ئۇيغۇر تىبابەتچىلىك ئىلمى

ئىسھاقجان مەھمۇد

ئۇيغۇر تېبابەت قامۇسى 1-جىلد

 

ئۇيغۇر تىببى – دورىگەرلىك ئىلمى ۋەتەن تىببى – دورىگەرلىك ئىلمى غەزىنىسىنىڭ مۇھىم تەركىۋى قىسمى. ئۇيغۇر ئەمگەكچى خەلقلىرىنىڭ قېرىنداش مىللەتلەر بىلەن بىرگە ئۇزۇندىن بۇيان كېسەللىكلەرگە قارشى قىلغان كۈرەشلىرىنىڭ ئومۇمى يەكۈنى.

ئۇيغۇر تىبابەتچىلىگىنى تونۇش ئۈچۈن، ئالدى بىلەن ئۇيغۇر خەلقىنىڭ تارىختىكى رولى ۋە ئۇنىڭ ۋەتىنىمىز مەدىنىيىتىگە قوشقان تۆھپىلىرىنى ئەسلەپ ئۆتۈشكە توغرا كېلىدۇ.

ئەمگەكچان ئۇيغۇر خەلقى مول مەدىنىيەت ۋە قىممەتلىك مەدىنى مىراسلارغا ئىگە قەدىمى بىر مىللەت. ئۇ، ئۆزىنىڭ ئۇزۇن يىللىق تارىخىي جەريانى ۋە كىشىلىك جەمىيەتنىڭ ھەرقايسى دەۋرلىرىدە ۋەتىنىمىزدىكى ھەر مىللەت خەلقلىرى بىلەن بىرگە كۈرەش قىلىپ، تۈرلۈك-تۈمەن ماددى ۋە مەنىۋى بايلىقلار جۈملىدىن ئىلىم -پەن، ھۈنەرسەنئەت ساھەسىدە ئاجايىپ كەشپىياتلارنى يارىتىپ، جۇڭخۇا مىللەتلىرىنىڭ پارلاق مەدىنىيەت غەزنىسىنى بەرپا قىلىشتا ھەم ئاسىيا مەدىنىيىتىنى ئىلگىرى سۈرۈشتە ئۆزىگە مۇناسىپ شانلىق تۆھپىلەرنى قوشقان.

ئۇيغۇر تىبابەتچىلىگى مىڭ يىلدىن ئارتۇق تارىخقا ئىگە. ئۇ، ئەمگەكچان ئۇيغۇر خەلقلىرىنىڭ جۈملىدىن ئۇلار ئارىسىدىن يېتىشىپ چىققان ئەمچى، ئاتاساغۇن، تىۋىپ ۋە دورىگەرلەرنىڭ سان-ساناقسىز ۋاستىلىق ياكى ۋاستىسىز، مۇۋەپپەقىيەتلىك ياكى مۇۋەپپەقىيەتسىز تىببى تەجرىبىلىرى، دورىگەرلىك ئىختىرالىرىنىڭ توپلىنىشى، رەتلىنىشى، ئەۋلاتتىن – ئەۋلاتقا يېزىپ قالدۇرۇلۇشى نەتىجىسىدە مەيدانغا كەلگەن ۋە راۋاجلانغان. دىمەك، ئۇ ئۇيغۇر خەلقىنىڭ، ئۇزۇن مۇددەتلىك ئىشلەپچىقىرىش كۈرىشى. ئىلمى تەجرىبە ۋە تۈرلۈك ئاغرىق-سىلاقلارغا قارىتا ئېلىپ بارغان كۈرەشلىرى جەريانىدا يەكۈنلىگەن ئىلمى يەكۇنى. ئۇيغۇر تىبابەتچىلىگى، شىنجاڭدىكى ئۇيغۇر خەلقىنىڭ تىببىدورىگەرلىك ئىلمىنىڭ قىسقىچە ئاتىلىشى.

ئۇيغۇر تىبابەتچىلىگى، ئۇيغۇر خەلقىنىڭ قىممەتلىك مەدىنى مىراسلىرىنىڭ بىرى بولۇپ، ئۇ، ئۆزىنىڭ ئۇزۇن تارىخىي جەريانىدا ئەجداتلىرىمىزنىڭ غەربىي زىمىندىن ئىبارەت بۇ بىپايان كەڭ زىمىندا ياشاپ، ئۆسۈپ، كۆپىيىشىدە ئاساسلىق رول ئوياشتىن تاشقىرى، ھەر مىللەت خەلقلىرىنىڭ سالامەتلىگىنى ساقلاش، كېسەللىكلەرنىڭ ئالدىنى ئېلىش، داۋالاش جەھەتتە زور تۆھپىلەرنى كۆرسەتكەن. شۇنىڭ بىلەن بىرگە ئىنسانىيەتنىڭ جۈملىدىن زاڭزۇ، موڭغۇل، جۇڭيى تىبابەتلىرىنىڭ يۈكسىلىشىگىمۇ نۇرغۇن ھەسسىلەر قوشقان. ئۇ، ئۇيغۇر خەلقى ئەقىل-پاراسىتىنىڭ خەۋھىرى، شۇنداقلا ۋەتەن تىبابەتچىلىگى غەزنىسىدىكى چاقناپ تۇرغان گۆھەر، جۇڭخۇا مىللەتلىرى پارلاق مەدىنى بايلىغىنىڭ مۇھىم بىر قىسمى.

ئۇيغۇرلار، مەملىكىتىمىزدىكى مەدىنىيىتى خېلى بۇرۇن تەرەققى قىلغان، ئۇزۇن تارىخقا ئىگە قەدىمى مىللەتلەرنىڭ بىرى. خەنزۇچە تارىخىي مەنبەلەر ۋە چەتئەللەرنىڭ ئارخىلوگىيىلىك تەكشۈرۈش پاكىتلىرىدىن قارىغاندا، ئۇيغۇرلارنىڭ مىلادىدىن بىر نەچچە ئەسىر ئىلگىرىلا بالقاش كۆلىگە يېقىن جايلار ۋە خېشى كارىدورى ئەتراپىدا ياشاپ كەلگەنلىگى، مىلادى 3- ئەسىردىن باشلاپ بالقاش كۆلى بىلەن تىيانشاننىڭ ئارىلىغىدا، 4- ئەسىردە تارىم بوستانلىغىدا، 5- ئەسىردىن باشلاپ ئۇيغۇرلارنىڭ بىر قىسمىنىڭ موڭغۇل يايلىغى ۋە تەڭرى تېغىنىڭ جەنۇبىي ۋە شىمالىي ئىتەكلىرىدىكى كەڭ زىمىندا ياشىغانلىغى ھەمدە ئۆز مەدىنىيىتىنى بەرپا قىلغانلىغىنى كۆرۋالغىلى بولىدۇ. بۇ ھەقتە، «تارىخنامە. ھونلار تەزكىرىسى» نىڭ 9-جىلدىدا «تەڭرى تېغىنىڭ جەنۇبىدىكى تارىم بوستانلىغى 5-4ئەسىردىلا ئۇيغۇرلارنىڭ ئولتۇراقلاشقان ماكانى ئىدى» دەپ يېزىلغان.

تەڭرى تېغىنىڭ شىمالىي ۋە جەنۇبىدا ياشىغان ئۇيغۇرلارنىڭ چارۋىچىلىق، يېزا ئىگىلىگى، باغۋەنچىلىك، قول ھۈنەر تېخنىكىسى خېلى تەرەققى قىلغان. ئۇيغۇرلار بۇ جايلاردا بۇغداي، قوناق، شال، زىغىر، نوقۇت (پۇرچاق) قاتارلىق زىرائەتلەرنى تېرىپ ئۆزلىرىنى تەمىنلەپ كەلگەن. شۇنىڭ بىلەن بىرگە ئۈزۈم، ئۈزمە، نەشپۈت، ئانار، ئەنجۈر ئۆرۈك، قوغۇن، تاۋۇز، ياڭاق قاتارلىق مىۋىلەرنى تېرىپ ئۆستۈرگەن. كىۋەز، كەندىر قاتارلىق ئىتتىسادىي زىرائەتلەرنى تېرىپ ئۆستۈرۈپ بۇلاردىن رەخ توقۇپ كىيىم قىلىپ كىيىشنى مىلادىدىن بۇرۇنلا بىلگەن. تارىخىي مەلۇماتلارغا قارىغاندا تارىم بوستانلىغىدا ئۈزۈمنىڭ ئۆستۈرۈلگىنىگە 3 مىڭ يىل بولغان.

مىلادى 5-ئەسىردىلا، ئۇيغۇرلارنىڭ ئېلىپپەلىك يېزىق قوللانغانلىغى جەھەتتە كۆپ تارىخىي يازما ۋە ماددى پاكىتلار بار. يېزىق بىر مىللەتنىڭ مەدىنىيىتىنى ئۆلچەشمىڭ مۇھىم بىر ئۆلچىمى. تىل تەرەققى قىلىپ مۇئەييەن بىر باسقۇچقا يەتكەندە ئاندىن يېزىق پەيدا بولىدۇ. يېزىق تىلنىڭ ئېھتىياجى شۇنداقلا مەدىنىيەت ئالماشتۇرۇش ۋە ئۇنى راۋاجلاندۇرۇشنىڭ قورالى. مەدىنى مىراسلارنى ئەۋلاتلارغا قالدۇرۇشتىكى ئىنتايىن مۇھىم بىر ۋاستە، شۇڭا يېزىق تىلىنىڭ ئېھتىياجى شۇنداقلا تىلنىڭ مەھسۇلى. ئارخىلوگىيىلىك ئىلمى تەكشۈرۈشلەر، مەدىنى يادىگارلىقلارغا ئاساسلانغاندا، ئۇيغۇرلار 25-ئەسىر ۋە ئۇنىڭدىنمۇ بۇرۇنراق مەزگىللەردە ئورخۇن-يپەنسەي يېزىغى (تۈرك – رونىك يېزىغى) ۋە سوغدى يېزىغى ئاساسىدا يارىتىلغان قەدىمقى ئۇيغۇر يېزىغىنى قوللانغان، ئۇلاردىن باشقا يەنە، توخار يېزىغى (كۇچار يېزىخى) ۋە خوتەن يېزىغىنىمۇ قوللانغان. نېمىس ئالىمى ئالبېرت فون لىكوك (200 16 100 10671ھ) ئۆزىنىڭ بىر ئەسىرىدە: «قەدىمقى شىنجاڭدا 17 خىل تىل، 24 تۈرلۈك يېزىق» قوللىنىلغان، دەپ يازغان.

ئۇيغۇر تىبابەتچىلىگى 2300 يىلدىن ئارتۇق تارىخقا ئىگە بولۇش بىلەن دۇنيا مەشھۇر. بۇ ھەقتە مەملىكىتىمىزنىڭ يازما خاتىرىلىرى، قېزىپ ئېلىنغان ئارخىلوگىيىلىك ماددى مەنبەلەر ۋە شىنجاڭدىن چەتئەللەرگە ئېلىپ كېتىلگەن يازما ماتىرىياللاردا؛ بېرلىن، لوندون، موسكۋا، لېنىنگىراد، توكيۇ، پارىژ قاتارلىق شەھەرلەرنىڭ تارىخىي مۇزىيلىرىدا؛ ئۇيغۇر تىبابەتچىلىككە ئائىت نۇرغۇن ماتىرىياللار ساقلانماقتا. بۇلارنىڭ بەزىلىرى تەرجىمە قىلىپ ئېلان قىلىنغان بولسىمۇ، خېلى كۆپ قىسمى تېخى تەرجىمە قىلىپ ئېلان قىلىنمىدى.

ئۇيغۇرلار ھەر بىر سۇلالە ۋە تارىخىي دەۋرلەردە ھەر خىل ناملار بىلەن ئاتىلىپ كەلگەن مەسىلەن، خەنزۇچە تارىخنامىلاردا: خۇي گې (回纥) ، خۇي گۇ (回鹘). خۇي خې ئېر (辉和尔)، خۇي خې (辉和)، ۋي ۋۇ (畏吾)، ۋي ۋۇئېر (畏吾尔). ۋي ۋۇئېر (畏兀尔)، ۋۇ گۇ (乌鹄)، ۋي ۋۇ (委吾) ، گۈي گۇ (瑰古) ، ۋي ۋۇ (伟兀)، ۋي ئېر (畏尔)، ۋي ۋۇ (伟吾)، ۋەي ۋۇ (外吾) ، ۋي ۋۇئېر (畏吾尔) ، ۋي گۇئېر (伟郭尔)، توغلۇقلار ئىگىز چاقلىق ھارۋىلارنى ئىشلەتكەنلىگى ئۈچۈن گاۋچې (高车) ئىگىز ھارۋالىقلار ياكى چې سى (车师) ئىگىز قاڭقىللار، شىمالىي ۋي سۇلالىسى دەۋرىدە تورالار تېلي (铁勒)، دىڭ لىڭ ( 丁令,丁零,丁灵) قاتارلىق ناملاردا ئاتالغان. قەدىمدىن تارتىپ تاھازىرغىچە غەربىي زىمىن (شىنجاڭ) دا ياشاپ كەلگەن ئۇيغۇرلارنىڭ دۇنياغا مەشھۇر نۇرغۇن ئالىملىرى جۈملىدىن ھۆكۈما (تىۋىپ) ، تارىخشۇناس، پەيلاسوپ، يازغۇچى، شائىر، چارۋىچىلىق، دىخانچىلىق، باغۋەنچىلىك ئالىملىرى؛ مىمارچىلىق، ھەيكەلتاراشلىق ئۇستىلىرى، رەسسام، مۇزىكانت ۋە ئاتاقلىق تەرجىمانلار يېتىشىپ چىقىپ ئىنسانىيەت ئۈچۈن جۈملىدىن ۋەتىنىمىزنىڭ مەدىنى بايلىغى يارىتىشتا زور تۆھپىلەرنى قوشقان، شان – شەرەپلەر كەلتۈرگەن.

مىلادىدىن 770- 221- يىللاردىن ئىلگىرى يېزىلغان مەملىكىتىمىزنىڭ ئەڭ قەدىمى كىلاسسىك تىببى ئەسىرى «خۇاڭدى نېيجىڭ سۇۋىن» نىڭ «باشقىلارنىڭ پايدىلىق داۋالاش ئۇسۇللىرى ۋە مەنپەتلىك رېتسېپلىرى ھەققىدە» دىگەن بابىدا غەربىي زىمىننىڭ تەبىئى مۇھىتى، كېسەللىك ۋە دورىلار ھەققىدە بايان قىلىنىپ: «غەرپ ئالتۇن، قاش تېشى ماكانى، ئۇ يەرلەر قۇمھ-تاشلىق بولۇپ، دائىرىسى كەڭ. شامال كۆپ، زىمىنى قاتتىق. خەلقلىرى تاغلارغا ئولتۇراقلاشقان بولۇپ، يۇڭ رەخلەردىن كىيىم كىيىدۇ؛ مايلىق قۇۋۋەتلىك تاماقلارنى يەيدۇ، شۇڭا تاشقى ئىللەتلەر ئۇلارنىڭ تېنىنى زەھەرلەندۈرەلمەيدۇ. ئۇلارنىڭ كېسىلى ئىچكى جەھەتتىن پەيدا بولىدۇ، داۋالاشتا زەھەرلىك ۋە كۈچلۈك دورىلارنى ئىشلىتىدۇ. شۇڭا زەھەرلىك ۋە كۈچلۈك دورىلار غەربىي زىمىندىن كېلىدۇ.» دەپ يېزىلغان. زەھەرلىك دورىلارنىڭ قوشۇمچە تەسىرى كۈچلۈك بولۇپ مۇۋاپىق، توغرا مىقداردا ئىشلىتىلمىسە زەھەرلىنىش ھەتتا ئۆلۈشنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ. ئادەتتە زەھەرلىك دورىلارنى داۋالاشتا قوللىنىش، تىبابەتچىلىكنىڭ خېلى يۇقۇرى دەرىجىدە تەرەققى قىلغانلىغىنىڭ نامايەندىسى ئىكەنلىگى ھەممىگە ئايان.

