توۋتياۋ تورى خەۋىرى، نۇر تورى تەرجىمىسى
قىش پەسلى ئادەمنىڭ ئاسانلا ئىسسىقى ئېشىپ كېتىدىغان پەسىل بولۇپ، پات ـ پات يۇتقۇنچاق قۇرۇپ ئاغرىش، ئىككى كۆز قىزىرىش، بۇرۇن بوشلۇقى قىززىش، ئېغىز قۇرۇپ تىل ئاغرىش ۋە جاۋىغاي ئاغرىش، بۇرۇنى قاناش، چىش ئاغرىش قاتارلىق ئالامەتلەر كۆرۈلىدۇ، بۇ ئالامەتلەر ئادەتتە بىز داۋاملىق دەيدىغان «ئىسسىقى ئېشىپ كېتىش». ئۇنداقتا، قانداق قىلغاندا بەدەندىكى «ئىسسىق»نى ۋاقتىدا ياندۇرغىلى بولىدۇ؟
قىش پەسلىدە ئاسانلا ئىسسىقى ئېشىپ كېتىشنىڭ بەش خىل سەۋەبى
ئادەملەرنىڭ نەزىرىدە ياز پەسلى ئىسسىقى ئېشىپ كېتىدىغان مەزگىل، لېكىن نېمە ئۈچۈن قەھرىتان قىشتا، ئادەمنىڭ ئىسسىقى تېخىمۇ ئېشىپ كېتىدۇ؟
① كىلىمات ئامىلى
قىشتا سىرتنىڭ تېمپېراتۇرىسى بەك تۆۋەن، ئۆي ئىچىنىڭ تېمپېراتۇرىسى بىر قەدەر يۇقىرى بولغاچقا، قۇرغاق ئۆي ئىچى مۇھىتى بەدەننىڭ سۇسىزلىنىشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ، ئەگەر ۋاقتىدا سۇ تولۇقلىمىغاندا بەدەننىڭ ئىسسىقى ئېشىپ كېتىدۇ، بەدەن سۇسىزلانسا ئاسانلا گال پۈتۈپ قېلىش، كالپۇك يېرىلىش، ئۇسساپ قۇرۇق يۆتىلىش قاتارلىق «قۇرۇق ئىسسىق» ئەھۋاللىرى كۆرۈلىدۇ.
② يېمەك ئىچمەك ئادىتى
قىشتا تېمپېراتۇرا تۆۋەنرەك بولغاچقا، كۆپ ساندىكى كىشىلەر سوغۇقتىن ساقلىنىش ئۈچۈن، قوي گۆشى، ساماۋار شورپىسى، مۇچ قاتارلىق بىر قىسىم قۇۋۋەت تولۇقلايدىغان يېمەكلىكلەرنى تاللايدۇ، بۇ يېمەكلىكلەر ئادەم بەدىنىنىڭ سوغۇقنى ھەيدىشىگە پايدىلىق، لېكىن ئاسانلا ئىسسىقى ئېشىپ كېتىشنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ.
③ كۈندىلىك مەشغۇلات
مەشغۇلات ۋاقتى تەرتىپلىك بولماسلىق، دائىم تۈنەش، ئۇيقۇ يېتەرلىك بولماسلىق قاتارلىقلارمۇ ئىسسىقى ئېشىپ كېتىشنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدىغان مۇھىم سەۋەب.
④ پىسخىكا ئامىلى
خىزمەتچىلەرنىڭ بېسىمى ئېغىر بولغاچقا، ئىچى تىتىلداش، تەشۋىشلىنىشتىن ساقلانغىلى بولمايدۇ، پىسخىك يۈكى زىيادە ئېغىر بولۇشمۇ ئاسانلا ئىسسىقى ئېشىپ كېتىشنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ، «ئىسسىق» تارقىلىپ كېتەلمىسە ساغلاملىققا تەسىر يېتىپ، ئادەم بەدىنىنىڭ ئىممۇنىتېت كۈچى تۆۋەنلەپ كېتىدۇ. ئاسانلا ئىسسىقى ئېشىپ كېتىشى ئەجەبلىنەرلىك ئەمەس.
5) ھەرىكەت كەمچىل
قىشتا ھۇرۇنلۇقتىن ھەرىكەت مىقدارى ئاز بولغاچقا، ئاسان تەر چىقمايدۇ، تەر ئاز چىقسا بەدەندىكى زەھەرنىڭ يىغىلىپ قېلىشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ، شۇنىڭ بىلەن ئىسسىقى ئېشىپ كېتىش ئەھۋالى كۆرۈلىدۇ. ئۇنىڭدىن قالسا، تەرمۇ ئادەم بەدىنىنىڭ بىر خىل زەھەر تازىلاش ئۇسۇلى بولۇپ، تەر چىقماسلىققا بەزى ناچار ئادەتلەر قوشۇلۇپ كېلىدۇ، مەسىلەن: تاماكا چېكىش، ھاراق ئىچىش ئوخشاشلا ئىسسىقى ئېشىپ كېتىش ھادىسىسىنى ئېغىرلاشتۇرۇۋېتىدۇ.
