ئانا سەھىپەپەسىل ۋە كۈتۈنۈشيازياز پەسلىدىمۇ سوغۇقتىن ساقلىنىش كېرەكمۇ؟

ياز پەسلىدىمۇ سوغۇقتىن ساقلىنىش كېرەكمۇ؟

     + چوڭ خەت | - كىچىك خەت

تومۇز ئىسسىق ياز پەسلى يېتىپ كەلگەندىن كېيىن، ھاۋا تېمپېراتۇرىسى ئۆرلەپ، كىشىلەر كۆپ ھاللاردا دىمىق ھېس قىلىپ بىئارام بولىدۇ، شۇ سەۋەبتىن، نۇرغۇن كىشى ئامال قىلىپ ئىسسىق ئۆتۈپ قېلىشتىن ساقلىنىدۇ. ئەمەلىيەتتە، بۇ ۋاقىت سوغۇق ئەڭ ئاسان تاجاۋۇز قىلىدىغان ۋاقىت بولۇپ،ئىسسىق ئۆتۈپ قېلىشتىن ساقلىنىش ئۈچۈنلا سوغۇقنىڭ ھۇجۇمىغا سەل قاراشقا بولمايدۇ، ياز پەسلىدە سوغۇقتىن ساقلىنىشمۇ ئوخشاشلا مۇھىم.

ياز پەسلىدىمۇ سوغۇقتىن ساقلىنىش كېرەكمۇ؟

سوغۇقتىن ساقلىنىشتىن بۇرۇن، بىز ئالدى بىلەن ياز پەسلىدىكى سوغۇق ھۆللۈكنىڭ ئاساسلىق كېلىش مەنبەسىنى چۈشىنىشىمىز كېرەك. ئادەتتە، ياز پەسلىدە ئاسان سوغۇق ئۆتۈپ قېلىشنى ئاساسلىقى تۆۋەندىكى بىر قانچە جەھەتتىكى سەۋەبلەر كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ.

بىرىنچى، خام ۋە سوغۇق يېمەكلىك ۋە ئىچىملىكلەرنى زىيادە ئىستېمال قىلىش. ئىسسىقنى قايتۇرۇش ئۈچۈن، يازدا كىشىلەرنىڭ يېمەك-ئىچمىكى كۆپىنچە سوغۇق يېمەكلىك، سوغۇق ئىچىملىك قاتارلىقلار بولىدۇ، مەسىلەن، سوغۇق سەي، مۇزلىتىلغان مېۋە-چېۋە، پىۋا، ماروژنى قاتارلىقلار، بۇ يېمەكلىكلەر كۆپ ئىستېمال قىلىنسا، ناھايىتى ئاسانلا تال ۋە ئاشقازان زەئىپلىشىشنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ، يەنە ئاشقازان ئاغرىش، ئىچى سۈرۈش قاتارلىق كېسەللىك ئالامەتلىرىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىشى مۇمكىن. ئۇنىڭ ئۈستىگە بۇ خام ۋە سوغۇق يېمەكلىكلەر پۈتۈنلەي ھەزىم بولمايدۇ، ئۇزاق مۇددەت يىغىلىپ قالسا، بەدەندىكى سوغۇق بارغانسېرى ئېشىپ، چىقىرىۋەتكىلى بولماي،ئادەم بەدىنىگە ئىنتايىن پايدىسىز بولۇشى مۇمكىن.

ئىككىنچى، ئۇزۇن ۋاقىت ھاۋا تەڭشىگۈچ ئىشلىتىش. ئىسسىق ياز پەسلىدە، ھاۋا تەڭشىگۈچ ئىشلىتىش تېمپېراتۇرىنى تۆۋەنلىتىشتىكى ئىنتايىن ئۈنۈملۈك ئۇسۇلدۇر. ئەمما، پۈتۈن بەدەن تەرگە چۆمۈلگەن ۋاقىتتا ھاۋا تەڭشىگۈچ ئىشلەتسە تەر بەزلىرىنى شۇ ھامان تارايتىپ، بەدەندىكى ئىسسىقلىقنى ۋاقتىدا چىقىرىۋەتكىلى بولماي، ئوڭايلا باش ئاغرىش، بوغۇم ئاغرىش قاتارلىق كېسەللىك ئالامەتلىرىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدىغان بولۇپ، بەدەنگە ئىنتايىن پايدىسىز. ھەتتا بەزىلەر ھاۋا تەڭشىگۈچنىڭ تېمپېراتۇرىسىنى ناھايىتى تۆۋەن ئېچىپ، ئۆي ئىچى ۋە سىرتنىڭ تېمپېراتۇرا پەرقىنى زىيادە چوڭ قىلىۋېتىدۇ، ئىسسىق-سوغۇق تەكشى بولمىسا ئاسانلا زۇكام پەيدا قىلىپ، بەدەننىڭ ھۆللۈكى ۋە سوغۇقىنى ئاشۇرۇۋېتىدۇ.

