يېڭى تۇغۇلغان بوۋاقلاردىكى قىزىش: ئاتا-ئانىلار ئۈچۈن تولۇق قوللانما
يېڭى بىر ھاياتلىقنىڭ دۇنياغا كېلىشى ئائىلىگە چەكسىز خۇشاللىق ئېلىپ كېلىدۇ. ئەمما بۇ خۇشاللىققا ئەگىشىپ، يېڭى ئاتا-ئانىلار نۇرغۇنلىغان يېڭى سوئاللار ۋە ئەندىشىلەرگە دۇچ كېلىدۇ. بۇلارنىڭ ئىچىدە ئەڭ كۆپ ئۇچرايدىغىنى ۋە ئەڭ ئەندىشە قوزغايدىغىنى يېڭى تۇغۇلغان بوۋاقنىڭ قىزىپ قېلىشىدۇر. «بوۋىقىم قىزىپ قاپتۇ، بۇ نورمالمۇ؟ قاچان دوختۇرغا بېرىشىم كېرەك؟ قانداق بىر تەرەپ قىلىمەن؟» دېگەندەك سوئاللار ھەر بىر ئاتا-ئانىنىڭ كۆڭلىدە بولىدۇ. بۇ ماقالىدە بىز يېڭى تۇغۇلغان بوۋاقلاردىكى قىزىش ھەققىدە تەپسىلىي توختىلىپ، سىزنىڭ بارلىق سوئاللىرىڭىزغا جاۋاب بېرىمىز.
يېڭى تۇغۇلغان بوۋاقلار قىزىپ قالامدۇ؟
شۇنداق، يېڭى تۇغۇلغان بوۋاقلارمۇ قىزىپ قالىدۇ. قىزىش ئۆزى بىر كېسەللىك بولماستىن، بەلكى بەدەننىڭ يۇقۇملىنىش ياكى باشقا كېسەللىكلەرگە قارشى كۈرەش قىلىۋاتقانلىقىنىڭ بىر بېشارىتىدۇر. يېڭى تۇغۇلغان بوۋاقلارنىڭ ئىممۇنىتېت سىستېمىسى تېخى تولۇق يېتىلمىگەنلىكى ئۈچۈن، ئۇلار يۇقۇملىنىشقا ئاسان گىرىپتار بولىدۇ. شۇڭلاشقا، بوۋاقلاردىكى قىزىشقا ئالاھىدە ئەھمىيەت بېرىش ۋە ۋاقتىدا توغرا بىر تەرەپ قىلىش ئىنتايىن مۇھىم.
يېڭى تۇغۇلغان بوۋاقلاردا قىزىشنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدىغان ئاساسلىق سەۋەبلەر:
- يۇقۇملىنىش : ۋىرۇسلۇق ياكى باكتېرىيەلىك يۇقۇملىنىش بوۋاقلاردا قىزىشنىڭ ئەڭ كۆپ ئۇچرايدىغان سەۋەبىدۇر. زۇكام، نەپەس يولى يۇقۇملىنىشى، قۇلاق ياللۇغى ۋە سۈيدۈك يولى يۇقۇملىنىشى قاتارلىقلار قىزىش پەيدا قىلىشى مۇمكىن.
- زىيادە قېلىن كىيندۈرۈش : يېڭى تۇغۇلغان بوۋاقلارنىڭ تېمپېراتۇرا تەڭشەش ئىقتىدارى تېخى مۇكەممەل بولمىغاچقا، بەك قېلىن كىيىندۈرۈلسە ياكى يۆگەپ قويۇلسا، ياكى مۇھىت تېمپېراتۇرىسى بەك يۇقىرى بولسا، بەدەن تېمپېراتۇرىسى ئۆرلىشى مۇمكىن.
- سۇسىزلىنىش : ئەگەر بوۋاق يېتەرلىك سۈت (ئانا سۈتى ياكى سۈت پاراشوكى) ئىچمىسە، بەدىنى سۇسىزلىنىپ، تېمپېراتۇرىسى ئۆرلەپ كېتىشى مۇمكىن.