قىش پەسلىدە ئەزالارنىڭ ئىسسىقى ئېشىشنىڭ تۆت خىل تۈرى
ئوخشىمىغان ئىسسىقى ئېشىشقا نىسبەتەن ئوخشىمىغان ئىسسىق ياندۇرۇش ئۇسۇلى بار:
1. يۈرەكنىڭ ئىسسىقى ئېشىپ كېتىش
ئاساسلىق ئىپادىلىرى: يۈرەك ئىسسىقى ھۆل ئىسسىق ۋە قۇرۇق ئىسسىق دەپ ئىككى خىلغا بۆلىنىدۇ، ھۆل ئىسسىق تۆۋەن قىزىتما، ئوغرى تەر، ئىچى سىقىلىش، ئېغىز قۇرۇش قاتارلىقلاردا ئىپادىلىنىدۇ؛ قۇرۇق ئىسسىق ئېغىز يارىسى، ئېغىز قۇرۇش، كىچىك تەرەت قىسقا بولۇش، ئىچى سىقىلىش ئاسان ئاچچىقلىنىش قاتارلىقلاردا ئىپادىلىنىدۇ.
تاقابىل تۇرۇش ئۇسۇلى:
◇يۈرەك ئىسسىقىنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئۇسۇلى ئاساسلىقى ياخشى روھىي ھالەتنى ساقلاش.
◇كۆكتات، مېۋە-چېۋىلەرنى كۆپ يېيىش، ئاچچىق نەرسىلەرنى ئاز يېيىش، ھاراق ئىچىشنى چەكلەش، كۆپ ھەرىكەت قىلىش؛
◇مامۇرانچىن، نېلۇپەر ئۇرۇقى قاتارلىق دورىلار بىلەن يۈرەكنى تازىلاپ، ئىسسىقنى قايتۇرىدۇ.
2. جىگەر ئىسسىقى ئېشىپ كېتىش
ئالامەتلىرى: باش ئاغرىش، باش قېيىش، قۇلاق غوڭۇلداش، كۆز قۇرغاقلىشىش، ئېغىزى قۇرۇش، ئاغزى ئاچچىق بولۇش، ئېغىزى پۇراش، ئۇيقۇسى مۇقىم بولماسلىق، تىل گېزى قېلىنلاش. جىگەرنىڭ ئىسسىقى كۆپىنچە سىرتقى مۇھىتنىڭ غىدىقلىشىدىن پەيدا بولىدۇ، سەپرا مىجەز ئوت ئۈستىگە ياغ چاچقانلىق، كۆڭۈل ئازادىلىكىنى ساقلاش بەدەندىكى ئاچچىقنى تەڭشەشكە پايدىلىق. ئۇيقۇ يېتەرلىك بولمىسا ياكى ئۇيقۇ سۈپىتى ياخشى بولمىسا، جىگەرنىڭ ئىسسىقى ئۆرلەپ كېتىشنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ.
تاقابىل تۇرۇش ئۇسۇلى:
◇يېتەرلىك ئۇخلاش، كەيپىياتنى ئازادە تۇتۇشقا كاپالەتلىك قىلىش؛ كۈندىلىك يېمەك- ئىچمەكتە يېڭى يېشىل يوپۇرماقلىق كۆكتات، مېۋە-چېۋىلەرنى، مەسىلەن: تەرخەمەك، ئاپېلسىن، ئاچچىق كاۋا قاتارلىقلارنى كۆپرەك يەپ بەرسە، ئىسسىقنى ياندۇرۇش رولى ياخشى؛
◇ئاچچىق، مايلىق، مايدا پىشۇرۇلغان يېمەكلىكلەر ۋە قوي گۆشى، سېمىز گۆش قاتارلىقلارنى ئىستېمال قىلماسلىق كېرەك.
