ئانا سەھىپەروھ ۋە پىسخىكاپىسخىكا كېسەللىكلىرىقانداق قىلىپ خامۇشلۇق كېسىلىنى يوقاتقىلى بولىدۇ؟

قانداق قىلىپ خامۇشلۇق كېسىلىنى يوقاتقىلى بولىدۇ؟

ساغلاملىق سالونى خەۋىرى، نۇر تورى تەرجىمىسى :

ھازىرقى جەمئىيەتتە خامۇشلۇق كېسىلى دېگەن بۇ ئۇقۇم ئىنتايىن كۆپ ئۇچرايدۇ، بۇ خىل غەلىتە كېسەللىك نۇرغۇن كىشىلەرنىڭ يېنىغا يوشۇرۇنغان، خامۇشلۇق كېسىلىنىڭ دائىملىق ئالامىتى بولسا ئۇزۇن مەزگىللىك كەيپىياتى تۆۋەن بولۇش، تەشۋىشلىنىش، پۈتۈن بەدەن بىئارام بولۇش، ئۇيقۇسىزلىق قاتارلىقلاردۇر.

قانداق قىلىپ خامۇشلۇق كېسىلىنى يوقاتقىلى بولىدۇ؟

جەمئىيەتنىڭ ئېغىر بېسىمىغا ئۇچرىغانلىقتىن، ئەيدىز ۋىرۇسى بىلەن يۇقۇملانغۇچىلاردا يېنىك ياكى ئېغىر دەرىجىدە خامۇشلۇق كېىسلى پەيدا بولىدۇ، ئامېرىكىنىڭ يېقىنقى تەتقىقات نەتىجىسىدىن قارىغاندا، ئەيدىز ۋىرۇسى بىلەن يۇقۇملانغۇچىلارنىڭ ئىچىدە تۆتتىن ئۈچ قىسىم كىشىنىڭ بەزىدە كەيپىياتى ناچار، روھسىز بولىدىكەن، ئۈچتەن ئىككى قىسىم ئادەم دائىم تەشۋىشلىنىدىكەن، يېرىم ساندىكى كىشىلەرنىڭ ئۇيقۇسى پەقەتلا ياخشى ئەمەس ئىكەن.

ئەيدىز ۋىرۇسى بىلەن يۇقۇملانغۇچىلارنىڭ ھەممىسى روھى كېسەللىككە مۇپتىلا بولامدۇ؟

بۇ سوئالغا جاۋاپ بېرىش بەكلا قىيىن، ئالاقىدار ئىسپاتلارغا ئاساسلانغاندا، ئامېرىكا، ئەنگىلىيەدە ئەيدىز ۋىرۇسى بىلەن يۇقۇملانغۇچىلار ئىلغار، ئۈنۈملۈك ۋىرۇسقا قارشى تۇرغۇچى دورىلارغا ئېرىشەلىگەنلىكتىن، ئۇلار خۇشال، پىسخىكىسى ساغلام ھالدا داۋالاشنى قوبۇل قىلالايدىكەن، ئامېرىكىنىڭ يېقىندا ئېلان قىلغان تەتقىقات نەتىجىسىگە ئاساسلانغاندا، 1996-يىلىدىن كېيىن مەيلى ئاللىبۇرۇن داۋالاشنى قوبۇل قىلغانلار، داۋالاشنى يېڭىدىن قوبۇل قىلىغانلار ياكى تېخى داۋالاشنى قوبۇل قىلمىغانلار بولسۇن، ئۇلارنىڭ روھى ھالىتىدە چوڭ ياخشىلىنىش بولغان، لېكىن ۋىرۇسقا قارشى تۇرغۇچى دورىلارنىڭ ئەكىس تەسىرى، ئىقتىساد، كىشىلىك ئالاقە قاتارلىقلاردىن كەلگەن بېسىملار يۇقۇملانغۇچىلارنىڭ روھى ساغلاملىقىغا بەلگىلىك تەسىرلەرنى كۆرسىتىدىكەن.

ۋىرۇسقا قارشى تۇرغۇچى دورىلار روھى ساغلاملىققا تەسىر كۆرسىتەمدۇ ؟

ئەلۋەتتە تەسىر كۆرسىتىدۇ، بولۇپمۇ شىدۇنىڭ ئۇيقۇسىزلىقنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ، يۇقۇملانغۇچىلارنى ئاسان تەشۋىشلىنىدىغان، كەيپىياتى تۆۋەن، روھى چۈشكۈن قىلىپ قويىدۇ، لېكىن بۇلار ئىنتايىن ئاز كۆرىلىدىغان ئەكىس تەسىرلەردۇر، بۇ دورىنى يېگەن ھەممە ئادەمدە بۇ خىل ئەكىس تەسىر كۆرىلىشى ناتايىن، دورىنىڭ ئەكىس تەسىرى كۆرۈلۈپ بىر مەزگىل ئۆتكەندىن كېيىن ئۆزلىكىدىن ئوڭشىلىپ كېتىدۇ. ئەگەر بىمارلارنىڭ بۇرۇن روھى كېسەللىك تارىخى بولسا، بۇ خىل دورىنى ئىستېمال قىلىشتىن بۇرۇن چوقۇم دوختۇرغا ئۆزىنىڭ ئەينەن ئەھۋالىنى ئېيتىشى لازىم.

