دوختۇرخانىغا بارغىنىمىزدا، دوختۇرلار كېسەللىك ئەھۋالىمىزغا قاراپ بىزنى ئوخشىمىغان تەسۋىر تەكشۈرۈشلىرىگە بۇيرۇيدۇ. كۆپىنچە كىشىلەر «رېنتىگېن»، «CT» ۋە «MRI» (ماگنىتلىق رېزونانس) نىڭ زادى قانداق پەرقى بارلىقىنى، قايسىسىنىڭ نېمىگە ئىشلىتىلىدىغانلىقىنى ئېنىق بىلمەيدۇ. ھەتتا بەزىلەر «باھاسى قىممەت بولغىنى ئەڭ ياخشىسى» دەپ ئويلايدۇ. ئەمەلىيەتتە ئۇنداق ئەمەس، ھەر بىر تەكشۈرۈشنىڭ ئۆزىگە خاس ئالاھىدىلىكى ۋە ئىشلىتىش ئورنى بار.

بۇ ئۈچ خىل تەكشۈرۈشنى ئاددىي مىسال بىلەن چۈشەندۈرسەك:
- رېنتىگېن: بىر ناننى يەنجىپ ياپىلاقلاپ كۆرۈشكە ئوخشايدۇ.
- CT: ناننى تىلىملاپ كېسىپ كۆرۈشكە ئوخشايدۇ.
- MRI: ناننىڭ ئىچىدىكى سۇ ۋە ماي تەركىبىنى ئانالىز قىلىپ، خېمىرىنىڭ سۈپىتىنى تەكشۈرۈشكە ئوخشايدۇ.
تۆۋەندە بۇلارنىڭ پەرقىنى تەپسىلىي كۆرۈپ باقايلى:
1. رېنتىگېن (X-ray / Röntgen) – سۆڭەكلەرنىڭ «سۈرىتى»
رېنتىگېن ئەڭ كونا ۋە ئەڭ كۆپ ئىشلىتىلىدىغان تەكشۈرۈش ئۇسۇلى.

رېنتىگېن نۇرى 1895-يىلى 11-ئاينىڭ 8-كۈنى گېرمانىيەلىك فىزىكا ئالىمى ۋىلھېلم رېنتىگېن (Wilhelm Röntgen) تەرىپىدىن بايقالغان. ئۇ تەجرىبىخانىسىدا كاتود نۇرلىرى ئۈستىدە تەجرىبە قىلىۋېتىپ، تاسادىپىي ھالدا بىر خىل نامەلۇم نۇرنىڭ قاتتىق جىسىملاردىن ئۆتەلەيدىغانلىقىنى، ئەمما سۆڭەككە ئوخشاش زىچلىقى يۇقىرى ماددىلاردا توسۇلۇپ قالىدىغانلىقىنى بايقاپ قالغان. شۇ كۈنى ئۇ ئايالىنىڭ قولىنى رەسىمگە تارتىپ، دۇنيادىكى تۇنجى رېنتىگېن فىلىمىنى ھاسىل قىلغان ۋە بۇ نۇرغا «X نۇرى» (نامەلۇم نۇر) دەپ نام بەرگەن، كېيىنچە بۇ بايقاش ئۇنىڭغا تۇنجى نوبېل فىزىكا مۇكاپاتىنى ئېلىپ كەلگەن.

- ئىشلەش پرىنسىپى: X نۇرى بەدەننى تېشىپ ئۆتىدۇ. سۆڭەك قاتارلىق قاتتىق جىسىملار نۇرنى توسۇۋالىدىغان بولغاچقا، فىلىمدە ئاق رەڭدە كۆرۈنىدۇ. يۇمشاق توقۇلمىلاردىن نۇر ئۆتۈپ كېتىدىغان بولغاچقا، قارا ياكى كۈلرەڭ كۆرۈنىدۇ.

