X نۇرى تەكشۈرۈش ( X-ray examination ) X نۇرىدىن پايدىلىنىپ ئادەم بەدىنىدىكى توقۇلمىلارنى تېشىپ ئۆتۈپ ھەمدە پليونكا ياكى رەقەملىك تەكشۈرۈش ئەسۋابىدا تەسۋىر ھاسىل قىلىپ، بەدەندىكى ھەر خىل پاتولوگىيەلىك ئەھۋاللارغا دىئاگنوز قويىدىغان ۋە باھالايدىغان بىر خىل تېببىي تەسۋىر ئىلمى بويىچە تەكشۈرۈش ئۇسۇلىنى كۆرسىتىدۇ. X نۇر ئارقىلىق تەكشۈرۈش ، كلىنىكا مېدىتسىناسىدا كەڭ قوللىنىلىدۇ ، بولۇپمۇ سۆڭەك بۆلۈمىدە ، نەپەس كېسەللىكلىرى بۆلۈمى ، ھەزىم قىلىش كېسەللىكلىرى بۆلۈمى قاتارلىق ساھەلەردە كەڭ قوللىنىلىدۇ.
خەلق تىلىدا رېنتىگېن دەپمۇ ئاتىلىدۇ.
ئۇيغۇرچە ئىسمى: X نۇرى , X نۇرى تەكشۈرۈش , رېنتىگېن تارتىش , رېنتىگېن نۇرى, رېنتېگېن
ئىنگىلىزچە ئىسمى: X-ray examination
تۈركچە ئىسمى: Film , röntgen , X ışığı
خەنزۇچە ئىسمى: X线 , X光 , 伦琴射线
X نۇرنىڭ پىرىنسىپى
X نۇرى دولقۇن ئۇزۇنلۇقى ئىنتايىن قىسقا، ئېلېكتىر ماگنىت دولقۇنى سپېكترىدىكى ئېنېرگىيەسى بىر قەدەر يۇقىرى بولغان ئېلېكتىر ماگنىت دولقۇنى. X نۇرىنىڭ دولقۇنىنىڭ ئۇزۇن – قىسقىلىقى، ئېنېرگىيەسى يۇقىرى بولغانلىقتىن ، ئادەم بەدىنىدىكى يۇمشاق توقۇلمىلار ( مەسىلەن : تېرە ،مۇسكۇل قاتارلىقلار ) نى تېشىپ ئۆتەلەيدۇ ،ئەمما زىچلىقى بىر قەدەر يۇقىرى بولغان توقۇلمىلار ( مەسىلەن : سۆڭەك ) تەرىپىدىن سۈمۈرۈلىدۇ. تېشىپ ئۆتكەن X نۇرى پىليونكا ياكى رەقەملىك تەكشۈرگۈچتە سۈرەت ھاسىل قىلىپ، ئادەم بەدىنىنىڭ ئىچكى قۇرۇلمىسىنىڭ ئومۇمىي كۆرۈنۈشىنى كۆرسىتىپ بېرىدۇ.
X نۇرنىڭ تەكشۈرۈش تۈرلىرى
ئادەتتىكى X نۇرى ئارقىلىق تەكشۈرۈش : بۇ ئەڭ كۆپ ئۇچرايدىغان X نۇرى ئارقىلىق تەكشۈرۈش شەكلى بولۇپ، سۆڭەك، بوغۇم، كۆكرەك، قورساق قاتارلىق رايونلارنىڭ قۇرۇلمىسىنى تەكشۈرۈشكە ماس كېلىدۇ. ئاساسلىقى سۆڭەك سۇنۇش، بوغۇم كېسەللىك ئۆزگىرىشى، ئۆپكە يۇقۇملىنىش قاتارلىقلارغا دىئاگنوز قويۇشقا ئىشلىتىلىدۇ.
فلۇروسكوپى تەكشۈرۈش ( Fluoroscopy ) : X نۇرىدىن پايدىلىنىپ ئەمەلىي ۋاقىتتا تەسۋىر ھاسىل قىلىپ، ھەرىكەت ھالىتىدىكى ئەزالارنى، مەسىلەن:ئاشقازان – ئۈچەي يوللىرىنىڭ لۆمۈلدىشى، يۈرەكنىڭ سوقۇشى قاتارلىقلارنى كۆزەتكىلى بولىدۇ.
