ئانا سەھىپەبوۋاقلار بالىلاربالىلار كېسەللىكلىرىبالىلارغا دائىم ئىشلىتىلىدىغان قىزىتما ياندۇرۇش ئۇسۇللىرى

بالىلارغا دائىم ئىشلىتىلىدىغان قىزىتما ياندۇرۇش ئۇسۇللىرى

     + چوڭ خەت | - كىچىك خەت

قىزىتىپ قېلىش−ئورگانىزملارنىڭ سىرتتىن كەلگەن باكتېرىيە، ۋىرۇس قاتارلىق پايدىسىز ئامىللارغا نىسبەتەن قوغداش خاراكتېرىدىكى بىر خىل ئىنكاسى

دائىم قوللىنىدىغان قىزىتما ياندۇرىدىغان ئۇسۇللار تۆۋەندىكىدەك:

بالىلارغا دائىم ئىشلىتىلىدىغان قىزىتما ياندۇرۇش ئۇسۇللىرى

1-قىزىتما ياندۇرۇپ، ئاغرىق پەسەيتىدىغان دورىلار. بۇ خىلدىكى دورىلار بەدەن تېمپېراتۇرىسىدىكى مەركىزىي ئورۇنلارنىڭ قىل-قان تومۇرلىرىنى كېڭەيتىپ، تەرلىتىش ئارقىلىق قىزىتما ياندۇرىدۇ. شۇڭا، بوۋاقلارغا دورا بېرىپ بولغاندىن كېيىن قايناق سۇنى كۆپرەك ئىچۈرۈپ بېرىش كېرەك. دورا يېرىم سائەت ئاتراپىدا تەسىرىنى كۆرسىتىدۇ. قىزىتما ياندۇرۇش ئۇكۇلىنى بالىنىڭ قىزىتمىسى پەقەت 39 گىرادوستىن ئاشقاندا ئاندىن ئۇرغۇزۇش كېرەك.

38.5 گىرادوستىن تۆۋەن بولسا، بوۋاق دورا يېيەلىسە ئىمكان بار ئوكۇل سالدۇرماسلىق كېرەك. ئىلگىرى قىزىپ تارتىشىپ قېلىش ئەھۋالى كۆرۈلگەن بالىلارغا بەك قىزىپ كەتمىسىمۇ دورا ئىچۈرۈپ تۇرۇش لازىم. قىزىتما ياندۇرۇش دورىسى پەقەت كېسەلگە نىسبەتەن بەدەن تېمپېراتۇرىسىنى چۈشۈرۈشتىكى بىر خىل ۋاسىتە. بەدەن تېمپېراتۇرىسىنى نورماللاشتۇرۇش ئۈچۈن كېسەلنى داۋالاش بىلەن ماسلاشتۇرۇش لازىم.

2-فىزىكىلىق ئۇسۇلدا تېمپېراتۇرىنى چۈشۈرۈش، يەنى قىزىتمىسى ئانچە يۇقىرى بولمىغان بوۋاقلارنىڭ پېشانىسىگە لۆڭگىنى ھۆل قىلىپ قويۇش، گرېلكىغا سوغۇق سۇ ياكى مۇز پارچىسى سېلىپ لاتا بىلەن ئوراپ ياستۇق قىلىپ بەرسىمۇ ياكى كىندىكنىڭ تۆۋەن تەرىپىگە ياكى يىرىقىغا قويسىمۇ بولىدۇ.

3-ئىسپىرت بىلەن سۈرتۈش، يەنى %90 لىك ئىسپرتقا 1/2ئۈلۈش ياكى %70 لىك ئىسپرتقا 1/3 ئۈلۈش سۇ قوشۇپ، ئەگەر ئىسپرت بولمىسا كۆيىدىغان ھاراققا 1/4 ئۈلۈش سۇ قوشۇپ تەڭشەپ، لۆڭگىنى ھۆل قىلىپ، بالىنىڭ پۇت ۋە قولىنىڭ ئالىقىنىغا، كىندىكىگە، بويۇنىنىڭ ئىككى تەرىپىگە، قولتۇقىغا، مەيدە ۋە يىرىقىغا بىر-ئىككى مىنۇت سۈركەپ بەرسە، ئۈنۈمى بىر قەدەر ياخشى بولىدۇ.

