزمۇننىڭ ئەسلى مەنبەسىنى ئەسكەرتىپ قويۇشىڭىزنى چىن دىلىمىزدىن ئۈمىد قىلىمىز. ئەمگەك مېۋىسىگە ھۆرمەت قىلىڭ.

سۆز قالدۇراي

Please enter your comment!
Please enter your name here

قىززىق نۇقتىلار

يېڭى مەزمونلار

مەخسۇس سەھىپىلەر

تېخىمۇ كۆپ