چىن سۇلالىسى (مىلادى 3 ئەسىر) دىن ئىلگىرى يېزىلغان «شەنخەيجىڭ» (تاغۇدەريالار ھەققىدە قىسسە) ، «مۇتيەنزى جۈەن» (مۇھەزىرەت تەزكىرىسى) دىگەن كىتاپلاردا غەربىي زىمىننىڭ خۇشبۇي شارابى، زاراڭزا چېچىگى، نىلۇپەر، قاش تېشى، چىلىنى قاتارلىق دورىلار خاتىرىلىنىپ ئالاھىدە تەرىپلەنگەن. «غەربىي ۋە شەرقىي 2 خەن سۇلالىسىنىڭ غەربىي زىمىندىكى مەملىكەتلەر بىلەن بولغان ئىقتىسادىي، مەدىنى مۇناسىۋىتى» دىگەن ئەسەردە ۋە تارىخشۇناس يولداش گوباۋنىڭ 1982 – يىلى 7- ئاينىڭ 11كۈنىدىكى «شىنجاڭ گېزىتى» دە ئېلان قىلغان ئىلمى ماقالىسىدا، ئەسلى پەقەت غەربىي زىمىندىلا چىقىدىغان ئۈزۈم، بىدە، ئانار، زىغىر، ياڭاق، ماش، يۇمغاقسۈت، پىياز، سەۋزە زاراڭزا چېچىگى، سامساق، پالەك، تەرخەمەك، قوغۇن، تاۋۇز، كىۋەز، قاش تېشى قاتارلىقلارنىڭ غەربىي خەن سۇلالىسى مەزگىلىدىن تارتىپلا ئىچكىرىگە كىرگۈزۈلۈپ كېسەل داۋالاش ۋە باشقا جەھەتلەردە ئىشلىتىلگەنلىگى كۆرسىتىلگەن. ئەجداتلىرىمىز قوغۇن، تاۋۇز، تەرخەمەكلەرنى تېرىپ ئۆستۈرۈپ ئىستىمال قىلىش ئەمىلىيەتلىرى جەريانىدا ئۇلارنىڭ ساپاق قىسمىنىڭ بەتتام، ئاچچىقلىغى ھەتتا كۆڭۈل ئاينىشتەك تەسىرىنىڭ بارلىغىنى سېزىپ، ئىستىمال قىلىشتىن بۇرۇن ساپىغىغا تۇتىشىدىغان قىسمىنى كېسىپ ئېلىپ تاشلاشقا ئادەتلەنگەن. بۇ ئادەت تاھازىرغىچە ئەۋلاتتىن – ئەۋلاتقىچە داۋاملىشىپ كەلمەكتە. تىبابەتتە، ھازىرمۇ قوغۇن ساپىغى قۇستۇرغۇچى تەسىرگە ئىگە دورا ماتىرىيالى سۈپىتىدە پايدىلىنىدۇ.

تارىخىي خاتىرىلەرگە قارىغاندا، مىلادىدىن نەچچە ئەسىر بۇرۇنقى كوسەن (قەدىمقى كۈچار) دۆلىتىدە ھاراق – شاراپ ئىشلەپچىقىرىش ناھايىتى تەرەققى قىلغان. «ئىككى خەننىڭ غەربىي دىيار بىلەن بولغان مۇناسىۋىتى» دىگەن تارىخىي كىتاپتا، غەربىي يۇرتتا ئۈزۈمنىڭ كۆپلىگى ۋە ئۇ يەردىكى خەلقلەرنىڭ ئۇنىڭدىن ئۈزۈم ھارىغى (شاراپ) ياسايدىغانلىغى ھەققىدە توختىلىپ: «كۇچار دۆلىتىدىكى باي كىشىلەرنىڭ ئۆيىدە مىڭ كۈرىلەپ ئۈزۈم ساقلىنىدۇ، ئۇنىڭدىن ئۈزۈم ھارىغى ياسىلىدۇ، بۇ ھاراقلار 10 نەچچە يىلغىچە بۇزۇلمايدۇ.» دەپ تەسۋىرلەنگەن. «تەيپىڭ گۇاڭجى» دىگەن كىتاپتا: «قۇجۇ (تۇرپان) دا بىر خىل توڭلىتىلغان ھاراق چىقىرىلىدۇ، ئۇ ئىچكى جايلاردا ناھايىتى مەشھۇر .» دەپ يېزىلغان. «سەفۇيۇۋەن گۈي» دىگەن كىتاپتا: «دورا ھاراقلىرىنى ئىشلەش تېخنىكىسى ئىدىقۇتلۇقلاردىن ئۈگىنىۋېلىنغان»لىغى خاتىرىلەنگەن. خەربىي خەن بىلەن غەربىي دىيار دىگەن تارىخىي خاتىرىلەردە ئەلچى جاڭچەننىڭ غەربىي دىياردىن نۇرغۇنلىغان مىۋە، دورا ئۆسۈملۇكلىرى، ھەر خىل ئۇرۇقلار ۋە دورىلارنى ئېلىپ كەلگەنلىگى يېزىلغان. ھەمدە بۇ تارىخىي خاتىرىدە: «جاڭچەن غەرپكە بارمىغان بولسا، ياخشى ئۇرۇقلار غەرپتىن كەلمىگەن بولاتتى» دەپ تەرىپلەنگەن. «سۈي نام» دە غەربىي زىمىندىكى مەشھۇر تىۋىيپلارنىڭ تىببى – دورىگەرلىگىگە ئائىت كۆپلىگەن ئەسەرلەر يازغانلىغى خاتىرىلەنگەن بىراق بۇ قىممەتلىك ئەسەرلەر نۇرغۇنلىغان ئىچكى تاشقى ئۇرۇشلار ۋە دىنى ئۇرۇشلار تۈپەيلىدىن بىزگە يېتىپ كېلەلمىگەن. تاڭ سۇلالىسى دەۋرىدە مىلادى 689- يىلى پادىشا ئوردىسى تەرىپىدىن ئالىملارنى تەشكىللەپ تۈزۈلگەن «شىنشيۇ بىنساۋ» (يېڭىدىن رەتلەنگەن دورىلار قامۇسى) ناملىق دورىلار قامۇسىغا غەربىي زىمىن (شىنجاڭ) نىڭ ھەرقايسى جايلىرىدىن چىقىدىغان 114 خىل دورا كىرگۈزۈلگەن. مىلادى 652- يىلى يېزىلغان «چەنجىن ياۋفاڭ» (مىڭ تىللالىق مۇھىم رېتسېپلار) ناملىق رېتسېپلار كىتاۋىدا ۋە ئۇنىڭدىن كېيىن يېزىلغان مەخپى رېتسېپلار كىتاۋى «ۋەيتەي مىفاڭ» دىگەن ئەسەرلەردە «ئىدىغۇت ئۆمۈر ئۇزارتىش شەرۋىتى» نىڭ تەركىۋى ۋە ئىشلىتىلىدىغان كېسەللىكلىرى خاتىرىلەنگەن. مىڭ سۇلالىسى دەۋرىدە ياشىغان ئېلىمىزنىڭ ئاتاقلىق دورىگەر ھېكمى لى شىجىن يازغان «بىنساۋگاڭمۇ» (ئوت – چۆپ دورىلار قامۇسى) ناملىق كىتاپتا غەربىي يۇرت (شىنجاڭ) دىن چىقىدىغان 100 خىلدىن كۆپ دورىلار مەسىلەن: ئۈزۈم، غۇنچە ئۈزۈم، يانتاق شېكىرى، بادام، سەۋزە، قاش تېشى، ئالتۇن، گۈڭگۈرت ۋە باشقىلار تونۇشتۇرۇلغان. تارىم ۋادىسىنىڭ چۇمۇ دىگەن يېرىدە تۇغۇلۇپ ئۆسكەن بۇددا دىنى ئالىمى ۋە مەشھۇر ئۇيغۇر تىۋىپى شىرخان تىبەتكە مۇددەرسلىك ۋە تىۋىپلىققا تەكلىپ قىلىنىپ ئېلىپ كېتىلگەن. تىبەتلىكلەر ئۇنى ھۆرمەتلەپ، چوڭ كۆرۈپ جەنباشىلاخان دەپ ئاتىغان. ئۇ تىبەتتە نۇرغۇن ئەسەرلەر يازغان، تىببى جەھەتتە ھازىرچە بىزگە مەلۇم بولغىنى «تىرىك تەننى ئۆلچەش»، «جەسەت ئاتلىسى» دىن ئىبارەت ئىككى ئەسەردۇر.

سۈي، تاڭ سۇلالىلىرى دەۋرى شىنجاڭنىڭ ئىچكى ئۆلكىلەر بىلەن بولغان زىچ ئالاقىسى تېخىمۇ تەرەققى قىلغان دەۋر بولۇپ، بۇ دەۋردە «خوتەن تېكىستلىرى»، «تۇرپان تېكىستلىرى» ناملىق دۇنياغا مەشھۇر قىممەتلىك ئەسەرلەر بارلىققا كەلگەن. «تۇرپان تېكىسلىرى» 1000 – 1400 يىللىق ئۇزۇن تارىغقا ئىگە بولۇپ ئۇنىڭدا ئۇيغۇر تىبابەتچىلىككە ئائىت 198 پارچە رېتسېپ بار. بۇ رېتسېپلار ناھايىتى ئىخچام ۋە چۈشىنىشلىك قىلىپ يېزىلغان. 1930 – 1932-يىلى تۈرك تىلشۇناس پروفېسسور رىشىت رەھمەت ئارا تۇنجى قېتىم بېرلىندا «ئۇيغۇر تىبابەتچىلىگى» دىگەن ئەسەرنى نېمىس تىلىدا دۇنياغا تونۇشتۇرغان. ئۇنىڭدا قەدىمقى ئۇيغۇر تىۋىپلىرىنىڭ مەيلى كېسەللىكلەرنى تەكشۈرۈشتە بولسۇن مەيلى تۈرلەرگە ئايرىشتا بولسۇن مۇكەممەل بىر سېستىمىغا ۋە يۇقۇرى داۋالاش سەۋىيىسىگە ئىگە ئىكەنلىگى ۋە ئۆز زامانىسىدا دورىلارنى زەھەرلىك، كۈچلۈك تەسىر قىلغۇچى، ئادەتتىكى دورىلاردىن ئىبارەت تۈرلەرگە بۆلگەنلىگى؛ دورا مىقدارلىرىغا ئالاھىدە دىققەت قىلغانلىغى ئالاھىدە تىلغا ئېلىنغان. بۇ تېكىستلاردا خاتىرىلەنگەن مەزمۇنلار، ئۆز دەۋرىدە سىناقلاردىن ئۆتكەن تەجرىبىلەرنىڭ يەكۈنىدىن ئىبارەت ئەلۋەتتە. مەسىلەن: غالجىر ئىت چىشلىگەن كىشىنى غالجىر ئىتنىڭ مىڭىسىنى يىگۈزۈپ داۋالاش؛ ناماششام قارغۇسى بولغان كېسەللەرنى ھايۋانات جىگىرىنى يىگۈزۈپ داۋالاش كۆرسىتىلگەن. ھازىرقى زامان مىدىتسىنىسىدا مىكروپلاردىن پايدىلىنىپ كېسەلنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە داۋالاش، ناماششام قارغۇسى كېسەللىگىنى جىگەر بىلەن داۋالاش يولغا قويۇلغىنىغا ئانچە ئۇزۇن بولمىدى. دىمەك، ئەجداتلىرىمىز قەدىمقى زامانلاردىلا خېلى يۇقۇرى سەۋىيىدىكى ئۈنۈملۈك كېسەل داۋالاش چارىلىرىنى بىلگەن، ھاراق ئىشلەش ۋە ئۇنى ئاغرىق- سىلاقلارنى داۋالاشتا قوللىنىش ۋە ھاراق تارتىش ئۇسۇلىدىن پايدىلىنىپ دورا- دەرمەكلەردىن ئەرەق تارتىپ ئاددى ۋە مۇرەككەپ ئەرەق ياسالمىلىرىنى تەييارلاش، دورىلارنى مۇرەككەپلەشتۈرۈپ قوللىنىش، ھەر خىل دورا ياسالمىلىرىنى ياساش ۋە ئۇلارنى داۋالاشتا قوللىنىش، قۇياش نۇرى، ئارشاڭ، تۇزلۇق، شورلۇق سۇلاردىن پايدىلىنىش، ئوغۇز سۈتى. لوڭقا قويۇپ داۋالاش، قان ئېلىپ داۋالاش، قۇم بىلەن داۋالاش، ئىسلاش، چىقىقسۇنۇقلارنى داۋالاش، كېسىپ – يېرىپ داۋالاش، داغلاپ داۋالاش، تەنتەربىيە ئارقىلىق داۋالاش، ئىچىدىن دورا ئىستىمال قىلدۇرغاندىن باشقا سىرتقى جەھەتتە دورا ئىشلىتىش. ئىسسىق، سوغاق، ھۆل، قۇرۇقلار ئوتتۇرىسىدىكى زىددىيەتلەردىن پايدىلىنىپ ئاغرىقسىلاقلارىى داۋالاش، ئۇسۇللىرى قەدىمقى زامانلاردىن تارتىپلا ئۆز ئەمىلىيەتلىرىدە ياخشى ئۈنۈملەرىى قازانغان. ئۇيغۇرلار، غەربىي زىمىن (شىنجاڭ) نىڭ ئىپار يولى، قۇلان يولى، قاش تېشى يولى، يىپەك يولى قاتارلىق قەدىمى مۇھىم يوللار تۈگۈنىدە ياشىغانلىغى ئۈچۈن، ئۇلارنىڭ ئىچكى ئۆلكىلەر ۋە چەتئەللەر بىلەن بولغان سودا مۇناسىۋەتلىرى. مەدىنىيەت ئالماشتۇرۇش ئىشلىرى كەڭ تۈردە بولغان. مەسىلەن: ئېلىمىزدە ئەڭ بۇرۇن ئىجات قىلىنغان مەتبەچىلىك تېخنىكىسى ھەممىدىن بۇرۇن ئۇيغۇرلار تەرىپىدىن قوبۇل قىلىنىپ ئاندىن ئۇيغۇرلار ئارقىلىق غەرپتىكى ئەللەرگە تارقالغان. بۇ ئۇيغۇرلارنىڭ ئىنسانىيەت مەدىنىيىتىگە قوشقان زور بىر تۆھپىسى. ئىچكى ئۆلكىلەرنىڭ ئىلغار تەجرىبىلىرى، ھۈنەر – سەنئىتى، شۇنىڭدەك داۋالاش تېخنىكىلىرىمۇ ئالدى بىلەن ئۇيغۇرلار تەرىپىدىن قوبۇل قىلىنىپ، ئوتتۇرا ئاسىيا، ئەرەپ دۆلەتلىرىگە تارقالغان. جۇڭيىلارنىڭ دىڭىزىيا (يادا تاش)، رەۋەنچىنى، دارىچىنى، چۆپچىنى، كابابەچىنى، مامىران چىنى. بەدىيانچىنى قاتارلىق دورىلىرى ھەم ئۇيغۇرلار ئارقىلىق باشقا دۆلەتلەرگە تارقالغان.

