ئانا سەھىپەتەكشۈرۈشلەرقان تەكشۈرۈشلىرىقىزىل قان ھۈجەيرىلىرى سېلىشتۇرما ھەجمى Hct

قىزىل قان ھۈجەيرىلىرى سېلىشتۇرما ھەجمى Hct

     + چوڭ خەت | - كىچىك خەت

قىزىل قان ھۈجەيرىلىرى سېلىشتۇرما ھەجمى ( Hematocrit ،Hct ) قاندىكى قىزىل قان ھۈجەيرىلىرىنىڭ ھەجىم نىسبىتىنى كۆرسىتىدۇ.

ئاددىيلاشتۇرۇپ چۈشەنگەندە، قان ئېلىنغاندىن كېيىن سېنترىفۇگ ئۇسۇلى ئارقىلىق پروبىركىنىڭ ئاستىغا چۆككەن قىزىل قان ھۈجەيرىلىرىنىڭ ، ئومۇمىي قان ھۈجەيرىلىرىدە ئىگىلىگەن ھەجىم نىسبىتىنى كۆرسىتىدۇ.  ئۇ قىزىل قان ھۈجەيرىلىرىنىڭ قاندىكى قويۇقلۇقىنى ئەكس ئەتتۈرىدۇ، ئۇ قان ئازلىق ۋە قاننىڭ قويۇقلۇقىنى باھالاشتىكى مۇھىم كۆرسەتكۈچ. قىزىل قان ھۈجەيرىلىرى سېلىشتۇرما ھەجمىنىڭ نورمال دائىرىسى جىنسى، يېشى ۋە يەككە تەن پەرقىگە قاراپ ئوخشاش بولمايدۇ. قىزىل قان ھۈجەيرىلىرى سېلىشتۇرما ھەجمىنى ئۆلچەش ئارقىلىق، دوختۇر بىمارنىڭ قېنىدىكى قىزىل قان ھۈجەيرىلىرىنىڭ نىسبىتىنى ئىگىلەپ، قان ئازلىق، سۇسىزلىنىش، قىزىل قان ھۈجەيرىلىرى كۆپىيىش كېسىلى قاتارلىق ئەھۋاللارنىڭ بار – يوقلۇقىغا ھۆكۈم قىلالايدۇ. بۇ ھەر خىل قان كېسەللىكلىرى ۋە پۈتۈن بەدەن خاراكتېرلىك كېسەللىكلەرگە دىئاگنوز قويۇش ۋە ئۇنى كۆزىتىشتە مۇھىم كلىنىكىلىق ئەھمىيەتكە ئىگە.

ئۇيغۇرچە ئىسمى: قىزىل قان ھۈجەيرىلىرى سېلىشتۇرما ھەجمى
ئىنگىلىزچە ئىسمى: Hematocrit
خەنزۇچە ئىسمى: 红细胞比容, 红细胞压积
تۈركچە ئىسمى: Hematokrit

قىسقارتىلىشى: Hct

نورمال سەۋىيىسى:

ئەرلەرنىڭ نورمال قىممىتى:41.0 %-53.0
ئاياللارنىڭ نورمال قىممىتى:36.0 %-46.0

قىزىل قان ھۈجەيرىلىرى سېلىشتۇرما ھەجمى ئۆلچەش ئۇسۇلى:

