سۇ چېچىكى ھەققىدە

+ چوڭ خەت | - كىچىك خەت | ئۇيغۇرچە | кирил

سۇ چېچىكىنىڭ غەرىپ مېدىتسىناسدىكى ئىسمى varicella. ئۇيغۇرچە بەزى رايونلاردا ئاقئانام، ئاقىنام دەپمۇ ئاتايدۇ. بالاغەتكە يېتىشتىن ئىلگىرى بالىلاردا، بولۇپمۇ 5-10 ياشلىق بالىلاردا كۆپ ئۇچرايدۇ. بۇ كېسللىكنى ۋارىسېللا زوستېر ( varicella zoster ) ئىسىملىق بىر ۋىرۇس كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ. سۇ چېچەك كېسىلىنىڭ ئەگەشمە كېسەللىكلىرىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىش ئىھتىماللىقى ناھايىتى تۆۋەن بولىدۇ. كۆپىنچە ۋاقىتلاردا بۇ كېسەللىك ئۆزلۈكىدىن ساقىيىدۇ. ئالاھىدە بىرەر داۋالاش ئېلىپ بارمىسىمۇ بولىدۇ. بىر بالا ئەگەر سۇ چېچىكىگە بىر قېتىم يۇقۇملانسا، ئۆمۈر بويى بەدەندە بۇ كېسەللىككە قارشى قارشىلىق كۈچى پەيدا بولىدۇ. بۇ دىگەنلىك، ئاسانلىقچە بۇ كېسەللىككە قايتا يۇقۇملانمايدۇ. پەقەت ناھايىتى ئاز ئەھۋاللاردا قايتا يۇقۇملىنىش ئەھۋالى كۆرۈلىدۇ. بۇ كېسەللىكنى ۋاكسىنا ئەملەش ئارقىلىقمۇ بەدەندە سۇ چېچىكىگە قارشى ئىممۇنىتېت كۈچى ھاسىل قىلدۇرۇپ، كېسەللىكنىڭ ئالدىنى ئالغىلى بولىدۇ. ۋاكسىنا ئەملىگەن بىر بالا سۇ چېچىكىگە يۇقۇملانغان تەغدىردىمۇ بەدەندە ئېغىر ئالامەت بولمايلا ساقىيىپ كېتىدۇ.

سۇ چېچەك باشقا تىللاردا ئاتىلىشلىرى

ئۇيغۇرچە: سۇ چېچىكى

ئۇيغۇرچە باشقا ئاتىلىشلىرى:
سۇچىچەك, سۇچېچەك, سۇ چېچىكى, سۇچىچىكى, سۇ چېچەك, سۇ چىچەك, ئاق ئانام, ئاقئانام, ئاقىنام, سۇ چىچىكى

ئىنگىلىزچە: chicken pox, varicella

خەنزۇچە: 水痘

تۈركچە: su çiçeği

تۈركچە باشقا ئاتىلىشلىرى:
su çiçek

سۇ چېچىكى قانداق يۇقىدۇ؟

سۇ چېچىكى كېسىلى كۆپىنچە قىش ۋە ئەتىياز ۋاقىتلاردا كۆپرەك كۆرۈلىدۇ. بۇ كېسەللىك يۇقۇملىنىشچانلىقى يۇقىرى. ئادەمدىن ئادەمگە ھاۋا يولى يەنى نەپەسلىنىش يولى ئارقىلىق ۋەيا تامچە ئارقىلىق يۇقىدۇ. بۇ ۋىرۇس بىر بالىغا يۇقۇملانغاندىن كېيىن شۇ بالىنىڭ بەدىنىدە 13-22 كۈنگىچە يوشۇرۇن دەۋىردە قالىدۇ يەنى بەدەندە كېسەللىك ئالامەتلىرى كۆرۈلمەيدۇ. بەدەندىكى ۋىرۇس مىقتارى بۇ يوشۇرۇن دەۋىردە كۆپىيىپ كېسەللىك ئالامەتلىرى كۆرسىتىشتىن 2 كۈن بۇرۇن (يەنى 11-20 كۈندىن كېيىن) ئەتراپقا يۇقۇملاندۇرۇش كۈچىگە ئېگە بولىدۇ. بۇ يۇقۇملاندۇرۇش كۈچى تاكى بىمارنىڭ بەدىنىدىكى سۇلۇق قاپارتمىلار قەقەش بولغۇچە داۋام قىلىدۇ.