غەربىي زىمىننىڭ داڭلىق ئاتلىرى، يۇرۇڭقاشنىڭ قاش تېشى مەھسۇلاتلىرى، پاختا. دورىلاردىن نوشدۇر، زەمچە، بۆكەن مۈڭگۈزى، قۇندۇز قەھرى، قەھرىۋا، توغرۇغۇ. مەستىكى، ئۈزۈم ھارىغى، دورا ھاراقلىرى ۋە باشقا خۇشپۇراق دورىلىرى قاتارلىقلار چىن، خەن سۇلالىلىرىدىن بۇرۇنلا ئىچكىرى ئۆلكىلەرگە تونۇلغان توۋارلادۇر. سەددىچن سېپىلىنىڭ غەرپتىكى دەرۋازىسى يۈيمېنگۈەننىڭ قاش تېشى نامى بىلەن ئېلىنىشىمۇ. خەنۋۇدى پادىشانىڭ ئەلچىسى جاڭچەننىڭ غەربىي زىمىننى زىيارەت قىلىشىدىن بۇرۇنلا قاش تېشى سودىسىنىڭ نەقەدەر مۇھىم ئورۇندا تۇرىدىغانلىغى ھەم خەن دەۋرىدىن بۇرۇنلا قاش تېشى سودىسىنىڭ راۋاجلانغانلىغىنى دەلىللەپ بېرىدۇ. ئۇيغۇرلار، تاڭ سۇلالىسىنىڭ دەسلەپكى مەزگىللىرىدىلا پايتەخت چاڭئەن شەھىرىگە بېرىپ سودا- سېتىق پائالىيەتلىرى بىلەن شۇغۇللانغان بولۇپ سابى 3-2 مىڭدىن ئاشاتتى. ئۇلارنىڭ بىر قىسمى دورا دۇكانلىرى ئاچقان، تىۋىپلىق قىلغان، بەزىلىرى ئوردا ئەمەلدارى بولغان، بەزىلىرى ئوقۇش بىلەن شۇغۇللانغان ئىدى. ئۇلار غەربىي زىمىننىڭ دورا ماتىرىياللىرى، پاختا، ئۈزۈم ھارىغى ۋە باشقا خىلمۇ-خىل توۋارلىرىنى چاڭئەنگە ئاپىرىپ سېتىپ، ئۇ يەردىن يىپەك ماللار، چىنە-قاچا قاتارلىقلارنى يۆتكەپ كېلەتتى. ئۇيغۇرلارنىڭ ئىچكى ئۆلكىلەر بىلەن بولغان ئىناق مۇناسىۋىتىنى، تاڭ سۇلالىسى دەۋرىدىكى شائىرلارنىڭ شېئىرلىرىدا ئەكس ئەتتۈرۈلگەن مەزمۇنلاردىن كۆرىۋالغىلى بولىدۇ. ئۇيغۇر سودىگەرلىرى ئەينى ۋاقىتلاردا يەنە ھىندىستان ئىران، شەرقىي رىم ۋە ئەرەپ ئەللىرىگىچە بېرىپ سودا ئالاقىسى قىلغان. دېڭىز يولى تېخى تەرەققى قىلمىغان ئۇ دەۋرلەردە، غەربىي زىمىن (شىنجاڭ)، شەرق بىلەن غەرپنىڭ جۈملىدىن ئېلىمىز بىلەن غەرپتىكى ئەللەر ۋە ئۇلار ئارقىلىق ياۋروپا بىلەن بولغان سودا ئالاقە، مەدىنىپەت ئالماشتۇرۇشىدا ئىنتايىن مۇھىم ئورۇننى ئىگەللىگەن. شۇ سەۋەپتىن غەربىي زىمىننىڭ ئۆزىمۇ ھەر جەھەتتە زور قەدەم بىلەن ئىلگىرىلىگەن. ئۇيغۇر تىببى – دورىگەرلىگى ئۆزىنىڭ ئەسلى بار بولغان تىببى – دورىگەرلىك ئاساسىدىكى تەرەققىياتى بىلەنلا توختاپ قالماي، بەلكى ئىچكى ئۆلكىلەردىكى قېرىنداش مىللەتلەر، ئوتتۇرا ئاسىيا ۋە باشقا خوشنا ئەللەرنىڭ تىببى – دورىگەرلىك يېڭىلىقلىرىنى قوبۇل قىلىپ ئۆز ئەمىلىيەتلىرىدىن ئۆتكۈزۈپ، ئۆزىنىڭ مەزمۇنىنى داۋاملىق بېيىتقان ۋە راۋاجلاندۇرغان. شۇنىڭ بىلەن بىرگە ئەينى ۋاقتىدا جۇڭپى تىبابىتى، ئەرەپ تىسبابەتچىلىكلىرىنىڭ راۋاجلىنىشىغىمۇ مۇھىم ھەسسىلەر قوشقان. بۇ ھەقتە يۇقۇرىدا توختالغانلاردىن باشقا يەنە، مەخسۇس ئوغۇزلار دورىلىرى تونۇشتۇرۇلغان «خۇبىنساۋ» يۇەن سۇلالىسى دەۋرىدە يېزىلغان 36 توملۇق «ئۇيغۇر دورا رېتسېپلىرى» ناملىق تىببى ئەسەرلەر بار ۋە مىن سۇلالىسى دەۋرىدە يېزىلغان «بىنساۋ گاڭمۇ شىيى»، چەنلۇڭ ۋاقتىدا يېزىلغان 5 تىللىق لۇغەت قاتارلىق كىتاپ- ئەسەرلەردىمۇ نۇرغۇنلىغان ئۇيغۇر تىبابەت دورىلىرى قوبۇل قىلىنغان. غەربىي زىمىن (شىنجاڭ) دىن چىقىدىغان دورا-دەرمەكلەر ئىچكىرىگە توشۇلۇپ، جۇڭيى تەۋىپلىرى تەرىپىدىن قوللىنىپ، جۇڭيى تىبابىتىنىڭ مەزمۇنىنى بېيىتقان، مەسىلەن: گاۋلياڭجاڭ (خۇلىنجان) ، مۇياۋ (مۇرمەككى) ، بىي بو (پىلپىل) ، خۇلۇبا (ھۇلبە، شاڭدۇزى)، موشىي ززي (موا) ، بادەن مۇ (بادام) قاتارلىقلار، شىنجاڭنىڭ ئالاھىدە مەھسۇلاتلىرى بولغان خوتەن ئىگىرى (ۋەج خوتەنى)، قەشقەر ئۇپىسى (سەپىداپ كاشغىرى) لاجىۋەرد كاشغىرى، خوتەن ئىپارى قاتارلىقلار شەرقىي رىم ۋە ئەرەپ خەلپلىكلىرىدە شۆھرەت قازىنىپ، ئەرەپ، ئىران تىۋىپلىرى تەرىپىدىن كەڭ تۈردە ئىشلىتىلگەن ۋە مەشھۇر دورا كىتاپلىرىغا كىرگۈزۈلگەن.

غەربىي زىمىن (شىنجاڭ) دا نۇرغۇنلىغان ئالىم، ھېكىم (تىۋىپ) ، شائىر، يازغۇچى. تەرجىمانلار ئۆتكەن. تارىخىي ماتىرىياللاردا، مىلادى 730- يىلى تۈرك ئالىمى نانتۇنىڭ توخارىستاندىن جۇڭگوغا ئەلچىلىككە ئەۋەتىلگەنلىگى، ئۆزى بىلەن بىر قىسىم دورىلارنى بىرگە ئېلىپ بارغانلىغى ۋە ئۆزىنىڭ يۈكسەك داۋالاش ماھارىتىنى كۆرسىتىپ يۇقۇرى شۆھرەت ۋە ئورۇنغا ئىگە بولغانلىغى خاتىرىلەنگەن. (جۇڭگو يىلنامە ئەمەلدارلىرى يېزىپ قالدۇرغان خاتىرىلەردە يەنە: 759- يىلى توخارىستاندىن كەلگەن «يابغۇ» لاھھاھلالار خانغا تەقدىم قىلغان كۆپ مىقداردىكى تارتۇقلار ئىچىدە 200 خىلدىن كۆپ دورا ماتىرىياللىرى بارلىغى خاتىرىلەنگەن) .

ئۇيغۇر ئالىمى لۇمىنشەن ( 鲁明善 قالونا تاشنىڭ ئوغلى بولۇپ، ئەسلى ئىسمى تۆمۈر قوزۇق) ، ئۆزىنىڭ «دىخانچىلىق، ئۈژمىچىلىك ۋە كىيىم – كېچەك ئاساسلىرى» دىگەن ئەسىرىدە دىخانچىلىق، ئۈزمىچىلىك، كىيىم – كېچەك ھەققىدە يازغاندىن تاشقىرى نۇرغۇنلىغان شىپالىق دورا ئۆسۈملۈكلىرى ھەققىدە تەپسىلى سۆزلىگەن.

ئارسلان تېرزى ئوغلى يازغان «تۈركلەرنىڭ ئوتتۇرا ئاسىيا ۋە ھىندىستاندا قۇرغان كېسەلخانىلىرى» دىگەن ماتىرىيالىدا، ئۇيغۇرلار يۇەن سۇلالىسى زامانىسىدا قۇبلايخاننىڭ يازلىق يۇقۇرىدىكى پايتەخت دورۇن يەنى ھازىرقى خوخخوتتا ۋە چوڭ پايتەخت بېيجىڭدا ئىككى كېسەلخانا قۇرغانلىغى، يەنە تېخىمۇ چوڭ بولغان «گۇاڭخۇيىسى» كېسەلخانىسى قۇرغانلىغى ھەمدە چىنگىزخاننىڭ كۆزىنى سەمەرقەنتدىكى ئىسلام تىۋىپلىرى داۋالىغانلىمى كۆرسىتىلگەن.

ئۇيغۇر ئالىمى مەشھۇر پەيلاسوپ، تىلشۇناس، ماتېماتىك ۋە تىۋىپ فارابى (370950) نىڭ تولۇق ئىسمى ئەبۇنەسىر مۇھەممەد ئىبنى ئوزلۇق ئىبىنى تارخان بولۇپ، بولغان مۇھەممەد ئىسىملىك ھەربى كىشىنىڭ ئوغلى ئىدى. ئۇ، فاراپ شەھىرىدە تۇغۇلغانلىغى ئۈچۈن فارابى دەپ ئاتالغان. فاراپ شەھىرى ئۆز زامانىسىدا قەشقەرگە كېيىن قاراخانىلار خانلىغىغا قارىغان. ئەبونەسىر فارابى دەسلەپ فاراپ شەھىرىدە ئوقۇغان كېيىن بالاساغۇن، قەشقەردە بىلىم ئالغان.

فارابى ئىلىم-پەننىڭ ھەممە ساھەلىرىنى دىگەندەك كۆڭۈل قويۇپ ئۈگەنگەن ۋە چوڭقۇر تەتقىق قىلغان ھەمدە پارلاق مۇۋەپپەقىيەتلەرنى قولغا كەلتۈرگەن يۈكسەك ئىرادىلىق ئالىم. ئۇنىڭ ئەڭ چوڭ مۇۋەپپەقىيىتى، قەدىمى يۇنان پەيلاسوپى ئارستوتېل ئەسەرلىرىنى ئىسپاتلاش، شەرھىلەش ۋە تەرجىمە قىلىشتا گەۋدىلىك ئىپادىلىنىدۇ. تولۇق بولمىغان مەلۇماتلارغا قارىغاندا ئۇ، 160 پارچە ئەسەر يازغان ھەمدە تىبابەتچىلىكنىمۇ ئۈگەنگەن بولۇپ ھازىر مەلۇم بولىشىچە، تىبابەتچىلىك ھەققىدە «نەزىرىي ۋە ئەمىلىي تىبابەت» قاتارلىق 6 پارچە مۇھىم ئەسەر يازغان. فارابىنىڭ مىلادى 938-يىلى يازغان «مەدنەتۇل فازىلە» دىگەن تىببى ئەسىرى، دۇنيا تىپ تارىخىي جەمىيىتىنىڭ ئەزاسى. مەشھۇر ئالىم، پروفېسسور، دوكتور، سوھەيل ئەنۋەر تەرىپىدىن ئېلان قىلىنغان. ئېبىنسىنا «مەن سېتىپ ئالغان ۋە ئوقۇپ خۇرسەن بولغان كىتاپلار ئاپتورى فارابى، تېۋىپ ۋە پەيلاسوپ ئىدى» دىگەن . فارابى بۇنىڭدىن 10 ئەسىر بۇرۇن يازغان تەبىئەت دۇنياسىنىڭ تىرىك ئورگانىزىم بىلەن بولغان مۇناسىۋىتى ۋە تەسىرى توغرىسىدا ئادەم بەدىنىنىڭ بىر پۈتۈنلىگى، مىڭە (نېرۋا) ، يۈرەك ۋە باشقا ئەزالارنىڭ تۈزۈلۈشى ۋە خىزمەتلىرى توغرىسىدىكى «كالام دەر بايان ئەزا (ئەزالارنىڭ تۈزۈلۈشى، خىزمەتلىرى توغرىسىدىكى تىببى ئەسەر)»، «مەنانى ئەقىل» (ئەقىل- ئىدراك ۋە ئۇنىڭ تەكامۇللىنىشى توغرىسىدىكى تىببى ئەسەر)، «روھ ۋە جان توغرىسىدا»، «ساراڭلىق ھەنقىدە»، «ئاڭلاش ۋە كۆرۈش ھەققىدە»، «تەبىئەت جىسىملىرىنىڭ ئىسسىق، سوغاق، ھۆل، قۇرۇقلىغى ھەققىدە» دىگەن ئەسەرلىرىدە ناھايىتى ئىلمى بولغان بىر يۈرۈش كۆزقاراشلىرىنى دۇنياغا ئېلان قىلغان. ئەبۇ نەسىر فارابى، تىۋىپلارنىڭ ئەخلاقى، پەزىلىتى، كېسەلگە قانداق يۈكسەك دەرىجىدە مەسئۇل بولۇش كېرەكلىگى ھەققىدە توختىلىپ: «تىپ ئۈگىنىشنى ئىرادە قىلغانلار ئەخلاقى ياخشى، ئۆزى ياش، قابىل، زېھنى ئۆتكۈر، ئۈگىنىشكە قىزىقىدىغان، مىجەزى خۇشخۇي، مۇلايىم، ئەدەپلىك ۋە راستچىل، سەمىمى بولۇشى كېرەك. كىشىلەرگە كۆيۈنمەيدىغان، كېسەللەرنىڭ ھالىغا يەتمەيدىغان، يالغان -ياۋداق سۆزلەر بىلەن خەلقلەرنى ئالدايدىغان يامان ئىشلاردىن، پەس – ئارزۇ ھەۋەسلەردىن خالى بولۇشى، پۈتۈن زېھنىنى بىلىمگە بېغىشلىشى لازىم. چۈنكى ئىلىم – ئەھلى، ئىلىمدىن باشقىنى ئېتىۋارغا ئالمايدۇ. مۇنداق پەزىلەتلەر بولمىغانلارنىڭ ھەممىسى يا يالغان تىۋىپدۇر . بۇلارنى ھەرگىزمۇ ھۆكۈما دىگىلى بولماس» دىگەن. كىشىلەر ئۆز زامانىسىدا فارابىغا «2-ئۇستاز» دەپ نام بېرىپ ئىززەتلەپ، ھۆرمەتلىگەن. (1- ئۇستاز ئارستوتېل نەزەردە تۇتۇلغان).

غەربىي زىمىندا ياشىغان ئاتاقلىق پەيلاسوپ، ئېنسىكلوپىدىسىت، مەشھۇر تىۋىپ ئەبۇئېلى ئېبىنسىنا (980 – 1037) دۇنياغا تونۇلغان ئالىم بولۇپ، ئۇ ئۆزىدىن بۇرۇن ئۆتكەن ۋە ئەسىرداش ھۆكۈما- تەۋىپلارنىڭ تىببى – دورىگەرلىك تەجرىبىلىرىنى ئۆزلەشتۈرۈش، يەكۈنلەشكە ماھىر بولۇپلا قالماستىن، ھەر بىر كېسەللىكنىڭ سەۋىۋى تەرەققىيات جەريانى، ئاقىۋىتى، دورا ئەشيالىرىنىڭ خاراكتىرى، ئۈنۈدى قاتارلىقلارنى ئۆزى مۇستەقىل تەجرىبە ۋە ئەمىلىيەتتىن ئۆتكۈزۈپ خۇلاسىلاشقىمۇ ناھايىتى ماھىر ئىدى. شۇنداقلا ئۆزىدىن بۇرۇن ئۆتكەن ئالىملارنىڭ كۆزقاراشلىرىدىكى يېتىشسىرلىكلەرنى ئۆزىنىڭ ئەمىلىي تەجرىبە نەتىجىلىرى بىلەن تولۇقلىغان، خاتالىرىنى رەت قىلغان، توغرىلىرىنى ئىجادى ھالدا تەرەققى قىلدۇرغان. ئۇ، ئوڭۇشسىزلىقلار ئىچىدە ئۆتكەن چەكلىك ھاياتىدا ئىلىمپەن ئۈچۈن ئۆچمەس تۆھپىلەر قوشقان. شۇنىڭ بىلەن بىرگە ئۇيغۇر تىببى – دورىگەرلىك ئىلمىنىڭ نەزىرىيىۋى ۋەكلىنىك داۋالاش جەھەتلەردە يەنە بىر قەدەم ئىلگىرىلىگەن ھالدا يۇقۇرى كۆتىرىلىشى ئۈچۈن ھەسسە قوشقان. ئېبىنسىنا تىببى ئاساسىي پەنلەر، ھەر قايسى كلىنىك پەنلەر، دورىگەرلىك، ئوزۇقشۇناسلىق، ھىپىزە سەھەت ۋە باشقا ساھەلەردە تەتقىق ئېلىپ بارغان. ھەرقايسى پەنلەر بويىچە نۇرغۇن ئەسەرلەر يازغان. ئۇ، پەقەت تىببى پەن جەھەتتىلا «كىتابۇششىغا»، «ئەلقانون فىت تىبىب» قاتارلىق مەشھۇر ئەسەرلەرنى يېزىپ چىققان. ئەلقانوننىڭ يېزىلىپ چىقىلىشى دۇنيا مىدىتسىنا پېنىنىڭ يېڭو تەرەققىيات دەۋرىنى ئاچتى، بۇ كىتاپ لاتىنچىغا تەرجىمە قىلىنغاندىن كېيىن، يەنە كۆپ تىللارغا تەرجىمە قىلىنىپ 40-30 قېتىمدىن كۆپرەك قايتا بېسىلدى. 12- ئەسىردىن 18ئەسىرگىچە شەرق ۋە غەرپ ئەللىرىدە مىدىتسىنانىڭ مۇقەددەس كىتاۋى بولۇپلا قالماي، بەلكى مىدىتسىنا ئىنىستىتوتلىرىنىڭ ئاساسىي دەرسلىكلىرىدىن بولۇپ كەلدى. ئۇنىڭ تەلىماتى ھازىرقى ياۋروپا مىدىتسىناسىنىڭ تەرەققىياتىغا ئاساس سېلىپ، يول ئېچىپ بەردى. ئۇنىڭ يازغان كىتاپلىرى ۋە كېسەلىكلەرنى تەكشۈرۈش، داۋالاش، ئالدىنى ئېلىش جەھەتتىكى تەجرىبە، تەلىماتلىرى ھازىرمۇ مۇھىم ئەھمىيەتكە ئىگە، ھىلىمۇ تېخى ئۆز ئەھمىيىتىنى يوقاتقىنى يوق. ئېبىنسىنا تىبابەتچىلىك ئىلمىنى خۇددى فارابىدەك «نەزىرىيىۋى تىبابەتچىلىك» ۋە «ئەمىلىي تىبابەتچىلىك» دەپ ئىككى تارماققا بۆلگەن.

