تۈركىيە جۇمھۇرىيىتى سەھىيە مىنىستىرلىقى سەھىيە مۇلازىمىتىنىڭ سۈپىتىنى ئاشۇرۇش ۋە ئورگان كىملىكىنى تېخىمۇ كەسپىي سەۋىيىگە يەتكۈزۈش ئۈچۈن چوڭ بىر قەدەمنى تاشلىدى. مىنىستىرلىق قارمىقىدىكى بارلىق دوختۇرخانا ۋە ساغلاملىق ئاپپاراتلىرىدا خىزمەت قىلىۋاتقان پۈتۈن خادىملارغا قارىتا «ئۆلچەملىك فورما كىيىش» تۈزۈمى رەسمىي ئېلان قىلىندى. بۇ يېڭى بەلگىلىمە دوختۇرخانا مۇھىتىدىكى قالايمىقانچىلىقنى تۈگىتىپ، بىمارلارنىڭ خادىملارنى ئاسان تونۇشىغا شارائىت يارىتىپ بېرىدۇ.
ئېلان قىلىنغان يېڭى بەلگىلىمىنىڭ تەپسىلاتلىرى تۆۋەندىكىچە:
ئەنقەرە – تۈركىيە جۇمھۇرىيىتى سەھىيە مىنىستىرلىقى ئۆز قارمىقىدا ۋەزىپە ئۆتەۋاتقان بارلىق سەھىيە خادىملىرى ئۈچۈن «ئۆلچەملىك كىيىم-كېچەك» تۈزۈمىنى باشلىماقچى. 2026-يىلى 1-ئىيۇندىن باشلاپ، سەھىيە ساھەسىدە خىزمەت قىلىۋاتقان ھەر بىر كەسىپ گۇرۇپپىسى ئۈچۈن بېكىتىلگەن مەخسۇس رەڭلەردىكى فورما كىيىش مەجبۇرىي بولىدۇ.
مىنىستىرلىق تەرىپىدىن خادىملارغا يىلىغا ئىككى قېتىم ھەقسىز فورما تەمىنلىنىدۇ. بۇ فورمىلار سەھىيە مىنىستىرلىقىنىڭ بەلگىسى (لوگو) چۈشۈرۈلگەن، باكتېرىيەگە قارشى، ھاۋا ئۆتۈشۈشچانلىقى يۇقىرى ۋە داغ تۇتمايدىغان سۈپەتلىك رەختلەردىن تىكىلىدۇ. بۇ بەلگىلىمە دۆلەت دوختۇرخانىلىرى، ئائىلە ساغلاملىق مەركەزلىرى ۋە سەھىيە مىنىستىرلىقىغا قاراشلىق بارلىق ئورگانلاردا كۈچكە ئىگە بولىدۇ. 2026-يىلى 1-يانۋاردىن باشلاپ فورمىلار ھەقسىز تارقىتىلىشقا باشلايدۇ، 1-ئىيۇندىن باشلاپ ئىشلىتىش مەجبۇرىي بولىدۇ.
مەزكۇر بەلگىلىمە ئارقىلىق دوختۇرخانىلاردا تېخىمۇ تەرتىپلىك، كوپىراتىپ ۋە كەسپىي قىياپەت يارىتىش نىشانلانغان. مەسئۇللارنىڭ بىلدۈرۈشىچە، پۇقرالار سەھىيە خادىملىرىنى رەڭلەرگە قاراپ ئاسانلا پەرقلەندۈرەلەيدۇ ۋە بۇ ئارقىلىق مۇلازىمەت سۈپىتى تېخىمۇ ئۆسىدۇ.

كەسىپلەر بويىچە فورما رەڭلىرى:
🩵 دوختۇر: ئاسمان كۆكى ، ئالياسكا كۆكى (Alaska Mavisi)
🟦 سېستىرا: قاراكۆك ۋەيا توق كۆك (Lacivert)
🟪 تۇغۇت ئانىسى: سۆسۈن / مۈردۈم رەڭ (Mor / Mürdüm)
🤍 تىببىي كاتىپ: قايماق رەڭ (Bej) ۋە كاستيۇم-بۇرۇلكا
🟩 دورىگەرلەر: ئوتلاق يېشىل (Çimen Yeşili)
🟥 بىيولوگىيەلىك ۋە ئالىي ساغلاملىق كەسىپلىرى (كلىنىكىلىق پىسخولوگ، فىزىكىلىق داۋالاش، ئودىئولوگ، يېمەك-ئىچمەك مۇتەخەسسىسى، تىل داۋالاش يىتەكچىسى قاتارلىقلار): بېغىر رەڭ (Bordo)
🤍 سەھىيە تېخنىكلىرى ۋە تېخنىكلىرى: قايماق رەڭ (Bej)
🟫 سەھىيە مۇلازىمىتىدىكى باشقا كەسىپلەر (پىسخولوگ، بىيولوگ، بالىلار تەرەققىيات مۇتەخەسسىسى، ئىجتىمائىي خىزمەتچى، جەمئىيەتشۇناس، ساغلاملىق باشقۇرۇش قاتارلىقلار): جىگەر رەڭ (Kahverengi)
🟩 ئوپېراتسىيەخانا مۇلازىمەت خادىملىرى: يېشىل (Yeşil)
🩶 تېخنىكا مۇلازىمەت خادىملىرى: تەبىئىي كۈل رەڭ (Naturel Gri)
🟩 ئائىلە ساغلاملىق خادىمى: سۇ يېشىلى (Su Yeşili)
🟧 كلىنىكىلىق ياردەمچى خادىملار: قىزغۇچ سېرىق (Turuncu)
🟦 تازىلىق خادىملىرى: شاھانە كۆك (Saks Mavi)
سەھىيە مىنىستىرلىقى مەسئۇللىرى بۇ پىلاننىڭ «ساغلام تۈركىيە ئەسىرى» (Sağlıklı Türkiye Yüzyılı) تەسەۋۋۇرى دائىرىسىدە ئورگان كىملىكىنى كۈچەيتىدىغانلىقىنى تەكىتلىدى. مەزكۇر تۈزۈم پەقەت بىر كىيىم ئۆزگىرىشىلا بولماستىن، بەلكى سەھىيە سىستېمىسىدىكى ئىنتىزام ۋە مۇلازىمەت ئۆلچىمىنى يۇقىرى كۆتۈرۈشتىكى مۇھىم بىر قەدەم ھېسابلىنىدۇ. 2026-يىلىنىڭ ئاخىرىغىچە پۈتۈن تۈركىيە بويىچە بۇ تۈزۈمگە تولۇق ئۆتۈش نىشانلانماقتا. بۇ ئارقىلىق تۈركىيەنىڭ سەھىيە مۇلازىمەتلىرى دۇنياۋى ئۆلچەملەرگە يەنە بىر قەدەم يېقىنلاشقان بولىدۇ.
خەۋەر مەنبەسى:
- Memurlar.net – Sağlık Çalışanlarının Kıyafetleri Standartlaşıyor
- Medimagazin – Sağlık çalışanı kıyafetlerine yeni standart
- Sağlık Personeli Haber – Yeni Kıyafet Düzeni