 

سۇ چېچىكى كېسىلىنىڭ ئالامەتلىرى

تېرىدىكى ئالامەتلىرى

ئەڭ ئاۋۋال كۆكرەك، قورساق، دۈمبە قىسىملاردا قىزىل ئىچىگە سۇ تولغان قاپارتمىلار چىقىدۇ. ئاندىن بەدەننىڭ باشقا قىسىملىرىغا مەسىلەن بويۇن، باش، يۈز، چاچنىڭ قېتى تەرەپلەرگە تارقىلىدۇ. بۇ قاپارتمىلار قىچىشىدۇ. 3-5 كۈندىن كېيىن بۇ سۇلۇق قاپارتمىلاردا قەقەش شەكىللىنىدۇ.

باشقا ئالامەتلەر:

  1. قىززىش
  2. ئىشتىھاسىزلىنىش
  3. ماغدۇرسىزلىنىش
  4. ھارغىنلىق

ئېغىر ئەھۋاللار:

ئېغىر يۆتەل، بەلغەم
ئىچى ئېغىر دەرىجىدە سۈرۈش
بەدەنگە چىققان قاپارتمىلار قەقىشى ئېچىلىپ كېتىپ تېرە ياللۇغلىنىش

 

سۇ چېچىكى كېسىلى قانچە كۈن داۋام قىلىدۇ؟

سۇ چېچىكى ۋىرۇسىغا يۇقۇملانغاندىن كېيىن 13-22 كۈن يوشۇرۇن دەۋرىدە بولىدۇ. بۇ دەۋىردە بەدەندە ئالامەتلەر بولمايدۇ.
بەدەندە ئالامەتلەر كۆرۈلۈشكە باشلانغاندىن كېيىن، نورمال ئەھۋاللاردا 5-10 كۈن داۋام قىلىدۇ ئاندىن ئاستا ئاستا ساقىيىشقا قاراپ ماڭىدۇ.

 

سۇ چېچىكى تېرىدىكى ئالامەتلىرى رەسىملىك كۆرۈنۈشلىرى

سۇ چىچىكى

image source:
https://www.researchgate.net/figure/Structure-of-varicella-zoster-virus-VZV-particles-and-genome-A-Electron-microscopy_fig1_326052373

 

سۇ چېچىكى كىملەرگە ئاسان يۇقىدۇ؟

ھەرقايسى ياش دەۋرىدىكى كىشىلەرگە يۇقۇش ئىھتىماللىقى بولىدۇ. ئەمما ئەڭ كۆپ 5-10 ياش ئارىسىدىكى يەسلى ۋە باشلانغۇچتا ئوقۇۋاتقان بالىلاردا يۇقۇملىنىش ئەھۋالى كۆرۈلىدۇ. ئەگەر بىر مۇھىتتا بىللە ياشاۋاتقان ۋاكسىنا ئەملىمىگەن بالىلار، بوۋاقلار، ياكى چوڭلار بولسا ، بۇلارغىمۇ يۇقۇملىنىش ئىھتىماللىقى بولىدۇ. يەنى بىر سىنىپتا ياكى يەسلىدە بىللە ئوقۇۋاتقان بالىلار ئارىسىدا بىرسىدە كۆرۈلسە باشقىلارغىمۇ يۇقۇملىنىش ئىھتىماللىقى بولىدۇ. بەدەن ئىممۇنىتېت كۈچى تۆۋەن كىشىلەرگە (يەنى بۆرەك زەئىپلىشىش، ئەيدىز، جىگەر زەئىپلىشىش، ئورگان يۆتكەش ئوپىراتسىيەسى قىلدۇرغانلار…) يۇقۇش ئىھتىماللىقىمۇ يۇقىرى بولىدۇ.

