بىمار سوئالى:
ماڭا ھازىر يەتتە ئايلىق بولدى تەكشۈرتسەم بالىنىڭ سۈيى جىقكەن دەيدۇ بۇنىڭ بالىغا بىرە زىيىنى بارمىدۇ؟ سۇيى جىق بۇلۇشنىڭ سەۋەبى نىمىدۇ پەقەت بىلەمىدىم نىىم قىلىشىمىنى
نۇرمەمەت دوختۇر جاۋابى:
ياخشىمۇسىز،
باش سۈيى (تۈركچە ئامنىيون سىۋى) نىڭ كۆپ بولۇشى (amniyon sivi fazlalığı) بەك كۆپ سەۋەبلەردىن بولىدۇ، كەلتۈرۈپ چىقىرىدىغان نەتىجىلەرمۇ بەك كۆپ . سىزنىڭ بەدىنىڭىزنىڭ ئەمەلىي ئەھۋالىغا قاراپ چۈشەندۈرسە بەكرەك ياخشى بولىدۇ. مەسىلەن بۇ قانچىنجى بالا، ئالدىنقى ھامىلدارلىقتا بۇ ئەھۋال بارمۇ، ئۆزىڭىزنىڭ بەدەن ئېغىرلىقى، 7 ئاي جەرياندىكى تەكشۈرۈش كونتروللار قانداقراق بولۇۋاتىدۇ، بەدەندە شىكەر كېسىلى ۋەيا باشقا كېسەللىكلەر بارمۇ، يېقىنقى ئايلاردىكى بەدەن ئېغىرلىقى ۋە يىمەك ئىچمەكتە ئۆزگىرىشلەر، ھەم باشقا سوئاللار……………كۆپ نوقتىلارنى يىغىنچاقلاپ يەكۈنلەپ ئاندىن سىزگە چۈشەندۈرسە ئەڭ ياخشى بولىدۇ.
قايسى دوختۇرخانىدا تەكشۈردىڭىز، دوختۇر سىزگە باشقا نىمىلەرنى دىدى بىلمىدىم. بولسا ئەڭ ياخشىسى باشقا بىر مۇنتىزىم دوختۇرخانىدا تەكشۈرۈپ بېقىڭ ۋە بىلمەكچى بولغان سوئاللىرىڭىزنىڭ ھەممىنى يېزىۋېلىپ بېرىپ سوراپ بېقىڭ. بەزىدە ئوخشىمىغان دوختۇرنىڭ كۆز قارىشى ئوخشاش بولمايدۇ.
ھازىر سىزگە قىلالايدىغان 3 تەۋسىيەم : 1. كەيپىياتنى ياخشى تۇتۇڭ. 2. ئاخىرقى قېتىم تەكشۈرگەن دوختۇرنىڭ دىگەن سۆزلىرى، قىلغان تەكشۈرۈش نەتىجىلىرى، تەۋسىيەلىرىنى بىر قۇر يەكۈنلەڭ. 3. بولسا باشقا بىر مۇنتىزىم دوختۇر بىلەن كۆرۈشۈپ بېقىڭ.
ساغلام بوۋاق يەڭگىشىڭىزگە نىسىپ قىلسۇن.