ئانا سەھىپەئالامەتلەرقورساق ۋە ئەۋرەت قىسىميەل چىقىرالماسلىق (ئوسۇرالماسلىق)

يەل چىقىرالماسلىق (ئوسۇرالماسلىق)

     + چوڭ خەت | - كىچىك خەت

گاز چىقىرالماسلىق ئۈچەي توسۇلۇش دەپمۇ ئاتىلىدۇ، بۇ ئۈچەينىڭ ئىچكى قىسمىدا توسۇلۇپ قالغان ماددىلارنىڭ مەۋجۇت بولۇپ، گاز ۋە چوڭ تەرەتنىڭ نورمال ئۆتەلمەسلىكىنى كۆرسىتىدۇ. بۇ خىل ئەھۋال ئېغىر قورساق ئاغرىش، قۇسۇش ۋە باشقا كېسەللىك ئالامەتلىرىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىشى مۇمكىن، شۇڭا ۋاقتىدا دىئاگنوز قويۇش ۋە داۋالاش كېرەك.

سەۋەبى:

1. مېخانىكىلىق ئۈچەي توسۇلۇش:بۇ ئەڭ كۆپ ئۇچرايدىغان تىپ بولۇپ، ئادەتتە ئۈچەي يولىدىكى ئۆسمە، ياللۇغ، چاپلىشىش ياكى تولغىنىش قاتارلىق سەۋەبلەردىن كېلىپ چىقىدۇ.

2. فۇنكسىيىلىك ئۈچەي توسۇلۇش:بۇ خىل تىپتىكى ئۈچەي توسۇلۇش ئۈچەي مۇسكۇللىرىنىڭ ئىقتىدارى بىلەن مۇناسىۋەتلىك بولۇپ، قۇرۇلما مەسىلىسى سەۋەبىدىن كېلىپ چىققان ئەمەس. ئۇ بەلكىم ئۈچەي يولى نېرۋىسى ياكى مۇسكۇل مەسىلىسى كەلتۈرۈپ چىقارغان بولۇشى مۇمكىن.

3. باشقا سەۋەبلەر:مەسىلەن:چۇقۇق، بوغماق ئۈچەي ياللۇغى، كرون كېسىلى قاتارلىق كېسەللىكلەرمۇ ئۈچەي توسۇلۇشنى كەلتۈرۈپ چىقىرىشى مۇمكىن.

 

تەكشۈرۈش ۋە دىئاگنوز قويۇش ئۇسۇلى:

1. بەدەن تەكشۈرۈش:دوختۇر بىمارنىڭ قورساق قىسمىنى تەكشۈرۈپ، ھەرقانداق بىنورمال ئىششىق، باسقاندا ئاغرىش نۇقتىسى ياكى باشقا كېسەللىك ئالامەتلىرىنى ئىزدەيدۇ.

2. قان سىنىقى:بىمارنىڭ سالامەتلىك ئەھۋالىنى باھالاشقا ھەمدە باشقا كېسەللىكلەرنى چىقىرىپ تاشلاشقا ياردەم بېرىدۇ.

3. سۆرەتلەش ئىلمى بويىچە تەكشۈرۈش:مەسىلەن:X نۇرى، CT نۇرى ياكى MRI ئارقىلىق ئۈچەي توسۇلۇش ئەھۋالى بار يوقلۇقىنى ھەمدە ئۇنىڭ ئورنى ۋە ئېغىرلىق دەرىجىسىنى بېكىتىشكە ياردىمى بولىدۇ.

4. ئېندوسكوپتا تەكشۈرۈش:دوختۇر بىر تال ئىنچىكە، ئۇزۇن نەيچىسىمان ئۈسكۈنىنى بەدەنگە كىرگۈزۈش ئارقىلىق ھەزىم قىلىش يولىنىڭ ئىچكى ئەھۋالىنى بىۋاسىتە كۆزىتەلەيدۇ ھەمدە تىرىك توقۇلمىلارنى تەكشۈرەلەيدۇ ( تىرىك توقۇلما ئېلىپ تەكشۈرەلەيدۇ ).

5. بارىي بوتقىسى ئىچكۈزۈپ رېنتىگېنگە چۈشۈرۈش:بۇ بىر خىل ئالاھىدە بولغان X نۇرى ئارقىلىق تەكشۈرۈش بولۇپ ،بىمار دوختۇرنىڭ ھەزىم قىلىش يولىنىڭ ئەھۋالىنى كۆزىتىشىگە ياردەم بېرىش ئۈچۈن تەركىبىدە بارىي بولغان سۇيۇقلۇقنى ئىچىشى كېرەك.

