ئانا سەھىپەساغلاملىقئوزۇقلۇقيوپۇرماق كىسلاتاسى ۋە ھامىلىدارلىق

يوپۇرماق كىسلاتاسى ۋە ھامىلىدارلىق

     + چوڭ خەت | - كىچىك خەت

يوپۇرماق كىسلاتاسىنىڭ يەنە بىر ئىسمى ۋىتامىن B9 بولۇپ، ئۇ بەدەندە قاننىڭ شەكىللىنىشىگە ، شۇنداقلا ھۈجەيرىلەرنىڭ ئاساسىي قۇرۇلۇش بۆلەكلىرىنىڭ شەكىللىنىشى ، DNA ئىشلەپچىقىرىش ۋە نورمال ئىشلىشىگە پايدىلىق رول ئوينايدۇ ۋە ئەڭ مۇھىمى، يوپۇرماق كىسلاتاسى بىلەن ساغلام ھامىلدارلىق ئارىسىدا زىچ مۇناسىۋەت بار.

يوپۇرماق كىسلاتاسى تەرجىمىسى

يوپۇرماق كىسلاتاسى (فولىك ئاسىت)
folic acid
folik asit
叶酸

 

يوپۇرماق كىسلاتاسى بىلەن تۆرەلمىنىڭ مۇناسىۋىتى

گەرچە يوپۇرماق كىسلاتاسى كۈندىلىك تۇرمۇشىمىزدىكى يېشىل يېمەكلىكلەر بىلەن ئالالىساقمۇ، ئەمما ھامىلدارلىق مەزگىلىدە ، ھەم ھامىلدار ئانىنىڭ ۋە تۆرەلمە بوۋاقنىڭ ئېھتىياجى تۈپەيلىدىن ، نورمالدىن كۆپرەك مىقداردا تولۇقلاشقا توغرا كېلىدۇ. ھامىلدارلىق مەزگىلىنىڭ باشلىنىشىدا، ھامىلدار ئايال قان تەكشۈرۈشىدە نورمال چىققان تەغدىردىمۇ، ئەڭ مۇھىم تولۇقلىمىسا بولمايدىغان ئىككى ماددا بار، بۇلار يوپۇرماق كىسلاتاسى ۋە تۆمۈر ماددىسىدۇر.

تۆرەلمىدە شەكىللەنگەن تۇنجى ئىپتىدائىي (ئەڭ دەسلەپكى) نېرۋا سىستېمىسى نېرۋا نەيچىسىدۇر. نېرۋا نەيچىسى ھامىلىدارلىقنىڭ 3-ھەپتىسىدە شەكىللىنىدۇ ۋە 2-ئېيىنىڭ ئاخىرى 3-ئاينىڭ باشلىرىغىچە بولغان جەرياندا، بارا بارا تەرەققىي قىلىپ ئومۇرتقا ۋە مېڭىگە ئايلىنىدۇ. نېرۋا نەيچىسىنىڭ تولۇق ئېتىلىشى ئۈچۈن، يوپۇرماق كىسلاتاسى ناھايىتى مۇھىم رول ئوينايدۇ. تەتقىقاتلارغا ئاساسلانغاندا، ھامىلىدارلىقنىڭ ئالدىدا ۋە ھامىلدار قېلىپ دەسلەپكى مەزگىللىرىدە، يوپۇرماق كىسلاتاسى بەدەندە كەم بولۇپ قالسا، ئاسانلا تۆرەلمە بوۋاقتا نېرۋا نەيچىسى كەمتۈكلۈك كېسىلى پەيدا بولۇپ قالىدىكەن.