سۇ چېچىكى چوڭلارغا يۇقامدۇ؟

چوڭلارغا يۇقۇملىنىش ئىھتىماللىقىمۇ بولىدۇ. گەرچە سۇ چىچەك كېسىلى بالىلاردا كۆپ كۆرۈلسىمۇ، ئەمما بەزى بالىلىق ۋاقتىدا سۇ چېچىكى ۋاكسىنىسى ئەملىمىگەن ۋەيا سۇ چىچەك كېسىلى بولۇپ باقمىغان كىشىلەر، قۇرامىغا يەتكەندىن كېيىن سۇ چېچىكى بولۇش ئىھتىماللىقى بولىدۇ. ئەگەر قۇرامىغا يەتكەندىن كېيىن سۇ چېچىكى بولسا، بالىلاردىكى ئالامەتلەرگە قارىغاندا ئېغىرراق بولىدۇ.

سۇ چېچىكى ۋە ھامىلدارلار

ھامىلدارلىق مەزگىلىدە سۇ چېچىكىگە يۇقۇملانسا، تۆرەلمە بوۋاقنىڭ يېتىلىشىدە مەسىلە چىقىشى مۇمكىن. مەسىلەن، تۆرەلمە بوۋاقنىڭ قول-پۇت قىسقا بولۇش، مېڭە يېتىلىشى كېچىكىش، كۆزگە ئاق چۈشۈش، كۆز پەردە ياللۇغى، بەدەن ئېغىرلىقى زىيادە تۆۋەن بولۇش … قاتارلىق ئەھۋاللار كۆرۈلۈش ئىھتىماللىقى بولىدۇ. تۇغۇتتىن 5 كۈن بۇرۇن ۋەيا تۇغقاندىن 4 كۈندىن كېيىن سۇ چېچىكى بولسا، بوۋاقتا باشقىلارغا ئوخشاش سۇ چېچىكى ئالامەتلىرى كۆرۈلۈشى مۇمكىن. شۇڭا ھامىلدار ئانا بەك دىققەت قىلىش كېرەك.

ئەگەر ھامىلدار مەزگىلدە سۇ چېچىكى بىمارى بىلەن يېقىن ئۇچراشقان بولسا، ئەڭ قىسقا ۋاقىت ئىچىدە دوختۇرغا كۆرۈنۈشى لازىم. ئاياللار كېسەللىكلىرى دوختۇرى ۋەيا يۇقۇملۇق كېسەللىكلەر دوختۇرى تەۋسىيىسى ئاستىدا ۋارىسېللا زوستېردىن قوغدىنىش ئىممۇنوگلوبۇلىن (Varicella-zoster immune globulin) دورىسى بېرىلىدۇ. سۇ چېچىكى ۋاكسىنىسى ئەملەنمەيدۇ. بۇ دورا پەقەت ھامىلدار ئانىنىڭ سۇ چېچىكى كېسىلىنىڭ ئېغىر ئالامەتلىرى پەيدا بولۇشىنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئۈچۈندۇر. تۆرەلمە بوۋاقتا يۇقارىدا تىلغا ئېلىنغان ئەگەشمە كېسەللىكلەر كۆرۈلۈش ئىھتىماللىقى يەنىلا مەۋجۇت.

سۇ چېچەك كېسىلى ئېغىرلىشىپ كەتسە قانداق خەتەرلىك ئەھۋاللار كېلىپ چىقىدۇ؟

كۆپىنچە يۇقۇملانغان بالىلار يېنىك ئالامەتلەر بىلەنلا ساقىيىپ كېتىدۇ. ئەمما ئاز ساندىكى بالىلارنىڭ بەدىنىدىكى ئالامەتلەر ئېغىرلاپ كېتىش ئىھتىماللىقى بولىدۇ. شۇڭا كۈتۈنۈش جەريانىدا ناھايىتى دىققەت قىلىپ تۇرۇش كېرەك. ئېغىرلاشقاندا كېلىپ چىقىدىغان خەتەرلىك ئەھۋاللار تۆۋەندىكىچە:

1. ئۆپكە ياللۇغى كېلىپ چىقىش، بۇ سەۋەبلىك نەپەسلىنىشتە قىيلىنىش.
2. يۇقىرى قىززىتما سەۋەبلىك بالىلاردا تارتىشىپ قېلىش.

