تۆمۈرنىڭ رولى

مىنېرال ماددا تۆمۈرنىڭ ئارخىپى

ئېلېمېنت بەلگىسى: Fe

تۈرى: مىكرو ئېلېمېنت

قىسقىچە تونۇشتۇرۇش: تۆمۈر ھاياتلىقنى ساقلايدىغان ئاساسلىق ماددا، ھېماتىن (قان قىزىل ماددىسى) ۋە مۇسكۇل قان ھۈجەيرىلىرىنى ھاسىل قىلىدىغان ئاساسلىق ماددا، شۇنداقلا B گۇرۇپپىدىكى ۋىتامىنلارنىڭ ماددا ئالمىشىشىنى ئىلگىرى سۈرىدىغان زۆرۈر ماددىدۇر. ئادەم بەدىنىدىكى زۆرۈر ۋىتامىنلار ۋە مىنېرال ماددىلار ئارىسىدا، تۆمۈر بىر قەدەر ئاسان يېتىشمەي قالىدۇ.

تۆمۈرنىڭ رولى

ئاساسلىق رولى

ئەڭ گەۋدىلىك رولى ھېماتىن ھاسىل قىلىش، يەنە قان تولۇقلاشتىن ئىبارەت. ھېماتىن يېتەرلىك ئوكسىگېن ئېلىپ يۈرۈپ، پۈتۈن بەدەندىكى ھۈجەيرىلەر ۋە توقۇلما ئەزالارنى تەمىنلەپ، بەدەننى ساغلام چىراينى قىزىل قىلىدۇ.

تۆمۈر ئىممۇنىتېت سىستېمىسىنىڭ نورمال ئىشلەش ھالىتىنى ساقلىشىغا ياردەم بېرىپ، ئادەمنىڭ كېسەلگە قارشى تۇرۇش كۈچىنى كۈچەيتىدۇ، شۇڭا ئەگەر ئادەم بەدىنىدە يېتەرلىك تۆمۈر بولۇپ قان قىزىل ئاقسىلى (ھېموگلوبىن) سەۋىيىسىنى ساقلاپ تۇرمايدىغان بولسا، ئاق قان ھۈجەيرىلىرى تاجاۋۇز قىلىپ كىرگەن كېسەل قوزغاتقۇچى باكتېرىيىلەرگە قارشى تۇرۇشقا ئامالسىز قالىدۇ-دە، كېسەلىك پەيدا بولىدۇ.

تۆمۈر ھامىلە ۋە بوۋاقلارنىڭ پىسخىكا جەھەتتە ئۆسۈشىگە ياردەم بېرىدۇ، ئەگەر تۆمۈر يېتىشمىسە، دىققىتىنى يىغالماسلىق، قان ئازلىقنى كەلتۈرۈپ چىقىرىشى مۇمكىن، ئېغىر دەرىجىدە تۆمۈر يېتىشمىسە، ئوكسىگېن يېتىشمەسلىكتىن نېرۋا سىستېمىسىنىڭ يېتىلىشى ياخشى بولماسلىقنى كەلتۈرۈپ چىقىرىشى مۇمكىن.

مۇسكۇللارنىڭ يېتىلىشىنى ئىلگىرى سۈرۈش، توقۇلمىلارنىڭ نەپەسلىنىشىنى تەڭشەش، تېرىنىڭ ياخشى قان رەڭگىنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش قاتارلىق رولى بار.

يېتىشمەسلىك ئالامەتلىرى

تۆمۈر يېتىشمەسلىك خاراكتېرلىك قان ئازلىق

چىرايى تاتىرىش، زەئىپ كۆرۈنۈش.

نەپەس قىيىنلىشىش، نەپەس قىسقا بولۇش.

يۈرەك سىقىلىش، يۈرەك سوقۇش تېزلىشىش.

ئىممۇنىتېت ئىقتىدارى تۆۋەنلەش.

تىرناق ئولتۇرۇشۇپ كېتىش، ئاسان سۇنۇپ كېتىش.