 

نېرۋا نەيچىسى كەمتۈكلۈك كېسىلى

نېرۋا نەيچىسى كەمتۈكلۈك
Nöral tüp defekt
Neural tube defect(NTDs)
神经管缺陷

نېرۋا نەيچىسى كەمتۈكلۈك كېسىلى: بۇ بىر خىل تۇغما كېسەللىك بولۇپ، يەنى ھامىلىدارلىقنىڭ دەسلەپكى مەزگىلىدە شەكىللەنگەن نېرۋا نەيچىسى يېپىلىش جەرياندا بەزى قىسىملىرى تولۇق يېپىلماي ئوچۇق قالىدۇ. بۇ سەۋەبلىك بوۋاقنىڭ مېڭە قىسمىدا ياكى ئومۇرتقا قىسمىدا تۇغما غەيرىيلىك كېسەللىكى شەكىللىنىدۇ. بۇ قىسىملاردىكى ئوچۇق قىلىشنىڭ دەرىجىسىگە ئاساسەن تۆرەلمە بوۋاقنىڭ كېسەللىك ئېغىرلىق دەرىجىسى ئوخشىمايدۇ. بەك ئېغىر ئەھۋاللاردا بالا تۆرەلمە ۋاقىتتىلا چۈشۈپ كېتىدۇ، بەزىلىرى تۇغۇت جەريانىدا تۈگەپ كېتىدۇ، يەنە بەزىلىرى بولسا تۇغۇلىدۇيۇ ئەمما ئۇزۇنغا بارماي ھەرخىل ئەگەشمە كېسەللىكلەر سەۋەبىدىن تۈگەپ كېتىدۇ ۋەيا كېيىنكى ھاياتى ناھايىتى قېيىن ئەھۋالغا چۈشۈپ قالىدۇ.

يوپۇرماق كىسلاتاسى دەل مۇشۇ تۆرەلمە ۋاقىتتىلا نېرۋا نەيچىسىنىڭ تولۇق ساغلام يېپىلىشى ئۈچۈن پايدا قىلىدىغان ماددىدۇر. يوپۇرماق كىسلاتاسى خۇددى ئىسمىدا دېيىلگەندەك، يېشىل يوپۇرماقلىق كۆكتاتلاردا ناھايىتى مول بولىدۇ. شۇڭا نورمالدا بالاغەتكە يەتكەن خانىم قىزلار مەيلى ھامىلدار قالسۇن قالمىسۇن، تەڭپۇڭ غىزالىنىشقا ئادەتلىنىشى تەۋسىيە قىلىنىدۇ. بۇنىڭدىن سىرت توي قىلغان، ۋە بالا ئېلىشنى پىلانلىغان خانىم قىزلار تەڭپۇڭ ساغلام غىزالىنىش بىلەن بىرگە، ھامىلدار قېلىش پىلانىدىن 1 ئاي بۇرۇن ،كۈندە قوشۇمچە 400 مىكروگرام يوپۇرماق كىسلاتاسى تابلىتى ئىستىمال قىلىش ۋە بۇ شەكىلدە ھامىلدار قېلىپ 3-ئېيىغىچە توختاتماسلىق تەۋسىيە قىلىنىدۇ. بۇ تۆرەلمىنىڭ نېرۋا نەيچىسى كەمتۈكلۈك كېسىلى بولۇش ئېھتىماللىقنى % 50-% 70 تۆۋەنلىتىدۇ.

ئەلۋەتتە بۇنىڭ بىلەن بىرگە، ھامىلدار بولۇش شۈبھىرىڭىز بولسا، ياكى ئادىتىڭىز كېچىككەن بولسا، ئۆيدە كىچىك تەرەت ئارقىلىق ھامىلدارلىق تەكشۈرۈشىنى قىلىپ بېقىڭ ۋەيا ئائىلە دوختۇرىڭىزغا مۇراجىئەت قىلىپ قان تەكشۈرۈش قىلدۇرۇپ بېقىڭ. ئەگەر ھامىلدار قالغان بولسىڭىز، ئەڭ قىسقا ۋاقىت ئىچىدە ئاياللار دوختۇرى بىلەن كۆرۈشۈپ يۈز تۇرانە مەسلىھەت ئېلىشىڭىزنى تەۋسىيە قىلىنىدۇ. بۇ ۋاقىتتا ئەگەر ھېلىھەم يوپۇرماق كىسلاتاسى ئالمىغان بولسىڭىز، شۇ كۈننىڭ ئۆزىدىلا باشلاڭ.

