ئانا سەھىپەروھ ۋە پىسخىكاپىسخىكا كېسەللىكلىرىخامۇشلۇق كېسىلى ئادەمدە قانداق نورمالسىزلىقلارنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ؟

خامۇشلۇق كېسىلى ئادەمدە قانداق نورمالسىزلىقلارنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ؟

     + چوڭ خەت | - كىچىك خەت

توۋتياۋ تورى خەۋىرى، نۇر تورى تەرجىمىسى:

گەرچە كەيپىياتى چۈشكۈنلىشىش، كۈنبويى بىئارام بولۇش خامۇشلۇق كېسىلىنىڭ ئەڭ تىپىك ئالامىتى بولسىمۇ، ئەمما بۇلار پەقەت سىرتقى كۆرۈنۈشلا خالاس. خامۇشلۇق كېسىلى ئادەمنىڭ كەيپىياتى بۇزۇپلا قالماي، يەنە ئادەمدە باشقا نورمالسىزلىقنىمۇ پەيدا قىلىدۇ، بۇ كېسەلنىڭ قانداقلىقىنى پەقەت خامۇشلۇق كېسىلىگە گىرىپتار بولغان ئادەملەرلا بىلىدۇ. خامۇشلۇق كېسىلىگە گىرىپتار بولغانلاردا يەنە تۆۋەندىكىدەك ئالامەتلەر كۆرۈلىدۇ.

خامۇشلۇق كېسىلى ئادەمدە قانداق نورمالسىزلىقلارنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ؟

1. ئۆزىنى كەمسىتىش. ئۆزىنى ھېچقانداق ئىشنى ياخشى قىلالمايدىغاندەك ھېس قىلىدۇ، تۇرمۇش ۋە خىزمەتتە ئازراق خاتالىق ئۆتكۈزسىلا بارلىق مەسئۇلىيەتنى ئۆزىدىن كۆرۈپ، ئۆزىنى ھېچقانداق مەۋجۇتلۇق قىممىتى يوقتەك، ھېچقانداق ئىشنى ياخشى قىلالمايدىغاندەك ھىس قىلىپ، ئۆزىگە بولغان باھاسى بارغانسېرى تۆۋەنلەيدۇ. ئۆزىنى ئۆزى كەمسىتىپ، ئۆزىگە بولغان ئىشەنچىسىنى يوقىتىدۇ.

2. ھەمىشە ئۇخلىيالماسلىق، كۆپ چۈش كۆرۈش. ئاندا-ساندا ئۇخلىيالماسلىق يېقىنقىدىن بۇيان خىزمەت بېسىمى ئېغىر بولۇپ، روھىي جەھەتتىن زىيادە جىددىيلەشكەنلىك ياكى يېمەك-ئىچمەك مۇۋاپىق بولماسلىقتىن كېلىپ چىقىدۇ، ۋاقتىدا تەڭشىسە ئۇخلىيالماسلىق، كۆپ چۈش كۆرۈش ئەھۋالى ياخشىلىنىدۇ. بىراق خامۇشلۇق كېسىلىگە گىرىپتار بولغانلارنىڭ كەيپىياتى ئۇزاق مەزگىل چۈشكۈنلىشىدۇ، يوقىلاڭ خىياللارنى تولا قىلىدۇ، بۇ ئەھۋال ئۇلارنىڭ ئۇيقۇسىغا زور تەسىر كۆرسىتىدۇ، ئۇلارنىڭ نورمال ھالەتكە قايتىشى ئىنتايىن تەس.

3. چوڭ مېڭە ۋە ھەرىكەت ئىقتىدارى ئاستىلاش. باشقىلار بىلەن پىكىر ئالماشتۇرغاندا، تاغدىن سورىسا باغدىن جاۋاب بېرىدۇ، خۇددى خىيال سۈرۈپ بىر ئۈس ئۈستىدە ئويلىنىۋاتقاندەك كىچىكىپ ئىنكاس قايتۇرىدۇ، ئويلىغانلىرىنى تولۇق ئىپادىلىيەلمەيدۇ، ھەتتا باشقىلار بىلەن پىكىر ئالماشتۇرۇشنى خالىمايدىغان بولۇپ قالىدۇ. ئادەتتە ئىش قىلغاندىمۇ ناھايىتى سۆرەلمىلىك قىلىدۇ.