- ئەڭ ماس كېلىدىغان ئورۇنلار:
- سۆڭەك سۇنۇشنى تەكشۈرۈش: قول-پۇت سۇنۇپ كەتكەندە ئەڭ ئاۋۋال رېنتىگېن قىلىنىدۇ.
- ئۆپكە ياللۇغى: كۆكرەك قىسمىنى رېنتىگېن قىلىش ئارقىلىق ئۆپكە ياللۇغى ياكى تۇبېركۇليوز (ئۆپكە كېسىلى) بار-يوقلۇقىنى بىلگىلى بولىدۇ.
- چىش تەكشۈرۈش: چىش يىلتىزى ۋە ئورنىنى كۆرۈش ئۈچۈن ئىشلىتىلىدۇ.
- قورساق قىسىم : بەزى ئۈچەي توسۇلۇش ئەھۋاللىرىدا ئىشلىتىلىدۇ.
- ۋە باشقىلار..
- ئارتۇقچىلىقى: باھاسى ئەرزان، جەريانى تېز، رادىئاتسىيە مىقدارى بىر قەدەر ئاز.
رېنتىگېن (X-ray) نىڭ كەمچىلىكى:
- تەسۋىر تەكشىلىكتە بولىدۇ: رەسىم ئىككى ئۆلچەملىك (2D) بولغاچقا، ئالدى ۋە كەينى تەرەپتىكى ئەزالار بىر-بىرىنى توسۇۋېلىپ، چوڭقۇر قاتلامدىكى كېسەللىكلەرنى پەرق ئېتىش تەس بولىدۇ.
- يۇمشاق توقۇلمىلار كۆرۈنمەيدۇ: مۇسكۇل، نېرۋا، پەي ۋە قان تومۇرلارنى ئېنىق كۆرسىتىپ بېرەلمەيدۇ.
- رادىئاتسىيە: ئاز مىقداردا بولسىمۇ رادىئاتسىيە بار، شۇڭا ھامىلىدار ئاياللارغا مەخسۇس قوغدىنىش ياكى ئېھتىيات قىلىش تەلەپ قىلىنىدۇ.
2. كومپيۇتېر توموگرافىيەسى (CT) – بەدەننى «تىلىملاپ» تەكشۈرۈش
CT بولسا رېنتىگېننىڭ تەرەققىي قىلغان شەكلى بولۇپ، «ئادەمنى توغراپ كۆرۈش» دەپ چۈشىنىشكە بولىدۇ (ئەلۋەتتە رەسىمدە).
CT تېخنىكىسى 1970-يىللارنىڭ بېشىدا ئەنگىلىيەلىك ئىنژېنېر گودفرېي خائۇنسفىلىد (Godfrey Hounsfield) ۋە جەنۇبىي ئافرىقىلىق فىزىكا ئالىمى ئاللان كورماك (Allan Cormack) تەرىپىدىن كەشىپ قىلىنغان. دۇنيادىكى تۇنجى CT ماشىنىسى 1971-يىلى لوندوندا رەسمىي ئىشلىتىلىپ، بىر بىمارنىڭ مېڭىسى تەكشۈرۈلگەن. بۇ تېخنىكا ئەنئەنىۋى رېنتىگېن بىلەن كومپيۇتېر ھېسابلاش تېخنىكىسىنى بىرلەشتۈرۈپ، بەدەننىڭ ئىچكى قۇرۇلمىسىنى 3 ئۆلچەملىك ۋە قاتلاملىق كۆرۈش ئىمكانىيىتىنى ياراتقانلىقى ئۈچۈن، تېبابەت ساھەسىدە زور ئىنقىلاب ھېسابلىنىدۇ، بۇ ئىككى ئالىم 1979-يىلى نوبېل تېببىي مۇكاپاتىغا ئېرىشكەن.

- ئىشلەش پرىنسىپى: كۈچلۈك X نۇرى بەدەننى ئايلىنىپ تەكشۈرىدۇ ۋە كومپيۇتېر ئارقىلىق بەدەننىڭ ھەر بىر قەۋىتىنى (تىلىم-تىلىم قىلىپ) رەسىمگە ئالىدۇ. بۇ ئارقىلىق ئۈچ ئۆلچەملىك (3D) تەسۋىر ھاسىل قىلغىلى بولىدۇ.