 

قايسى ئەھۋاللاردا دوختۇرغا ئېلىپ بېرىش كېرەك؟

1. ئەگەر سۇ چېچىكى كېسىلى ئەمەسلىكىگە شۈبھىرىڭىز بولسا.
2. بىمارنىڭ پەقەت ئىشتىھاسى بولمىسا، ئوزۇقلىنالمىسا.
3. كىچىك تەرەت زىيادە ئازلاپ كەتسە ياكى ھىچ قىلمىسا.
4. تېرىدە بىنورمال ئىششىش بولسا.
5. بەدەندە ئۇيۇشۇش، كەيپىيات زىيادە تۇراقسىزلىشىش، ئۇيقۇدىن ئويغىنالماسلىق بولسا.
6. يول ماڭغاندا تەڭپۇڭلۇقىنى يوقىتىپ قويسا.
7. ئېغىر دەرىجىدە باش ئاغرىش ۋە كۆپ قۇسۇش.
8. 4 كۈندىن ئارتۇق سوزۇلغان قىززىتما.
9. ئېغىر يۆتەل ۋە بەلغەم، نەپەستە قىيلىنىش.
10. بەدەندە ئىلگىرى مۇھىم سوزۇلما كېسەللىكلىرى بولسا ۋەيا ئورگان يۆتكەش ئوپىراتسىيە قىلىپ باققان بىمارلار.

سۇ چېچىكى كېسىلى شۈبھىسى بولسا قايسى بۆلۈمگە بېرىش كېرەك؟

سۇ چېچىكى كېسىلى ئىتتىك پەيدا بولىدىغان كېسەللىك بولغانلىقى ئۈچۈن، كېرەك بولغاندا ئەڭ قىسقا ۋاقىت ئىچىدە دوختۇر بىلەن كۆرۈشۈش كېرەك.
1. ئائىلە دوختۇرىڭىز بىلەن كۆرۈشۈپ مەسلىھەت ئېلىپ باقسىڭىز بولىدۇ.
2. بالىلار (ياكى چوڭلار) جىددىي قۇتقۇزۇش بۆلۈمى: جىددىي ئەھۋاللاردا بۇ بۆلۈمگە بارىسىز.
3. يۇقۇملۇق كېسەللىكلەر بۆلۈمىمۇ بۇ كېسەللىكنى كۆرىدۇ. ئەمما بۇ ئالدىنقى ئىككى بۆلۈم دوختۇرلىرى بىلەن كۆرۈشۈپ باقسىڭىز ئەڭ ياخشى بولىدۇ.

 

سۇ چېچەك كېسىلىگە قانداق دىئاگنوز قويۇلىدۇ؟

كۆپىنچە ئەھۋاللاردا بەدەندىكى ئالامەتلەر يەنى قاپارتمىلارنىڭ شەكلى ۋە تارقىلىش شەكلىگە ئاساسەن دىئاگنوز قويۇلىدۇ. بەزى ۋاقىتلاردا varicella IgM ۋارىسېللا ئىممۇنوگلوبۇلىن م نى قاندا تەكشۈرۈش ئارقىلىقمۇ دىئاگنوز قويىدۇ.

 

سۇ چېچىكىنى قانداق داۋالايدۇ؟ داۋالاش ئۇسۇلى

ئەگەر نىسبەتەن ساغلام بىر بالا سۇ چېچىكىگە يۇقۇملانسا، ھازىرقى غەرىپ مېدىتسىناسىدا كۆپىنچە ۋاقىتلاردا ئالامەتلەرنى داۋالاشنى ئاساس قىلىدۇ. يەنى بەدەندە قايسى ئالامەت كۆرۈلسە شۇ ئالامەتنى داۋالايدۇ.