قاچان ئەنسىرەش كېرەك؟ دوختۇرغا قاچان بېرىش كېرەك؟
يېڭى تۇغۇلغان بوۋاقلاردىكى قىزىش، بولۇپمۇ 3 ئايلىق بولمىغان بوۋاقلاردىكى قىزىش جىددىي ئەھۋال ھېسابلىنىدۇ. چۈنكى ئۇلاردا كىچىككىنە يۇقۇملىنىشمۇ تېزلا ئېغىرلىشىپ كېتىشى مۇمكىن. 3 ئايدىن كىچىك بوۋاقلار، قىزىتمىسىنى ۋە بەدەن ئەھۋالىنى كۈزىتىش، ئۇيغۇن بولغان داۋالاش ئېلىپ بېرىش ئۈچۈن كۆپىنچە ۋاقىتلاردا بالىنىسىتقا ئېلىنىدۇ.
تۆۋەندىكى ئەھۋاللار كۆرۈلگەندە دەرھال دوختۇرغا ياكى جىددىي قۇتقۇزۇش بۆلۈمىگە بېرىڭ:
- 3 ئايلىق ياكى ئۇنىڭدىن كىچىك بوۋاقنىڭ تېمپېراتۇرىسى 37.8°C (100°F) ياكى ئۇنىڭدىن يۇقىرى بولسا. بۇ ياشتىكى بوۋاقلارغا قىزىتما قايتۇرۇش دورىسىنى دوختۇرنىڭ رۇخسىتىسىز بېرىشكە بولمايدۇ.
- 3 ئايدىن 6 ئايغىچە بولغان بوۋاقنىڭ تېمپېراتۇرىسى 38.5°C (101،3°F) دىن يۇقىرى بولسا ياكى قىزىش بىلەن بىللە ھالسىزلىنىش، ئىشتىھاسىزلىق، توختىماي يىغلاش، ئۇيقۇچان بولۇش قاتارلىق ئالامەتلەر كۆرۈلسە.
- 6 ئايدىن چوڭ بوۋاقنىڭ قىزىتمىسى 48 سائەتتىن ئارتۇق داۋاملاشسا ياكى 40°C (104°F) دىن ئېشىپ كەتسە.
- قىزىش بىلەن بىللە نەپەس ئېلىشى قىيىنلىشىش، تېرە رەڭگى كۆكىرىش ياكى غەلىتە داغلار پەيدا بولۇش، توختىماي قۇسۇش ياكى ئىچى سۈرۈش، تارتىشىپ قېلىش (convulsion) قاتارلىق ئالامەتلەر كۆرۈلسە.
- بوۋاق ئىنتايىن بىئارام، تەسەللىي تاپالماي توختىماي يىغلىسا ياكى ئەكسىچە ئويغىتىش تەس بولغۇدەك دەرىجىدە ھوشسىز، ھالسىز بولسا.
قىزىشنى قانداق بىر تەرەپ قىلىش كېرەك؟
1. ئاۋۋال تېمپېراتۇرىنى توغرا ئۆلچەڭ:
بەزى ئاتا ئانىلار، بوۋاقنىڭ پىشانىسىغا قولىنى قويۇپ بېقىپلا، بوۋىقىم قىزىپ قالدى دەپ دوختۇرخانىنىڭ جىددىي قۇتقۇزۇشقا ئېلىپ كېلىدۇ. ئەمەلىيەتتە بوۋاق قىزىمىغان، ئەكسىچە جىددىي قۇتقۇزۇشتىكى مۇھىتتا بوۋاقنىڭ كېسەل بولۇپ قېلىش ئىھتىماللىقى تېخىمۇ يۇقىرى بولىدۇ.
يېڭى تۇغۇلغان بوۋاقلارنىڭ تېمپېراتۇرىسىنى ئۆلچەشتىكى ئەڭ ئىشەنچلىك ئۇسۇل مەقەت يولىدىن ئۆلچەشتۇر. قولتۇق ئاستىدىن ئۆلچەش بىر قەدەر قۇلايلىق بولسىمۇ، لېكىن ئۇنچە ئېنىق بولمايدۇ. قۇلاق ياكى پېشانە تېرمومېتىرلىرى كىچىك بوۋاقلارغا ماس كەلمەسلىكى مۇمكىن.
