تېڭشۈن تورى خەۋىرى، نۇر تورى تەرجىمىسى:
نۇرغۇنلىغان ئاياللار تەن ساغلاملىقىغا ئەھمىيەت بەرمەيدۇ، ئاياللار كېسەللىكلىرىگە گىرىپتار بولۇپ قالسىمۇ داۋالىنىشقا ئەھمىيەت بەرمەيدۇ، ھەتتا ھامىلىدارلىقنىڭ ئالدىدىكى تەكشۈرۈشنىمۇ قىلدۇرمايدۇ، ئاقىۋەتتە نۇرغۇنلىغان ئويلاپمۇ باقمىغان ئىشلار يۈز بېرىدۇ، ئاياللار ھامىلىدار بولۇشتىن بۇرۇن تەكشۈرتۈپ بېقىشى، تۆۋەندىكىدەك ھامىلىدار بولۇشقا تەسىر كۆرسىتىدىغان بەش خىل كېسەلگە گىرىپتار بولغان بولسا ئالدى بىلەن داۋالىنىپ ئاندىن ھامىلىدارلىققا تەييارلىق قىلىش كېرەك.
1. جىنسىي يولى ياللۇغى
بارلىق خىلدىكى جىنسىي يولى ياللۇغى تۇغماسلىقنى كەلتۈرۈپ چىقىرىشى مۇمكىن، جىنسىي يولى ياللۇغىغا گىرىپتار بولغاندا ئاجرالمىلار كۆپىيىپ ئۇرۇقنىڭ كۈچىنى ئاجىزلاشتۇرۇپ ھامىلىدار بولۇشقا تەسىر كۆرسىتىدۇ، ئېغىر بولغاندا جىنسىي يولى ياللۇغى بالىياتقۇ ۋە تۇخۇم توشۇش نەيچىسىگە يامراپ باشقا ياللۇغلارنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ.
2. بالىياتقۇ ئىچكى پەردە ياللۇغى
بالىياتقۇ ئىچكى پەردە ياللۇغىغا گىرىپتار بولغان ئاياللاردا ئاقخۇن كۆپىيىش، بىنورمال بولۇش قاتارلىق ئالامەتلەر كۆرۈلىدۇ، بالىياتقۇ ئىچكى پەردە ياللۇغىغا گىرىپتار بولغان ئاياللار ھامىلىدار بولغاندىمۇ، ياللۇغ سەۋەبتىن بويىدىن ئاجراپ كېتىش ئەھۋالى كۆرۈلىدۇ.
3. تۇخۇمدان خالتىلىق ئىشقى
تۇخۇمدان خالتىلىق ئىششىقى ئاياللارنىڭ ئىچكى ئاجراتمىلىرىنىڭ تەڭپۇڭسىزلىقىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىپ، تۇخۇمدان ھورمۇنلىرىنىڭ نورمال ئاجرىلىپ چىقىشىغا تەسىر كۆرسىتىدۇ، ھەتتا ھەيز توختاش، بالىياتقۇ بوينى قاناش قاتارلىق ئەھۋاللارنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ.
4. بالىياتقۇ ئۆسمىسى
بالىياتقۇ ئۆسمىسىگە گىرىپتار بولغان بىمارلارنىڭ تۇغماسلىق نىسبىتى %40-%30كىچە بولىدۇ، ئەگەر ئۆسمە بالىياتقۇ ئېغىزى ياكى تۇخۇم توشۇش نەيچىسىنى توسۇۋالغان بولسا، ئۇرۇقنىڭ يۈرۈشىگە توسقۇنلۇق قىلىپ، تۇغماسلىقنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ.
5. بالىياتقۇ ئىچكى پەردىسىنىڭ ئورنى بىنورمال بولۇش
بالىياتقۇ ئىچكى پەردىسىنىڭ ئورنى بىنورمال بولۇش داس بوشلۇقى مۇھىتىنى ئۆزگەرتىپ، ئۇرۇق بىلەن تۇخۇمنىڭ بىرىكىشىگە تەسىر كۆرسىتىدۇ، بۇنداق بولغاندا ھامىلىدار بولۇش تەسكە توختايدۇ، ئۇنىڭدىن باشقا بالىياتقۇ ئىچكى پەردىسىنىڭ ئورنى بىنورمال بولۇش تۇخۇم توشۇش نەيچىسى، بالىياتقۇ بوينى چاپلىشىپ قېلىشنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدىغان بولۇپ، بۇنداق ئەھۋالمۇ ھامىلىدار بولۇشقا تەسىر كۆرسىتىدۇ.
مەنبە:
https://m.nur.cn/news/2023/12/17831282.shtml