- ئەڭ ماس كېلىدىغان ئورۇنلار:
- جىددىي قۇتقۇزۇش: ماشىنا ۋەقەسى ياكى يىقىلىپ چۈشۈش سەۋەبىدىن باش سۆڭەك، كۆكرەك ۋە قورساق قىسمىدىكى ئىچكى قاناش ياكى سۇنۇقلارنى تېز سۈرئەتتە كۆرۈش ئۈچۈن.
- ئۆپكە ۋە كۆكرەك: ئۆپكىدىكى كىچىك تۈگۈنچىلەر، ئۆسمىلەرنى بايقاشتا رېنتىگېندىن كۆپ ئۈستۈن تۇرىدۇ.
- مۇرەككەپ سۆڭەك سۇنۇقلىرى: ئىنچىكە سۆڭەك قۇرۇلمىلىرىنى كۆرۈش ئۈچۈن.
- ۋە باشقىلار..
- ئارتۇقچىلىقى: تەسۋىرى ناھايىتى ئېنىق، قاتلاممۇ-قاتلام كۆرسىتىپ بېرىدۇ. تەكشۈرۈش سۈرئىتى تېز.
كومپيۇتېر توموگرافىيەسى (CT) نىڭ كەمچىلىكى:
- يۇقىرى رادىئاتسىيە: رېنتىگېنگە سېلىشتۇرغاندا رادىئاتسىيە (نۇرلىنىش) مىقدارى نەچچە ئون ھەسسە يۇقىرى بولىدۇ. كۆپ قېتىم چۈشۈش تەۋسىيە قىلىنمايدۇ.
- بۆرەككە يۈك: قان تومۇرنى ئېنىق كۆرۈش ئۈچۈن «كۈچەيتكۈچى دورا» (Contrast dye) ئىشلىتىشكە توغرا كەلسە، بۇ دورا بۆرەك ئىقتىدارى ئاجىز بىمارلارغا زىيان قىلىشى ياكى سەزگۈرلۈك پەيدا قىلىشى مۇمكىن.
- يۇمشاق توقۇلمىلار چەكلىك: پەي ۋە مۇسكۇل زەخىملىنىشىنى كۆرۈشتە MRI غا يەتمەيدۇ.
- ھامىلىدارلارغا تارتىلمايدۇ!
3. ماگنىتلىق رېزونانس (MRI) – يۇمشاق توقۇلمىلارنىڭ «رادارى»
MRI پۈتۈنلەي باشقىچە تېخنىكا بولۇپ، ئۇنىڭدا X نۇرى ئىشلىتىلمەيدۇ.

MRI نىڭ ئاساسىي نەزەرىيەسى بولغان يادرو ماگنىتلىق رېزونانس ھادىسىسى 1940-يىللاردا بايقالغان بولسىمۇ، ئۇنى تەسۋىر ھاسىل قىلىشقا ئىشلىتىش ئىدىيىسى 1973-يىلى ئامېرىكىلىق خىمىيە ئالىمى پول لائۇتېربۇر (Paul Lauterbur) تەرىپىدىن ئوتتۇرىغا قويۇلغان. كېيىنچە ئەنگىلىيەلىك پېتېر مەنسفىلىد (Peter Mansfield) بۇ تېخنىكىنى تېخىمۇ مۇكەممەللەشتۈرۈپ، تەسۋىر ئېلىش سۈرئىتىنى تېزلىتىش ئۇسۇلىنى تاپقان ۋە تۇنجى ئادەم بەدىنىنى سىكانىرلاش 1977-يىللىرى مۇۋەپپەقىيەتلىك ئېلىپ بېرىلغان. رادىئاتسىيەسىز تەكشۈرۈش ئېلىپ بارالايدىغان بۇ تېخنىكا ئۈچۈن لائۇتېربۇر ۋە مەنسفىلىد 2003-يىلى نوبېل مۇكاپاتى بىلەن تەقدىرلەنگەن.

- ئىشلەش پرىنسىپى: كۈچلۈك ماگنىت مەيدانى ۋە رادىئو دولقۇنى ئىشلىتىلىدۇ. بەدىنىمىزدىكى سۇ تەركىبىدىكى ھىدروگېن ئاتوملىرىنىڭ ماگنىتقا بولغان ئىنكاسى ئارقىلىق تەسۋىر ھاسىل قىلىنىدۇ. شۇڭا سۇ تەركىبى كۆپ بولغان يۇمشاق ئەزالارنى ئىنتايىن ئېنىق كۆرسىتىدۇ.


