قاپاق ئىششىش قاپاق توقۇلمىلىرى سۇ يىغىلىپ قېلىش سەۋەبىدىن ئىششىپ كۆرسىتىدۇ. غەرب تېبابىتىدە قاپاق ئىششىش ئادەتتە «قاپاق سۇلۇق ئىششىقى» ياكى «كۆز خالتىسى» دەپ ئاتىلىدۇ.
ئۇيغۇرچە: كۆز قاپىقى ئىششىش
ئىنگىزچە: Stye eyelids
خەنزۇچە: 眼睑浮肿
تۈركچە: göz kapakları şişmesi
تۆۋەندىكىسى قاپاق ئىششىقىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدىغان دائىم كۆرۈلىدىغان سەۋەبلەر:
1. ئۇيقۇ يېتەرلىك بولماسلىق ياكى چارچاش ئۇزۇن ۋاقىت تۈنەش، خىزمەت بېسىمى ئېغىر بولۇش قاتارلىق ئامىللار كۆز قىسمىدىكى قان ئايلىنىشنىڭ راۋان بولماسلىقىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىپ، قاپاق ئىششىقىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىشى مۇمكىن.
2. زىيادە سەزگۈرلۈك رېئاكسىيىسى بەزى يېمەكلىك، دورا، گۈل چېڭى قاتارلىق ماددىلارغا زىيادە سەزگۈرلۈك پەيدا بولغاندا، بەدەندە زىيادە كۆپ توقۇلما سۇيۇقلۇقى پەيدا بولۇپ، قاپاق ئىششىقىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ.
3. كۆز قىسمى يۇقۇملىنىش مەسىلەن، بىرىكتۈرگۈچى پەردە ياللۇغى، مۈڭگۈز پەردە ياللۇغى قاتارلىق كېسەللىكلەر كەلتۈرۈپ چىقارغان ياللۇغمۇ قاپاق ئىششىقىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىشى مۇمكىن.
4. ياش ئامىلى ياشنىڭ چوڭىيىشىغا ئەگىشىپ، تېرە ۋە مۇسكۇل توقۇلمىلىرى تەدرىجىي بوشىشىپ ساڭگىلاپ قالىدۇ، ئۇنىڭ ئۈستىگە ماي يىغىلىپ قېلىپ، ئاسانلا كۆز خالتىسى شەكىللىنىدۇ.
قاپاق ئىششىقىنى داۋالاش ئۇسۇلى سوغۇق ئۆتكۈزۈش، ئىسسىق ئۆتكۈزۈش، ئۇۋۇلاش قاتارلىق فىزىكىلىق داۋالاش ئۇسۇللىرى ھەمدە ھىستامىنغا قارشى دورىلار، گلۇكوكورتىكوئىد قاتارلىق دورىلارنى ئىچىش ياكى قىسمەن ئىشلىتىش ئارقىلىق داۋالاشنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. ئېغىر كۆز خالتىسى مەسىلىسىنى ئوپېراتسىيە قىلىپ داۋالاشقا توغرا كېلىدۇ. ئۇنىڭدىن باشقا، ياخشى تۇرمۇش ئادىتىنى ساقلاش، مەسىلەن، يېتەرلىك ئۇخلاش، يېمەك – ئىچمەك ساغلاملىقى، زىيادە چارچاشتىن ساقلىنىش قاتارلىقلارمۇ قاپاق ئىششىقىنىڭ ئالدىنى ئېلىشقا پايدىلىق.