ÖSYM ئۇقتۇرۇشى
(2023-يىلى 8-ئاينىڭ 4-كۈنى)
تۈركىيە 2023-يىلى دوختۇرلۇق ۋىراچ تەربىيىلىنىشقا قاتنىشىش ئىمتىھانى (Tıpta Uzmanlık Eğitimi Giriş Sınavı- TUS) نىڭ 2-قېتىملىقى ۋە تېببىي ئۇنۋان دىپلوما تەڭلەشتۈرۈش ئۈچۈن سەۋىيە سىناش (Seviye Tespit Sınavı – STS) 2- قېتىملىق ئىمتىھانىغا تىزىملىتىش ئىشلىرى باشلاندى
بۇ ئىككى ئىمتىھانغا تىزىملىتىش ئىلتىماس قىلىش 2023-يىلى 8-ئاينىڭ 4-كۈنىدىن 14-كۈنىگىچە داۋام قىلىدۇ.
ئىمتىھانغا قاتناشماقچى بولغانلار، 2023-يىلى 8-ئاينىڭ 4-كۈنى سائەت 10: 00 دىن باشلاپ ÖSYM ئىلتىماس قىلىش مەركىزىگە بىۋاستە بېرىش، ÖSYM مەركىزىنىڭ تور ئادرېسى https://ais.osym.gov.tr ياكى ÖSYM ئەپ دىتالى ئارقىلىق تىزىملاتسا بولىدۇ.
تەپسىلاتىنى تۆۋەندىكى ئادرىستىن كۆرۈڭ:
https://www.osym.gov.tr/TR,25678/2023-tus-2-donem-kilavuz-ve-basvuru-bilgileri.html
قاتناشماقچى بولغانلارغا مۇۋەپپەقىيەتلىك تېلەيمىز.
دوختۇرلۇق ۋىراچ تەربىيىلىنىشقا قاتنىشىش ئىمتىھانى (Tıpta Uzmanlık Eğitimi Giriş Sınavı- TUS)
سەۋىيە سىناش ئىمتىھانى (Seviye Tespit Sınavı – STS)
تۆۋەندىكى ئادرىستىن بۇ ئىككى ئىمتىھانغا توغرىلىق ئاز تولا ئۇچۇرلارنى تاپالايسىز:
تۈركىيىدە دوختۇرلۇق دىپلوما تەڭلەشتۈرۈش باسقۇچلىرى ۋە ئىمتىھانلار