سوخۇ تورى خەۋىرى، نۇر تورى تەرجىمىسى:
ئاياللار ئائىلە تۇرمۇشىدا ناھايىتى مۇھىم ئورۇندا تۇرىدۇ، لېكىن كۈندىلىك تۇرمۇشتا ھەممە ئاياللارنىڭ تۇغۇت ئىقتىدارى كۈچلۈك بولمايدۇ، ھەممە ئادەمنىڭ بەدەن ساپاسى ئوخشاش بولمىغاچقا، بەزىلەرنىڭ ھامىلىدار بولمىقى ناھايىتى ئاسان، بەزىلەرنىڭ بولسا ناھايىتى تەس، ھەتتا بەزى ئاياللار بىر ئۆمۈر ھامىلىدار بولالمايدۇ.
ئەمەلىيەتتە ئاياللارنىڭ تۇغۇت ئىقتىدارىنى ئۇلارنىڭ بەدىنىگە قاراپ بىلگىلى بولىدۇ.
1. بالىياتقۇ
بالىياتقۇ ھامىلە يېتىلىدىغان ئورۇن بولۇش سۈپىتى بىلەن، بالىلىق بولۇشتا ناھايىتى مۇھىم رول ئوينايدۇ، ھەيز مەزگىلى قائىدىلىك ئاياللارنىڭ ھامىلىدار بولۇشى ھەيز مەزگىلى قالايمىقان ئاياللارغا قارىغاندا تېخىمۇ ئاسان ۋە تېز بولىدۇ. ئەگەر ئاياللارنىڭ ھەيز مەزگىلى ئىزچىل قالايمىقان بولسا، ئۇنداقتا ئۇلارنىڭ تۇخۇم چىقىرىشىمۇ ناھايىتى قالايمىقان بولىدۇ، نەتىجىدە ھامىلىدار بولمىقىمۇ ناھايىتى تەس بولىدۇ.
ئاياللار سالامەتلىكىگە ئەھمىيەت بېرىپ، بالىياتقۇنى پەرۋىش قىلىپ تۇرغاندا ئاندىن بالىلىق بولۇش شەرتىنى ھازىرلىيالايدۇ.
2. ساغرىسى
كونىلاردا ساغرىسى چوڭ ئاياللار ئاسان تۇغىدۇ دەيدىغان گەپ بار، ساغرىسى چوڭ ئاياللارنىڭ داس سۆڭىكى كەڭ بولغاچقا، تۇغۇشى ئاسانغا توختايدۇ، داس سۆڭىكى تار ئاياللارنىڭ تۇغۇشى ئەكسىچە تەس بولۇپ قالىدۇ.
3. كالپۇكى
كالپۇكمۇ ئاياللارنىڭ تۇغۇت ئىقتىدارىغا ھۆكۈم قىلىشتىكى مۇھىم ئەزا، نورمال ئەھۋالدا كالپۇكى نۇرلۇق ئاياللارنىڭ تۇغۇت ئىقتىدارى تېخىمۇ ياخشى بولىدۇ، كالپۇك نۇرسىز، دائىم ئېتىلىپ كېتىدىغان ئاياللارنىڭ بەدەن سۈپىتى ناچار كېلىدۇ.
ئاياللار تۇغۇت ئىقتىدارىنى ياخشىلىماقچى بولسا تۆۋەندىكى بىر نەچچە نۇقتىدىن تەييارلىق كۆرسە بولىدۇ.
1. ياخشى بولغان بەدەن شەكلىنى ساقلاش
زىيادە سېمىز ياكى ئورۇق بولۇش ھەيز مەزگىلىگە تەسىر كۆرسىتىدۇ، بۇنداق ھالەت ھامىلىدار بولۇشقا پايدىسىز. كۈندىلىك تۇرمۇشتا بەدەن چېنىقتۇرۇش، يېمەكلىكنى كونترول قىلىش ئارقىلىق ياخشى بەدەن ھالىتىنى ساقلاشقا بولىدۇ، بۇنداق بولغاندا تېخىمۇ ئاسان ھامىلىدار بولغىلى بولىدۇ.
2. يېمەك ئىچمەككە دىققەت قىلىش
ھامىلىدار بولۇشقا تەييارلىق قىلىۋاتقان ئاياللار يېمەك-ئىچمەككە دىققەت قىلىش، يېڭى سەي-كۆكتات، مېۋە-چېۋىلەرنى يېيىش، مۇۋاپىق مىقداردا قارا ئاشلىق ۋە گۆشلەرنى ئىستېمال قىلىش كېرەك، ئوزۇقلۇق يېتەرلىك بولغاندا تېز ھامىلىدار بولغىلى بولىدۇ.
3. تاماكا چەكمەسلىك، ھاراق ئىچمەسلىك
ھامىلىدار بولۇشقا تەييارلىق قىلىۋاتقان ئاياللار تاماكا، ھاراققا يېقىن كەلمەسلىك، تاماكا ئىسى بار مۇھىتتا تۇرماسلىق لازىم. تاماكا، ھاراق ئاياللارنىڭ كۆپىيىش سىستېمىسىنىڭ ئىقتىدارىغا تەسىر كۆرسىتىدۇ.
4. بېسىمىنى يېنىكلىتىشنى ئۆگىنىۋېلىش
ئاياللار تۇرمۇشتا، خىزمەتتە نۇرغۇنلىغان بېسىملارغا ئۇچرايدۇ، ئۇزۇن مەزگىلى يۇقىرى بېسىم مۇھىتىدا تۇرغاندا ھەيز دەۋرىيلىكىمۇ تەسىرگە ئۇچراپ، تۇخۇمنىڭ نورمال ئاجرىتىلىپ چىقىشىغا تەسىر كۆرسىتىدۇ، شۇڭلاشقا ئاياللار بېسىمىنى يېنىكلىتىشنى ئۆگىنىۋېلىشى، ئامال بار ئۆزىنى خۇشال، ئەركىن تۇتۇشى لازىم.
مەنبە:
https://m.nur.cn/news/2023/12/17831142.shtml