قاراخانىلار دەۋرىدە ئۆتكەن مەشھۇر تىبابەتشۇناس، تىۋىپ ۋە مۇدەررىس ئىماددىدىن قەشقىرى ئۇيغۇر تىلىدا «شەرھى ئەلقانون»، «شەرھى شىپا» ناملىق ئەسەرلەرنى يېزىپ شەرققە ئېبىنسىنانىڭ ئەلقانونىغا ئىزاھ بەرگەن. شۇ ئارقىلىق ئېبىنسىنانىڭ تەلىماتلىرىنى . ئىلگىرىلەپ تەرەققى قىلدۇرۇشتا تۆھپە قوشقان.

شۇ زاماندا ئۆتكەن مەشھۇر تىۋىپ مۇھەممەت ئېلى مۇھەممەت ئىمىن يەركەنت، «زىيائۇل قۇلۇپ» (قەلب نۇرلىرى) ناملىق تىبابەتچىلىك ئەسىرىنى يېزىپ چىققان. بۇ كىتاپتا: ئېبىنسىنانىڭ «ئەل قانۇن فىت تبىب» ناملىق بۇ نادىر ئەسىرى، قەشقەردىكى ئۆز زامانىسىنىڭ ئالى ئوقۇش يۇرتى بولغان «مەدرىس ساجىيە» (نۇر چاچقۇچى مەدرىس) دە ئوقۇتۇش دەستۇرى قىلىنغانلىغى كۆرسىتىلگەن. كېيىنچە مىلادى 1037 – يىلى ئاتۇشتا ئۇنىڭ شۆبە دارىلغۇنۇنى بولغان «ساج» مەدرىسىدە ھەر خىل پەنلەر قاتارىدا ئېبىنسىنا تىببى تەلىماتلىرىدىن دەرسلەر ئوقۇلۇپ كۆپلىگەن مۇنەۋۋەر تىۋىپلار يېتىشىپ چىققان.

يۈسۈپ خاس ھاجىپ (تەخمىنەن 1018 – 1075) قاراخانىلار دەۋرىنىڭ دۆلەت ئەربابى، ئەڭ ئاتاقلىق شائىرى، پەيلاسوپى، مۇتەپەككۈرى بولۇپلا قالماستىن، تىبابەتچىلىكتىن خەۋىرى بار ئۇلۇغ ئالىم ئىدى. ئۇنىڭ «قۇتاتقۇبىلىك» ناملىق چوڭ ھەجىمدىكى داستانى، 11- ئەسىردىكى ئۇيغۇر ئەدەبى تىلنىڭ ئەڭ ياخشى نەمۇنىسى، ئۇلۇغ ۋەتىنىمىز جۇڭگونىڭ مەدىنى غەزنىسىدىكى بىباھا گۆھەرلەرنىڭ بىرى، خەلقىمىزنىڭ ئىپتىخارى. يۈسۈپ خاس ھاجىپ «قۇتاتقۇبىلىك» دە تىۋىپلار بىلەن قانداق مۇناسىۋەتتە بولۇش ھەققىدە توختىلىپ تىۋىپلارنىڭ پۈتۈن كېسەللەرگە داۋا قىلىدىغانلىغى، ئۇلارنى ئېزىز كۆرۈپ ئۆزىگە يېقىن تۇتۇش ھۆرمەتلەشنى ئالاھىدە تەكىتلەپ كۆرسەتكەن. يۈسۈپ خاس ھاجىپ يەنە، ئۇيغۇر تىبابەتچىلىگىنىڭ ئاساسىي نەزىرىيىۋى ئىلمى بولغان 4 خىلىت يەنى سەپرا، قان، بەلغەم، سەۋدا ھەققىدىمۇ توختالغان. ھەمدە كېسەللىكنىڭ ئېغىزدىن كىرىدىغانلىغىنى قايتا-قايتا تەكىتلەپ، ئوزۇقلىنىشتا نىمىلەرگە دىققەت قىلىش لازىملىغىنى ئىخچام، چۈشىنىشلىك قىلىپ شەرھىلەپ بەرگەن:

«كېسەل گالدىن كىرەر، ئۇنى چىڭ كۈزەت،
يىگىن ئاشنى تەڭشەپ، ئاز – ئاز يە پەقەت .»

«غىزانى يە ئۆلچەپ، يىمە تولا كۆپ،
ئەقىل بىر ئەزىز سۆز ئېيتتى بۇڭا خوپ:

تولا يىگۇچىنىڭ ئېشى سىڭمىغاي،
ھەزىم بولمىسا ئاش، ھەر يان ئاغرىغاي.»

«تولا يىگەن كىشى كېسەلچان بولۇر،
سېرىق يۈز، ياداڭغۇ، ئۆزىنى خار قىلۇر .»

«ئېغىزدىن كىرۇر ئاش بىلەن بۇ كېسەل،
قېرىتۇر كىشىنى يېشىدىن ئەۋەل.»

«تولا كۆردۈم ئەمدى ئەزىز كىشىلەر،
گېلىنى يىغالماي بولۇپ كەتتى يەر.»

«كېسەل دەردى ئەرگە گېلىدىن كىرۇر
ئۇنىڭ دورىسى ھەم ئېغىزدىن بولۇر.»

«تىرىك بولسا ئادەم ئۇ كېسەل بولۇر،
تىۋىپلار كېسەلگە داۋالار قىلۇر .»

«ئۇلارنى سەن ياخشى كۆرۈپ، تۇت يېقىن،
ئۇلاردۇر كېرەكلىك، كۈزەت سەن ھەقىن.»

«تۈركى تىللار دىۋانى» نىڭ ئاپتورى مەھمۇت قەشقىرى، ئۇيغۇر خەلقىنىڭ 11- ئەسىردە ئۆتكەن ئۇلۇغ ئالىمى، ئۇ مەشھۇر تىلشۇناس، ئېنسكلوپىدىسىت بولۇپلا قالماستىن، تىبابەتچىلىكتىنمۇ خەۋىرى بار ئىدى. ئۇنىڭ «تۈركى تىللار دىۋانى» بىزنى ئۇيغۇرلارنىڭ قەدىمقى تىببى ئىلمى، تىبابەت تارىخىي جەھەتتىكى يەنى، ئاتا-بوۋىلىرىمىزنىڭ ئىشلەپچىقىرىش كۈرىشى جەريانىدا تەبىئەت ۋە كېسەللىكلەر بىلەن كۈرەش قىلغانلىغى، ھەر خىل داۋالاش تەدبىرلىرىنى ئىجات قىلغانلىغى ۋە تۈرك، ئۇيغۇرلار ماكانلاشقان رايونلارنىڭ يەر، سۇ، ھاۋاسى؛ خەلقلەرنىڭ تۇرمۇش، ئۆرپ – ئادەتلىرى، غىزالىنىش ئەھۋاللىرى، بۇ جايلاردا ئۆسكەن ئۆسۈملۈكلەر، مەدەن، دورا-دەرمەك بايلىقلىرى، شاراپ تەييارلاش ئۇسۇللىرى قاتارلىقلار بىلەن يىغىپ ئېيتقاندا، كېسەللىكلەرنى داۋالاش ۋە دورىگەرلىك ئىلمى توغرىسىدىكى نۇرغۇن ماتىرىياللار بىلەن تەمىنلەيدۇ.

مەھمۇت قەشقىرى يەنە شۇ دەۋردە خەلق ئىچىدىكى كېسەللىكلەردىن قان بېسىمى كېسەللىگى، ماخاۋ كېسەللىگى، ئۇيقۇسىزلىق، بەزگەك، ئاق كېسەل، ئىچ ئۆتكۈ، زۇكام، باش ئاغرىغى، چىش ئاغرىغى، چاپلاشقاق كېسىلى، قوساق ئاغرىغى، قېرىندا سېرىق سۇ يىغىلىپ قېلىش كېسەللىگى، سېرىق چىچەك كېسەللىگى، ئۆسمۈرلەرنىڭ تىرنىغىغا ئاق داغ چۈشۈش كېسەللىگى، كېزىك كېسەللىگى، ئاياللارنىڭ يۈزىگە داغ چۈشۈش كېسىلى، تاز يارىسى، قىچىشقاق كېسەللىگى قاتارلىق ھەر خىل كېسەللىكلەرنى داۋالىغانلىغى؛ قوساق ئاغرىغىنى ئىگىر بىلەن داۋالىغانلىغى، «ئاكىت» دەپ ئاتىلىدىغان بىر خىل دورىنى زەپەر بىلەن قوشۇپ ئاياللارنىڭ يۈزىدىكى داغنى داۋالىغانلىغىنى بىر – بىرلەپ بايان قىلغان. يەنە ھەر خىل كېسەللىكلەرنى داۋالاپ ساقايتىشتا ھەسەل، زەپەر، مېھرى گىياھ، قوداي يېغى، ئىپار ۋە ھايۋان، ئۇچار – فاناتلار ھەمدە ھەر خىل ئۆسۈملۈكلەردىن پايدىلانغانلىغى توغرىسىدا تەپسىلى مەلۇمات بەرگەن.

يۇقۇرقىلاردىن ئۇيغۇر خەلقىنىڭ ئۆزىگە خاس، مۇكەممەل سېستىما ۋە ئۇزۇن مۇددەتلىك تارىغقا ئىگە بولغان تىبابەتچىلىك ئىلمى ۋە ئۇلۇغ ئالىمنىڭ تىبابەتچ خېلى يۇقۇرى دەرىجىدە خەۋىرى بارلىغىنى كۆرۈپ ئالالايمىز.

ئۇيغۇر ئالىمى ئاتاقلىق تىلشۇناس، لۇغەتشۇناس تىۋىپ جامالىدىن قەرشى ئالمىلىقتا تۇغۇلغان بولۇپ، قاراخانىلار دەۋرىدە قەشقەردىكى مەدرسە ساجىيەدە مۇددەرسلىك قىلغان تىبابەتچىلىك ئىلمىدىن دەرس ئۆتكەن. مىلادىنىڭ 1282-يىلى «سوراھ» ناملىق ئەرەپچە ئىزاھلىق چوڭ لۇغەت ئىشلىگەن ھەمدە لۇغەتكە نەچچە مىڭ تىببى ئا ئاتالغۇ كىرگۈزگەن. بۇ ئەسەر مىلادى 1910- يىلى ھىندىستاندا بېسىلىپ دۇنياغا تارقىتىلغان. ئاپتور ئەسىرىدە، قەشقەردىكى «مەدرىس ساجىيە» نىڭ كۆپ مىقداردىكى كىتاپلار ساقلانغان، چوڭ كۆلەملىك كىتاپ غەزنىسىگە ئىگە ئىكەنلىگىنى قەيىت قىلغان.

مەشھۇر ئۇيغۇر، تىۋىپى نورۇز ئاخۇنۇم (؟ – 1379) ھەم تىۋىپ ھەم يېتىشكەن دورىگەر بولۇپ، قەشقەر، يەركەنت، خوتەن قاتارلىق جايلاردا كېسەلگە دىئاگنوز قويۇش، داۋالاش ۋە دورىگەرلىك جەھەتتىكى تېخنىكىسى ئارقىلىق زور شۆھرەت قازانغان. ھەمدە نۇرغۇن شاگىرت يېتىشتۈرگەن. ئۇنىڭ ئۈنۈملۈك دورا نۇسخىلىرى ۋە دورا ياساش ئۇسۇللىرىنى تىۋىپ ۋە دورىگەرلىرىمىز تاھازىرغىچە قوللىنىپ كەلمەكتە.

ئۇيغۇر ئالىمى، مەشھۇر تىۋىپ ئالائىدىن مۇھەممەت خوتەنى ھىجرى 901-يىلى خوتەندە «قەۋانىنۇلئىلاج» ناملىق تىببى ئەسەرنى يازغان ۋە نۇرغۇن تىۋىپلارنى تەربىيەلەپ يېتىشتۈرگەن.

ئالىم مىرزا ھەيدەر قەشقىرى يازغان «تارىخىي رەشىدى» دە ئىلى ھاكىمى خىزىر خوجىنىڭ ۋەزىرى قەمەدىدىن دىگەن كىشىنىڭ غۇلجا رايونى بويىچە داڭ چىقارغان تىۋىپ ئىكەنلىگى يېزىلغان.

«دەستۇرىلئىلاج» ناملىق چوڭ تىببى ئەسەر، سەئىدىيە خانلىغى دەۋرىدە يەركەندە پارىسچىدىن چىغاتاي تىلىغا تەرجىمە قىلدۇرۇلغان قىممەتلىك ئەسەرلەردىن بولۇپ، كىتاپ 24 باب 256 پەسىلگە بۆلۈنگەن، جەمى 840 بەت.

مەشھۇر تىۋىپ ئېلى بېك مورادبېك قەشقىرى «ئەغراز تىببىيە» ناملىق تىببى ئەسەر (قوليازما) نى ھىجرىيە 1150-يىلى قەشقەردە يازغان.

مەشھۇر تىۋىپ سېيىت مۇختار بۇلاقبەك «تىببى شىغا» ناملىق يىرىك تىببى ئەسەرنى ھىجرىيە 1251-يىلى قەشقەردە يازغان. كىتاپ 104 بابقا بۆلۈنگەن.

مەشھۇر تىۋىپ سوپى ئاخۇنۇم . مەھەممەت ئىمىن ئىبنى كىپەك، تونۇلغان جامائەت ئەربابى، قەشقەردە مۇندىن 130 يىل بۇرۇن ئۆتكەن مەشھۇر تىۋىپ بولۇپ، كېسەل داۋالاش ۋە دورىگەرلىكتە داڭ چىقارغان ھەمدە نۇرغۇن شاگىرتلارنى يېتىشتۈرگەن. سوپى ئاخۇنۇمنىڭ دادىسى، بوۋىسى ۋە تۆت ئەجدادىمۇ ئۇيغۇر تىبابەتچىلىگى بىلەن شۇغۇللانغان. «شىغا ئۇلقۇلۇپ» (دىللار شىپاسى) ناملىق تىببى ئەسەرنى ھىجرىيە 1156-يىلى يازغان.

يەركەنلىك مەشھۇر تىۋىپ سۈپۈرگە ھاجىم كۆز كېسەللىكلىرىنى داۋالاشتا داڭ چىقارغان بولۇپ، 80 ياشلىرىغىچە تىۋىپچىلىك بىلەن شۇغۇللانغان. ئۇ، سوپى ئاخۇنۇمنىڭ زاماندىشى ئىدى.

بەرقى تەجەللى قاغىلىق ناھىيىسىدىن بولۇپ، يېقىنقى زامان ئۇيغۇر ئالىمى، شائىر ۋە ماھىر تىۋىپ، ئۇنىڭ ئۈنۈملۈك داۋالاش نۇسخىلىرى ھازىرغىچە قوللىنىپ كېلىنمەكتە.

ئۇيغۇر تىبابەتچىلىگى، نەزىرىيىۋى ۋە ئەمىلىي تىبابەتچىلىك دەپ ئىككىگە بۆلىنىدۇ. ئۇ ئۆزىگە خاس مۇكەممەل، سېستىمىلىق نەزىرىيىۋى ئاساسقا ئىگە. يەنى، تۆت چوڭ ماددا (ئاناسىر ئەربەئە) نەزىرىيىسى، مىزاج نەزىرىيىسى، تۆت خىلىت نەزىرىيىسى، ئەزالار نەزىرىيىسى، قۇۋۋەت نەزىرىيىسى ۋە ساقلىق-ساقلاش زۆرۈر قائىدىلىرى، كېسەللىك سەۋەپلىرى، كېسەللىكلەرنى تۈرلەرگە ئايرىش، كېسەللىكلەرگە دىئاگنوز قويۇش (ئىلمى تەشخىس) نەزىرىيىلىرى، داۋالاش قائىدە-پىرىنسىپلىرى، ئۇسۇللىرى، يىمەك – ئىچمەك، كۈتۈش ھەققىدە ۋە مۇكەممەللەشكەن دورا ئىلمى، ياسالما نۇسخىلىرى ئىلمى ھەققىدە بىر يۈرۈش نەزىرىيىلىرى بار.