كومپيۇتېردا ئۈزۈك قاتلاملىق تەسۋىر كۆچۈرۈش ( CT ) : X نۇرىدىن پايدىلىنىپ كۆپ نۇقتىدىن تەسۋىر كۆچۈرۈش ھەمدە كومپيۇتېر ئارقىلىق ئۈزۈك قاتلاملىق سۈرەتنى قايتا ھاسىل قىلىش. CT تەكشۈرۈشى ئادەتتىكى X نۇرىغا قارىغاندا تېخىمۇ تەپسىلىي توغرا كەسمە يۈز سۈرىتى بىلەن تەمىنلەيدۇ ، مۇرەككەپ كېسەللىك ئۆزگىرىشىگە دىئاگنوز قويۇشقا ماس كېلىدۇ. ئەمما بىر كەمچىللىكى رادىئاتسىيىسى يۇقىرى، بەدەنگە زىيانلىق.
X نۇر ئارقىلىق تەكشۈرۈشكە ئۇيغۇن كېلىدىغان كېسەللىكلەر
X نۇر ئارقىلىق تەكشۈرۈش مېدىتسىنادا كەڭ قوللىنىلىدۇ ،ئاساسلىقى تۆۋەندىكى بىر قانچە خىل ئەھۋالغا ماس كېلىدۇ:
سۆڭەك سىستېمىسى كېسەللىكلىرى:
سۇنۇق : سۇنۇقنىڭ تۈرى، ئورنى ۋە ئېغىرلىق دەرىجىسىگە دىئاگنوز قويۇشقا ئىشلىتىلىدۇ.
سۆڭەك شالاڭلىشىش كېسىلى : سۆڭەك زىچلىقىنىڭ تۆۋەنلىگەنلىكىنى باھالاشقا ئىشلىتىلىدۇ، سۆڭەك شالاڭلىشىش ئەھۋالىنىڭ بار – يوقلۇقىنى تەكشۈرۈشكە ئىشلىتىلىدۇ.
بوغۇم ياللۇغى : بوغۇم ياللۇغى ئالامەتلىرىنى تەكشۈرىدۇ، مەسىلەن، بوغۇم ئارىلىقى تارىيىش، سۆڭەك ئۆسۈكچىسى قاتارلىقلار.
كۆكرەك كېسەللىكلىرى:
ئۆپكە ياللۇغى : ئۆپكە ياللۇغىنىڭ دائىرىسى ۋە ئېغىرلىق دەرىجىسىنى باھالايدۇ.
ئۆپكە تۇبېركۇليوزى : ئۆپكە تۇبېركۇليوزىنىڭ كېسەللىك ئۆزگىرىشىنىڭ مەۋجۇت بولۇش ۋە كېڭىيىش ئەھۋالىنى تەكشۈرىدۇ.
ئۆپكە راكى : دەسلەپكى قەدەمدە ئۆپكىدىكى ئۆسمىنى تاللاپ تەكشۈرۈش.
ھاۋالىق كۆكرەك : ھاۋالىق كۆكرەك بار – يوقلۇقىنى تەكشۈرۈش ( ھاۋا كۆكرەك بوشلۇقىغا كىردى ) ھەمدە ئۇنىڭ دەرىجىسىنى باھالاش.
يۈرەك كېسەللىكلىرى : يۈرەكنىڭ شەكلى ۋە چوڭ قان تومۇرلارنىڭ ئۆزگىرىشىنى كۆزىتىشتە ئىشلىتىلىدۇ.
قورساق كېسەللىكلىرى:
ئۈچەي توسۇلۇش : ئۈچەي يولىدىكى گازلارنىڭ تارقىلىشىنى كۆزىتىش ئارقىلىق توسۇلۇشنىڭ ئورنى ۋە ئېغىرلىق دەرىجىسى باھالىنىدۇ.
ئاشقازان – ئۈچەي يولى تېشىلىش : ئاشقازان – ئۈچەي يولى تېشىلىشتىن كېلىپ چىققان قورساق كۆپۈش ھادىسىسىنى تەكشۈرۈشكە ئىشلىتىلىدۇ.