قىزىل قان ھۈجەيرىلىرى سېلىشتۇرما ھەجمىنى ئۆلچەش ئادەتتە سېنترىفۇگ ئۇسۇلى ياكى ئاپتوماتلاشقان قان ئانالىزاتورى ئارقىلىق ئېلىپ بېرىلىدۇ. سېنترىفۇگ ئۇسۇلىدا، قان ئەۋرىشكىسى سېنترىفۇگقا سېلىنىپ يۇقىرى سۈرئەتتە ئايلىنىدۇ، قىزىل قان ھۈجەيرىلىرىنىڭ مەركەزدىن قېچىش كۈچىنىڭ تەسىرىدە چۆكۈپ پروبىركىنىڭ ئاستىغا چۈشىدۇ، قىزىل قان ھۈجەيرىلىرى قەۋىتىنىڭ ئېگىزلىكى بىلەن قاننىڭ ئومۇمىي ئېگىزلىكىنىڭ سېلىشتۇرما قىممىتىنى ئۆلچەش ئارقىلىق قىزىل قان ھۈجەيرىلىرىنىڭ سېلىشتۇرما ھەجمى ھېسابلىنىدۇ. ئاپتوماتلاشقان قان ئانالىز ئەسۋابى ئېلېكتىر قارشىلىق ئۇسۇلى ياكى ئوپتىكىلىق ئۇسۇل ئارقىلىق قىزىل قان ھۈجەيرىلىرىنىڭ ھەجمى ۋە سانىنى ئۆلچەپ، قىزىل قان ھۈجەيرىلىرىنىڭ سېلىشتۇرما ھەجمىنى ھېسابلاپ چىقىدۇ. ھازىرقى زامان كلىنىكا تەجرىبىخانىلىرىدا ئادەتتە ئاپتوماتىك ئانالىز قىلىش ئەسۋابى ئارقىلىق قىزىل قان ھۈجەيرىلىرى سېلىشتۇرما ھەجمىنى تېز، توغرا ئۆلچىگىلى بولىدۇ.

قىزىل قان ھۈجەيرىلىرى سېلىشتۇرما ھەجمى Hct

قىزىل قان ھۈجەيرىلىرى سېلىشتۇرما ھەجمى ئەر – ئاياللاردىكى پەرقى:

ئەرلەرنىڭ نورمال قىممىتى:41.0 %-53.0
ئاياللارنىڭ نورمال قىممىتى:36.0 %-46.0

قىزىل قان ھۈجەيرىلىرى سېلىشتۇرما ھەجمى ئەرلەر بىلەن ئاياللار ئارىسىدا بەلگىلىك پەرق مەۋجۇت. قۇرامىغا يەتكەن ئەرلەرنىڭ قىزىل قان ھۈجەيرىسىنىڭ بېسىمى ئادەتتە بىر قەدەر يۇقىرى بولۇپ، تەخمىنەن %41 تىن %53 كىچە بولىدۇ، قۇرامىغا يەتكەن ئاياللارنىڭ قىزىل قان ھۈجەيرىلىرى سېلىشتۇرما ھەجمى %36 تىن %46 كىچە بولىدۇ. بۇ خىل پەرق ئاساسلىقى فىزىئولوگىيىلىك ۋە ھورمون سەۋىيىسىنىڭ ئوخشاش بولماسلىقىدىن بولىدۇ. ئەرلەرنىڭ ئەرلىك ھورمۇنى ( مەسىلەن، تېستوستېرون ) قىزىل قان ھۈجەيرىلىرىنىڭ ھاسىل بولۇشىنى ئىلگىرى سۈرىدۇ، ئاياللارنىڭ قىزىل قان ھۈجەيرىلىرىنىڭ ھاسىل بولۇشى ھەيز دەۋرىيلىكىنىڭ تەسىرىگە ئۇچرايدۇ، ھەيىزدىن چىقىپ كەتكەن قان مىقدارى بىر قەدەر كۆپ بولۇپ، قىزىل قان ھۈجەيرىلىرى سېلىشتۇرما ھەجمىنىڭ سەل تۆۋەن بولۇشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ. بۇنىڭدىن باشقا، ھامىلىدارلىق مەزگىلىدە ئاياللارنىڭ قىزىل قان ھۈجەيرىلىرى سېلىشتۇرما ھەجمى قاننىڭ سۇيۇقلىنىش تۈپەيلىدىن تۆۋەنلەپ كېتىشى مۇمكىن.

