ئامېرىكا تەتقىقاتچىلىرىنىڭ بايقىشىچە، ياشانغانلارنىڭ پۇراش سېزىمىنىڭ تۆۋەنلەپ كېتىشى خامۇشلۇق كېسىلىنىڭ بىشارىتى بولۇشى مۇمكىن
تەتقىقاتچىلار 54 ياشتىن 100 ياشقىچە بولغان 600 نەپەر كىشىگە تونۇشلۇق بولغان 12 خىل پۇراقنى پەرقلەندۈرۈش سىنىقى ئېلىپ بارغان.
5 يىل داۋاملاشقان تەكشۈرۈشتە، تەكشۈرۈش ئوبيېكىتلىرى ھەر يىلى 21 قېتىم پۇراق پەرقلەندۈرۈش سىنىقىنى قوبۇل قىلغان. بارلىق تەكشۈرۈش ئوبيېكىتلىرىدا تەكشۈرۈش باشلانغاندا بىلىش قابىلىيىتى جەھەتتە چېكىنىش ئالامىتى كۆرۈلمىگەن. 5 يىلدىن كېيىن 3/1 قىسىم تەكشۈرۈلگۈچىنىڭ ئەستە تۇتۇش ئىقتىدارى ۋە تەپەككۇرى جەھەتتە ئازراق چېكىنىش بولغانلىقى بايقالغان.
تەكشۈرۈش نەتىجىسىدە كۆرسىتىلىشىچە، پۇراق پەرقلەندۈرۈش سىنىقىدا 4 خىلدىن يۇقىرى پۇراقنى خاتا تونۇغانلارنىڭ بىلىش ئىقتىدارىنىڭ چېكىنىش نىسبىتى پەقەت بىر خىللا پۇراقنى خاتا تونۇغانلاردىن %50 يۇقىرى چىققان.
تەتقىقات ئارقىلىق يەنە پۇراش سېزىمى چېكىنگەنلەردىكى يېنىك دەرىجىدىكى بىلىش ئىقتىدارى توسالغۇغا ئۇچراش ئاسانلا ياشانغانلاردىكى خامۇشلۇق كېسىلىگە قاراپ تەرەققىي قىلىدىغانلىقى مەلۇم بولغان.
تەتقىقاتچىلار ياشانغانلاردىكى پۇراش سېزىمىنىڭ تۆۋەنلىشىنىڭ نېۋروگرافىيىلىك پرىنسىپىنى تېخىچە بىلەلمىگەن.
بۇ خىل تۈر تەتقىقاتىغا مەسئۇل نېرۋا كېسەللىرى مۇتەخەسسىسى ۋىسلوننىڭ كۆرسىتىشىچە، گەرچە پۇراش سېزىمىنىڭ تۆۋەنلىشىگە ئاساسەن ياشانغانلاردىكى خامۇشلۇققا كېسىپ ھۆكۈم قىلغىلى بولمىسىمۇ، بىراق ياشانغانلارنىڭ پۇراش سېزىمى تۆۋەنلەپ كەتسە، ئەڭ ياخشىسى يەنىلا دوختۇرخانىغا بېرىپ تەكشۈرتۈپ بېقىش زۆرۈركەن.