1. بىمار بالا ئايرىم بىر ئۆيدە بېقىلىدۇ.
2. سىڭىشلىق بولغان تاماقلار قىلىپ بېرىلىدۇ.
3. قىززىتمىسى چىقىپ بىمارنى بىئارام قىلسا قىززىتما چۈشۈرۈش ئۈچۈن تەبىئىي ئۇسۇللارنى ۋە قىززىتما چۈشۈرۈش دورىسى ئىشلىتىدۇ، ئەگەر بالىدا پاراسىتامول Paracetamol تۈردىكى دورىلارغا زىيادە سېزىمچانلىق بولمىسا، بىرىنجى تاللاش قىلىپ ئىشلەتسىڭىز بولىدۇ. ( دىققەت: ئاسپىرىن ئىشلەتمەسلىك لازىم ) . ئەگەر قىززىتما 39 دىن چۈشمىسە، ۋە بىمار بەك بىئارام بولۇپ كەتسە ئەڭ يېقىن جىددىي قۇتقۇزۇش بۆلۈمىگە ئېلىپ بېرىش كېرەك.
4. بەدەنگە چىققان قاپارتمىلار بەك قىچىشىپ كەتسە، قىچىشىشنى توختىتىدىغان ئانتىخستامىنىك مايلارنى ۋە ئىچىدىغان دورىلارنى ئىشلىتىدۇ.
5. باشقا كېسەللىكلەر ۋەيا سەۋەبلەر تۈپەيدىلىدىن بەدەن ئىممۇنىتېت كۈچى تۆۋەنلىگەن بىمارلارغا دوختۇرلار تەۋسىيەسى بويىچە ۋىرۇسقا قارشى دورىلار بېرىلىدۇ.

بۇنىڭدىن سىرت ، ئەگەر بەدەن ئىممۇنىتېت كۈچى زىيادە تۆۋەن، ئېغىر سوزۇلما كېسەللىكلىرى بار بولغان، بولۇپمۇ ئوتتۇرا ئېغىر دەرىجىدە سوزۇلما ئۆپكە كېسىلى ئۆپكە شاخچە كېسىلى، زىققە كېسىلى بولغانلار سۇ چېچىكىگە يۇقۇملىنىپ، قىززىتمىسى پەقەت چۈشمىسە، نەپەسلىنىشتە قىينالسا، كۆپ بەلغەم چىقارسا ۋە باشقا ھاياتقا تەھتىت يەتكۈزىدىغان ئالامەتلەر كۆرۈلگەندە، ئەڭ يېقىن بولغان جىددىي قۇتقۇزۇش بۆلۈمىگە بېرىپ مۇناسىۋەتلىك داۋالاشلارنى ئېلىپ بېرىش كېرەك.

 

سۇ چېچىكى ۋاكسىنىسى

ھازىر سەھىيە ساقلىقنى ساقلاش ساھەسىدە ئىشلىتىلىۋاتقان سۇ چېچىكى ۋاكسىنىسى جانلىق (تىرىك) ۋاكسىنا تۈرىگە كىرىدۇ. ئادەتتە جانلىق ۋاكسىنىلار ھامىلدارلارغا، مۇنتىزىم دوختۇرلار تەرىپىدىن كېسەللىك سەۋەبلىك بەدەن ئىممۇنىتېت زىيادە تۆۋەن دەپ دىئاگنوز قويۇلغان بىمارلارغا ئەملەنمەيدۇ.

 

سۇ چېچىكى ۋاكسىنىسى قايسى ياشتا ئەملىنىدۇ؟

تۈركىيە سەھىيە مىنىستىرلىكى چىقارغان بالىلار ۋاكسىنا ئەملەش جەدۋىلىدە، سۇ چېچىكى ۋاكسىنىسىنى بوۋاق تۇغۇلۇپ 12. ئايلىق بولغاندا بىرلا قېتىم ئەملەشنى بېكىتكەن.
باشقا دۆلەتلەرنىڭ سۇ چېچىكى ۋاكسىنىسى ئەملەش پروگراممىسىدا ئاز تولا ئوخشىماسلىق بولۇشى مۇمكىن. شۇ دۆلەتنىڭ سەھىيە تارماقلىرىدىن مەسلىھەت ئېلىش لازىم.