قىزىل قان ھۈجەيرىلىرى سېلىشتۇرما ھەجمى ئىقتىدارى:

قىزىل قان ھۈجەيرىلىرى سېلىشتۇرما ھەجمى قاندىكى قىزىل قان ھۈجەيرىلىرىنىڭ نىسبىتىنى ئەكس ئەتتۈرىدۇ، بۇ قاننىڭ ئوكسىگېن يەتكۈزۈش ئىقتىدارى ۋە ئومۇمىي ساغلاملىق ھالىتىنى باھالاشتا مۇھىم ئەھمىيەتكە ئىگە. قىزىل قان ھۈجەيرىلىرى ئاساسلىقى ئوكسىگېننى ئۆپكىدىن پۈتۈن بەدەندىكى ھەرقايسى توقۇلمىلارغا يەتكۈزۈپ بېرىدۇ ھەمدە كاربون ( Ⅳ ) ئوكسىدىنى توقۇلمىلاردىن ئۆپكىگە ئېلىپ كېلىپ بەدەن سىرتىغا چىقىرىۋېتىدۇ. قىزىل قان ھۈجەيرىلىرىنىڭ بېسىمى قانچە يۇقىرى بولسا، قاننىڭ ئوكسىگېن ئېلىپ يۈرۈش ئىقتىدارى شۇنچە كۈچلۈك بولىدۇ، لېكىن زىيادە يۇقىرى بولغان قىزىل قان ھۈجەيرىلىرىنىڭ بېسىمى قاننىڭ يېپىشقاقلىقىنى ئاشۇرۇپ، قاننىڭ ئېقىشچانلىقىغا تەسىر يەتكۈزۈشى مۇمكىن. ئەكسىچە، زىيادە تۆۋەن بولغان قىزىل قان ھۈجەيرىلىرىنىڭ بېسىلىشى قان ئازلىقنى، ئورگانىزمنىڭ ئوكسىگېن بىلەن تەمىنلەش ئىقتىدارىنىڭ تۆۋەنلەپ كەتكەنلىكىنى، توقۇلمىلارغا ئوكسىگېن يېتىشمەسلىك ۋە ئىقتىدارنىڭ توسالغۇغا ئۇچرىشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدىغانلىقىنى بىلدۈرىدۇ.

قىزىل قان ھۈجەيرىلىرى سېلىشتۇرما ھەجمى كلىنىكىدا قوللىنىش:

قىزىل قان ھۈجەيرىلىرى سېلىشتۇرما ھەجمى كلىنىكىدا كەڭ قوللىنىلىدۇ. ئالدى بىلەن، ئۇ قان ئازلىقنى باھالاشتىكى مۇھىم كۆرسەتكۈچ بولۇپ، قىزىل قان ھۈجەيرىلىرى سېلىشتۇرما ھەجمىنى ئۆلچەش ئارقىلىق قان ئازلىقنىڭ تىپى ۋە ئېغىرلىق دەرىجىسىگە دىئاگنوز قويغىلى بولىدۇ. ئۇنىڭدىن قالسا، قىزىل قان ھۈجەيرىلىرى سېلىشتۇرما ھەجمى سۇسىزلىنىش ھالىتىنى باھالاشقا ئىشلىتىلىدۇ، بەدەن سۇيۇقلۇقى زىيادە كۆپ يوقالغاندا، قىزىل قان ھۈجەيرىلىرى سېلىشتۇرما ھەجمى نىسپىي ھالدا ئۆرلەيدۇ. قىزىل قان ھۈجەيرىلىرى سېلىشتۇرما ھەجمى يەنە داۋالاش ئۈنۈمىنى كۆزىتىشكە ئىشلىتىلىدۇ، مەسىلەن، قان ئازلىقنى داۋالاش جەريانىدا، قىزىل قان ھۈجەيرىلىرى سېلىشتۇرما ھەجمىنىڭ ئۆزگىرىشى داۋالاشنىڭ ئۈنۈملۈكلۈكى ۋە بىمارنىڭ ئەسلىگە كېلىش ئەھۋالىنى ئەكس ئەتتۈرىدۇ. بۇنىڭدىن باشقا، قىزىل قان ھۈجەيرىلىرى سېلىشتۇرما ھەجمى ئارقىلىق قىزىل قان ھۈجەيرىلىرى كۆپىيىش كېسىلى، سۇسىزلىنىش، قان بېرىپ داۋالاش ئۈنۈمى قاتارلىقلارنى باھالاشتىمۇ مۇھىم قىممەتكە ئىگە.