4. ئۆلۈۋېلىش ئىستىكى پەيدا بولىدۇ. تۇرمۇشنىڭ ھېچقانداق ئەھمىيىتى قالمىغاندەك، ئۆزىنىڭ مەۋجۇتلۇق قىممىتى يوقتەك ئويغا كېلىپ قالغاندا ئۆلۈۋېلىش ئىستىكى پەيدا بولىدۇ. بۇنداق چاغدا ئىلگىرى ئىنتايىن قىزىقىدىغان نەرسىلەرمۇ ئۇنىڭ قىزىقىشىنى قوزغىيالمايدۇ، بۇ ھالەت كېسەللىك ئەھۋالىنىڭ ئىنتايىن ئېغىرلىقىنى چۈشەندۈرىدۇ.

مەنبە:
https://m.nur.cn/news/2023/12/17910980.shtml

يۇقارىدىكى مەزمونغا قانداق قارايسىز؟
+1
0
+1
1
+1
0
+1
0
+1
0
+1
0
+1
0
مەزمون قوشۇلغان ۋاقىت: 2024-07-26

يېقىندا تەھرىرلەنگەن ۋاقىت: 2024-07-26 / 10:44:15

ساقلىۋالايچۇ؟
ساقلىۋالدىم!
سەمىمىي ئەسكەرتىش
مەزكۇر بەتتىكى مەزمۇندا، ئىملادا خاتالىق بولسا، ۋەيا تولۇقلىما مەزمۇن تەمىنلەپ بېرىشنى خالىسىڭىز، ئاستىدىكى سۆز قالدۇرۇش قىسمىغا سۆز قالدۇرسىڭىز بولىدۇ. تاما تاما كۆل بولۇر. سىزنىڭ نامىڭىزنى قوشۇپ ئېلان قىلىمىز.

بىكەتتىكى مەزمۇنلار تورداشلارنىڭ پايدىلىنىشى، ساغلاملىققا بولغان تونۇشىنى ئاشۇرۇش ئۈچۈن تەمىنلەنگەن ئۇچۇرلاردۇر. ئەمما دىئاگنوز ئاساسى بولالمايدۇ. ئوخشىمىغان بىماردا ئوخشىمىغان ئالامەتلەر كۆرۈلىدۇ ۋە دىئاگنوزى ئوخشىمايدۇ. شۇڭا بەدەندە كېسەللىك ئالامەتلىرى كۆرۈلگەندە چوقۇم مۇنتىزىم دوختۇر بىلەن يۈز تۇرانە مەسىلىھەت ئېلىشىڭىزنى، دوختۇرخانىدا تەكشۈرتۈشىڭىزنى تەۋسىيە قىلىمىز.

باشقا يەرلەردىن ئېلىنغان بەزى مەزمۇنلار، رەسىملەرنىڭ ئەسلى مەنبەسىنى ئەسكەرتىشكە تىرىشتۇق. باشقا يەردىن ئېلىنغان مەزمۇنلار پەقەت شۇ ئاپتور يازارنىڭ ئۆز كۆز قارىشىنى ئىپادىلەيدۇ، بېكىتىمىزنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلالمايدۇ. بۇنىڭدىن سىرت، ئەگەر ئەسەرنىڭ ئەسلى ئاپتورى ماقالىنىڭ تور بېكىتىمىزدە ئېلان قىلىنغانلىقى ئۆزىنىڭ شەخسىي مەنپەئىتىگە دەخلى قىلىندى دەپ ئويلىسا، بىز بىلەن ئالاقىلاشسىڭىز، ئەڭ قىسقا ۋاقىت ئىچىدە بىكەتتىن ئۆچۈرۋەتسەك بولىدۇ.

تور بېكىتىمىزدىكى مەزمونلارنى شەخسىي بېتىڭىزدە ئىشلەتمەكچى بولسىڭىز، دوختۇرلار تور بېكىتى ياكى dohturlar.com دىن ئېلىنغانلىقىنى ۋەيا بىز ئەسكەرتكەن مەزمۇننىڭ ئەسلى مەنبەسىنى ئەسكەرتىپ قويۇشىڭىزنى چىن دىلىمىزدىن ئۈمىد قىلىمىز. ئەمگەك مېۋىسىگە ھۆرمەت قىلىڭ.

سۆز قالدۇراي

Please enter your comment!
Please enter your name here

قىززىق نۇقتىلار

يېڭى مەزمونلار

مەخسۇس سەھىپىلەر

تېخىمۇ كۆپ