 

سۇ چېچىكى ۋاكسىنىسىنى قايتا ئەملىسە مەسىلە بولامدۇ؟

بەزى كىشىلەر كىچىك ۋاقتىدا سۇ چېچىكى بولغان بولمىغانلىقىنى ئېسىدە تۇتالمايدۇ ياكى كىچىك ۋاقتىدا سۇ چېچىكى ۋاكسىنىسى ئەملىتىپ باققانلىقىنى ئۇنتۇپ قالىدۇ. ئەگەر بىلىپ بىلمەي قايتا بىر قېتىم سۇ چېچىكى ۋاكسىنىسى ئەملەتسە بىرەر ئەكىس تەسىر بولامدۇ؟

سۇ چېچىكى ۋاكسىنىسى كۆپىنچە دۆلەتلەردە بالىلار ۋاكسىنا ئەملەش پروگراممىسىدا،بىر قېتىم (تۈركىيەدە) ياكى ئىككى قېتىم(باشقا بەزى دۆلەتلەردە) دەپ بېكىتىلىدۇ ۋە مۇشۇ يېتىپ ئاشىدۇ. ئەگەر بىلمەي يەنە بىر قېتىم ئەملەنسە مەسىلە كۆرۈلمەيدۇ.

 

مېنىڭ ئىككى بالام بار، بىرسى 6 ياش بالامدا سۇ چېچىكى ئالامەتلىرى كۆرۈلدى، يەنە بىرى 5 ئايلىق بوۋاقتا ئالامەت يوق، قانداق قىلىشىم كېرەك؟

بىر ياشتىن كىچىك بوۋاق بالىلار سۇ چېچىكى بىمارى بىلەن ئۇچراشسا قانداق قىلىش كېرەك؟

6 ياشلىق بالا بىلەن 5 ئايلىق بوۋاقنى ئايرىم ئىككى ئۆيدە بېقىش كېرەك. سۇ چېچىكى ئاسان يۇقىدىغان كېسەللىك. بوۋاق بىر ياشتىن كىچىك بولسا، يۇقىرى ئىھتىماللىقتا تېخى ۋاكسىنا ئەملىتىلمىدى. شۇڭا بوۋاققا يۇقۇش ئىھتىماللىقى ناھايىتى يۇقىرى بولىدۇ.
بىر ياشتىن تۆۋەن بوۋاقلاردا ئەگەر ھازىرچە ئالامەتلەر كۆرۈلمىگەن بولسا، سۇ چېچىكى بىمارى بىلەن ئايرىم ئۆيدە بېقىش، ئەگەر بوۋاقنىڭ قىززىتمىسى 37.8 دىن يۇقىرى چىقىشقا باشلىسا، ۋەيا بوۋاقنىڭ تېرىسىدە يەنە بىر 6 ياشلىق بالىغا ئوخشاش سۇ چېچىكى ئالامەتلەر كۆرۈلۈشكە باشلىسا ئائىلە دوختۇرىڭىز ۋەيا ئەڭ يېقىن بالىلار بۆلۈمىگە ئېلىپ بېرىشنى تەۋسىيە قىلىمىز.

 

مېنىڭ 4 بالام بار، ئۈچىگە سۇ چېچىكى چىقتى ، يەنە بىرىگە چىقمىدى. بۇ چىقمىغىنى ھازىر 12 ياش. كېيىن چىقىش ئىھتىماللىقى بارمۇ؟

ھەربىر بالىغا چىقىش شەرت ئەمەس. بەلكىم ئۇ بالىڭىز شۇ ۋاقىتتا يۇقۇملانمىغان. ياكى ۋاكسىنا ئەملەنگەن بولۇشى مۇمكىن. ئەگەر ۋاكسىنا ئەملەنمىگەن بولسا، كېيىن چىقىش ئىھتىماللىقى بولىدۇ.