قىزىل قان ھۈجەيرىلىرى سېلىشتۇرما ھەجمىنىڭ بىنورمال كۆپىيىشىنىڭ سەۋەبى:

1. سۇسىزلىنىش: بەدەن سۇيۇقلۇقىنىڭ يوقىلىشى زىيادە كۆپ بولۇپ كەتسە، قان قويۇقلىشىپ، قىزىل قان ھۈجەيرىلىرى سېلىشتۇرما ھەجمى ئۆرلەيدۇ.

2. قىزىل قان ھۈجەيرىلىرى كۆپىيىش كېسىلى: مەسىلەن، ھەقىقىي قىزىل قان ھۈجەيرىلىرى كۆپىيىش كېسىلى يىلىك كۆپىيىش خاراكتېرلىك بىر خىل كېسەللىك بولۇپ، قىزىل قان ھۈجەيرىلىرىنىڭ كۆپ مىقداردا ئىشلەپ چىقىرىلىشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ ۋە بۇ قىممەت يۇقىرىلاپ كېتىشى مۇمكىن.

3. ئېگىزلىك رېئاكسىيىسى: ئۇزۇن مۇددەت دېڭىز يۈزىدىن ئېگىز رايونلاردا ياشىغاندا، تۆۋەن ئوكسىگېنلىق مۇھىتقا كۆنۈش ئۈچۈن، بەدەندە قىزىل قان ھۈجەيرىلىرىنىڭ ھاسىل بولۇشىنى ئاشۇرىدۇ ۋە بۇ سەۋەپتىن قىزىل قان ھۈجەيرىلىرى سېلىشتۇرما ھەجمى يۇقىرى چىقىدۇ.

4. ئاستا خاراكتېرلىك ئوكسىگېن يېتىشمەسلىك: مەسىلەن ئاستا خاراكتېرلىك توسۇلۇش خاراكتېرلىك ئۆپكە كېسىلى ( COPD ) ،ئۆپكە مەنبەلىك يۈرەك كېسىلى ،ئاستا خاراكتېرلىك ئوكسىگېن يېتىشمەسلىك قىزىل قان ھۈجەيرىلىرىنىڭ ھاسىل بولۇشىنى غىدىقلايدۇ ، بۇ تۈردىكى بىمارلاردا قىزىل قان ھۈجەيرىلىرى سېلىشتۇرما ھەجمى يۇقىرى چىقىدۇ.

5. تاماكا چېكىش: ئۇزۇن مۇددەت تاماكا چېكىش ئاستا خاراكتېرلىك تۆۋەن ئوكسىگېنلىق قان كېسىلىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىپ، قىزىل قان ھۈجەيرىلىرىنىڭ ھاسىل بولۇشىنى غىدىقلايدۇ.

6. بەزى بۆرەك كېسەللىكلىرى: مەسىلەن، بۆرەك ھۈجەيرە راكى قىزىل قان ھۈجەيرىلىرىنىڭ ھاسىل بولۇشىنى ئىلگىرى سۈرگۈچى ھورموننى زىيادە كۆپ ئاجرىتىپ چىقىرىپ، قىزىل قان ھۈجەيرىلىرىنىڭ ھاسىل بولۇشىنى غىدىقلايدۇ.

قىزىل قان ھۈجەيرىلىرى سېلىشتۇرما ھەجمىنىڭ بىنورمال ئازىيىشىنىڭ سەۋەبى:

1. تۆمۈر كەملىكتىن بولغان قان ئازلىق: تۆمۈرنىڭ قوبۇل قىلىنىشى يېتەرلىك بولماسلىق ياكى سۈمۈرۈلۈشى توسقۇنلۇققا ئۇچراش سەۋەبىدىن قىزىل قان ھۈجەيرىلىرىنىڭ ھاسىل بولۇشى چەكلىمىگە ئۇچرايدۇ.