كلىنىك جەھەتتە كېسەللىكلەر ئىلمىنى ئىچكى كېسەللىكلەر ئىلمى، تاشقى كېسەللىكلەر ئىلمى (تېرە كېسەللىكلىرى، چىقىق-سۇنۇقلارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ)، بالىلار كېسەللىكلىرى ئىلمى، ئاياللار كېسەللىكلىرى ئىلمى، بەش ئەزا كېسەللىكلىرى ئىلمى قاتارلىق ھەرقايسى مەخسۇس بۆلۈم پەنلىرىگە ئايرىيدۇ. ئۇ، ئۇزۇن مۇددەتلىك تەرەققىيات ۋە كلىنىك ئەمىلىيەتلىرى جەريانىدا تەدرىجى شەكىللەنگەن بولۇپ، ئۈزلۈكسىز تولۇقلىنىش ئارقىلىق ئۆز مەزمۇنىنى بېيىتقان ۋە ھەرقايسى كلىنىك بۆلۈملەرگە خاس بولغان نەزىرىيە ۋە كلىنىك داۋالاش ئىلمى بولۇپ سېستىمىلاشقان. تۇرپاندىن تېپىلغان ئارخىلوگىيىلىك تارىخىي ھۆججەتلەرگە قارىغاندا بۇنىڭدىن 1400 – 1000 يىل ئىلگىرىلا ئۇيغۇر تىۋىپلىرىمىز كېسەللىكلەرنى تېرە كېسەللىكلىرى، كۆز كېسەللىكلىرى، قۇلاق، بۇرۇن ۋە بوغۇز كېسەللىكلىرى، چىش كېسەللىكلىرى، نېرۋىغا تەئەللۇق كېسەللىكلەر، نەپەس ئېلىش ئەزالىرى كېسەللىكلىرى، يۈرەك كېسەللىكلىرى، ھەزىم قىلىش ئەزالىرى كېسەللىكلىرى، ھەر تۈرلۈك ئىچكى كېسەللىكلەر، سۈيدۈك يولى ۋە جىنسى ئەزا كېسەللىكلىرى، جەراسىم (مىكىروپ، ۋىروس) كېسەللىكلىرى ۋە تازىلىق، كېسەللىكلەرنىڭ ئالدىنى ئېلىش ھەققىدىكى نەسىھەتلەر قاتارلىق 12 چوڭ تۈرگە ئايرىغان. يەنە بىر يۈرۈش مۇقىم دورا ئۆلچەملىرى بولغان. بۇ ئۇيغۇر تىبابەتچىلىگىنىڭ مۇندىن 10 نەچچە ئەسىر ئىلگىرىلا خېلى يۇقۇرى دەرىجىدە تەرەققى قىلغانلىغى، مۇكەممەل سېستىما بولۇپ شەكىللەنگەنلىگىنى كۆرسىتىپ بېرىدۇ.

ئۇيغۇر تىبابەتچىلىگى، ئادەم بەدىنىنىڭ بىر پۈتۈنلىگىنى ئالاھىدە تەكىتلەش بىلەن بىرگە، تەبىئەت دۇنياسىنىڭ ھاياتلىققا دائىم، زىچ تەسىر قىلىپ تۇرىدىغانلىغىنى ئالاھىدە كۆرسىتىدۇ. كەڭ تەبىئەت دۇنياسىنىڭ تۆت چوڭ ماددا (ئاناسىر ئەربەئە) يەنى ئوت، ھاۋا، سۇ، تۇپراقتىن تەشكىل تاپىدىغانلىغى، تەبىئەت دۇنياسىنىڭ ئۇلار زىددىيىتى نەتىجىسىدە تەرەققى قىلىدىغانلىغى ھەمدە تەبىئەت دۇنياسىدىكى ئىنسانلارنىڭمۇ ئۇلارنىڭ دائىملىق تەسىرىدە بولىدىغانلىغى، ئۇلارسىز ماددىلارنىڭ يېتىلمەيدىغانلىغى، ھاياتلىق بولمايدىغانلىغىنى كۆرسىتىدۇ. تۆت ئاناسىر ئوخشىمىغان خىل 4 خۇسۇسىيەتكە ئىگە ماددا بولۇپ، ئوت، قۇرۇق ئىسسىق؛ ھاۋا، ھۆل ئىسسىق؛ سۇ، ھۆل سوغاق؛ تۇپراق، قۇرۇق سوغاق بولىدۇ. ئۇلار بىر – بىرىگە زىت شۇنىڭدەك بىر – بىرىنى تەقەززا قىلىدۇ. ئۇلار بەدەندە ئىسسىغلىق، سوغاقلىق، ھۆللۈك، قۇرۇقلۇقتىن ئىبارەت 4 خىل كەيپىياتنى بارلىققا كەلتۈرىدۇ. 4 كەيپىياتنىڭ بەدەندىكى قارىمۇ-قارشى پائالىيەتلىرى نەتىجىسدە مىزاج ھاسىل بولىدۇ دەپ قارايدۇ. مىزاجلار مۆتىدىل ۋە غەيرى مۆتىدىل ئىككى چوڭ تۈرگە ئايرىلىدۇ. غەيرى مۆتىدىل مىزاج يەنە يالغۇز (ئىسسىق، سوغاق، ھۆل، قۇرۇق) ۋە مۇرەككەپ (قۇرۇق ئىسسىق، ھۆل ئىسسىق، ھۆل سوغاق، قۇرۇق سوغاق) غەيرى مۆتىدىل مىزاجلارغا بۆلىنىدۇ دەپ قارايدۇ.

تۆت خىلىت تەلىماتى تۆت ئاناسىر، كەيپىيات ۋە مىزاجلار توغرىسىدىكى قەدىمى ماتىرىيالىستىك كۆزقاراشلار ئاساسىدا مەيدانغا كەلگەن بولۇپ، ئۇ، ئۇيغۇر تىبابىتىنىڭ ساقلىق، كېسەللىك، كېسەللىكلەرنى داۋالاشنى تەرىپلەش، چۈشەندۈرۈشتىكى مۇھىم تەلىماتلىرىنىڭ بىرى بولۇپ ھىساپلىنىدۇ. ئۇيغۇر تىبابىتى تۆت خىلىتنى، تەبىئەت دۇنياسىدىكى تۆت ئاناسىرىنىڭ بەدەندىكى تەقلىت زاھىرى دەپ شەرھىلەيدۇ.

تۆت خىلىت (سەپرا، قان، بەلغەم، سەۋدا) بەدەننى تەشكىل قىلغان، بىر – بىرىگە ئوخشىمايدىغان مۇھىم سۇيۇقلۇقلار بولۇپ، سەپرا خىلىتنىڭ تەبىئىتى قۇرۇق ئىسسىق، قاننىڭ تەبىئىتى ھۆل ئىسسىق، بەلغەمنىڭ تەبىئىتى ھۆل سوغاق، سەۋدانىڭ تەبىئىتى قۇرۇق سوغاق. ئۇلار ھاياتلىقتا سەرپ قىلىنىپ، يېڭئىشلىنىپ دەۋرى قىلىپ، تەڭپۇڭلۇقنى ساقلاپ، ئىنسان ھاياتىنىڭ ساغلاملىق شەرتلىرىنى ھازىرلاپ تۇرىدۇ. ئۇلار بىر-بىرىنى تىزگىنلەيدۇ، تولۇقلايدۇ. ئۇلارنىڭ تەڭپۇڭلىغى نىسبى، زىددىيىتى مۇتلەق بولىدۇ. تەڭپۇڭلىغىنىڭ بۇزۇلۇشى، سان ياكى سۈپەت جەھەتتىكى غەيرى تەبىئى ئۆزگىرىشى، كېسەللىك ئۆزگىرىش ھالىتى بولۇپ ھىساپلىنىدۇ. خىلىتلارنىڭ تەڭپۇڭلىغى، سان، سۈپەت جەھەتلەردىكى ئۆزگىرىشلىرى كېسەللىكلەرنىڭ مۇھىم ئىچكى سەۋەپلىرى؛ تەبىئەت دۇنياسىدىكى تۆت ئاناسىر ۋە باشقا ئامىللارنىڭ غەيرى تەسىرى تاشقى سەۋەپ بولۇپ ھىساپلىنىدۇ.

دىمەك، ئۇيغۇر تىبابىتى، ئىنسان بەدىنى ئىچكى ۋە تاشقى ئامىللارنىڭ بىرلىگى ۋە زىددىيىتى ئاساسىدا تەرەققى قىلىدۇ ۋە ھاياتلىق جەريانىنى بېشىدىن كەچۈرىدۇ دەپ قارايدۇ.

ئۇيغۇر تىبابەتچىلىگى، ئادەمنىڭ ئومۇمى بەدىنىنى بىر پۈتۈن گەۋدە دەپ قارايدۇ. ئەزالارنىڭ تۇتقان ئورنى ۋە رولىغا قاراپ، باشقۇرغۇچى ئەزا ۋە باشتۇرۇلغۇچى ئەزالار دەپ 2 چوڭ تۈرگە ئايرىپ كونكىرىتنى تەرىپلەيدۇ. يەنى مىڭە، يۈرەك، جىگەرلەرنى باشقۇرغۇچى ئەزا (رەئىس ئەزا) لار؛ ئۆپكە ئاشقازان، تال، ئۈچەي، بۆرەك قاتارلىقلارنى باشقۇرۇلغۇچى ئەزالار قاتارىغا كىرگۈزىدۇ ھەم يۇقۇرقى ئەزالارنىڭ كونكىرىتنى روللىرىغا قاراپ بەزىلىرىنى ھەم باشقۇرغۇچى ھەم باشقۇرۇلغۇچى ئەزالار قاتارىغا كىرگۈزىدۇ. مىڭىنى تەپەككۈر، سەزگۈ ۋە جىسمانى يەنى روھى نەفسانىنىڭ مەركىزى؛ يۈرەكنى تىرىكلىك (روھى ھايۋانى) نىڭ باشلىنىش مەنبىئى؛ جىگەرنى ئىنسان ھاياتىدىكى تەبىئى كۈچنىڭ مەركىزى دەپ قارايدۇ.

ئادەم ھاياتى تاماملانغىچە بولغان ئارىلىقتىكى ئەقلىي ۋە جىسمانى ھەركەتلەر سەۋەپچىسى بولغان ئامىل-قۇۋۋەتنى چوڭ جەھەتتە ھاياتلىق كۈچى (قۇۋۋەيى ھايۋانى)، روھى كۈچى (قۇۋۋەيى نەخسانى)، ۋە تەبىئى كۈچى (قۇۋۋەيى تەبىئى) دەپ 3 گە ۋە ئۇلارنى ئۆزلىرى ئۈچۈن خىزمەت قىلغۇچى نۇرغۇنلىغان كۈچلەرگە ئايرىپ ئايرىم-ئايرىم تەرىپلەپ شەرھىلەيدۇ.

ساقلىق -ساقلاش جەھەتتىكى بىر نەچچە زۆرۈرىيەت ۋە قائىدىلەر يەنى ھاۋا، يىمەكئىچمەك، ھەركەت -دەم ئېلىش، ئۇخلاش – ئويغاقلىق، تۇتۇش ۋە چىقىرىش، روھى ھالەتلەر، تازىلىق، يامان ئادەتلەردىن ساقلىنىش قاتارلىقلار ھەمدە ياشانغانلار، ھامىلدارلار، بالىلار، ئاياللارنىڭ سالامەتلىگىنى ئاسراش جەھەتتىكى بىلىملەرنى تەپسىلى تونۇشتۇرىدۇ.

ئۇيغۇر تىبابىتى كېسەللىكلەر سەۋەپلىرىنى ئىچكى سەۋەپ ۋە تاشقى سەۋەپ دەپ 2 گە بۆلۈپ، كونكىرىتنى تونۇشتۇرىدۇ. ھەر خىل كېسەللىك ئالامەتلىرىنى خېلى تەپسىلى ئېنىق كۆرسىتىدۇ.

كېسەللىكلەرنى چوڭ جەھەتتە يالغۇز كېسەللىكلەر ۋە مۇرەككەپ كېسەللىكلەر دەپ 2 تۈرگە ئايرىيدۇ. يالغۇز كېسەللىكلەرنى يەنە مىزاجىنىڭ بۇزۇلۇشى، تەركىپنىڭ بۇزۇلۇشى، پۈتۈنلۈكنىڭ بۇزۇلۇشىدىن ئىبارەت 3 كە بۆلۈپ، مىزاجنىڭ بۇزۇلۇشى خاراكتىرلىك كېسەللىكلەرنى يەنە ماددىلىق ۋە ماددىسىز بۇزۇلۇشى دەپ نۇرغۇن تارماقلارغا ئايرىپ بىرمۇ-بىر سەۋەپ، ئالامەت، داۋالاش ئۇسۇللىرىغىچە تەپسىلى توختىلىپ ئۆتىدۇ.

ئۇيغۇر تىبابەتچىلىگىنىڭ ئۇزۇن مۇددەتلىك ئەمىلىي تەجرىبىلەردىن ئۆتكەن، ئۆزىگە خاس بىر يۈرۈش كېسەللىكلەرنى تەكشۈرۈش، تونۇپ ھۆكۈم چىقىرىش ئىلمى بار. ئۇ، قەدىمى كىتاپلاردا ئىلمى تەشخىس دەپ ئاتىلىدۇ. كېسەللىكنى توغرا تونۇپ دىئاگنوز قويۇش، كېسەللىكلەرنى دەل مۇۋاپىق داۋالاپ، سالامەتلىكنى ئەسلىگە كەلتۈرۈشنىڭ تۈپ ئاساسى. ئۇيغۇر تىبابىتى، تۆت ئاناسىر تەلىماتى، مىزاج تەلىماتى، خىلىت تەلىماتى، قۇۋۋەتلەر نەزىرىيىسى ۋە ئادەم بەدىنىدىكى ھەر بىر ئەزالارنىڭ خىزمەت پائالىيىتى نەزىرىيىلىرى ئاساسىدا ھەمىدە مۇھىمى ئادەم بەدىنىنىڭ بىر پۈتۈنلىگى ۋە ئۇنىڭ تاشقى مۇھىت بىلەن بولغان بىرلىگى، زىددىيىتى ئاساسىدىكى تونۇشلىرىنىڭ يېتەكچىلىگىدە كېسەللىكنى كەلتۈرۈپ چىقارغۇچى ئىچكى – تاشقى سەۋەپ ۋە باشقا ئامىللار ھەمدە ئالامەتلەرنى ۋاستىلىق ۋە ۋاستىسىز ھەر خىل تەكشۈرۈشلەر ئارقىلىق ئەتراپلىق مۇھاكىمە قىلىپ، كېسەللىكلەرگە دىئاگنوز قويىدۇ.

تەكشۈرۈش ئۇسۇللىرى، قاراپ تەكشۈرۈش، تىڭشاپ تەكشۈرۈش، سوراپ تەكشۈرۈش، پۇراپ تەكشۈرۈش، سىلاپ تەكشۈرۈش، تومۇر تۇتۇپ تەكشۈرۈش يەنە چوڭ – كىچىك تەرەتلەرنى تەكشۈرۈش، قۇسۇق، خەپرۈكلەرنى تەكشۈرۈش قاتارلىقلارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. بۇ بىر قاتار ئىلمى ئۇسۇل-چارىلار ئارقىلىق كېسەللىككە دىئاگنوز قويۇشتىكى بىرىنچى قول مۇھىم ماتىرىياللارغا ئېرىشىدۇ. ئۇلارنى ئەتراپلىق مۇھاكىمە قىلىپ، سېلىشتۇرۇپ، كېسەللىكنى كەلتۈرۈپ چىقارغۇچى سەۋەپلەرنى ئايدىڭلاشتۇرۇپ، ئاساسى ۋە ئەگەشمە كېسەللىكلەرنى ئېنىقلاپ توغرا دىئاگنوز قويۇشقا يەنى، كېسەللىكلەر توغرانى داۋالاپ سالامەتلىكنى ئەسلىگە كەلتۈرۈشكە ئاساس تۇرغۇزىدۇ.
قاراپ تەكشۈرۈشتە، ئاغرىق كىشىنىڭ ئومۇمى ھالىتىگە قاراپ ئومۇمى تەسەۋۇر ھاسىل قىلىدۇ. تىلى، تىل گېزى، روھى ھالىتى، چىرايى (چۆزە كالپۇك قاتارلىقلار))، كېسەلنىڭ تۇرقى (مېڭىش، تۇرۇم) ، تېرىسى، نەپەسلىنىش قاتارلىق ئەھۋاللارغا قارايدۇ.

تىڭشاپ تەكشۈرۈشتە، سۆزى، ئاۋازى ۋە كىكىرىك، يۆتەل، قوساقتىن چىققان ھەر خىل ئاۋازلارغا دىققەت قىلىدۇ.

ئۇيغۇر تىبابىتى سوراپ تەكشۈرۈشنى ناھايىتى مۇھىم دەپ قارايدۇ. شۇڭا سوراپ تەكشۈرۈشتە، ئاغرىق كىشى ياكى مۇناسىۋەتلىك كىشىلەردىن كېسەلنىڭ زادى قاچان پەيدا بولغانلىغى، قايسى ساھەنىڭ ئاغرىشى، قانداق ئاغرىشى قاتارلىق سوراشقا تېگىشلىك بارلىق ئەھۋاللارنى سورايدۇ.