 

داۋالاش ئۇسۇلى:

1. ئوپېراتسىيىسىز داۋالاش:يېنىك دەرىجىدىكى ئۈچەي توسۇلۇشقا قارىتا، دوختۇر بىمارغا ۋاقتىنچە تاماق يېمەسلىك ھەمدە ۋېناغا سۇيۇقلۇق ئوكۇل قىلىش ئارقىلىق كېسەللىك ئالامىتىنى پەسەيتىش تەكلىپىنى بېرىشى مۇمكىن. ئۇنىڭدىن باشقا، دورا بىلەن داۋالاشمۇ ئاغرىق ۋە ياللۇغنى يېنىكلىتىشكە ئىشلىتىلىشى مۇمكىن.

2. ئوپېراتسىيە قىلىپ داۋالاش:بەزى ئەھۋاللاردا، مەسىلەن، مېخانىكىلىق ئۈچەي توسۇلۇشنى ئوپېراتسىيىسىز ئۇسۇل بىلەن ھەل قىلغىلى بولمىغاندا، ئوپېراتسىيە قىلىشقا توغرا كېلىشى مۇمكىن. ئوپېراتسىيەنىڭ مەقسىتى توسۇلۇپ قالغان نەرسىلەرنى چىقىرىپ تاشلاش ھەمدە ئۈچەينىڭ نورمال ئىقتىدارىنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش.

يۇقارىدىكى مەزمونغا قانداق قارايسىز؟
+1
0
+1
0
+1
0
+1
0
+1
0
+1
0
+1
0
مەزمون قوشۇلغان ۋاقىت: 2024-10-28

يېقىندا تەھرىرلەنگەن ۋاقىت: 2024-06-01 / 09:12:45

ساقلىۋالايچۇ؟
ساقلىۋالدىم!
سەمىمىي ئەسكەرتىش
مەزكۇر بەتتىكى مەزمۇندا، ئىملادا خاتالىق بولسا، ۋەيا تولۇقلىما مەزمۇن تەمىنلەپ بېرىشنى خالىسىڭىز، ئاستىدىكى سۆز قالدۇرۇش قىسمىغا سۆز قالدۇرسىڭىز بولىدۇ. تاما تاما كۆل بولۇر. سىزنىڭ نامىڭىزنى قوشۇپ ئېلان قىلىمىز.

بىكەتتىكى مەزمۇنلار تورداشلارنىڭ پايدىلىنىشى، ساغلاملىققا بولغان تونۇشىنى ئاشۇرۇش ئۈچۈن تەمىنلەنگەن ئۇچۇرلاردۇر. ئەمما دىئاگنوز ئاساسى بولالمايدۇ. ئوخشىمىغان بىماردا ئوخشىمىغان ئالامەتلەر كۆرۈلىدۇ ۋە دىئاگنوزى ئوخشىمايدۇ. شۇڭا بەدەندە كېسەللىك ئالامەتلىرى كۆرۈلگەندە چوقۇم مۇنتىزىم دوختۇر بىلەن يۈز تۇرانە مەسىلىھەت ئېلىشىڭىزنى، دوختۇرخانىدا تەكشۈرتۈشىڭىزنى تەۋسىيە قىلىمىز.

باشقا يەرلەردىن ئېلىنغان بەزى مەزمۇنلار، رەسىملەرنىڭ ئەسلى مەنبەسىنى ئەسكەرتىشكە تىرىشتۇق. باشقا يەردىن ئېلىنغان مەزمۇنلار پەقەت شۇ ئاپتور يازارنىڭ ئۆز كۆز قارىشىنى ئىپادىلەيدۇ، بېكىتىمىزنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلالمايدۇ. بۇنىڭدىن سىرت، ئەگەر ئەسەرنىڭ ئەسلى ئاپتورى ماقالىنىڭ تور بېكىتىمىزدە ئېلان قىلىنغانلىقى ئۆزىنىڭ شەخسىي مەنپەئىتىگە دەخلى قىلىندى دەپ ئويلىسا، بىز بىلەن ئالاقىلاشسىڭىز، ئەڭ قىسقا ۋاقىت ئىچىدە بىكەتتىن ئۆچۈرۋەتسەك بولىدۇ.

تور بېكىتىمىزدىكى مەزمونلارنى شەخسىي بېتىڭىزدە ئىشلەتمەكچى بولسىڭىز، دوختۇرلار تور بېكىتى ياكى dohturlar.com دىن ئېلىنغانلىقىنى ۋەيا بىز ئەسكەرتكەن مەزمۇننىڭ ئەسلى مەنبەسىنى ئەسكەرتىپ قويۇشىڭىزنى چىن دىلىمىزدىن ئۈمىد قىلىمىز. ئەمگەك مېۋىسىگە ھۆرمەت قىلىڭ.

سۆز قالدۇراي

Please enter your comment!
Please enter your name here

قىززىق نۇقتىلار

يېڭى مەزمونلار

مەخسۇس سەھىپىلەر

تېخىمۇ كۆپ