2. ۋىتامىن B12 ياكى فولىك كىسلاتاسى كەملىكتىن بولغان قان ئازلىق: بۇ ۋىتامىنلارنىڭ كەمچىل بولۇشى DNA نىڭ بىرىكىشىگە تەسىر كۆرسىتىپ، قىزىل قان ھۈجەيرىلىرىنىڭ ھاسىل بولۇشى يېتەرلىك بولماسلىقنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ.

3. سوزۇلما خاراكتېرلىك قان ئازلىق: مەسىلەن، سوزۇلما خاراكتېرلىك بۆرەك كېسىلى، جىگەر كېسىلى، سوزۇلما خاراكتېرلىك ياللۇغ قىزىل قان ھۈجەيرىلىرىنىڭ ھاسىل بولۇشىنى تورمۇزلايدۇ ۋە قىزىل قان ھۈجەيرىلىرى سېلىشتۇرما ھەجمى تۆۋەن چىقىدۇ.

4. ئۆتكۈر ياكى سوزۇلما خاراكتېرلىك قان يوقىتىش: مەسىلەن، ھەزىم قىلىش يولى قاناش، ھەيزدە زىيادە كۆپ كېلىش، قىزىل قان ھۈجەيرىلىرىنىڭ يوقىلىشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ.

5. قايتا ئىشلىنىشى توسقۇنلۇققا ئۇچراش خاراكتېرلىك قان ئازلىق: يىلىك ئىقتىدارى ناچار تەسىرگە ئۇچرىغاندا پەيدا بولىدىغان بىر خىل كېسەللىك بولۇپ، يىلىك نورمال بىر شەكىلدە قىزىل قان ھۈجەيرىلىرىنى ئىشلەپ چىقىرالمايدۇ. بۇ سەۋەپتىن ، قان تەكشۈرۈشتە قىزىل قان ھۈجەيرىلىرى سېلىشتۇرما ھەجمى تۆۋەن چىقىدۇ.

6. قان ئېرىش خاراكتېرلىك قان ئازلىق: قىزىل قان ھۈجەيرىلىرىنىڭ بۇزغۇنچىلىققا ئۇچراپ پارچىلىنىش سۈرئىتى بەك تېز بولۇپ كېتىدۇ، بۇ پارچىلىنىش سۈرئىتى يىلىكتىن يېڭى قان ئىشلەپ چىقىرىش سۈرئىتىدىن ئېشىپ كېتىدۇ، ۋە قان تەكشۈرۈشتە قىزىل قان ھۈجەيرىلىرى سېلىشتۇرما ھەجمى تۆۋەن چىقىدۇ.

 

قىزىل قان ھۈجەيرىلىرى سېلىشتۇرما ھەجمى قان تەكشۈرۈشتىكى مۇھىم كۆرسەتكۈچ بولۇپ، كىلىنىكىلىق دىياگنوز قويۇش ۋە باشقۇرۇشتا ئىنتايىن مۇھىم رول ئوينايدۇ. قىزىل قان ھۈجەيرىلىرى سېلىشتۇرما ھەجمى نەتىجىسىنى باشقا تەكشۈرۈش تۈرلىرى بىلەن بىرلەشتۈرۈپ تۇرۇپ ، بىمارنىڭ بەدەن ئەھۋالىغا تېخىمۇ توغرا بولغان دىئاگنوز قويۇپ داۋالاش ئېلىپ بارغىلى بولىدۇ.

 


 

قان تەكشۈرۈش ئىچىدىكى ھەرقايسى تۈرلەر ۋە نەتىجىلەرنىڭ چۈشەندۈرۈلۈشىنى بىلمەكچى بولسىڭىز، تۆۋەندىكى ئادرىسنى زىيارەت قىلىڭ.