- ئەڭ ماس كېلىدىغان ئورۇنلار:
- يۇمشاق توقۇلمىلار: مېڭە، يىلىك، نېرۋا سىستېمىسى، مۇسكۇل، پەي ۋە بوغۇم كېسەللىكلىرى.
- مېڭە تىقىلمىسى (يېڭى قوزغالغان): مېڭىگە قان چۈشۈش ياكى قان يېتىشمەسلىكنى ئەڭ بالدۇر بايقايدۇ.
- بەل ئومۇرتقا ئارىلىق تەخسىسى تومپىيىپ چىقىش: بەل ئاغرىقىنىڭ سەۋەبىنى ئېنىقلاشتا ئەڭ ياخشى قورال.
- ئۆسمە: ئۆسمىنىڭ ئورنى ۋە خاراكتېرىنى ئېنىقلاشتا مۇھىم.
- ۋە باشقىلار..
- ئارتۇقچىلىقى: رادىئاتسىيە يوق (بەدەنگە زىيانلىق نۇر چىقارمايدۇ). يۇمشاق توقۇلمىلارنى CT دىنمۇ ئېنىق كۆرسىتىدۇ.
ماگنىتلىق رېزونانس (MRI) نىڭ كەمچىلىكى:
- مېتال چەكلىمىسى: ئەڭ چوڭ كەمچىلىكى بەدەندە مېتال بارلار (مەسىلەن: يۈرەك رىتىمىنى تەڭشىگۈچ، كونا تىپتىكى مېتال چىش، سۆڭەك مىخلىرى) چۈشۈشكە بولمايدۇ، چۈنكى كۈچلۈك ماگنىت بۇ مېتاللارنى تارتىپ كېتىشى ياكى قىزىتىۋېتىشى مۇمكىن.
- ۋاقىت ئۇزۇن ۋە بوشلۇق تار: ئوخشىمىغان تەكشۈرۈشلەر جەريانى 2 مىنۇتتىن بىر سائەتكىچە سوزۇلىدۇ. ماشىنىنىڭ ئىچى تار بولغاچقا، يېپىق بوشلۇقتىن قورقىدىغانلار (Claustrophobia) غا تەس كېلىدۇ.
- شاۋقۇن ۋە ھەرىكەت: تەكشۈرۈش جەريانىدا «تاراق-تۇرۇق» قىلغان ئاۋاز بەك چوڭ چىقىدۇ. بىمار ئازراقلا مىدىرلاپ قويسا، پۈتۈن سۈرەت قالايمىقانلىشىپ كېتىدۇ، كىچىك بالىلار، بوۋاقلارنى تارتىش بىر قەدەر تەس بولىدۇ، شۇڭلاشقا ئۇلارنى ناركوزلاش ئارقىلىق ئۇخلىتىپ تارتىلىدۇ.
ئەمىسە ، قايسىسىنى تاللاش كېرەك؟
بىر بىمارغا نىسبەتەن قايسى تەكشۈرۈش ئەڭ ئۇيغۇن ئىكەنلىكىنى دوختۇر شۇ بىمارنىڭ ئالامىتىگە ئاساسەن بەلگىلەيدۇ، لېكىن ئاددىي قائىدە بويىچە:
- سۆڭەك سۇنسا، كۆكرەك ئاغرىسا: ئالدى بىلەن رېنتىگېن (X-ray).
- بېشى يېرىلسا، ئىچكى ئەزا (ئۆپكە، جىگەر) مەسىلىسى ياكى جىددىي ۋەقە بولسا: CT ئەڭ ياخشى تاللاش.
- بەل ئاغرىسا، مېڭە قان تومۇر، نېرۋا، مۇسكۇل ياكى پەيلەر زەخىملەنسە: MRI ئەڭ ئېنىق نەتىجە بېرىدۇ.
شۇڭلاشقا ، تېببىي تەكشۈرۈشتە «قىممەت بولغىنى ياخشى» ئەمەس، بەلكى «كېسەللىككە ماس كەلگىنى ئەڭ ياخشى» دەپ چۈشىنىڭ.