يېقىنقى يىللاردىكى مۇھىم تەتقىقاتلار شۇنى ئىسپاتلىدىكى ، ھامىلىدارلىقنىڭ ئالدى-كەينىدە ئېلىنغان قوشۇمچە يوپۇرماق كىسلاتاسىمۇ بالدۇر تۇغۇلۇش ئېھتىماللىقنى كۆرۈنەرلىك تۆۋەنلىتىدىكەن.

ئەگەر بىر ئايالنىڭ ئالدىنقى بالىسىدا نېرۋا نەيچىسى كەمتۈكلۈك كۆرۈلگەن بولسا، كېيىنكى ھامىلدارلىقتىكى تۆرەلمىدە بۇ كېسەل بولۇش ئېھتىماللىقى% 2-5 ئىكەن. بۇ خىل ئەھۋالدا، ئاياللار دوختۇرىنىڭ تەۋسىيىسى ئېلىنغاندىن كېيىن، يوپۇرماق كىسلاتاسى 10 ھەسسە يۇقىرى مىقداردا يەنى 4 مىللىگرام ئىشلىتىش كېرەك ئىكەن.

 

ھامىلىدارلار يوپۇرماق كىسلاتاسىنى قاچان باشلاش كېرەك؟

ھامىلىدارلار يوپۇرماق كىسلاتاسىنىڭ كۈندە قانچىلىك ئىشلىتىش كېرەك؟

ھازىرقى مېدىتسىنا بىلىملىرىدە كۆرسىتىلىشىچە، يوپۇرماق كىسلاتاسىنى ھامىلدار قېلىشتىن 1 ئاي بۇرۇن باشلاپ تاكى ھامىلدار بولۇپ 3-ئاي پۈتكىچە ئىشلىتىش كېرەك.

ھامىلدار بولۇش پىلانى ساغلام خانىملار ۋەيا ھامىلدار بولغانلار كۈندە ئەڭ ئاز 400 مىكروگرام (400 mcg) يوپۇرماق كىسلاتاسى تابلىتى ئېلىش كېرەك. كۆپىنچە دۆلەتلەردە بىر تۇتاش 400 مىكروگرام تابلىت شەكىلدە تەييارلانغان يوپۇرماق كىسلاتاسى دورىسى بار.

بۇ دورىنى ئادەتتە دوختۇرنىڭ رېتسىپ قەغىزى بولمىسىمۇ ھەرقانداق دورىخانىدىن ئالالايسىز. دورىگەرگە ئۆزىڭىزنىڭ ھامىلدارلىق ئۈچۈن يوپۇرماق كىسلاتاسى تابلېتى ئالماقچى بولغانلىقىڭىزنى دېسىڭىز، سىزگە ھامىلىدارلارغا ئۇيغۇن بولغاننى تەۋسىيە قىلىدۇ.

تۈركىيىدە تۈركچە تۆۋەندىكى جۈملە بىلەن دورىگەردىن سورايمىز:
-Gebeliğe hamileye uygun olan folik asit tableti almak istiyorum

ئەلۋەتتە ئاياللار دوختۇرى ياكى ئائىلە دوختۇرىڭىز بىلەن ئالدىن بىر كۆرۈشۈپ مەسلىھەت ئېلىپ ئاندىن سېتىۋېلىپ ئىستىمال قىلىشنى باشلىسىڭىز تېخىمۇ ياخشى بولىدۇ.