باشقا كېسەللىكلەرنى داۋالاش جەريانىدىمۇ روھى ساغلاملىققا تەسىر يېتەمدۇ؟

س تىپلىق جېگەر ياللۇغىنى داۋالاشقا ئىشلىتىدىغان دورىلارمۇ بىمارلارنى ئېغىر دەرىجىدە خامۇش قىلىپ قويىدۇ، شۇڭلاشقا س تىپلىق جېگەر ياللۇغىنى داۋالاتقاندا خامۇشلۇققا قارشى تۇرغۇچى دورىلارنى قوشۇپ ئىستېمال قىلىش لازىم.

ۋىرۇسقا قارشى تۇرغۇچى دورىلار بىلەن خامۇشلۇققا قارشى تۇرغۇچى دورىلارنى بىرلىكتە ئىستېمال قىلىشقا بولامدۇ ؟

ۋىرۇسقا قارشى تۇرغۇچى دورىلارنى يەۋەتقان مەزگىلدە خامۇشلۇققا قارشى تۇرغۇچى دورىلارنى ئىستېمال قىلىشقا ئەلۋەتتە بولىدۇ، لېكىن ئۆزىنىڭ خامۇشلۇققا قارشى تۇرۇش دورىسى يەۋەتقانلىقىنى دوختۇرغا چوقۇم ئېيتىش لازىم.

ئەيدىز بىلەن يۇقۇملانغانلار خامۇشلۇق كېسىلىدىن باشقا، يەنە دېۋەڭلىك كېسىلىگىمۇ گىرىپتار بولامدۇ؟

ئەيدىز ۋىرۇسى بىلەن يۇقۇملانغۇچىلارنىڭ دېۋەڭلىك كېسىلىگە گىرىپتار بولۇشى ئاساسلىقى كېسەللىك ۋىرۇسىنىڭ چوڭ مېڭىگە تەسىر كۆرسەتكەنلىكى ئۈچۈن بولۇپ، ۋىرۇسقا قارشى تۇرغۇچى دورىلار دېۋەڭلىك كېسىلىنىڭ ئۈنۈملۈك ئالدىنى ئالىدۇ.

 

تۆۋەندىكى 14 خىل قائىدىگە رىئايە قىلغاندا، خامۇشلۇق كېسىلى ئالامەتلىرىنى تۈگەتلىكى بولىدۇ :

1.تۇرمۇشنى رېتىملىق ئورۇنلاشتۇرۇش، باشقىلار بىلەن ئۇچرىشىشقا كېلىشكەندە چوقۇم ۋاقتىدا بېرىش، تاماق-ئارام ئىشلىرىنى چوقۇم رەتلىك ئورۇنلاشتۇرۇش، خاتىرجەم، تەرتىپلىك بولغان تۇرمۇش مۇھىتىدىن خۇشاللىق، ئازادىلىك تېپىش.

2.ئۆزىنىڭ تاشقى قىياپىتىگە ھەر دائىم دىققەت قىلىش، شەخسىي تازىلىققا رىئايە قىلىش، مەينەت، كىر بېرىپ كەتكەن كىيىملەرنى كەيمەسلىك، تۇرۇۋاتقان مۇھىتىنى پاكىزە تۇتۇش.

3.كەيپىيات ناچار بولغان ۋاقىتتىمۇ، ئۆزىنىڭ خىزمەت ۋە ئۆگىنىشىنى تاشلاپ قويماسلىق.

4.كىچىك ئىشلارغىمۇ ئاچچىقلىنىپ يۈرمەسلىك، باشقىلارغا ۋە ھەرقانداق ئىشتا كەڭ قورساق، ئالىيجاناپ بولۇش.

5.رىقابەت ئېڭىنى يېتىلدۈرۈش، زىددىيەتنى ئاكتىپلىق بىلەن تۈگىتىش، ئۆزىگە بولغان ئىشەنچىسىنى تۇرغۇزۇش.

6.يېڭى بىلىم، يېڭى شەيئىلەرنى ئاكتىپلىق بىلەن قوبۇل قىلىش، «قېرىغۇچە ئۆگىنىش» ئېڭىنى تۇرغۇزۇش.

7.كىچىك ئىشلارغىمۇ ياخشى ھەل قىلىش ئۇسۇلىنى قوللىنىش، كەيپىيات ئىنتايىن ناچار بولسىمۇ، ئۆزىنىڭ يۈرۈش-تۇرىشىغا، گەپ-سۆزىگە دىققەت قىلىش.

8.ئوخشىمىغان كىشىلەرگە ئوخشاش بولمىغان پوزىتسىيەدە مۇئامىلە قىلىشنى ئۆگىنىش.