ئۈچىنچى، دائىم سوغۇق سۇدا يۇيۇنۇش. گەرچە سوغۇق سۇدا يۇيۇنۇش ئادەم بەدىنىنىڭ تېمپېراتۇرىسىنى تېز سۈرئەتتە تۆۋەنلىتىشكە ياردەم بەرسىمۇ، ئەمما بەدەن قۇرۇق ئىسسىق ھالەتتە تۇرغاندا، سوغۇق سۇنىڭ تۇيۇقسىز غىدىقلىشى تېرە قان تومۇرلىرىنى دەرھال تارايتىپ، يۈرەك-ئۆپكىنىڭ يۈكى ۋە قان ئايلىنىشنىڭ قارشىلىق كۈچىنى ئاشۇرۇۋېتىدۇ، شۇنىڭ بىلەن بىللە ئادەم بەدىنىنىڭ قارشى تۇرۇش ئىقتىدارىنى تۆۋەنلىتىۋېتىدۇ، سوغۇق پۇرسەتتىن پايدىلىنىپ بەدەنگە كىرىۋېلىپ، بوغۇم ئاغرىش، رېماتىزم، رېماتوئىد قاتارلىقلارنى پەيدا قىلىدۇ. ئۇنىڭدىن باشقا، ئۇزاق مۇددەت بىر قەدەر نەم جايدا ماكانلىشىشمۇ، ئوڭايلا ئادەم بەدىنىنىڭ ھۆللۈكى ۋە سوغۇقىنى ئاشۇرۇۋېتىدۇ.

ياز پەسلىدە، كۈندىلىك تۇرمۇشتا بىز تۆۋەندىكى بىر قانچە نۇقتىغا دىققەت قىلىشىمىز كېرەك.

ئالدى بىلەن، سالقىنلىققا بېرىلمەسلىك كېرەك. ياز پەسلىدە سوغۇق يېمەكلىك، سوغۇق ئىچىملىكلەرنى زىيادە ئىستېمال قىلماسلىق،ئوزۇقلۇقنى ماسلاشتۇرۇشقا دىققەت قىلىش، تاماق تاللىماسلىق كېرەك. ئىككىنچىدىن، سوغۇق شامالغا ئۇدۇل تۇرۇپ سالقىنداشتىن ساقلىنىش كېرەك. مەيلى ھاۋا تەڭشىگۈچ ياكى شامالدۇرغۇچ بولسۇن، ئىشلەتكەندە چەك قويۇش، تېمپېراتۇرىنى بەك تۆۋەن قىلىۋەتمەسلىك، ئەڭ ياخشىسى ℃26 ئەتراپىدا كونترول قىلىش، شامالىنىڭ باش قىسمىغا بىۋاسىتە ئۇرۇلۇشىدىن ساقلىنىش كېرەك. كەچتە ئۇخلىغاندا كىندىك، كېكىردەك ۋە دۈمبىنىڭ ئوتتۇرا قىسمى قاتارلىق ئورۇنلارنى ياخشى ئاسراش كېرەك، بۇ ئورۇنلار ئادەم بەدىنىدىكى نىسبەتەن ئاجىز جايلار بولۇپ، سوغۇقنىڭ ھۇجۇمىغا ئەڭ ئاسان ئۇچرايدۇ.

يۇقىرىقى سوغۇقتىن ساقلىنىش ئۇسۇللىرىدىن باشقا، يېمەك-ئىچمەك جەھەتتە، ئىشقارلىق يېمەكلىكلەرنى كۆپرەك ئىستېمال قىلىش كېرەك، مەسىلەن، كۆكتات، مېۋە، پۇرچاق مەھسۇلاتلىرى قاتارلىقلار، يازدا ئادەم بەدىنىنىڭ ماددا ئالمىشىشى بىر قەدەر تېز بولۇپ، بەدەندە بىر قەدەر كۆپ كىسلاتالىق كېرەكسىز ماددىلار پەيدا بولىدۇ، ئىشقارلىق يېمەكلىكلەرنى كۆپ يېگەندە بەدەننىڭ كىسلاتا-ئىشقار تەڭپۇڭلۇقىغا كاپالەتلىك قىلىپ، بەدەننىڭ قارشىلىق كۈچىنى ئاشۇرغىلى بولىدۇ. شۇنىڭ بىلەن بىللە، ئىسسىق سۇنى كۆپرەك ئىچىپ، بەدەندىكى ئېقىپ كەتكەن سۇ ۋە مىنېرال ماددىلارنى ۋاقتىدا تولۇقلاش كېرەك. لېكىن سۇ ئىچىشمۇ چەكتىن ئېشىپ كەتسە بولمايدۇ، بولمىسا بۆرەكنىڭ يۈكى ئېشىپ، سالامەتلىككە زىيان يېتىدۇ. ئۇنىڭدىن باشقا، ياز پەسلىدە ئىسسىق ئىچىملىكلەرنى كۆپ ئىچىشكە بولىدۇ. ئىسسىق ئىچىملىكلەر ئىسسىقنى ياندۇرۇپلا قالماي، قان تومۇرلارنىڭ كېڭىيىشىنى غىدىقلاپ، شۇ ئارقىلىق بەدەن تېمپېراتۇرىسىنى تۆۋەنلىتىش، ئاشقازاننى ئىللىتىپ ئۇسسۇزلۇقنى قاندۇرۇش رولىنى ئوينايدۇ.

