ئانا سەھىپەجىنسىيەتجىنسىي ساغلاملىقجىنسى تۇرمۇش كۆپ بولۇپ كەتكەندە بەدەنگە بولغان 5 چوڭ زىيىنى

جىنسى تۇرمۇش كۆپ بولۇپ كەتكەندە بەدەنگە بولغان 5 چوڭ زىيىنى

     + چوڭ خەت | - كىچىك خەت

نورمال بولغان جىنسىي تۇرمۇش بەدەن ساغلاملىقىغا پايدىلىق بولۇپلا قالماي، يەنە نىكاھنىڭ مۇستەھكەم پۇت تىرەپ تۇرۇشىغا پايدىلىق، ئەمما جىنسىي تۇرمۇش كۆپ بولۇپ كەتكەندە بەدەنگە زىيان ئېلىپ كېلىپ سالامەتلىككە تەسىر يەتكۈزىدۇ.

جىنسىي تۇرمۇش ھەربىر ئادەمنىڭ بەدەن ساپاسى، يىشى، خىزمىتى، ئەر-ئاياللىق مۇناسىۋىتى قاتارلىق نۇرغۇن ئامىللار بىلەن مۇناسىۋەتلىك بولۇپ، ئادەتتە يىشىنىڭ يۇقىرىلىشىغا ئەگىشىپ جىنسىي تۇرمۇش قېتىم سانىمۇ تۆۋەنلەشكە باشلايدۇ، ئەگەر جىنسىي تۇرمۇش كۆپ بولغاندا تۆۋەندىكىدەك ئەھۋاللار كېلىپ چىقىدۇ.

بەدەن ساپاسى تۆۋەنلەش، كەيپىياتى تۇراقسىز، چىرايى سۇلغۇن بولۇپ قىلىش، بەدەننىڭ ئىمۇنت كۈچى ئاجىزلاپ ھەرخىل كىسەللىكلەرنىڭ يۈز بىرىشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىش، مەسىلە ئېغىرلاردا بەل-پۇت سىرقىراپ ئاغرىش، قۇلاق ئىتىلىپ قىلىش، پۈتۈن بەدەندە نورمالسىزلىق كۆرۈلۈش كىلىپ چىقىدۇ.

بۇنىڭدىن باشقا يەنە بىر نەرسىلەرنى تەپەككۇر قىلىش ئىقتىدارى، ئەستە تۇتۇش ئىقتىدارى تۆۋەنلەيدۇ.

جىنسىي ئەزاسىدە «بالدۇر قىرىش» ئالامىتى كىلىپ چىقىدۇ، كۆپ بولغان جىنسىي تۇرمۇش، جىنسىي ئەزانىڭ يۈكىنى ئېغىرلاشتۇرۇۋېتىپ، جىنسىي ئەزانىڭ «بالدۇر قىرىشى» نى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ، سىزىمچانلىقى تۆۋەنلەپ، جىنسىي ئىقتىدارنىڭ ئاجىزلىشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ.

جىنسىي مۇناسىۋەتكە بولغان مەمنۇنلۇق دەرىجىسىنى تۆۋەنلىتىۋىتىدۇ. تەتقىقاتتا بايقىلىشىچە، ئوخشاش بىر كۈندىكى ئوخشاش بولمىغان جىنسىي مۇناسىۋەتلەردە بىرىنچى جىنسىي تۇرمۇشنىڭ مەمنۇنلۇق دەرىجىسى ئەڭ كۈچلۈك بولىدىكەن، ئۇنىڭدىن كىيىنكىلىرى بارا-بارا تۆۋەنلەيدىكەن، ھەتتا ئاخىرىدا بىر تەرەپنىڭ زىرىكىش ھېسياتىنى قوزغاپ قويىدىكەن.

جىنسىي ئىقتىدارى توسالغۇغا ئۇچراش ئەھۋالى كىلىپ چىقىدۇ. ئەرلەرنىڭ جىنسىي تۇرمۇشى كۆپ بولۇپ كەتكەندە، ئىسپىرما چىقىش ۋاقتىنىڭ ئۇزىراپ كېتىشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ، بۇ ئەھۋال ئۇزۇن داۋاملاشقاندا ھەتتا ئىسپىرما چىقماسلىق، ئىسپىرما چىقىش ۋاقتى ئۇزىراش، جىنسىي ئەزاسى قايىم بولۇش توسالغۇغا ئۇچراش ئەھۋاللىرى كىلىپ چىقىدۇ.