تۇتۇپ تەكشۈرۈشتە، بەدىنىنىڭ ھارارىتى، تېرىنىڭ ھۆل – قۇرغاقلىغى، ئىششىق بار – يوقلىغى، تۇتۇپ، بېسىپ كۆرگەندە ئاغرىقنىڭ بار يوقلىغى، قوساقنىڭ كۆپۈش ئەھۋالى چىقىق – سۇنۇق قاتارلىقلارنى ئىگەللەيدۇ.

تومۇر تۇتۇشتا، تومۇرنى ئاساسەن بىلەيزۈك بېغىشىدىكى شىرىيان تومۇردىن تۇتىدۇ، شۇ ئارقىلىق يۈرەكنىڭ ئەھۋالى ھەمدە خىلىت، قۇۋۋەت، مىزاجلار ئەھۋالىدىن تەسەۋۇرغا ئىگە بولۇپ ئۇلاردىكى غەيرى تەبىئى ئۆزگىرىشلەرنى مۇھاكىمە قىلىپ، ئۇنى كېسەللىكلەرگە دىئاگنوز قويۇشتىكى مۇھىم ماتىرىياللارنىڭ بىرى قىلىدۇ. تومۇر تۇتۇش، ئۇيغۇر تىبابەتچىلىگىنىڭ ئۇزۇن مۇددەتلىك كېسەل تەكشۈرۈش داۋالاش ئەمىلىيەتلىرى جەريانىدا توپلىغان مول تەجرىبىسى بولۇپ ئۆزىگە خاس ئالاھىدىلىككە ئىگە. مەسىلەن: تومۇرنى ھەركەت مىقدارى، دولقۇنلۇق كەيپىياتى، ۋاقتى، قاتتىق – يۇمشاقلىغى، ئىسسىق – سوغاق ئۇرۇنۇشى، تومۇر ئىچىدىكى سۇيۇقلۇقلارنىڭ ئاز – كۆپلىگى، تەكشى – تەكشىسىزلىگى، مۇنتىزىم-مۇنتىزىمسىزلىگى ۋە ۋەزنى قاتارلىقلاردىن ئۆلچەيدۇ. شۇنداقلا تومۇرلارنى 29 خىلغا ئايرىيدۇ. ھەمدە ئۇنىڭدىن باشقا ياش، جىنىس، پەسىل، ئورۇق-سېمىز، ئۇيقۇ ۋاقتى، ئويغاق ۋاقتى، ئەمگەك، تەنھەركەت ۋاقىتلىرى، ئاچ، توق ۋاقىتلىرى، سۈرگە ئىچكەن، مۇنچا، ئارشاڭلارغا چۈشكەن ۋاقىتلاردىكى تومۇر پەرقلىرى ۋە ئۆزىگە خاس ئالاھىدىلىكلىرى ئۈستىدىمۇ ئايرىم توختىلىدۇ.

ئۇيغۇر تىبابىتى سۈيدۈكنى تەكشۈرۈشكە ئالاھىدە ئەھمىيەت بېرىدۇ. سۈيدۈكنى تەكشۈرۈشتە، سۈيدۈكنىڭ، رەڭگى، قىيامى، دۇغى، كۆپۈگى، چۆكمىسى، مىقدارى، پۇرىغى قاتارلىقلارنى تەكشۈرۈشنى تەكىتلەيدۇ. چۆكمە خىللىرىنى 12 گە، رەڭگىنى 7 گە بۆلۈپ تونۇشتۇرىدۇ.

چوڭ تەرەتنى تەكشۈرۈشتە، قېتىم سانى، پۇرىغى، رەڭگى، مىقدارى، تەرەتنىڭ قانداق كېلىشى، مەددە قۇرۇتنىڭ بار – يوقلىغى قاتارلىقلارنى تەپسىلى سۆزلەيدۇ.

خەپرۈكنى تەكشۈرۈشتە، بەلغەمنىڭ رەڭگى، قويۇق-سۇيۇقلىغى، قان-يىرىڭ باريوقلىغى، بەلغەمىنىڭ تەستە ياكى ئاسان چىقىدىغانلىغى، پۇرىغى ۋە باشقىلارغا دىققەت قىلىشىنى ئايرىم-ئايرىم سۆزلەيدۇ.

قۇسقان ماددىلارنى تەكشۈرۈشتە، رەڭگى، قېتىم سانى، مىقدارى، قۇسۇقنىڭ چىقىش شەكلى، قان بار-يوقلىغى قاتارلىقلارغا دىققەت قىلىشىنى تەپسىلى تونۇشتۇرىدۇ.

يۇقۇرقى تەكشۈرۈشلەردىن قانداق ئەھۋالدىكىلىرىنىڭ نورمال، قانداق ئەھۋالدىكىلىرىنىڭ غەيرى نورمال ئىكەنلىگى ھەمدە ئۇلارنىڭ كلىنىكىلىق ئەھمىيىتى ھەققىدە ئېنىق، تەپسىلى توختىلىپ ئۆتىدۇ.

دىمەك، ئۇيغۇر تىبابەتچىلىگى يۇقۇرقىدەك ئىلمى نەزىرىيىلەرنىڭ يېتەكچىلىگىدە، ھەر خىل تەكشۈرۈشلەر ئارقىلىق كېسەللىكلەرنى توغرا تونۇپ دىئاگنوز قويىدۇ ھەمدە ھەرقايسى كلىنىك پەنلەردە يورۇتۇپ بېرىلگەن ھەر بىر كېسەللىكنىڭ سەۋەبى، ئالامىتى بويىچە داۋالاش پىرىنسىپ قائىدىلىرىنى تۈزۈپ، مۇناسىپ كەلگەن داۋالاش ئۇسۇللىرىنى قوللىنىپ، لايىق دورىلىرىنى تاللاپ، كۈتۈش ۋە يىمەك – ئىچمەك ھەققىدىكى پەرھىزلىرىنى بۇيرۇپ، كېسەللىكلەرنى ساقايتىدۇ.
ئۇيغۇر تىبابەتچىلىكگى داۋالاش ئۇسۇللىرىنى چوڭ جەھەتتە، ھەر خىل پەرۋىش قىلىش، تەبىئى ۋە روھى چارىلەر بىلەن داۋالاش (ئىلاجى بىتتەدبىر) ؛ يىمەك – ئىچمەكلەر بىلەن داۋالاش (ئىلاجى بىتتەغزىيە)؛ دورىلار بىلەن داۋالاش (ئىلاجى بىلئەدۋىيە)؛ قول ئەمىلىيىتى بىلەن داۋالاش (ئىلاجى بىليەد) دەپ 4 كە ئايرىپ تەپسىلى توختىلىدۇ. ئۇيغۇر تىبابىتى كېسەللەرنى دورا بىلەن داۋالاپلا قالماستىن ئامال بار روھى تەبىئى جەھەتتە، يىمەك – ئىچمەك جەھەتتە داۋالاشقىمۇ ئىنتايىن ئېتىۋار بىلەن قارايدۇ. بۇ دەل ئۇيغۇر تىبابىتىنىڭ نوقۇل ھالدا دورىغىلا تايانماي، «ئۈچ ئۈلۈش دورا يىسەڭ، يەتتە ئۆلۈش كۈتۈن» نى تەكىتلەپ، روھى كەيپىيات، پەرۋىش قىلىش، چىنىقىش، يىمەكئىچمەكلەرگە دىققەت قىلىش قاتارلىق ھەر تەرەپلىمىلىك تەبىئى ئۇسۇللار بىلەن كېسەللىكلەرنى داۋالايدىغان ئەتراپلىق مۇكەممەل سېستىمىلىق داۋالاش ئۇسۇللىرىنىڭ بارلىغىنى كۆرسىتىپ بېرىدۇ.

ئىلاجى بىتتەدبىرى، ھەر خىل پەرۋىش قىلىش، كۈتۈش، روھى جەھەتتە ياردەم بېرىش، ئۈمىتۋار بولۇش، مۇۋاپىق تەنتەربىيە مەشغۇلاتلىرىنى بۇيرۇش، سەيلە قىلدۇرۇش، ئارشاڭ، قۇملارغا چۈشۈش، تازىلىققا دىققەت قىلىش ۋە ھەر خىل ياخشى تەلەپلىرىنى قاندۇرۇشقا قارىتىلغان.

ئىلاجى بىتتەغزىيە، كېسەل كىشىنىڭ يىمەك – ئىچمىگى ۋە نىمىلەرگە دىققەت قىلىشى، پەرھىز قاتارلىقلار كۆزدە تۇتۇلغان. ئۇيغۇر تىبابىتى كېسەللىكلەرنى يىمەك – ئىچمەكلىكلەر بىلەن داۋالاشتا، ئوزۇقلار ئارقىلىق بەدەننىڭ كېسەلگە قارشى تۇرۇش كۈچىنى ئاشۇرۇش، كېسەللىكلەرنى يېڭىشىنى مەقسەت قىلىدۇ. شۇڭا، يىمەكلىكلەرنى رولىغا قاراپ 3 كە بۆلىدۇ. يەنى ئۇلارنى، غىزايى مۇتلەق (ئوزۇقلۇق رولىنىلا ئوينايدىغان تاماقلار)، غىزايى داۋائى (ئوزۇقلۇق ھەم داۋالىق رولى بار تاماقلار)، داۋايى غىزايى (داۋالىق رولى بار تاماقلار غا ئايرىپ، ئايرىم-ئايرىم تەپسىلى بايان قىلىدۇ. شىپالىق تاماقلار ۋە مۇۋاپىق كېلىدىغان كېسەللىكلەر، رىئايە قىلىدىغان ئىشلارنى تونۇشتۇرىدۇ.

ئۇيغۇر تىبابىتىنىڭ داۋالاش پىرىنسپلىرى تۆت ئاناسىرە مىزاج، خىلىت ۋە قۇۋۋەت تەلىماتلىرى ئاساسىغا قۇرۇلغان بولۇپ، كۆپرەك مىزاجىنىڭ خىلىت (ماددا) لىق ۋە خىلىت (ماددا) سىز بۇزۇلۇشىدىكى ئۆزگىرىشلەر ھەم ئۇلارنى تۈزىتىش، كونكىرىتنى ئەھۋالىنى كونكىرىتنى ئۇسۇللار بىلەن داۋالاشنى تەكىتلەيدۇ.

مىزاجىنىڭ خىلىت (ماددا) سىز بۇزۇلۇشىدىن بولغان كېسەللىكلەرنى ئىسسىق، سوغاق، ھۆللۈك، قۇرۇقلۇقتىن دەپ 4 كە بۆلۈپ ئومۇملاشتۇرۇپ سۇ ئىلمىزاج سازەج دەپ ئاتايدۇ. داۋالاشتا كېسەللىك سەۋەبىگە قاراپ، قارىمۇ-قارشى ئۇسۇلدىن پايدىلىنىپ داۋالايدۇ، يەنى ئىسسىقتىن بولسا، سوغاقلىق؛ سوغاقتىن بولسا، ئىسسىقلىق؛ ھۆللۈكتىن بولسا، قۇرۇقلۇق؛ قۇرۇقلۇقتىن بولسا، ھۆللەشتۈرگۈچى تەدبىرلەرنى قوللىنىپ، مىزاجنى تەڭشەيدۇ. بۇ ئىلاجى بىلئەززات دەپ ئاتىلىدۇ.

مىزاجنىڭ خىلىت (ماددا) لىق بۇزۇلۇشىدىن بولغان كېسەللىكلەرنىمۇ ئىسسىق، سوغاق، ھۆللۈك، قۇرۇقلۇقتىن دەپ 4 كە بۆلۈپ، ئومۇملاشتۇرۇپ سۇئىلمىزاج ماددى دەپ ئاتايدۇ. داۋالاشتا كېسەللىك پەيدا قىلغۇجى ماددىغا قاراپ، ماددىنى بەدەندىن چىقىرىش ئۈچۈن ئالدى بىلەن ماددىنى پىشۇرغۇچى مۇنزىج دورىلارنى، كېپىن ماددىنى ھەيدەپ چىقىرىش (تەنقىيە قىلىش) ئۈچۈن مۇسھىل (سۈرگۈچى) دورىلارنى قوللىنىدۇ. ئۇنىڭدىن كېيىن ئەھۋالغا قاراپ ئومۇمى بەدەن ياكى شۇ ئەزانىڭ خىزمىتىنى تەرتىپكە سالغۇچى، كۈچەيتكۈچى مۇقەۋۋىيات دورىلارنى ئىشلىتىدۇ. كېسەللىكلەر بىر خىل كەيپىياتىنىڭ بۇزۇلۇشىدىنلا بولۇپ قالماي، بەلكى كۆپىنچە ئىككى خىل كەيپىياتنىڭ بۇزۇلۇشىدىن بولىدۇ. يەنى قۇرۇق ئىسسىق، قۇرۇق سوغاق، ھۆل ئىسسىق، ھۆل سوغاق بولۇپ، مىزاجنىڭ بۇ خىل بۇزۇلۇشى سۇئىلمىزاج ماددى مۇرەككەپ دەپ ئاتىلىدۇ. داۋالاش قائىدە-پىرىنسىپى، سۇئىلمىزاج ماددى بىلەن ئوخشاش بولىدۇ. مانا بۇ، كېسەللىكلەرنى داۋالاشتىكى بىر چوڭ قائىدە بولۇپ ھىساپلىنىدۇ.

ئۇيغۇر تىبابىتى يۇقۇرقىلاردىن باشقا يەنە كېسەللىكلەرنىڭ يالغۇز (ئاددى) كېسەللىكلىگى ياكى مۇرەككەپ كېسەللىكلىگى، ئاساسى كېسەل ياكى قوشۇمچە كېسەللىكلىگى، نۆۋەتتە جىددى ھەل قىلىشقا تېگىشلىك ئالامەتلىرى، ئىككىنچى قەدەمدە ھەل قىلىشقا تېگىشلىك تەرەپلىرىگە ئالاھىدە كۆڭۈل بۆلىدۇ. ھەر خىل زەھەرلىنىشلەردە، زەھەرلىنىشنى قايتۇرغۇچى، زەھەرنى سۇسلاشتۇرغۇچى، تەسىرىنى توسقۇچى دورا ۋە تەدبىرلەرنى قوللىنىدۇ. مەسىلەن: قان ئېلىش، قەي قىلدۇرۇش، ئاشقازاننى يۇيۇش، ھوقنە قىلىش، دورا ۋە باشقا نەرسىلەرنى ئىچكۈزۈش، چوڭ-كىچىك تەرەتلەرنى راۋانلاشتۇرۇش قاتارلىقلار. ئۇرۇلۇش، سوقۇلۇش، كۆيۈپ قېلىش، بوغۇملار جايىدىن قوزغۇلۇش، سۆڭەكلەر سۇنۇش، ئۈچەي توسۇلۇش، يات ماددىلار پەيدا بولۇش، ئۆت، بۆرەك، دوۋسۇندا تاش پەيدا بولۇش، ئۆسمە پەيدا بولۇش، تۇغما كەمتۈكلەرنى كۆپىنچە دەستىكارلىق (ئوپېراتسىيە) ياكى جايىغا سېلىپ تېڭىش، مۇقىملاشتۇرۇش ئۇسۇلى بىلەن بىر تەرەپ قىلىدۇ. بەزىلىرىى دورا ئىشلىتىپ داۋالايدۇ. يەنى تاش ئېرىتكۈچى دورىلار بىلەن داۋالايدۇ. بەزى ھاللاردا كېسەللىكنىڭ كونكىرىتنى ئەھۋالىغا ئاساسەن گۆشنى كۆيدۈرگۈچى، قۇرۇتقۇچى، تازىلىغۇچى، يېڭىدىن گۆش ئۈندۈرگۈچى، ئىششىق قايتۇرغۇچى، توسالغۇلارنى ئاچقۇچى، تارتىشىپ قالغان قورۇلغان ئەزالارنى بوشاتقۇچى دورىلارنى قوللىنىدۇ.