9.ئۆزىنىڭ قىززىقىشىنى بايقاش ۋە تەرەققىي قىلدۇرۇش.

10.ئۆزىنىڭ تۇرمۇشى بىلەن باشقىلارنىڭ تۇرمۇشىنى سېلىشتۇرماسلىق، بۇ خىل يامان ئادەتنى چوقۇم ئۆزگەرتىش.

11.ئەڭ ياخشىسى تۇرمۇشتىكى ئەسلەشكە ئەرزىيدىغان گۈزەل ئىشلارنى خاتىرلەپ مېڭىش.

12.ئۆزىنىڭ مەغلۇبىيىتىنى يوشۇرماسلىق.

13.بۇرۇن قىلىپ باقمىغان ئىشلارنى قىلىشقا ئۇرۇنۇپ بېقىش، يېڭى بولغان تۇرمۇش شەكلىنى قېزىپ چىقىش.

14.روھى ئۇرغۇپ تۇرىدىغان، ئاكتىپ ئېنىرگىيەلىك ئادەملەر بىلەن ئارىلىشىش.

يۇقارىدىكى مەزمونغا قانداق قارايسىز؟
+1
0
+1
0
+1
0
+1
0
+1
0
+1
0
+1
0
مەزمون قوشۇلغان ۋاقىت: 2025-10-27

يېقىندا تەھرىرلەنگەن ۋاقىت: 2025-10-27 / 07:10:56

ساقلىۋالايچۇ؟
ساقلىۋالدىم!
سەمىمىي ئەسكەرتىش
مەزكۇر بەتتىكى مەزمۇندا، ئىملادا خاتالىق بولسا، ۋەيا تولۇقلىما مەزمۇن تەمىنلەپ بېرىشنى خالىسىڭىز، ئاستىدىكى سۆز قالدۇرۇش قىسمىغا سۆز قالدۇرسىڭىز بولىدۇ. تاما تاما كۆل بولۇر. سىزنىڭ نامىڭىزنى قوشۇپ ئېلان قىلىمىز.

بىكەتتىكى مەزمۇنلار تورداشلارنىڭ پايدىلىنىشى، ساغلاملىققا بولغان تونۇشىنى ئاشۇرۇش ئۈچۈن تەمىنلەنگەن ئۇچۇرلاردۇر. ئەمما دىئاگنوز ئاساسى بولالمايدۇ. ئوخشىمىغان بىماردا ئوخشىمىغان ئالامەتلەر كۆرۈلىدۇ ۋە دىئاگنوزى ئوخشىمايدۇ. شۇڭا بەدەندە كېسەللىك ئالامەتلىرى كۆرۈلگەندە چوقۇم مۇنتىزىم دوختۇر بىلەن يۈز تۇرانە مەسىلىھەت ئېلىشىڭىزنى، دوختۇرخانىدا تەكشۈرتۈشىڭىزنى تەۋسىيە قىلىمىز.

باشقا يەرلەردىن ئېلىنغان بەزى مەزمۇنلار، رەسىملەرنىڭ ئەسلى مەنبەسىنى ئەسكەرتىشكە تىرىشتۇق. باشقا يەردىن ئېلىنغان مەزمۇنلار پەقەت شۇ ئاپتور يازارنىڭ ئۆز كۆز قارىشىنى ئىپادىلەيدۇ، بېكىتىمىزنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلالمايدۇ. بۇنىڭدىن سىرت، ئەگەر ئەسەرنىڭ ئەسلى ئاپتورى ماقالىنىڭ تور بېكىتىمىزدە ئېلان قىلىنغانلىقى ئۆزىنىڭ شەخسىي مەنپەئىتىگە دەخلى قىلىندى دەپ ئويلىسا، بىز بىلەن ئالاقىلاشسىڭىز، ئەڭ قىسقا ۋاقىت ئىچىدە بىكەتتىن ئۆچۈرۋەتسەك بولىدۇ.

تور بېكىتىمىزدىكى مەزمونلارنى شەخسىي بېتىڭىزدە ئىشلەتمەكچى بولسىڭىز، دوختۇرلار تور بېكىتى ياكى dohturlar.com دىن ئېلىنغانلىقىنى ۋەيا بىز ئەسكەرتكەن مەزمۇننىڭ ئەسلى مەنبەسىنى ئەسكەرتىپ قويۇشىڭىزنى چىن دىلىمىزدىن ئۈمىد قىلىمىز. ئەمگەك مېۋىسىگە ھۆرمەت قىلىڭ.

تەييارلىغان مەزمۇنلىرىمىزنى رۇخسەتسىز، قانۇنسىز سودا ئىشلىرىغا ئىشلەتمەڭ. بولمىسا قانۇنى ۋە ۋىجدانى جاۋاپكارلىققا تارتىلىسىز.

سۆز قالدۇراي

Please enter your comment!
Please enter your name here

قىززىق نۇقتىلار

يېڭى مەزمونلار

مەخسۇس سەھىپىلەر

تېخىمۇ كۆپ