بالىلارنىڭ پىسخىكا جەھەتتە يېتىلىشى ياخشى بولماسلىق.

ئىشتىھا ناچارلىشىش.

دىققىتىنى يىغالماسلىق.

باش قېيىش، سوغۇقتىن قورقۇش، قارشىلىق كۈچى ئاجىزلاش.

تولۇقلاشقا تېگىشلىك كىشىلەر توپى

ئاياللار:

ھامىلىدار ئاياللار:

تەنھەرىكەتچىلەر:

بالىلار، ياش-ئۆسمۈرلەر:

ياشانغانلار:

ھاراقنى كۆپ ئىچىدىغانلار:

گۆشسىز تاماق يەيدىغانلار:

قەھۋە ۋە قىزىل چاي ئىچىشكە ئامراق كىشىلەر:

يېمەكلىكلەردىن كېلىش مەنبەسى

ھايۋانلارنىڭ جىگىرى (بۆرىكى)، قارا مور، چىلان، دېڭىز يۈسۈنى، پۇرچاق تۈرىدىكىلەر، قۇرۇتۇلغان مېۋە، شاپتۇل، ئورۇق گۆش، پالەك، سۇلۇ، ھەسەل قاتارلىقلار. پىۋا ئېچىتقۇسى ۋە بۇغداي كېپىكىمۇ تۆمۈرنىڭ ئەڭ ياخشى مەنبەسىدۇر.

مىقدارى ئېشىپ كېتىش ئالامەتلىرى

بالىلارغا نىسبەتەن ئېيتقاندا، تۆمۈر چەكتىن ئېشىپ كەتسە، زەھەرلىنىپ ئۆلتۈرۈپ قويۇشى مۇمكىن.

كۆپ مىقداردىكى تۆمۈر جىگەر قاتارلىق ئەزالارغا يىغىلىۋالىدۇ.

قان رەڭ ماددىسى ( ھېموخروم) ئولتۇرۇشۇپ قېلىش كېسىلى پەيدا بولىدۇ.

جىگەر، بۆرەك ئىقتىدارىدا نورمالسىزلىق كۆرۈلىدۇ.

ئاشقازان-ئۈچەي يېقىمسىزلىنىدۇ.

يۈرەك كېسىلى قوزغىلىش ئېھتىماللىقى ئاشىدۇ.

تۆمۈردىن زەھەرلىنىشنىڭ ئاخىرقى مەزگىلىدە پەي تارتىشىش، ئۇيقۇسىراش، چارچاش، تىرناق كۆكىرىش ئالامەتلىرى كۆرۈلىدۇ.

ئىستېمال قىلىشتا بىلىۋېلىشقا تېگىشلىك ئىشلار

ئاياللار، بولۇپمۇ ھامىلىدار ئاياللار مۇۋاپىق ھالدا تۆمۈر تولۇقلىشى زۆزۈر.

كۆپ مىقداردا قىزىل چاي ياكى قەھۋە ئىچكەندە، تۆمۈرنىڭ قوبۇل قىلىنىشىغا توسقۇنلۇق قىلىدۇ.

كىسلاتالىق يېمەكلىكلەرنى پىشۇرۇشتا، ئەگەر تۆمۈر قازان ئىشلىتىلسە، قازاننىڭ ئۆزىدىكى تۆمۈر يېمەكلىككە سىرغىپ چىقىپ، بۇ ئارقىلىق يېمەكلىك تەركىبىدىكى تۆمۈر مىقدارىنى ئاشۇرۇۋېتىدۇ.

ۋىتامىن C ئادەم بەدىنىنىڭ تۆمۈرنى قوبۇل قىلىشىغا ياردەم بېرىدۇ، شۇڭا تۆمۈر ئىستېمال قىلىش بىلەن بىللە ۋىتامىن C نىمۇ ئىستېمال قىلىش لازىم، ئەمما سۈت ئادەم بەدىنىنىڭ تۆمۈرنى قوبۇل قىلىشىنى تەسىرگە ئۇچرىتىدۇ، شۇڭا بۇلارنى بىللە ئىستېمال قىلىشقا بولمايدۇ.