◇يەنە ھەر خىل ئىسسىق قايتۇرۇش سۇيۇقلۇقلىرىنى ئىچىشكە بولىدۇ، مەسىلەن: يازلىق ئۈجمە جۇخار گۈلى قايناتمىسى، سېرىق جۇخار گۈلى قايناتمىسى قاتارلىقلار« ئىسسىقنى ياندۇرۇش»تىمۇ ناھايىتى ئۈنۈملۈك؛
3. ئاشقازاننىڭ ئىسسىقى ئېشىش
ئالامەتلىرى: ئاشقازان-ئۈچەي يوللىرى ئالامەتلىرى ئاشقازان قىزىپ ئاغرىش، قورساق كۆپۈش، ئېغىز قۇرۇپ ئېغىز پۇراش، قەۋزىيەت، چىش مىلىكى ئىششىپ ئاغرىش، ئىشتىھاسى ياخشى بولماسلىق قاتارلىقلاردا ئىپادىلىنىدۇ. ھاراققا خۇمار بولۇش، ئاچچىق – چۈچۈك يېمەكلىكلەرنى كۆپ يېيىش، ئېسىل تائاملارنى زىيادە كۆپ يېيىش قاتارلىق يېمەك – ئىچمەك مۇۋاپىق بولماسلىقتىن كېلىپ چىققان. ئاشقازاندىكى ئىسسىقلىق ھۆل ئىسسىق، قۇرۇق ئىسسىق دەپ ئىككى خىلغا بۆلۈنىدۇ: ھۆل ئىسسىق: يەڭگىل يۆتىلىش، ئىشتىھاسى ياخشى بولماسلىق، قەۋزىيەت، قورساق كۆپۈش، تىلى قىزىرىش، گەز باغلاش؛ قۇرۇق ئىسسىق: قورساقنىڭ ئۈستۈنكى قىسمى بىئارام بولۇش، ئاغزى قۇرۇش، ئاغزى ئاچچىق بولۇش، چوڭ تەرىتى قاتتىق بولۇش.
تاقابىل تۇرۇش ئۇسۇلى:
◇يېمەك- ئىچمەكتە زىيادە ئىسسىق نەرسىلەرنى، تاتلىق يېمەكلىكلەرنى ئاز يېيىش؛ ◇يېمەك- ئىچمەك جەھەتتە سېرىق، يېشىل رەڭلىك كۆكتات ۋە مېۋە-چېۋىلەرنى كۆپەيتىپ، ۋىتامىن ۋە ئانئورگانىك تۇزنىڭ يېتەرسىزلىكىنى تولۇقلاش، ئېغىز بوشلۇقى تازىلىقىغا مۇۋاپىق دىققەت قىلىش؛
◇تۇرۇپنىڭ باكتېرىيەگە قارشى رولى روشەن بولۇپ، ئاشقازان ئىسسىقى بارلار تۇرۇپ سۈيى ئىچىپ داۋالانسا بولىدۇ، تال ۋە ئاشقازىنى زەئىپلىشىپ، سوغۇقى ئېشىپ كەتكەن ئېغىز يارىسى بارلار ئىستېمال قىلىشقا بولمايدۇ؛
◇ماش ئۇمىچى ئىسسىقنى ياندۇرۇپ، زەھەرنى قايتۇرۇش، ئۇسسۇزلۇقنى بېسىش، يۈرەكنى تازىلاپ، ئىسسىقنى ياندۇرۇش رولىغا ئىگە بولۇپ، ئاشقازان ئىسسىقىنى تازىلايدۇ؛
◇ئاشقازان ئىسسىقى ئېشىپ كەتكەنلەر زىمىستان قىش پەسلىدە تاۋۇز يېيىش ئارقىلىق ئاشقازان ئىسسىقىنى تۆۋەنلەتسە بولىدۇ.
4. ئۆپكىنىڭ ئىسسىقى ئېشىپ كېتىش
ئالامەتلىرى: يۇتقۇنچاق قۇرۇپ ئاغرىش، يۆتىلىپ كۆكرەك ئاغرىش، قۇرۇق يۆتىلىپ بەلغەم بولماسلىق ياكى بەلغەم ئاز ھەم يېپىشقاق بولۇش، ئېغىز-بۇرۇن قۇرغاقلىشىش، قىزىپ ئوغرى تەر چىقىش، قول-پۇت يۈزى قىزىش، ئۇيقۇسىزلىق، تىلى قىزىرىش.
تاقابىل تۇرۇش ئۇسۇلى:
◇ئاق تۇرۇپ، ئاق قېرىنقۇلاق، يېسسىۋېلەك، كەرەپشە، پالەك، قىشلىق بامبۇك نوتىسى، بانان، نەشپۈت، ئالما، گۈلسامساق قاتارلىق تەبىئىتى سوغۇق بولغان يېمەكلىكلەرنى مۇۋاپىق يەپ بەرسە بولىدۇ؛
◇ئادەتتە سۇنى كۆپ ئىچىش، گۆش ۋە شاكىلات قاتارلىق ئىسسىقلىق مىقدارى يۇقىرى يېمەكلىكلەرنى ئاز يېيىش؛
◇ھەر كۈنى تەشەببۇسكارلىق بىلەن بىر نەچچە قېتىم يۆتىلىپ بېرىش، بۇمۇ ئاكتىپ قوغداش خاراكتېرلىك رېفلېكس ھەرىكىتى بولۇپ، ئۆپكىنى ئۈنۈملۈك تازىلايدۇ.
مەنبە:
https://m.nur.cn/news/2023/12/16296605.shtml