سوخۇ تورى خەۋىرى، نۇر تورى تەرجىمىسى:
پۇت ـ قول ماغدۇرسىزلىنىش، باش ئاغرىش، كۆز تورلىشىش قاتارلىقلارنىڭ ھەممىسى تۇرمۇشتا دائىم كۆرۈلىدىغان كېسەللىك ئالامەتلىرى بولۇپ، پەيدا بولغان ھامان چوقۇم ئەھمىيەت بېرىش كېرەك. بولۇپمۇ پۇت-قول ئۇيۇشۇش بەش خىل كېسەللىكتىن بېشارەت بېرىدۇ.
1. مېڭە تىقىلمىسى
مېڭە تىقىلمىسى يەنى كەم قانلىق ئاپوپلېكسىيەسى دەپمۇ ئاتىلىدۇ، بۇ مېڭە ئارتېرىيەسى قېتىشىش ياكى تارىيىش، قان نۆكچىسى چۈشۈش، قان يېتىشمەسلىك قاتارلىق سەۋەبلەردىن كېلىپ چىققان ياكى مېڭە توقۇلمىلىرىغا قان ۋە ئوكسىگېن يېتىشمەسلىكتىن كېلىپ چىققان كېسەللىك ئۆزگىرىشىنى كۆرسىتىدۇ. مېڭە تىقىلمىسى ئادەتتە بارماق ياكى پۇت-قوللار ئۇيۇشۇش، باش ئاغرىش، باش قېيىش، نەرسىلەرنى غۇۋا كۆرۈش، قالايمىقان سۆزلەش، ماسلاشتۇرۇش ئىقتىدارى ناچار بولۇش قاتارلىق كېسەللىك ئالامەتلىرى كۆرۈلىدۇ. ھەرقانداق ئادەمدە بۇنداق ئالامەتلەر كۆرۈلسە، ھوشيارلىقنى ئۆستۈرۈپ، ۋاقتىدا دوختۇرخانىغا بېرىپ قۇتقۇزۇش كېرەك.
2. بېغىش يىغىندى كېسەللىكى
بېغىش يىغىندى كېسەللىك ئالامىتى ئاساسلىقى زەخىملىنىش، زورۇقۇش كەلتۈرۈپ چىقارغان بېغىش قىسمىدا كېسەللىك ئۆزگىرىشى ياكى چېكىنىشنى كۆرسىتىدۇ، مەسىلەن ئۇزۇن ۋاقىت مائۇس ئىشلىتىش ياكى خەت ئۇرۇش، ئۇسسۇل مەشىقى قاتارلىقلار. ئاساسلىقى باش بارماق، كۆرسەتكۈچ بارماق، ئوتتۇرا بارماقنىڭ ئۇيۇشۇپ ئاغرىيدىغان بولۇپ، دائىم كېچىدە ئۇيۇشۇپ قالىدۇ، ئېغىرلىرىدا قول مۇسكۇلى يىگلەش ئالامەتلىرى كۆرۈلۈپ، قولنىڭ ئىنچىكە ھەرىكەتلىرىگە تەسىر كۆرسىتىدۇ.
3. بويۇن ئومۇرتقا كېسىلى
بويۇن ئومۇرتقا كېسىلى يەنە بويۇن ئومۇرتقىسى يىغىندى كېسەللىك ئالامىتى دەپمۇ ئاتىلىدۇ، ئۇ چېكىنىش خاراكتېرلىك پاتولوگىيەلىك ئۆزگىرىشنى ئاساس قىلغان بىر خىل كېسەللىك بولۇپ، ئۇزاق مۇددەت ئولتۇرۇش، بېشىنى تۆۋەن قىلىش، ياستۇقنى مۇۋاپىق قويماسلىق قاتارلىقلارنىڭ ھەممىسى بويۇن ئومۇرتقا كېسىلىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىشى مۇمكىن. كىلىنىكىدا بىماردا كۆپىنچە بىلەك، قول بارماقلىرى ئۇيۇشۇش، شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا مۈرە، بويۇن تېلىپ ئاغرىش، قېتىپ قېلىش قاتارلىق ئالامەتلەر كۆرۈلىدۇ.
4. دىيابېت كېسىلى
دىيابېت كېسىلى نېرۋىلاردا كېسەللىك ئۆزگىرىشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ، كېسەللىك قوزغالغاندا دائىم سىممېتىرىك ئاغرىش ۋە سېزىم نورمالسىزلىشىش كۆرۈلىدۇ، بىمارلار دائىم ئىككى قولى ئۇيۇشۇپ، قىزىيدۇ، توك سوقۇۋەتكەندەك ھېس قىلىدۇ.
5. كىلىماكتېرىيە دەۋرى يىغىندى ئالامىتى
كىلىماكتېرىيە دەۋرىگە قەدەم قويغاندىن كېيىن، بىر قىسىم ئاياللاردا بەزىدە پۇت-قول ئۇيۇشۇش ئەھۋالى كۆرۈلىدۇ، بۇ خىل ھادىسە كىلىماكتېرىيە دەۋرىنىڭ ئاخىرلىشىشىغا ئەگىشىپ يوقىلىدۇ.
پۇت-قول ئۇيۇشۇپ قېلىشنىڭ قانداق ئالدىنى ئېلىش كېرەك؟
ئاندا-ساندا پۇت-قول ئۇيۇشۇش دائىم كۆرۈلىدىغان فىزىيولوگىيەلىك ھادىسە، لېكىن ئۇزۇن مۇددەت پۇت-قول ئۇيۇشۇپ قالسا، ياخشىلىنىش بولماي، كېسەللىك ئالامەتلىرى بارغانسېرى كۆپىيىدۇ، شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا باشقا كېسەللىك ئالامەتلىرى قوشۇلۇپ كەلسە، بالدۇرراق دوختۇرخانىغا بېرىپ داۋالىنىش كېرەك.
مەنبە:
https://m.nur.cn/news/2023/12/17907411.shtml