 

يوپۇرماق كىسلاتاسى ۋە ھامىلىدارلىققا خاتا كۆز قاراشلار ۋە سوئال جاۋابلار:

1. مەن ساغلام ئوزۇقلىنىۋاتىمەن، بەدىنىممۇ سېمىز، شۇڭا قوشۇمچە يوپۇرماق كىسلاتاسى دورىسى ئىچمىسەممۇ بولىدۇ.

جاۋاپ: بۇ خىل كۆز قاراش خاتا. مەيلى سىز كۆرۈنۈشتە ۋەيا قان تەكشۈرۈش، بەدەن تەكشۈرۈشلەردە قانچىلىك نورمال ساغلام كۆرۈنۈڭ، سىز ھامىلدار قالغاندا بەدىنىڭىز ۋە تۆرەلمە ناھايىتى كۆپ مىقداردا ۋىتامىن، ئوزۇقلۇق لازىم. يوپۇرماق كىسلاتاسى بەدەندە ناھايىتى تېز خوراپ تۈگەيدىغان بىر خىل ماددا. ھامىلدار قالغاندا تېخىمۇ تېز خوراپ تۈگەيدۇ. شۇڭا قوشۇمچە ئېلىپ تولۇقلاپ تۇرۇشىڭىز كېرەك. سىز ساغلامدەك كۆرۈنگەن بىلەن، قوسقىڭىزدىكى تۆرەلمە بوۋاق تېخى ناھايىتى نازۇك. شۇڭا ھامىلدار قېلىش پىلانى بولسا ياكى ھامىلدار بولغان بولسىڭىز چوقۇم ھازىردىن باشلاڭ.

2. ھازىر ئەمدى ھامىلدار قېلىپ 1 ئاي بولدى. تۆرەلمىنى ئۇلترائاۋازلىق تەكشۈرۈشتە كۆرۈنمەيدىكەن. 7-8 ھەپتە بولغاندا ئاندىن ئاياللار دوختۇرىغا باراي، شۇ ۋاقىتتا بىراقلا ئۇلترائاۋازلىق تەكشۈرۈش قىلسۇن دەپ ئويلىدىم.

جاۋاپ: بۇ خىل كۆز قاراش خاتا. ئەگەر سىز ھامىلدار بولغانلىقىڭىزنى بىلسىڭىز، ئەڭ قىسقا ۋاقىت ئىچىدە دوختۇرغا كۆرۈنۈڭ. ئاياللار دوختۇرى سىزدىن تارىخىڭىزنى سوراش، يېقىنقى ئەھۋالىڭىزنى سوراش، بەدەن تەكشۈرۈش ئارقىلىق، بۇ ھامىلىدارلىققا ۋە بۇ تۆرەلمە بوۋاققا نىمىلەر لازىملىقىنى، قايسى قوشۇمچە ساغلاملىق مەھسۇلاتلارنى ئىشلىتىشىڭىزنى كېرەك بولغاندا قان تەكشۈرۈش قىلىشنى سىزگە تاپىلايدۇ. ھامىلىدارلىقنىڭ ھەربىر ھەپتىسى، ھەربىر كۈنىمۇ ناھايىتى مۇھىم. بولۇپمۇ دەسلەپكى 3 ئايدا تۆرەلمە بوۋاقنىڭ بەدىنى شەكىللىنىش دەۋرى ھېساپلىنىدۇ. بۇ ھالقىلىق پەيتتە چوقۇم ھامىلدار قالغاننى بىلگەن ھامان دوختۇر بىلەن كۆرۈشۈپ تەۋسىيە ئېلىش لازىم.

3. مەن تاسادىپىيلىق ئەھۋال ئاستىدا ھامىلدار قېلىپتىمەن. ھازىر 1 ئايلىق بولۇپ قالغاندەك قىلىدۇ. ئەمدى يوپۇرماق كىسلاتاسىنى ئېلىشنى باشلىسام كېچىككەن بولامدىم؟

جاۋاپ: ياق، بىلمىگەندىن بىلگەن ياخشى. قىلمىغاندىن قىلغان ياخشى. قاچان بىلگەن بولسىڭىز شۇ كۈنى ياكى ئەتىسىلا يوپۇرماق كىسلاتاسىنى ئېلىشنى باشلىسىڭىز بولىدۇ.