سۈيدۈك ئاجرىتىش سىستېمىسىغا تاش چۈشۈش : سۈيدۈك ئاجرىتىش سىستېمىسى ( مەسىلەن، بۆرەك، سۈيدۈك نەيچىسى، دوۋساق ) ئىچىدىكى تاشنى تەكشۈرىدۇ.
باش ۋە مېڭە كېسەللىكلىرى:
باش سۆڭىكى سۇنۇش : باش سۆڭىكىدە سۇنۇق ياكى يېرىق بار-يوقلۇقىنى تەكشۈرۈش.
بۇرۇن كاۋىكى ياللۇغى : بۇرۇن كاۋىكى ئىچىدىكى ياللۇغلىنىش ياكى سۇيۇقلۇق يىغىلىش ئەھۋالىنى باھالايدۇ.
باش ئىچى بېسىمىنىڭ ئۆرلىشى : باش سۆڭىكىنىڭ ئۆزگىرىشى ئارقىلىق باش ئىچى بېسىمىنىڭ ئۆرلىشىنى ۋاسىتىلىك باھالايدۇ.
چىش كېسەللىكلىرى:
چىشنى قۇرت يېيىش : چىشنى قۇرت يېيىشنىڭ چوڭقۇرلۇقى ۋە ئورنىنى باھالايدۇ.
چىش يىلتىزى ياللۇغى : چىش يىلتىزى ئەتراپىدىكى ياللۇغ ۋە يۇقۇملىنىش ئەھۋالىنى تەكشۈرىدۇ.
ئېڭەك سۆڭىكىدىكى كېسەللىك ئۆزگىرىشى : ئېڭەك سۆڭىكىنىڭ قۇرۇلما ئۆزگىرىشىنى كۆزىتىدۇ، مەسىلەن، خالتىلىق ئىششىق ياكى ئۆسمە.
باشقا تەكشۈرۈشلەر…
X نۇرىنىڭ تەكشۈرۈش جەريانى
تەييارلىق خىزمىتى : بىمار ئادەتتە ئالاھىدە تەييارلىق قىلمىسىمۇ بولىدۇ، لېكىن تەكشۈرۈش رايونىدىكى مېتال بۇيۇملار ( مەسىلەن، زىننەت بۇيۇملىرى، تۈگمە قاتارلىقلار ) نى بىللە ئېلىپ كىرسە ، سۈرەتنىڭ تولۇق تارتىلىشىغا ئاز تولا كاشىلا قىلىشى مۇمكىن.
تارتىش جەريانى : بىمار ئالاھىدە ئورۇنغا يېتەكلىنىپ، تەكشۈرۈلىدىغان رايوننىڭ توغرا بۇلۇڭدا تۇرۇشىغا كاپالەتلىك قىلىنىدۇ. X نۇر ئاپپاراتى X نۇرىنى قويۇپ بېرىپ ، بىمارنىڭ بەدىنىنى تېشىپ ئۆتۈپ ،تەكشۈرۈش ئەسۋابىدا تەسۋىر ھاسىل قىلىدۇ. پۈتكۈل جەريانغا ئادەتتە پەقەت بىر نەچچە سېكۇنتتىن بىر نەچچە مىنۇتقىچە ۋاقىت كېتىدۇ. بۇ نۇرنىڭ بەدەننى تېشىپ ئۆتكەنلىكىنى بىمار ھىس قىلمايدۇ.
X نۇرىنىڭ رادىئاتسىيىسى
X نۇر تەكشۈرۈشى گەرچە ئىيونلىشىش رادىياتسىيەسىگە چېتىشلىق بولسىمۇ ،لېكىن ئادەتتە رادىياتسىيە مىقدارى بىر قەدەر تۆۋەن بولىدۇ. تېببىي تەسۋىر ئىلمىدە، رادىياتسىيە بۆلۈمى دوختۇرلىرى كونكرېت ئەھۋالغا ئاساسەن ئەڭ مۇۋاپىق كېلىدىغان تەكشۈرۈش تۈرىنى تاللاپ، دىياگنوز قويۇش ئۈنۈمى بىلەن رادىياتسىيە خەتىرى ئوتتۇرىسىدا تەڭپۇڭلۇقنى قولغا كەلتۈرۈشكە كاپالەتلىك قىلىدۇ.