مەنبە:
شىنجاڭ ساغلاملىق تورى

يۇقارىدىكى مەزمونغا قانداق قارايسىز؟
+1
0
+1
0
+1
0
+1
0
+1
0
+1
0
+1
0
مەزمون قوشۇلغان ۋاقىت: 2024-10-16

يېقىندا تەھرىرلەنگەن ۋاقىت: 2024-10-18 / 10:02:13

ساقلىۋالايچۇ؟
ساقلىۋالدىم!
سەمىمىي ئەسكەرتىش
مەزكۇر بەتتىكى مەزمۇندا، ئىملادا خاتالىق بولسا، ۋەيا تولۇقلىما مەزمۇن تەمىنلەپ بېرىشنى خالىسىڭىز، ئاستىدىكى سۆز قالدۇرۇش قىسمىغا سۆز قالدۇرسىڭىز بولىدۇ. تاما تاما كۆل بولۇر. سىزنىڭ نامىڭىزنى قوشۇپ ئېلان قىلىمىز.

بىكەتتىكى مەزمۇنلار تورداشلارنىڭ پايدىلىنىشى، ساغلاملىققا بولغان تونۇشىنى ئاشۇرۇش ئۈچۈن تەمىنلەنگەن ئۇچۇرلاردۇر. ئەمما دىئاگنوز ئاساسى بولالمايدۇ. ئوخشىمىغان بىماردا ئوخشىمىغان ئالامەتلەر كۆرۈلىدۇ ۋە دىئاگنوزى ئوخشىمايدۇ. شۇڭا بەدەندە كېسەللىك ئالامەتلىرى كۆرۈلگەندە چوقۇم مۇنتىزىم دوختۇر بىلەن يۈز تۇرانە مەسىلىھەت ئېلىشىڭىزنى، دوختۇرخانىدا تەكشۈرتۈشىڭىزنى تەۋسىيە قىلىمىز.

باشقا يەرلەردىن ئېلىنغان بەزى مەزمۇنلار، رەسىملەرنىڭ ئەسلى مەنبەسىنى ئەسكەرتىشكە تىرىشتۇق. باشقا يەردىن ئېلىنغان مەزمۇنلار پەقەت شۇ ئاپتور يازارنىڭ ئۆز كۆز قارىشىنى ئىپادىلەيدۇ، بېكىتىمىزنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلالمايدۇ. بۇنىڭدىن سىرت، ئەگەر ئەسەرنىڭ ئەسلى ئاپتورى ماقالىنىڭ تور بېكىتىمىزدە ئېلان قىلىنغانلىقى ئۆزىنىڭ شەخسىي مەنپەئىتىگە دەخلى قىلىندى دەپ ئويلىسا، بىز بىلەن ئالاقىلاشسىڭىز، ئەڭ قىسقا ۋاقىت ئىچىدە بىكەتتىن ئۆچۈرۋەتسەك بولىدۇ.

تور بېكىتىمىزدىكى مەزمونلارنى شەخسىي بېتىڭىزدە ئىشلەتمەكچى بولسىڭىز، دوختۇرلار تور بېكىتى ياكى dohturlar.com دىن ئېلىنغانلىقىنى ۋەيا بىز ئەسكەرتكەن مەزمۇننىڭ ئەسلى مەنبەسىنى ئەسكەرتىپ قويۇشىڭىزنى چىن دىلىمىزدىن ئۈمىد قىلىمىز. ئەمگەك مېۋىسىگە ھۆرمەت قىلىڭ.

تەييارلىغان مەزمۇنلىرىمىزنى رۇخسەتسىز، قانۇنسىز سودا ئىشلىرىغا ئىشلەتمەڭ. بولمىسا قانۇنى ۋە ۋىجدانى جاۋاپكارلىققا تارتىلىسىز.

سۆز قالدۇراي

Please enter your comment!
Please enter your name here

قىززىق نۇقتىلار

يېڭى مەزمونلار

مەخسۇس سەھىپىلەر

تېخىمۇ كۆپ