4. يوپۇرماق كىسلاتاسى ئىستىمال قىلمىسا چوقۇم بۇ كېسەل كۆرۈلەمدۇ؟ سىلەر دورا ئېلانى قىلىۋاتامسىلەر يا؟

جاۋاپ: يوپۇرماق كىسلاتاسىنى قوللانمىسا چوقۇم بۇ كېسەل كۆرۈلىدۇ دېگەنلىك ئەمەس. ئەمما ھازىر تۇرمۇش تەرەققىياتىغا ئەگىشىپ، ئەخلەت يېمەكلىكلەرنىڭ كۆپىيىشى، ھاۋا بۇلغىنىشى، يېشىللىق بىلەن ئۇچرىشىمىزنىڭ ئازىيىشى، تاماق ئۈستىلىمىزدىكى تەبىئىي، ساغلام، ئورگانىك يېشىل يېمەكلىكلەرنىڭ ئازىيىشىغا ئەگىشىپ، يوپۇرماق كىسلاتاسىنى بەدەنگە يېتەرلىك دەرىجىدە قوبۇل قىلىش تەسكە توختىماقتا ۋە نېرۋا نەيچىسى كەمتۈكلۈك كېسىلى كۆرۈلۈش نىسبىتى يۇقىرىلىماقتا. مۇشۇ ئەھۋالغا ئاساسەن، چەتئەلدىكى كۆپلىگەن دوختۇر تەتقىقاتچىلار ھامىلدار بولماقچى ۋە بولغانلارنى ئىز قوغلاپ تەكشۈرگەن. يېقىنقى 40 يىل جەريانىدىكى تەتقىقات، كۈزىتىش، سىتاتىسكىغا ئاساسلانغاندا، يوپۇرماق كىسلاتاسىنى ئىشلىتىش ئارقىلىق نېرۋا نەيچىسى كەمتۈكلۈك كېسىلى كۆرۈلۈش نىسبىتى كۆرۈنەرلىك ئازايغان. قانچىلىك مىقتاردا ياكى قايسى ماركىدىكى يوپۇرماق كىسلاتاسىنى ئېلىش توغرىسىدا ئائىلە دوختۇرىڭىز، ئاياللار دوختۇرى بىلەن كۆرۈشۈپ، ئەمىلىي ئەھۋالىڭىزغا ئاساسەن مەسلىھەت ئالسىڭىز بولىدۇ.

5. مەن يوپۇرماق كىسلاتاسى ئىشلەتتىم، ھازىر 4 ھەپتىلىك ھامىلىداركەنمەن. ئەمما ھېلىھەم بالامنىڭ ئومۇرتقىسىنى تەرەققىياتىنى تەكشۈرتۈپ باققۇم بار ، قانداق قىلىشىم كېرەك؟

جاۋاپ: تۆرەلمىنىڭ نېرۋا نەيچىسى نورمالدا 3-ھەپتىدىن باشلاپ شەكىللىنىدۇ ۋە 2، 3-ئايلارغىچە ئاستا ئاستا تەرەققىي قىلىپ مېڭە ۋە ئومۇرتقىنى شەكىللەندۈرىدۇ. مۇشۇ ھەپتىدە ۋەيا 5-ھەپتىلىك بولغاندا ئاياللار دوختۇرى بۆلۈمىگە بارسىڭىز، مەسئۇل دوختۇرىڭىز ئۇلترائاۋازلىق تەكشۈرۈش ۋە قان تەكشۈرۈشلەر ئارقىلىق سىزگە تۆرەلمىنىڭ ئەھۋالىدىن ئۇچۇر بېرەلەيدۇ. ئەڭ مۇھىمى سىز جىددىيلەشمەڭ، كەيپىياتنى ياخشى تۇتۇڭ.