قىسقىسى، ياز پەسلىدە سوغۇقتىن ساقلىنىش ئىنتايىن مۇھىم، بىز ئىسسىقنى تۆۋەنلىتىش بىلەن بىر ۋاقىتتا سوغۇقتىن ساقلىنىشقا دىققەت قىلىشىمىز، توغرا، ئىلمىي ئۇسۇل بىلەن بەدەندە سوغۇقنىڭ پەيدا بولۇشىنى تىزگىنلىشىمىز، بىر مەھەللىك سالقىنلىقنى دەپ سوغۇقنىڭ بەدەنگە بولغان زىيىنىغا ھەرگىز سەل قارىماسلىقىمىز كېرەك.

كوئىنلون تورىدىن ئېلىندى

يۇقارىدىكى مەزمونغا قانداق قارايسىز؟
+1
0
+1
0
+1
0
+1
0
+1
0
+1
0
+1
0
مەزمون قوشۇلغان ۋاقىت: 2023-07-17

يېقىندا تەھرىرلەنگەن ۋاقىت: 2023-07-17 / 11:19:14

ساقلىۋالايچۇ؟
ساقلىۋالدىم!
سەمىمىي ئەسكەرتىش
مەزكۇر بەتتىكى مەزمۇندا، ئىملادا خاتالىق بولسا، ۋەيا تولۇقلىما مەزمۇن تەمىنلەپ بېرىشنى خالىسىڭىز، ئاستىدىكى سۆز قالدۇرۇش قىسمىغا سۆز قالدۇرسىڭىز بولىدۇ. تاما تاما كۆل بولۇر. سىزنىڭ نامىڭىزنى قوشۇپ ئېلان قىلىمىز.

بىكەتتىكى مەزمۇنلار تورداشلارنىڭ پايدىلىنىشى، ساغلاملىققا بولغان تونۇشىنى ئاشۇرۇش ئۈچۈن تەمىنلەنگەن ئۇچۇرلاردۇر. ئەمما دىئاگنوز ئاساسى بولالمايدۇ. ئوخشىمىغان بىماردا ئوخشىمىغان ئالامەتلەر كۆرۈلىدۇ ۋە دىئاگنوزى ئوخشىمايدۇ. شۇڭا بەدەندە كېسەللىك ئالامەتلىرى كۆرۈلگەندە چوقۇم مۇنتىزىم دوختۇر بىلەن يۈز تۇرانە مەسىلىھەت ئېلىشىڭىزنى، دوختۇرخانىدا تەكشۈرتۈشىڭىزنى تەۋسىيە قىلىمىز.

باشقا يەرلەردىن ئېلىنغان بەزى مەزمۇنلار، رەسىملەرنىڭ ئەسلى مەنبەسىنى ئەسكەرتىشكە تىرىشتۇق. باشقا يەردىن ئېلىنغان مەزمۇنلار پەقەت شۇ ئاپتور يازارنىڭ ئۆز كۆز قارىشىنى ئىپادىلەيدۇ، بېكىتىمىزنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلالمايدۇ. بۇنىڭدىن سىرت، ئەگەر ئەسەرنىڭ ئەسلى ئاپتورى ماقالىنىڭ تور بېكىتىمىزدە ئېلان قىلىنغانلىقى ئۆزىنىڭ شەخسىي مەنپەئىتىگە دەخلى قىلىندى دەپ ئويلىسا، بىز بىلەن ئالاقىلاشسىڭىز، ئەڭ قىسقا ۋاقىت ئىچىدە بىكەتتىن ئۆچۈرۋەتسەك بولىدۇ.

تور بېكىتىمىزدىكى مەزمونلارنى شەخسىي بېتىڭىزدە ئىشلەتمەكچى بولسىڭىز، دوختۇرلار تور بېكىتى ياكى dohturlar.com دىن ئېلىنغانلىقىنى ۋەيا بىز ئەسكەرتكەن مەزمۇننىڭ ئەسلى مەنبەسىنى ئەسكەرتىپ قويۇشىڭىزنى چىن دىلىمىزدىن ئۈمىد قىلىمىز. ئەمگەك مېۋىسىگە ھۆرمەت قىلىڭ.

سۆز قالدۇراي

Please enter your comment!
Please enter your name here

قىززىق نۇقتىلار

يېڭى مەزمونلار

مەخسۇس سەھىپىلەر

تېخىمۇ كۆپ