ئادەتتىكى X نۇرى ئارقىلىق تەكشۈرۈشنىڭ رادىئاتسىيە مىقدارى ئادەتتە ئادەمنىڭ سالامەتلىكىگە روشەن تەسىر كۆرسەتمەيدۇ، لېكىن ھامىلىدار ئاياللار، بالىلار قاتارلىق ئالاھىدە كىشىلەر توپىغا نىسبەتەن، دوختۇرلار تەكشۈرۈش ئۇسۇلىنى تېخىمۇ ئېھتىياتچانلىق بىلەن تاللايدۇ.
X نۇرنىڭ رادىئاتسىيە مىقدارى
( Radiation Dose in X-ray Examination )
X نۇردا تەكشۈرۈش ئىئونلۇق رادىياتسىيەگە چېتىلىدۇ ، رادىياتسىيە مىقدارىنىڭ چوڭ – كىچىكلىكى تەكشۈرۈش تۈرى ۋە بەدەن قىسمىغا باغلىق. كۆپ ئۇچرايدىغان X نۇرى ئارقىلىق تەكشۈرۈش ۋە ئۇنىڭ رادىئاتسىيە مىقدارى تۆۋەندىكىلەرنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ:
كۆكرەك قىسمى X نۇرى ( كۆكرەك سۈرىتى ) : تەخمىنەن 0.1 mSv ( مىللىسىفورت )
قورساق قىسمى X نۇرى : تەخمىنەن 0.7 mSv
تۆت پۇتى X نۇرى : تەخمىنەن 0.01 mSv
ئومۇرتقا X نۇر : تەخمىنەن 1.5 mSv
چىش بۆلۈمى X نۇرى : تەخمىنەن 0.005 mSv
ئاددىيراق قىلىپ چۈشەندۈگەندە، بىزنىڭ كۈندىلىك تۇرمۇشتا ، سىرتقا چىقىش ۋە پائالىيەت قىلىش جەريانىدا ئۇچرىغان رادىئاتسىيىسە مىقتارى، بىر يىلدا جەمئىي تەخمىنەن 2 – 3 mSv بولىدۇ. يەنى 3 -4 قېتىم قورساق قىسىمنى رېنتىگەن تارتقاندا ، ئاندىن بىر يىللىق جەمئىىي رادىيئاتسىيە مىقتارىغا يېتىدۇ. بىمارنىڭ بەدەن ئەھۋالىنى دەڭسەپ تۇرۇپ رېنتىگىن تارتىش تارتماسلىقنى دوختۇر قارار بېرىدۇ. چۈنكى ھەقىقەتەن كېرەك بولغان ئەھۋاللاردا، رېنتىگېن تارتىش ئارقىلىق ئالدىنى ئالغان كېسەللىك ئېلىپ كېلىدىغان زەخىم خەۋپكە قارىغاندا، بۇنچىلىك رادىئاتسىيە ھىچ نىمىگە ئەرزىمەيدۇ.
X نۇرىنىڭ كەشپىياتچىسى ۋە تەرەققىيات تارىخى
( Inventor and Development History of X-ray )
كەشىپ قىلغۇچى : X نۇرىنى گېرمانىيە فىزىكا ئالىمى ۋىلېم كونراد رېنتىگېن ( Wilhelm Conrad Roentgen ) 1895 – يىلى بايقىغان. ئۇ كاتود نۇرى تەجرىبىسىنى ئىشلەۋاتقاندا، تاسادىپىي بىر خىل يېڭى نۇرنى بايقىغان، بۇ خىل نۇر جىسىملارنى تېشىپ ئۆتەلەيدىغانلىقى ھەم يالتىراق ئېكراندا تەسۋىر ھاسىل قىلالايدىغانلىقىنى يەكۈنلەپ چىققان. ئەينى چاغدا ئۇنىڭ ماھىيىتىنى ئېنىق بېكىتكىلى بولمىغاچقا ،ئۇ ئۇنى «X نۇرى» دەپ ئاتىغان.