 

تەييارلىغۇچى: نۇرمەمەت دوختۇر

مەنبە: دوختۇرلار تورى

يۇقارىدىكى مەزمونغا قانداق قارايسىز؟
+1
0
+1
4
+1
0
+1
0
+1
0
+1
0
+1
0
مەزمون قوشۇلغان ۋاقىت: 2023-07-26

يېقىندا تەھرىرلەنگەن ۋاقىت: 2023-08-28 / 01:10:15

ساقلىۋالايچۇ؟
ساقلىۋالدىم!
سەمىمىي ئەسكەرتىش
مەزكۇر بەتتىكى مەزمۇندا، ئىملادا خاتالىق بولسا، ۋەيا تولۇقلىما مەزمۇن تەمىنلەپ بېرىشنى خالىسىڭىز، ئاستىدىكى سۆز قالدۇرۇش قىسمىغا سۆز قالدۇرسىڭىز بولىدۇ. تاما تاما كۆل بولۇر. سىزنىڭ نامىڭىزنى قوشۇپ ئېلان قىلىمىز.

بىكەتتىكى مەزمۇنلار تورداشلارنىڭ پايدىلىنىشى، ساغلاملىققا بولغان تونۇشىنى ئاشۇرۇش ئۈچۈن تەمىنلەنگەن ئۇچۇرلاردۇر. ئەمما دىئاگنوز ئاساسى بولالمايدۇ. ئوخشىمىغان بىماردا ئوخشىمىغان ئالامەتلەر كۆرۈلىدۇ ۋە دىئاگنوزى ئوخشىمايدۇ. شۇڭا بەدەندە كېسەللىك ئالامەتلىرى كۆرۈلگەندە چوقۇم مۇنتىزىم دوختۇر بىلەن يۈز تۇرانە مەسىلىھەت ئېلىشىڭىزنى، دوختۇرخانىدا تەكشۈرتۈشىڭىزنى تەۋسىيە قىلىمىز.

باشقا يەرلەردىن ئېلىنغان بەزى مەزمۇنلار، رەسىملەرنىڭ ئەسلى مەنبەسىنى ئەسكەرتىشكە تىرىشتۇق. باشقا يەردىن ئېلىنغان مەزمۇنلار پەقەت شۇ ئاپتور يازارنىڭ ئۆز كۆز قارىشىنى ئىپادىلەيدۇ، بېكىتىمىزنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلالمايدۇ. بۇنىڭدىن سىرت، ئەگەر ئەسەرنىڭ ئەسلى ئاپتورى ماقالىنىڭ تور بېكىتىمىزدە ئېلان قىلىنغانلىقى ئۆزىنىڭ شەخسىي مەنپەئىتىگە دەخلى قىلىندى دەپ ئويلىسا، بىز بىلەن ئالاقىلاشسىڭىز، ئەڭ قىسقا ۋاقىت ئىچىدە بىكەتتىن ئۆچۈرۋەتسەك بولىدۇ.

تور بېكىتىمىزدىكى مەزمونلارنى شەخسىي بېتىڭىزدە ئىشلەتمەكچى بولسىڭىز، دوختۇرلار تور بېكىتى ياكى dohturlar.com دىن ئېلىنغانلىقىنى ۋەيا بىز ئەسكەرتكەن مەزمۇننىڭ ئەسلى مەنبەسىنى ئەسكەرتىپ قويۇشىڭىزنى چىن دىلىمىزدىن ئۈمىد قىلىمىز. ئەمگەك مېۋىسىگە ھۆرمەت قىلىڭ.

سۆز قالدۇراي

Please enter your comment!
Please enter your name here

قىززىق نۇقتىلار

يېڭى مەزمونلار

مەخسۇس سەھىپىلەر

تېخىمۇ كۆپ