قان تەكشۈرۈش ئىچىدىكى ھەرقايسى تۈرلەر ۋە نورمال قىممىتى چۈشەندۈرۈلۈشى

https://dohturlar.com/qan-tekshurush-ichidiki-herqaysi-turler-we-normal-qimmiti

قان تەكشۈرۈش ئىچىدىكى ھەرقايسى تۈرلەر ۋە نورمال قىممىتى

 

يۇقارىدىكى مەزمونغا قانداق قارايسىز؟
+1
0
+1
1
+1
0
+1
0
+1
0
+1
0
+1
0
تەۋە سەھىپە:
مەزمون قوشۇلغان ۋاقىت: [ppdate]

يېقىندا تەھرىرلەنگەن ۋاقىت: [wpv-post-modified format="Y-m-d / h:i:s"]

ساقلىۋالايچۇ؟
ساقلىۋالدىم!
سەمىمىي ئەسكەرتىش
مەزكۇر بەتتىكى مەزمۇندا، ئىملادا خاتالىق بولسا، ۋەيا تولۇقلىما مەزمۇن تەمىنلەپ بېرىشنى خالىسىڭىز، ئاستىدىكى سۆز قالدۇرۇش قىسمىغا سۆز قالدۇرسىڭىز بولىدۇ. تاما تاما كۆل بولۇر. سىزنىڭ نامىڭىزنى قوشۇپ ئېلان قىلىمىز.

بىكەتتىكى مەزمۇنلار تورداشلارنىڭ پايدىلىنىشى، ساغلاملىققا بولغان تونۇشىنى ئاشۇرۇش ئۈچۈن تەمىنلەنگەن ئۇچۇرلاردۇر. ئەمما دىئاگنوز ئاساسى بولالمايدۇ. ئوخشىمىغان بىماردا ئوخشىمىغان ئالامەتلەر كۆرۈلىدۇ ۋە دىئاگنوزى ئوخشىمايدۇ. شۇڭا بەدەندە كېسەللىك ئالامەتلىرى كۆرۈلگەندە چوقۇم مۇنتىزىم دوختۇر بىلەن يۈز تۇرانە مەسىلىھەت ئېلىشىڭىزنى، دوختۇرخانىدا تەكشۈرتۈشىڭىزنى تەۋسىيە قىلىمىز.

باشقا يەرلەردىن ئېلىنغان بەزى مەزمۇنلار، رەسىملەرنىڭ ئەسلى مەنبەسىنى ئەسكەرتىشكە تىرىشتۇق. باشقا يەردىن ئېلىنغان مەزمۇنلار پەقەت شۇ ئاپتور يازارنىڭ ئۆز كۆز قارىشىنى ئىپادىلەيدۇ، بېكىتىمىزنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلالمايدۇ. بۇنىڭدىن سىرت، ئەگەر ئەسەرنىڭ ئەسلى ئاپتورى ماقالىنىڭ تور بېكىتىمىزدە ئېلان قىلىنغانلىقى ئۆزىنىڭ شەخسىي مەنپەئىتىگە دەخلى قىلىندى دەپ ئويلىسا، بىز بىلەن ئالاقىلاشسىڭىز، ئەڭ قىسقا ۋاقىت ئىچىدە بىكەتتىن ئۆچۈرۋەتسەك بولىدۇ.

تور بېكىتىمىزدىكى مەزمونلارنى شەخسىي بېتىڭىزدە ئىشلەتمەكچى بولسىڭىز، دوختۇرلار تور بېكىتى ياكى dohturlar.com دىن ئېلىنغانلىقىنى ۋەيا بىز ئەسكەرتكەن مەزمۇننىڭ ئەسلى مەنبەسىنى ئەسكەرتىپ قويۇشىڭىزنى چىن دىلىمىزدىن ئۈمىد قىلىمىز. ئەمگەك مېۋىسىگە ھۆرمەت قىلىڭ.

سۆز قالدۇراي

Please enter your comment!
Please enter your name here

قىززىق نۇقتىلار

يېڭى مەزمونلار

مەخسۇس سەھىپىلەر

تېخىمۇ كۆپ