 

مەزكۈر مەزمون داۋاملىق تولۇقلىنىدۇ…

مەزمون تەييارلىغۇچى:
نۇرمەمەت دانىش (نۇرمەمەت دوختۇر)

يۇقارىدىكى مەزمونغا قانداق قارايسىز؟
+1
0
+1
2
+1
0
+1
0
+1
0
+1
0
+1
1
مەزمون قوشۇلغان ۋاقىت: 2022-04-22

يېقىندا تەھرىرلەنگەن ۋاقىت: 2023-07-13 / 11:56:11

سەمىمىي ئەسكەرتىش
مەزكۇر بەتتىكى مەزمۇندا، ئىملادا خاتالىق بولسا، ۋەيا تولۇقلىما مەزمۇن تەمىنلەپ بېرىشنى خالىسىڭىز، ئاستىدىكى سۆز قالدۇرۇش قىسمىغا سۆز قالدۇرسىڭىز بولىدۇ. تاما تاما كۆل بولۇر. سىزنىڭ نامىڭىزنى قوشۇپ ئېلان قىلىمىز.

بىكەتتىكى مەزمۇنلار تورداشلارنىڭ پايدىلىنىشى، ساغلاملىققا بولغان تونۇشىنى ئاشۇرۇش ئۈچۈن تەمىنلەنگەن ئۇچۇرلاردۇر. ئەمما دىئاگنوز ئاساسى بولالمايدۇ. ئوخشىمىغان بىماردا ئوخشىمىغان ئالامەتلەر كۆرۈلىدۇ ۋە دىئاگنوزى ئوخشىمايدۇ. شۇڭا بەدەندە كېسەللىك ئالامەتلىرى كۆرۈلگەندە چوقۇم مۇنتىزىم دوختۇر بىلەن يۈز تۇرانە مەسىلىھەت ئېلىشىڭىزنى، دوختۇرخانىدا تەكشۈرتۈشىڭىزنى تەۋسىيە قىلىمىز.

باشقا يەرلەردىن ئېلىنغان بەزى مەزمۇنلار، رەسىملەرنىڭ ئەسلى مەنبەسىنى ئەسكەرتىشكە تىرىشتۇق. باشقا يەردىن ئېلىنغان مەزمۇنلار پەقەت شۇ ئاپتور يازارنىڭ ئۆز كۆز قارىشىنى ئىپادىلەيدۇ، بېكىتىمىزنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلالمايدۇ. بۇنىڭدىن سىرت، ئەگەر ئەسەرنىڭ ئەسلى ئاپتورى ماقالىنىڭ تور بېكىتىمىزدە ئېلان قىلىنغانلىقى ئۆزىنىڭ شەخسىي مەنپەئىتىگە دەخلى قىلىندى دەپ ئويلىسا، بىز بىلەن ئالاقىلاشسىڭىز، ئەڭ قىسقا ۋاقىت ئىچىدە بىكەتتىن ئۆچۈرۋەتسەك بولىدۇ.

تور بېكىتىمىزدىكى مەزمونلارنى شەخسىي بېتىڭىزدە ئىشلەتمەكچى بولسىڭىز، دوختۇرلار تور بېكىتى ياكى dohturlar.com دىن ئېلىنغانلىقىنى ۋەيا بىز ئەسكەرتكەن مەزمۇننىڭ ئەسلى مەنبەسىنى ئەسكەرتىپ قويۇشىڭىزنى چىن دىلىمىزدىن ئۈمىد قىلىمىز. ئەمگەك مېۋىسىگە ھۆرمەت قىلىڭ.

سۆز قالدۇراي

Please enter your comment!
Please enter your name here

دوختۇرلار تۇخۇم مېيى

دوختۇرلار تۇخۇم مېيى ئەجدادىمىزنىڭ بىباھا مىراسى بولغان ئۇيغۇر تېبابىتىدە كۆرسىتىلگەن ئۇسۇلدا تۇخۇم سېرىقىدىن ئىشلەپ چىقىرىلغان ماينىڭ تەركىبىدە لېسىتىن، ۋىتامىن، مېنىرال ماددىلار ۋە خولىستېرول مەۋجۇد. تۇخۇم...

قىززىق نۇقتىلار

يېڭى مەزمونلار

مەخسۇس سەھىپىلەر

تېخىمۇ كۆپ