- ئۆلچەش ئۇسۇلى: مەقەتتىن ئۆلچەشتە، رەقەملىك تېرمومېتىرنىڭ ئۇچىغا ئازراق ۋازېلىن سۈرتۈپ، بوۋاقنى قورسىقىغا ياتقۇزۇپ، تېرمومېتىرنى ئاستا-ئاستا مەقەت قىسمىغا 1.25 دىن 2.5 سانتىمېتىرغىچە كىرگۈزۈپ، سىگنال بېرىلگەنگە قەدەر تۇتۇپ تۇرۇڭ. ئەگەر قىلالمايمەن دىسىڭىز، نورمال قولتۇقتىن ياكى پىشانىدىن ئۆلچەك.
2. ئۆيدە بىر تەرەپ قىلىش ئۇسۇللىرى (پەقەت دوختۇرنىڭ تەۋسىيەسى بويىچە):
- مۇۋاپىق كىيىندۈرۈش: بوۋاقنى بەك قېلىن كىيىندۈرمەڭ ياكى قېلىن يۆگەككە يۆگىمەڭ. بىر قەۋەت يەڭگىل، ھاۋا ئۆتىدىغان كىيىم كىيگۈزۈپ قويسىڭىزلا كۇپايە. بۇ بەدەننىڭ ئىسسىقلىقنى تارقىتىشىغا ياردەم بېرىدۇ.
- سۇيۇقلۇق تولۇقلاش: بوۋاقنىڭ سۇسىزلىنىپ قېلىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئۈچۈن، ئانا سۈتى ياكى سۈت پاراشوكىنى دائىم بېرىپ تۇرۇڭ. سۇيۇقلۇق بەدەن تېمپېراتۇرىسىنى تەڭشەشكە ياردەم بېرىدۇ.
- ئىللىق سۇدا يۇيۇندۇرۇش: ئىللىق سۇ بىلەن يۇيۇندۇرۇش ياكى لۆڭگىنى ھۆللەپ سۈرتۈش قىزىشنى ۋاقتىنچە پەسەيتىشكە ياردەم بېرىدۇ. سوغۇق سۇ ياكى ئىسپىرت ئىشلىتىشتىن قەتئىي ساقلىنىڭ، بۇ بوۋاقنى تىترەتمىگە كەلتۈرۈپ، تېمپېراتۇرىسىنى تېخىمۇ ئۆرلىتىۋېتىشى مۇمكىن.
- دورا ئىشلىتىش: 3 ئايلىقتىن كىچىك بوۋاقلارغا دوختۇرنىڭ رۇخسىتىسىز قىزىتما قايتۇرۇش دورىسى بەرمەڭ. 3 ئايلىقتىن چوڭ بوۋاقلارغا دوختۇرنىڭ كۆرسەتمىسى بويىچە، بوۋاقلارغا مەخسۇس ئىشلىتىلىدىغان ئاتسېتامىنوڧېن ( Acetaminophen – paracetamol ) تەركىبلىك دورىلارنى بېرىشكە بولىدۇ. 6 ئايلىقتىن كىچىك بوۋاقلارغا ئىبوپروفېن (Ibuprofen) بېرىش تەۋسىيە قىلىنمايدۇ. دورىنىڭ مىقدارىنى چوقۇم بوۋاقنىڭ ئېغىرلىقىغا ئاساسەن بېرىش كېرەك.
يېڭى تۇغۇلغان بوۋاقلاردىكى قىزىش ئاتا-ئانىلارنى ئەندىشىگە سالىدىغان بىر ئەھۋال بولسىمۇ، لېكىن توغرا بىلىم ۋە ۋاقتىدا ھەرىكەت قىلىش ئارقىلىق كۆپىنچە مەسىلىلەرنىڭ ئالدىنى ئالغىلى بولىدۇ. ئەڭ مۇھىمى، 3 ئايلىقتىن كىچىك بوۋاقنىڭ تېمپېراتۇرىسى 38°C دىن ئاشقاندا، بۇنى جىددىي ئەھۋال دەپ بىلىپ، دەرھال دوختۇرغا مۇراجىئەت قىلىش كېرەك.