4- باشقا ئۇسۇللار: ئىلمان سۇ (38-40گىرادۇس ئەتراپىدا) بىلەن پۈتۈن بەدىنىنى سۈرتۈپ يۇيۇش ياكى ئىلمان سۇ بىلەن نەملەنگەن لۆڭگىنى بالىنىڭ يالىڭاچ بەدىنىگە قويۇش ئارقىلىق قىزىتمىنى قايتۇرۇشقا بولىدۇ.

يۇقارىدىكى مەزمونغا قانداق قارايسىز؟
+1
0
+1
0
+1
0
+1
0
+1
0
+1
0
+1
0
مەزمون قوشۇلغان ۋاقىت: 2020-10-07

يېقىندا تەھرىرلەنگەن ۋاقىت: 2020-10-06 / 01:47:01

ساقلىۋالايچۇ؟
ساقلىۋالدىم!
سەمىمىي ئەسكەرتىش
مەزكۇر بەتتىكى مەزمۇندا، ئىملادا خاتالىق بولسا، ۋەيا تولۇقلىما مەزمۇن تەمىنلەپ بېرىشنى خالىسىڭىز، ئاستىدىكى سۆز قالدۇرۇش قىسمىغا سۆز قالدۇرسىڭىز بولىدۇ. تاما تاما كۆل بولۇر. سىزنىڭ نامىڭىزنى قوشۇپ ئېلان قىلىمىز.

بىكەتتىكى مەزمۇنلار تورداشلارنىڭ پايدىلىنىشى، ساغلاملىققا بولغان تونۇشىنى ئاشۇرۇش ئۈچۈن تەمىنلەنگەن ئۇچۇرلاردۇر. ئەمما دىئاگنوز ئاساسى بولالمايدۇ. ئوخشىمىغان بىماردا ئوخشىمىغان ئالامەتلەر كۆرۈلىدۇ ۋە دىئاگنوزى ئوخشىمايدۇ. شۇڭا بەدەندە كېسەللىك ئالامەتلىرى كۆرۈلگەندە چوقۇم مۇنتىزىم دوختۇر بىلەن يۈز تۇرانە مەسىلىھەت ئېلىشىڭىزنى، دوختۇرخانىدا تەكشۈرتۈشىڭىزنى تەۋسىيە قىلىمىز.

باشقا يەرلەردىن ئېلىنغان بەزى مەزمۇنلار، رەسىملەرنىڭ ئەسلى مەنبەسىنى ئەسكەرتىشكە تىرىشتۇق. باشقا يەردىن ئېلىنغان مەزمۇنلار پەقەت شۇ ئاپتور يازارنىڭ ئۆز كۆز قارىشىنى ئىپادىلەيدۇ، بېكىتىمىزنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلالمايدۇ. بۇنىڭدىن سىرت، ئەگەر ئەسەرنىڭ ئەسلى ئاپتورى ماقالىنىڭ تور بېكىتىمىزدە ئېلان قىلىنغانلىقى ئۆزىنىڭ شەخسىي مەنپەئىتىگە دەخلى قىلىندى دەپ ئويلىسا، بىز بىلەن ئالاقىلاشسىڭىز، ئەڭ قىسقا ۋاقىت ئىچىدە بىكەتتىن ئۆچۈرۋەتسەك بولىدۇ.

تور بېكىتىمىزدىكى مەزمونلارنى شەخسىي بېتىڭىزدە ئىشلەتمەكچى بولسىڭىز، دوختۇرلار تور بېكىتى ياكى dohturlar.com دىن ئېلىنغانلىقىنى ۋەيا بىز ئەسكەرتكەن مەزمۇننىڭ ئەسلى مەنبەسىنى ئەسكەرتىپ قويۇشىڭىزنى چىن دىلىمىزدىن ئۈمىد قىلىمىز. ئەمگەك مېۋىسىگە ھۆرمەت قىلىڭ.

سۆز قالدۇراي

Please enter your comment!
Please enter your name here

قىززىق نۇقتىلار

يېڭى مەزمونلار

مەخسۇس سەھىپىلەر

تېخىمۇ كۆپ