ئۇيغۇر تىبابەتچىلىگى، يۇقۇرىدا سۆزلەپ ئۆتكەندەك كېسەللىكلەرنى داۋالاشتا كېسەل ئەھۋالىغا قاراپ قوشۇمچە داۋالاشلارنى ئېلىپ بارىدۇ، مەسىلەن: كېسەل مۇھىتىنى ياخشەلاش، تازىلىق قائىدىلىرىگە رىئايە قىلىش، روھى جەھەتتە ياردەم بېرىش، ھەر خىل ئۇسۇللار بىلەن كېسەلنىڭ قۇۋۋىتىنى ساقلاپ قېلىش، ئوزۇقلىنىشىغا كۆڭۈل بۆلۈپ كېسەل قۇۋۋىتىنى تىكلەش، ئوزۇقلۇقلار بىلەن داۋالاش، پەرھىز بۇيرۇش، تەنتەربىيە بىلەن داۋالاش، ئومۇمى بەدەننى داۋالاش بىلەن بىرگە يەرلىك ئورۇننى داۋالاشنى بىرلەشتۈرۈش، ئىچى ۋە تېشىدىن داۋالاشنى بىرلەشتۈرۈش، كەسپنى ئالماشتۇرۇش، ھاۋا كىلىماتى مۇۋاپىق كېلىدىغان جايلارغا يۆتكەش، ھەمدە قۇياش نۇرى، ئارشاڭلار بىلەن داۋالاش، قۇمغا كۆمۈپ داۋالاش، سوغاق ئۆتكۈزۈش، چىكە، قۇلاق ئارقىسى، تاپان، ئالقان، تېقىم، كىندىك، كىندىك ئۈستى ۋە ئاستى قاتارلىق ئورۇنلارغا دورا چېپىش، تۇتۇپ، ئۇۋىلاپ، سېرىپ داۋالاش، ئىستغراغ قىلىش (سۈرۈپ چىقىرىش) ، قان ئېلىش، بۇرۇن ۋە تىل ئاستىدىن سۇ ئاققۇزۇش، دورا پۇرۇتۇش، ھورلاندۇرۇش، پىلتە قىلىش، ھومۇل قىلىش، فەرزىجە قىلىش، زىمادە تىلا، پاشۇيە قىلىش، لوڭقا ھىجامەت قويۇش، ئابزەن قىلىش، ئىسلاش، داغلاش، كۆيدۈرۈش، زۈلۈك قۇرۇتى ئىشلىتىش قاتارلىق ئۇسۇللارنى زۆرۈرىيەتكە قاراپ تاللاپ ئىشلىتىدۇ.

دورىلار ئىلمى ۋە ياسالما نۇسخىلىرى ئىلمى، ئۇيغۇر تىبابەتچىلىگىنىڭ تەرەققىياتى بىلەن جەمبەر چەس باغلانغان، ئەمىلىي سىناقلاردىن ئۆتۈپ پەيدىن-پەي مۇكەممەللەشكەن بولۇپ، ئۇ، ئۇيغۇر تىبابەت دورىگەرلىك ئىشلىرىنىڭ پۈتۈن باسقۇچلىرىغا يېتەكچىلىك قىلىدۇ.

دورىلار ئىلمى، دورا ماتىرىياللىرىنى تونۇش، ئۆستۈرۈش، يېغىش، ساقلاش، ئىش قوشۇپ پىششىقلاش قاتارلىقلارنى تەپسىلى تونۇشتۇرغاندىن سىرت، دورىلارنى خۇسۇسىيىتى، كېسەللىكلەر ۋە ئادەم بەدىنىدىكى ئەزالارغا تەسىر قىلىشىغا قاراپ 20 نەچچە تۈرگە ئايرىيدۇ ھەمدە تۈرلەر بويىچە ھەر بىر دورىنىڭ تەبىئىتى، خۇسۇسىيىتى، تەسىرى، ئىشلىتىلىشى، ئىشلىتىش ئۇسۇلى ۋە مىقدارى، قوشۇمچە تەسىرى، قوشۇمچە تەسىرلىرىنى تۈزىتىش چارىلىرى، دورىلارنىڭ بەدىلى (ئورۇن باسارى) ، دىققەت قىلىدىغان ئىشلىرىنى تەپسىلى ئېنىق تونۇشتۇرىدۇ.

ياسالما نۇسخىلىرى ئىلمى جەھەتتە، تارىخىي خاتىرىلەردە خاتىرىلىنىشىچە بۇنىڭدىن 1400 يىل ئىلگىرىلا ئۇيغۇر تىۋىپلىرى دورىلارنىڭ ياسالما شەكىللىرىنى داۋالاش ئېھتىياجىغا قاراپ ساقلاش، ئىشلىتىش ۋە ئىچىشكە ئوڭاي بولسۇن ئۈچۈن، ھەب، سۈپۈپ، قۇرس، قايناتما، چىلانما، قىيام، شەرۋەت، رۇپ، مەجۇنات، ئەرەقىيات، زىماد، مەلھەم، قەترە (كۆزگە تامغۇزۇلىدىغان)، پەرزىجە، ھوقنە شياف، ۋە باشقا ياسالمىلارنى ياساپ ئىشلەتكەن ۋە ئۇلارنى ساقلاش تېخنىكىلىرىغا ئىگە بولغان. زەھەرلىك دورىلار، كۈچلۈك تەسىر قىلغۇچى دورىلار ۋە ئادەتتىكى دورىلارنى بىر – بىرىدىن پەرقلەندۈرگەن. دورىلارنى ئىشلىتىش مىقدارىغا ئالاھىدە دىققەت قىلغان. ھەمدە ئەمىلىي ئىمكانىيەتكە ئاساسەن، دورىلارنى ئاددى ياكى مۇرەككەپلەشتۈرۈپ ئىشلىتىش قائىدىلىرىنى بىلگەن. جۈملىدىن ئاساسى دورا، ياردەمچى دورا ۋە بەدەل دورىلارنى قوللىنىش قائىدىلىرى قاتارلىق بىر يۈرۈش نەزىرىيىۋى ۋە ئەمىلىي بىلىملىرى بولغان. ئۇيغۇر تىبابىتى ھازىرمۇ دورا ياسالما شەكىللىرىنى چوڭ جەھەتتە خېمىر دورىلار، قاتتىق دورىلار، تالقان دورىلار، سۇيۇق دورىلار، سىرتتىن ئىشلىتىلىدىغان دورىلار دەپ 5 تۈرگە، ھەر تۇرىنى نەچچە خىللارغا ئايرىيدۇ. يەنى خېمىر دورىلارنى: ئىترىپل، ئايارەج، تەرياق، لوئوق، جاۋارىش، مەجۈنات، لوبوپلارغا؛ قاتتىق دورىلارنى: بانادۇق، ھەب، قۇرسلارغا؛ تالقان دورىلارنى: سۈپۈپ، سۇنۇن، سۈرمە ۋە سەپمىلەرگە؛ سۇيۇق دورىلارنى: شەرۋەت، ئەرەق، مۇراببا، گۇلقەن، چىلانما، لوئاپلارغا؛ سىرتتىن ئىشلىتىدىغان دورىلارنى: ياغ مەلھەم، زىمادە ھوقنە، تامچىلارغا ئايرىيدۇ. ئۇلارنىڭ تەركىۋى، مىقدارى، ياساش ئۇسۇلى، تەبىئىتى، خۇسۇسىيىتى، ئىشلىتىلىشى، ئىچىش مىقدارى ۋە ئۇسۇلى، دىققەت قىلىدىغان ئىشلىرى، دورا سۈرىگى، ساقلاش ئۇسۇلى قاتارلىقلارنى تەپسىلى تونۇشتۇرىدۇ. رېتسىپ تەركىۋىدە زەھەرلىك دورا ۋە ئىش قوشۇشقا تېگىشلىك مەدەنلەر بولسا، ياسالمىنى ياساشتىن بۇرۇن زەھەرلىك دورىلارنى قانداق مۇدەپپەر (زەھەرسىز) قىلىش، مەدەنلەرنى قانداق كۈشتە قىلىشنى تەپسىلى بايان قىلىدۇ.

ئۇيغۇر تىبابەتچىلىگى ئىلمى ۋەتەن تىبابەتچىلىك ئىلمىنىڭ مۇھىم بىر تەركىۋى قىسمى. ئۇنىڭ، ئۇزۇن تارىخىي جەرياندا تەرەققى قىلغان، گۈللەنگەن دەۋرىمۇ بولغان ھەم بىر ئىزدا توختاپ قالغان، چېكىنگەن ھەتتا چەكلىمىگە ئۇچراپ يوقۇلۇش گىرداۋىغا بېرىپ قېلىشتەك ئېچىنىشلىق دەۋرلەرنى بېشىدىن كەچۈرگەن دەۋرلىرىمۇ بولغان. مەسىلەن: قاراخانلار دەۋرىدە ئىلىم-پەن، مەدىنىيەت زور دەرىجىدە تەرەققى قىلىپ راۋاجلانغان بولۇپ، تىبابەتچىلىك ئىلمىمۇ زور دەرىجىدە تەرەققى قىلغان. نۇرغۇن مەشھۇر ئالىملار، تىۋىپلار، يېتىشىپ چىققان. نۇرغۇنلىغان ئەسەرلەر يېزىلغان. ئوقۇش – ئوقۇتۇش ئىشلىرى يولغا قويۇلۇپ، نۇرغۇنلىغان تىۋىپ – دورىگەرلەر تەربىيىلىنىپ چىققان. چەكلىمىگە ئۇچرىغان دەۋرلەردە، ئۈزۈلمەي بولۇپ تۇرغان ئىچكى ۋە تاشقى ئۇرۇشلار ۋە خاتا قاراشلار تۈپەيلىدىن نۇرغۇنلىغان تارىخىي يازما يادىگارلىقلار جۈملىدىن تىبابەتچىلىككە دائىر نەچچە مىڭ يىللىق قىممەتلىك مەدىنى مىراسلار ئېچىنىشلىق ھالدا بۇرغۇنچىلىققا ئۇچراپ زور زىيان تارتقان. شىڭشىسەي، گومىنداڭ دەۋرىدە تىبابەتچىلىك ئېغىر دەرىجىدە ھاقارەتلىنىپ، بۇيرۇق بىلەن چەكلەنگەن. «سول» ئىدىيىنىڭ تەسىرى بولۇپمۇ 10 يىللىق قالايمىقانچىلىق مەزگىلىدە ئۇيغۇر تىبابەتچىلىك ئىلمى «فېئوداللىق، خۇراپاتلىق» دەپ قارىلىپ، ئۇيغۇر تىبابەتچىلىك خادىملىرى «جىن – شەيتان» قىلىپ قويۇلدى. كۆپلىگەن ئۇيغۇر تىبابەتچىلىككە دائىر قىممەتلىك ئەسەرلەر «تۆت كونا» قاتارىدا كۆيدۈرۋېتىلدى. لېكىن تىۋىپ – دورىگەرلىرىمىز خەلقنىڭ ساقلىقنى – ساقلاشتەك شەرەپلىك بۇرچىدىن ۋاز كەچمەي، ئۆز كەسپىنى تاشلىماي جاپالىق ئەمگەك سىڭدۈرۈپ، ئاشكارا ياكى مەخپى ھالدا كېسەل داۋالىدى. قاچان چاقىرىپ كەلسە، ئېغىر كۆرمەي تاغ-داۋانلارنى ئېشىپ كېسەللەرنىڭ ئۆيلىرىگە بېرىپ كېسەل داۋالاپ خەلقنىڭ ئازاۋىنى يەڭگىللەتتى. ئەمىلىي سىناقلاردىن ئۆتكەن داۋالاش تەجرىبىلىرىنى يېزىپ كىتاپ قىلىپ قالدۇردى. قەدىمقىلارنىڭ ئەسەرلىرىنى قولدىن – قولغا كۆچۈرۈش، ئۆز ئوغۇل – قىزلىرىغا ئۈگۈتۈش، شاگىرت يېتەكلەش ئۇسۇللىرى ئارقىلىق ئەۋلاتتىن- ئەۋلاتقا قالدۇرۇپ، ئۇيغۇر تىبابىتىنىڭ ئۈزۈلۈپ قالماي، يوقالماي تەرەققى قىلىشىغا ئۆچمەس تۆھپىلەرنى قوشتى.

ئازاتلىقتىن كېيىن، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيىسى ۋە خەلق ھۆكۈمىتى، ئاز سانلىق مىللەتلەر خىزمىتىگە ئىنتايىن ئەممىيەت بەردى. ئەنئەنىۋى تىبابەت – ئۇيغۇر تىبابەتچىلىگىگە ناھايىتى كۆڭۈل بۆلدى ۋە قىزغىن قوللىدى. ماددى، مالىيە جەھەتتە قوللاپ شىپاخانىلارنى يېڭىدىن قۇرۇشقا، ئۇيغۇر تىبابەتچىلىگىنى تەرەققى قىلدۇرۇشقا زور شارائىت يارىتىپ بەردى ۋە ئۇنىڭ ئىستىقبالىنى كۆرسىتىپ بېرىپ، يوقۇلۇش گىرداۋىدا تۇرغان ئۇيغۇر تىبابەتچىلىگىنى قۇتقۇزۇپ قالدى. بولۇپمۇ پارتىيە 11- قېتىملىق 3- ئومۇمى يىغىنىدىن كېيىن، ئۇيغۇر تىبابەتچىلىگى ناھايىتى تېز تەرەققىياتلارغا ئىگە بولدى. سەھىيە مىنىستىرلىگى بىلەن مەملىكەتلىك مىللى ئىشلار كومىتېتى مەخسۇس يىغىن چاقىرىپ مىللى تىبابەتچىلىكنى تەرەققى قىلدۇرۇشنىڭ فاڭجېن سىياسەتلىرىنى بەلگىلىدى. گۇۋۇيۇەن تەستىقلاپ چۈشۈرگەن ئاز سانلىق مىلەتلەر سەھىيە خىزمەت يىغىنى خاتىرىسىدە: «مىللى تىبابەت خادىملىرى بىلەن كەڭ كۆلەمدە ئىتتىپاقلىشىپ ۋە ئۇلارغا تايىنىپ مىللى تىبابەت ئىلمى مىراسلىرىغا تىرىشىپ ۋارىسلىق قىلىپ، قېزىپ، رەتلەپ ۋە يۇقۇرى كۆتۈرۈپ، ئۇلارنىڭ ھەر مىللەت خەلقىنىڭ تەن سالامەتلىگى ۋە ۋەتىنىمىزنىڭ مىدىتسىنا ئىلمىنى گۈللەندۈرۈشى ئۈچۈن خىزمەت قىلىشىغا كاپالەتلىك قىلىش لازىم» دەپ كۆرسەتتى. باش مىنىستىر جاۋ زىياڭ، مەملىكەتلىك 6-نۆۋەتلىك خەلق قۇرۇلتىيىنىڭ 1ئومۇمى يىغىنىدا بەرگەن ھۆكۈمەت خىزمىتى دوكلاتىدا: «داۋالاش، ساقلىقنى – ساقلاش ئىشلىرىنى زور كۈچ بىلەن كۈچەيتىپ، ھازىرقى زامان مىدىتسىناسىنى تەرەققى قىلدۇرۇش بىلەن بىر ۋاقىتتا ۋەتىنىمىزنىڭ ئەنئەنىۋى تىبابەتچىلىگىنى تەرەققى قىلدۇرۇشقا دىققەت قىلىشىمىز ۋەتەن تىبابەتچىلىگىنىڭ قىممەتلىك غەزنىسىگە سەل قارايدىغان ھالەتلەرنى يېڭىشىمىز لازىم» دەپ ئېنىق كۆرسەتتى. پارتىيە ۋە خەلق ھۆكۈمىتىمىز ئەنئەنىۋى تىبابەتچىلىكنى تەرەققى قىلدۇرۇشنى قانۇنى ئورۇنغا كۆتۈرۈپ ئۇنى خەلق ۋەكىللەر قۇرۇلتىيىدا ئاساس قانۇن ۋە ئاپتونومىيە قانۇنىغا مەخسۇس ماددا قىلىپ كىرگۈزدى. (21-ماددا) . ئۇيغۇر تىبابەتچىلىك ئىشلىرى تېز راۋاج تېپىپ قەشقەر، خوتەن، ئۈرۈمچى، غۇلجا، كۇچار، تۇرپان، يەركەن، قاغىلىق، گۇما، قارىقاش، كىرىيە، لوپ، پىچان، توقسۇن، ئاۋات، چىرىيە قاتارلىق 22 ئورۇندا ئارقىمۇ- ئارقا ئۇيغۇر تىبابەتچىلىك شىپاخانا، ئامبۇلاتورىيىلىرى قۇرۇلدى. مەخسۇس پۇل ئاجرىتىپ بېرىلىپ ئۈرۈمچى، قەشقەر، خوتەن، تۇرپان، پىچان، غۇلجا قاتارلىق جايلار مەخسۇس دوختۇرخانا قۇرۇلۇشلىرى سېلىندى. كېسەللىكلەرنى تېخىمۇ ئىلگىرىلىگەن ھالدا دىئاگنوز قويۇپ ئېنىقلاش، كېسەلنىڭ ساقىيىش نىسبىتى، ئۈنۇمىنى كۈزىتىش ئىلمى خۇلاسە چىقىرىش ئۈچۈن لاباراتورىيىلىك تەكشۈرۈش سايمانلىرى، رېنتگېن ئاپاراتى، ئېلېكتىرو كاردىيوگىرامما ئاپاراتى، ئاۋازدىن تېز دولقۇن بىلەن تەكشۈرۈش ئاپاراتى ۋە دورا ياساش ئۈسكۈنىلىرى بىلەن جاھازىلاشتۇرۇلدى. كېسەل كارۋىتى 705 گە، ئۇيغۇر تىبابىتى خادىملىرى 686 نەپەرگە يەتتى. بۇنىڭ ئىچىدە مۇدىر ۋىراچ ئۇنۋانى بېرىلگەتلەر 9 نەپەر بولۇپ، خوتەن ۋىلايەتلىك ئۇيغۇر تىبابەتچىلىك شىپاخانىسىدىن تۇردى ھاجم، ئەھمەت ھاجىم، ئىلىخان ھەزىرىتىم ھاجى، باھاۋۇدۇن ھاجىم، ئابدۇلھىمىت يۈسۈنى ھاجى؛ قەشقەر ۋىلايەتلىك ئۇيغۇر تىبابەتچىلىك شىپاخانىدىن زۇنۇن قارىم؛ ئۈرۈمچى شەھەرلىك ئۇيغۇر تىبابەتچىلىك شىپاخانىدىن باي ئەزىزى؛ قىزىلسۇ قىرغىز ئاپتونوم ئوبلاستى ئاتۇش ناھىيىسىدىكى سامساق ئۇستام؛ تۇرپان ناھىيىلىك ئۇيغۇر تىبابەتچىلىك شىپاخانىسىدىكى مۇتىللا قارى ھاجىملاردىن ئىبارەت.