تۇنجى قېتىم مېدىتسىنادا قوللىنىلىشى : رېنتىگېننىڭ بايقىلىشى مېدىتسىنا ساھەسىدە ناھايىتى تېزلا زىلزىلە پەيدا قىلغان. 1896 – يىلى رېنتىگېن تۇنجى قېتىم X نۇرىدىن پايدىلىنىپ ئىنسانلارنىڭ قول قىسمىنىڭ سۈرىتىنى تارتقان ھەم قول سۆڭىكى بىلەن ئۈزۈكنىڭ ئېنىق سۈرىتىنى نامايان قىلغان. بۇ بايقاش تېببىي تەسۋىر ئىلمىنىڭ يېڭى دەۋرىنى ئاچقان.
تۇنجى تارتىلغان قولنىڭ رېنتىگېنى. بۇ كەشپياتچى ۋىلېم رېنتىگېننىڭ ئايالىنىڭ قولىنىڭ رېنتىگېنى. ئۈزۈگىنىنىڭ شەكلىنىمۇ كۆرگىلى بولىدۇ.
ئەڭ بۇرۇن ئىجاد قىلىنغان رېنتىگېن ماشىنىسى يۇقارقى رەسىمدىكىدەك
1897 يىلى مېڭىدىكى ئوقنى رېنتىگېندە جەزىملەشتۈرگەندىن كېيىن، ئوپىراتسىيە قىلىپ ئېلىنغان.
X نۇر تېخنىكىسى تەرەققىيات مۇساپىسى:
20 – ئەسىرنىڭ باشلىرىدا : X نۇر تېخنىكىسى بارا – بارا كىلىنىكىدا قوللىنىلىپ، سۆڭەك سۇنۇش، يات ماددا، ئۆپكە كېسەللىكلىرى قاتارلىقلارغا دىئاگنوز قويۇشقا ئىشلىتىلگەن.
1920 – يىلى : تېخنىكىنىڭ ئىلگىرىلىشىگە ئەگىشىپ X فوتو سۈرەتچىلىكىنىڭ سۈپىتى زور دەرىجىدە ئۆسۈپ ، بارا – بارا ئۆلچەملىك تېببىي دىياگنوز قويۇش قورالىغا ئايلانغان.
1950 – يىلى : پېرسپېكتىۋ تېخنىكىسى ( fluoroscopy ) كىرگۈزۈلۈپ ، رېئال ۋاقىتلىق ھەرىكەتلىك تەسۋىر ھاسىل قىلىش ئىشقا ئاشۇرۇلغان.
1970 – يىلى : كومپيۇتېردا ئۈزۈك قاتلاملىق تەسۋىر كۆچۈرۈش ( CT ) تېخنىكىسىنىڭ بارلىققا كېلىشى بىلەن X نۇرىدىن پايدىلىنىپ كۆپ نۇقتىدىن تەسۋىر كۆچۈرۈش ئېلىپ بېرىلغان ھەمدە كومپيۇتېر ئارقىلىق توغرا كەسمە يۈز سۈرىتى قايتا تۇرغۇزۇلۇپ، دىئاگنوزنىڭ توغرىلىقى زور دەرىجىدە يۇقىرى كۆتۈرلگەن.
ھازىرقى زامان تەرەققىياتى : بۈگۈنكى كۈندە X نۇرى ئارقىلىق تەكشۈرۈش رەقەملەشتۈرۈلۈپ، رەقەملىك تەكشۈرگۈچتىن پايدىلىنىپ تەسۋىر ھاسىل قىلىش ( رەقەملىك X نۇرى ) ئارقىلىق بىمارنىڭ رادىئاتسىيە مىقدارى ئازايتىلدى ھەمدە سۈرەتنىڭ ئېنىقلىق دەرىجىسى ئۆستۈرۈلدى. يېقىنقى يىللاردىن بۇيان ،تۆۋەن مىقدارلىق CT ( LDCT ) ۋە X نۇر تېخنىكىسى رادىياتسىيە خەتىرىنى يەنىمۇ ئازايتتى.