ھامىلدار بولۇش نىسبىتىنى تۆۋەنلىتىۋېتىدۇ. جىنسىي تۇرمۇش كۆپ بولۇپ كەتكەندە، پەرزەنت كۆرەلمەسلىك نىسبىتىنى ئاشۇرىۋېتىدۇ، چۈنكى مەنى سۇيۇقلۇقى سۇيۇلۇپ ئىسپىرمىنىڭ سۈپىتى تۆۋەنلەيدۇ.

مەنبە: ئۇيغۇر ساغلاملىق تورى

يۇقارىدىكى مەزمونغا قانداق قارايسىز؟
+1
0
+1
0
+1
0
+1
0
+1
0
+1
0
+1
0
مەزمون قوشۇلغان ۋاقىت: 2024-05-09

يېقىندا تەھرىرلەنگەن ۋاقىت: 2024-05-09 / 09:04:31

ساقلىۋالايچۇ؟
ساقلىۋالدىم!
سەمىمىي ئەسكەرتىش
مەزكۇر بەتتىكى مەزمۇندا، ئىملادا خاتالىق بولسا، ۋەيا تولۇقلىما مەزمۇن تەمىنلەپ بېرىشنى خالىسىڭىز، ئاستىدىكى سۆز قالدۇرۇش قىسمىغا سۆز قالدۇرسىڭىز بولىدۇ. تاما تاما كۆل بولۇر. سىزنىڭ نامىڭىزنى قوشۇپ ئېلان قىلىمىز.

بىكەتتىكى مەزمۇنلار تورداشلارنىڭ پايدىلىنىشى، ساغلاملىققا بولغان تونۇشىنى ئاشۇرۇش ئۈچۈن تەمىنلەنگەن ئۇچۇرلاردۇر. ئەمما دىئاگنوز ئاساسى بولالمايدۇ. ئوخشىمىغان بىماردا ئوخشىمىغان ئالامەتلەر كۆرۈلىدۇ ۋە دىئاگنوزى ئوخشىمايدۇ. شۇڭا بەدەندە كېسەللىك ئالامەتلىرى كۆرۈلگەندە چوقۇم مۇنتىزىم دوختۇر بىلەن يۈز تۇرانە مەسىلىھەت ئېلىشىڭىزنى، دوختۇرخانىدا تەكشۈرتۈشىڭىزنى تەۋسىيە قىلىمىز.

باشقا يەرلەردىن ئېلىنغان بەزى مەزمۇنلار، رەسىملەرنىڭ ئەسلى مەنبەسىنى ئەسكەرتىشكە تىرىشتۇق. باشقا يەردىن ئېلىنغان مەزمۇنلار پەقەت شۇ ئاپتور يازارنىڭ ئۆز كۆز قارىشىنى ئىپادىلەيدۇ، بېكىتىمىزنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلالمايدۇ. بۇنىڭدىن سىرت، ئەگەر ئەسەرنىڭ ئەسلى ئاپتورى ماقالىنىڭ تور بېكىتىمىزدە ئېلان قىلىنغانلىقى ئۆزىنىڭ شەخسىي مەنپەئىتىگە دەخلى قىلىندى دەپ ئويلىسا، بىز بىلەن ئالاقىلاشسىڭىز، ئەڭ قىسقا ۋاقىت ئىچىدە بىكەتتىن ئۆچۈرۋەتسەك بولىدۇ.

تور بېكىتىمىزدىكى مەزمونلارنى شەخسىي بېتىڭىزدە ئىشلەتمەكچى بولسىڭىز، دوختۇرلار تور بېكىتى ياكى dohturlar.com دىن ئېلىنغانلىقىنى ۋەيا بىز ئەسكەرتكەن مەزمۇننىڭ ئەسلى مەنبەسىنى ئەسكەرتىپ قويۇشىڭىزنى چىن دىلىمىزدىن ئۈمىد قىلىمىز. ئەمگەك مېۋىسىگە ھۆرمەت قىلىڭ.

سۆز قالدۇراي

Please enter your comment!
Please enter your name here

قىززىق نۇقتىلار

يېڭى مەزمونلار

مەخسۇس سەھىپىلەر

تېخىمۇ كۆپ