ئۇلار ئۆز خىزمەت ئورۇنلىرىدا زور تىرىشچانلىقلارنى كۆرسىتىپ، قىيىنچىلىقلارنى يېڭىپ، ۋەتىنىمىزنىڭ مەدىنيەت بايلىقلىرىنىڭ بىرى بولغان ئەنئەنىۋى ئۇيغۇر تىبابەتچىلىك ئىلمىنىڭ ئۆزىگە خاس ئالاھىدىلىكلىرىنى جارى قىلدۇرۇپ، داۋالاش تەس بولغان بىر قىسىم كېسەللىكلەرنى داۋالاش – تەتقىق قىلىش ئۈستىدە ئىزدىنىپ چارە تېپىپ بەزى داۋالاش تەس بولغان كېسەللىكلەرنى داۋالاش جەھەتتە ئۆز تۆھپىلىرىنى قوشماقتا. مەسىلەن: بەرەس (ئاق كېسەل)، شېكەر سىيىش كېسىلى، يۈرەك كېسىلى ۋە بەزى سەرتان (راك) كېسەللىكلىرىنى داۋالاشتا قولغا كەلتۈرگەن نەتىجىلىرى بۇنىڭ گەۋدىلىك مىسالىدۇر. ئازاتلىقتىن كېيىن ئۇيغۇر تىۋىپلىرىنىڭ تىبابەتچىلىككە دائىر كىتاپلىرىدىن 8 پارچە رەتلەپ باستۇرۇپ تارقىتىلدى ۋە نەشر قىلىندى. مەسىلەن: يۈسۈپ ھاجىنىڭ «قانۇنچە»، قەشقەر ئۇيغۇر تىبابەتچىلىك شىپاخانىسى تۈزگەن «ئۇيغۇر تىبابىتىدە كۆپ ئىشلىتىلىدىغان مۇرەككەپ دورىلار قوللانمىسى»، «ئۇيغۇر تىبابىتىدە كۆپ ئىشلىتىلىدىغان دورىلار»م، تۇردى مەمەت ئاخۇنۇمنىڭ «ئۇيغۇر تىبابەت قوللانمىسى»، باي ئەزىزنىڭ «ئۇيغۇر تىبابەتچىلىك ئىلمى ساۋاتلىرى»، سوفى ئاخۇننىڭ بىر قىسىم دورا رېتسېپلىرى ۋە ئۇيغۇر تىۋىپلىرىنىڭ ئاق كېسەل داۋالاشتىكى تەجرىبىلىرى ھەققىدە يازغان قوللانمىسى، 123 ياشلىق تىۋىپ نۇردى ھاجىمنىڭ «ئۇيغۇر تىبابىتىدە كۆپ قوللىنىلىدىغان مۇرەككەپ دورا نۇسخىلىرى» قاتارلىقلار.

1979-يىلى سەھىيە مىنىستىرلىگى «جۇڭگو تىببى قامۇسى نى تۈزۈش يىغىنى ئېچىپ «ئۇيغۇر تىبابەت قامۇسى» نى تۈزۈشنى رايونىمىزغا تاپشۇرغاندىن كېيىن، ئاپتونوم رايونلۇق سەھىيە نازارىتىنىڭ بىۋاستە رەھبەرلىگى ۋە تەشكىللىشىدە 6 يىلدىن بۇيان پىشقەدەم تىۋىپلىرىمىز ياشانغانلىغىغا قارىماي ياش ۋە ئوتتۇرا ياش تىۋىپلىرىمىز بىلەن بىرلىكتە قەدىمى مىراسلارغا ۋارىسلىق قىلىش ئاساسىدا ئۆز تەجرىبىلىرىنى يەكۈنلەپ جاپالىق ئىشلەپ بىرقەدەر سېستىمىلىق، مۇكەممەل بولغان چوڭ ھەجىمدىكى قۇرال كىتاپ «ئۇيغۇر تىبابەت قامۇسى» نى تۈزۈپ چىقتى. !- تومى، ئاپتونوم رايونىمىز قۇرۇلغانلىغىنىڭ 30 يىللىغىغا سوغا سۈپىتىدە تۇنجى قېتىم نەشردىن چىقىش ئالدىدا تۇرىدۇ. ئۇيغۇر تىبابەت تارىخىي، ئۇيغۇر تىبابەتچىلىك ئىلمىدىكى ئاق قالغان ئورۇن بولۇپ، يولداشلىرىمىز 6 يىلدىن بۇيان رايونىمىز ۋە مەملىكىتىمىزنىڭ ھەرقايسى مۇناسىۋەتلىك جايلىرىغا رىپ، جاپالىق تەكشۈرۈشلەر ئېلىپ بېرىپ «ئۇيغۇر تىبابىتى قىسقىچە تارىخىي» نى تۈزۈپ چىقىپ بۇ ئاقنى تولدۇردى.

ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم ۋە خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ غەمخورلىغىدا 1979-يىلدىن باشلاپ قەشقەر، خوتەن، ئۈرۈمچى تىببى مەكتەپلىرى قارمىغىدا ئۇيغۇر تىبابەتچىلىكنىڭ ئوتتۇرا دەرىجىلىك تىۋىپلىرىنى تەربىيىىسلەپ يېتىشتۈرۈش سىنىپلىرى ئېچىلىپ 250 نەپەردىن ئارتۇق ئوقۇغۇچى ئوتۇش پۈتتۈرۈپ خىزمەت سېپىگە ئاتلاندى. مەخسۇس كۇرس ئېچىلىپ ئوتتۇرا دەرىجىلىك سەۋىيىدىن يۇقۇرى سەۋىيىگە ئىگە تىۋىپلاردىن 45 كىشىنىڭ بىلىمى ئۆستۈرۈلدى. دورىگەرلىك بىلىمىنى ئاشۇرۇش كۇرسى ئېچىلىپ 30 نەپەر دورىگەرنىڭ بىلىمى ئۆستۈرۈلدى. 1984 – يىلى ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ تەستىقى بىلەن قەشقەر تىببى مەكتەپ قارمىغىدا ئۇيغۇر تىبابەتچىلىك ئالى تېخنىكوم تۇنجى قېتىم 40 نەپەر ئوقۇغۇچى قۇبۇل قىلىندى. ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتى يەنە 1985- يىلدىن باشلاپ خوتەندە ئۇيغۇر تىبابەتچىلىك ئالى تېخنىكوم مەكتىۋى قارارقىلدى. سەھىيە مىنىستىرلىگى ۋە ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتى مەخسۇس پۇل ئاجرىتىپ بەرگەنلىكتىن مۇناسىۋەتلىك ئورۇنلار مەكتەپ قۇرۇلغىغا جىددى تۇتۇش قىلماقتا. ئۇيغۇر تىبابەتچىلىك ئىلمىنى قېزىش – تەتقىق قىلىشنى كۈچەيتىش ئۈچۈن، 1982 – يىلى ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتى ئاپتونوم رايونلۇق سەھىيە نازارىتىدە ئۇيغۇر تىبابەت تەتقىقات ئىشخانىسى قۇرۇشنى تەستىقلىدى. 1984 – يىلى ئاپتونوم رايونلۇق سەھىيە نازارىتىدە جۇڭيى، مىللى تىبابەتچىلىك باشقارمىسى تەسىس قىلىندى. پارتىيە ۋە خەلق ھۆكۈمىتى ئىلگىرى – كېيىن نەچچە قېتىم پىشقەدەم تىۋىپلىرىمىزنى ئاساس قىلغا. ئېكىسكۇرسىيە ئۆمىگى تەشكىللەپ، ۋەتىنىمىزنىڭ نۇرغۇن جايلىرىنى ئېكىسكۇرسىيە قىلدۇردى. ھەمدە 5 كىشىدىن تەركىپ تاپقان تىببى ئۆمەك تەشكىللەپ پاكىستان، كۈۋەيتنى ئېكىسكۇرسىيە قىلدۇردى. مانا بۇلارنىڭ ھەممىسى پارتىيە ۋە خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ پۈتۈن شىنجاڭ خەلقىغە قىلىغان غەمخورلىغى ۋە ۋەتىنىمىزنىڭ مەدىنىي بايلىغى بولغان ئۇيغۇر تىبابەتچىلىگىنى ياخشىلاش، راۋاجلاندۇرۇشىدىكى ئەمىلىي چارەتەدبىرلىرىنىڭ گەۋدىلىك ئىپادىسى.

ئۇيغۇر تىبابەتچىلىك ئىلمى جەمىيىتىنىڭ جايلاردىكى ھەر دەرىجىلىك شۆبە جەمىيەتلىرى قۇرۇلۇپ، ئۇيغۇر تىبابەتچىلىك ئىلمى نەزىرىيىلىرى ۋەكلىنىك داۋالاش تەجرىبىلىرىنى ئالماشتۇرۇش ئىلمى لېكسىيە پائالىيەتلىرى قانات يايدۇرۇلۇش بىلەن داۋالاش سۈپىتى ۋە مەسئۇلىيىتى ئۆستۈرۈلمەكتە. تەۋىپلىرىمىزنىڭ يېشى گەرچە 80 – 90 ياشلاردىن ئاشقان بولسىمۇ يەنە داۋاملىق خەلقنىڭ سالامەتلىگىنى ساقلاش ئىشلىرىدا جان كۆيدۈرۈپ ئاكتىپ ئىشلىمەكتە. ئوتتۇرا، ياش تىۋىپلىرىمىز پىشقەدەملەرنىڭ روھىنى ئۈلگە قىلىپ، پارتىيە ۋە ھۆكۈمىتىمىزنىڭ غەمخورلىغىدىن ئىلھاملىنىپ 4 نى زامانىۋىلاشتۇرۇش، شىنجاڭنى ئېچىش قۇرۇلۇشىنىڭ ھەرقايسى سەپلىرىدە جاپالىق ئىشلەۋاتقان ھەر مىللەت خەلقلىرىنىڭ تەن سالامەتلىگىگە كاپالەتلىك قىلىش ئۈچۈن، تاغلارغا چىقىپ دورا يىغىپ، مەخسۇس دورا زاۋۇدى بولمىسا ئۆزلىرى دورا ياساپ، ھەرقايسى شىپاخانىلاردا كېچىنىكۈندۈزگە ئۇلاپ جاپالىق ئىشلەپ ئۆز تۆھپىلىرىنى قوشماقتا.

پارتىيىمىزنىڭ 12- قۇرۇلتىيى سوتسىيالىستىك قۇرۇلۇشتا ئۇمۇميۈزلۈك يېڭى ۋەزىيەت يارىتىشنى ئوتتۇرىغا قويدى، شۇنىڭ بىلەن بىرگە مەملىكىتىمىزنىڭ سوتسالىزىم- كوممۇنىزىم ئىشلىرىنىڭ پارلاق مەنزىرىسىنى كۆرسۈتۈپ بەردى. ھەر مىللەت خەلقلىرىنىڭ يېڭى تارىخى دەۋردىكى ئىلگىرلەش يولىنى يورۇتۇپ بەردى. ئۇيغۇر تىبابەتچىلىگى، پارتىيە ۋە ھۆكۈمىتىمىزنىڭ توغرا رەھبەرلىگى ۋە غەمخورلىغىدا كەڭ ئۇيغۇر تىبابەتچىلىك خادىملىرىمىزنىڭ تېخىمۇ تىرىشچانلىق كۆرسىتىشلىرى نەتىجىسىدە، تېخىمۇ گۈللىنىپ، ئۆز رولىنى تېخىمۇ ياخشى جارى قىلدۇرۇپ، ۋەتىنىمىزنى زامانىۋىلاشتۇرۇش، شىنجاڭنى ئېچىش يولىدىكى ئۇلۇغۋار سەپەردە چوقۇم تېخىمۇ زور تۆھپىلەرنى ياراتقۇسى.

 

«ئۇيغۇر تېبابەت قامۇسى 1-جىلد» دىن ئېلىندى

بۇ قىسىمنى يازغۇچى: ئىسھاقجان مەھمۇد

UyghurOCR بىلەن تونۇتۇلدى.

ئۇيغۇر تىبابەتچىلىك ئىلمى

ياخشى كىتاپ قولغا ئېلىپ تۇرۇپ ئوقۇغان ياخشى!

يۇقارىدىكى مەزمونغا قانداق قارايسىز؟
+1
0
+1
0
+1
0
+1
0
+1
0
+1
0
+1
0
مەزمون قوشۇلغان ۋاقىت: 2026-01-11

يېقىندا تەھرىرلەنگەن ۋاقىت: 2026-01-11 / 09:15:23

ساقلىۋالايچۇ؟
ساقلىۋالدىم!
سەمىمىي ئەسكەرتىش
مەزكۇر بەتتىكى مەزمۇندا، ئىملادا خاتالىق بولسا، ۋەيا تولۇقلىما مەزمۇن تەمىنلەپ بېرىشنى خالىسىڭىز، ئاستىدىكى سۆز قالدۇرۇش قىسمىغا سۆز قالدۇرسىڭىز بولىدۇ. تاما تاما كۆل بولۇر. سىزنىڭ نامىڭىزنى قوشۇپ ئېلان قىلىمىز.

بىكەتتىكى مەزمۇنلار تورداشلارنىڭ پايدىلىنىشى، ساغلاملىققا بولغان تونۇشىنى ئاشۇرۇش ئۈچۈن تەمىنلەنگەن ئۇچۇرلاردۇر. ئەمما دىئاگنوز ئاساسى بولالمايدۇ. ئوخشىمىغان بىماردا ئوخشىمىغان ئالامەتلەر كۆرۈلىدۇ ۋە دىئاگنوزى ئوخشىمايدۇ. شۇڭا بەدەندە كېسەللىك ئالامەتلىرى كۆرۈلگەندە چوقۇم مۇنتىزىم دوختۇر بىلەن يۈز تۇرانە مەسىلىھەت ئېلىشىڭىزنى، دوختۇرخانىدا تەكشۈرتۈشىڭىزنى تەۋسىيە قىلىمىز.

باشقا يەرلەردىن ئېلىنغان بەزى مەزمۇنلار، رەسىملەرنىڭ ئەسلى مەنبەسىنى ئەسكەرتىشكە تىرىشتۇق. باشقا يەردىن ئېلىنغان مەزمۇنلار پەقەت شۇ ئاپتور يازارنىڭ ئۆز كۆز قارىشىنى ئىپادىلەيدۇ، بېكىتىمىزنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلالمايدۇ. بۇنىڭدىن سىرت، ئەگەر ئەسەرنىڭ ئەسلى ئاپتورى ماقالىنىڭ تور بېكىتىمىزدە ئېلان قىلىنغانلىقى ئۆزىنىڭ شەخسىي مەنپەئىتىگە دەخلى قىلىندى دەپ ئويلىسا، بىز بىلەن ئالاقىلاشسىڭىز، ئەڭ قىسقا ۋاقىت ئىچىدە بىكەتتىن ئۆچۈرۋەتسەك بولىدۇ.

تور بېكىتىمىزدىكى مەزمونلارنى شەخسىي بېتىڭىزدە ئىشلەتمەكچى بولسىڭىز، دوختۇرلار تور بېكىتى ياكى dohturlar.com دىن ئېلىنغانلىقىنى ۋەيا بىز ئەسكەرتكەن مەزمۇننىڭ ئەسلى مەنبەسىنى ئەسكەرتىپ قويۇشىڭىزنى چىن دىلىمىزدىن ئۈمىد قىلىمىز. ئەمگەك مېۋىسىگە ھۆرمەت قىلىڭ.

تەييارلىغان مەزمۇنلىرىمىزنى رۇخسەتسىز، قانۇنسىز سودا ئىشلىرىغا ئىشلەتمەڭ. بولمىسا قانۇنى ۋە ۋىجدانى جاۋاپكارلىققا تارتىلىسىز.

سۆز قالدۇراي

Please enter your comment!
Please enter your name here

قىززىق نۇقتىلار

يېڭى مەزمونلار

مەخسۇس سەھىپىلەر

تېخىمۇ كۆپ