X نۇر ئارقىلىق تەكشۈرۈشنىڭ ئارتۇقچىلىقى:
بەدەنگە يارا شەكىلدە زەخىم بەرمەسلىك : بەدەنگە كىرمەيلا تەكشۈرۈشنى تاماملىغىلى بولىدۇ.
تېز سۈرئەت : ئادەتتە بىر نەچچە مىنۇتتىلا تەكشۈرۈش تاماملىنىدۇ ھەمدە نەتىجىگە ئېرىشكىلى بولىدۇ.
كەڭ كۆلەمدە ئىشلىتىلىشى: كۆپ خىل كېسەللىكلەرگە دەسلەپكى قەدەمدە دىئاگنوز قويۇشقا ئىشلىتىلىدۇ.
X نۇر ئارقىلىق تەكشۈرۈشنىڭ يېتەرسىزلىكى:
رادىياتسىيىگە ئۇچراش : گەرچە رادىياتسىيە مىقدارى بىر قەدەر تۆۋەن بولسىمۇ، لېكىن ئۇزاق مەزگىل ياكى كۆپ قېتىم X نۇرى بىلەن تەكشۈرگەندە بەدەندە رادىياتسىيە بىرىكىش خەۋپىنى ئاشۇرۇۋېتىشى مۇمكىن.
تەسۋىر ھاسىل قىلىش چەكلىمىلىكى : X نۇرىنىڭ سۈرىتى ئىككى ئۆلچەملىك تەكشىلىكتىكى سۈرەت بولۇپ، مۇرەككەپ ئاناتومىيىلىك قۇرۇلمىنى تەپسىلىي كۆرسىتىپ بېرىش تەس، ئۇنىڭ ئۈستىگە يۇمشاق توقۇلمىلارنىڭ پەرقلەندۈرۈش نىسبىتى بىر قەدەر تۆۋەن.
X نۇر تەكشۈرۈشنىڭ كەلگۈسى تەرەققىياتى
تېخنىكىنىڭ تەرەققىي قىلىشىغا ئەگىشىپ ،X نۇرى ئارقىلىق تەكشۈرۈشنىڭ تەسۋىر ھاسىل قىلىش سۈپىتى ۋە دىئاگنوز قويۇشنىڭ توغرىلىقى ئۈزلۈكسىز يۇقىرى كۆتۈرىلىۋاتىدۇ. مەسىلەن : رەقەملەشكەن X نۇرى ( Digital Radiography ،DR ) تېخنىكىسى ئەنئەنىۋى پليونكا ئارقىلىق تەسۋىر ھاسىل قىلىشنىڭ ئورنىنى ئالدى، سۈرەت تېخىمۇ ئېنىق ھەم بىر تەرەپ قىلىش تېخىمۇ قولايلىق بولدى. شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا ،تۆۋەن مىقدارلىق X نۇر تېخنىكىسىنىڭ تەرەققىياتى بىمارلارنىڭ رادىئاتسىيەنىڭ ئاشكارىلىنىشىنى ئازايتىشقا پايدىلىق.
X نۇر ئارقىلىق تەكشۈرۈش بىر خىل مۇھىم تېببىي تەسۋىر ئىلمى تېخنىكىسى بولۇش سۈپىتى بىلەن ،يۈز يىلدىن ئارتۇق تەرەققىياتنى باشتىن كەچۈردى. ئەڭ دەسلەپكى كەشپىياتتىن ھازىرقى زامان رەقەملەشتۈرۈش تېخنىكىسىغىچە X نۇر بىلەن تەكشۈرۈش تۈرلۈك كېسەللىكلەرگە دىئاگنوز قويۇشتا كەم بولسا بولمايدىغان رول ئويناپ كەلمەكتە. گەرچە رادىياتسىيىگە ئۇچرىشىشتىن ساقلانغىلى بولمىسىمۇ ،لېكىن داۋالاش كەسپىي خادىملىرىنىڭ يېتەكچىلىكىدە ،X نۇرى تەكشۈرۈشىنىڭ بىخەتەرلىكى تولۇق كاپالەتكە ئىگە قىلىنىۋاتماقتا.
رەسىم ۋە مەزمونلارنىڭ پايدىلانغان مەنبەلەر:
https://en.wikipedia.org/wiki/X-ray