ئانا سۈتى بىلەن كالا سۈتىنىڭ سېلىشتۇرمىسى:
ئاقسىل: ئانا سۈتىدىكى ئاقسىلنىڭ مىقتارى كالا سۈتىگە نىسبەتەن تۆۋەن بولسىمۇ، لېكىن ئۆسۈپ يېتىلىش ئىھتىياجىنى قامدىيالايدۇ. ئانا سۈتىدىكى ئاق ئاقسىلدا ئادەم بەدىنى ئۈچۈن كام بولسا بولمايدىغان ئاممونى كىسلاتى نىسبەتەن مول بولىدۇ. ئاشقازان كىسلاتاسىغا يولۇققاندىن كېيىن پىشلاقلار كىچىك بولۇپ ئاسان ھەزىم بولىدۇ. كالا سۈتىنىڭ كازىن (casin) تەركىبىدە ئاممونى كىسلاتا تەركىۋى ئاق ئاقسىلدەك مول بولمايدۇ. كىسلاتا بىلەن ئۇچراشقاندىن كېيىن چوڭ مۇنەكچىلەرنى پەيدا قىلىپ ئاسان ھەزىم بولمايدۇ.
ماي: ئانا سۈتى بىلەن كالا سۈتى تەركىبىدىكى ماي مىقتارى ئوخشاش بولىدۇ. ئانا سۈتىدىكى ماي شارچىلىرى كىچىك بولۇپ، بۇنىڭ ئىچىدە ماي كىسلاتاسى، يۇمشاق ماي كىسلاتاسى ۋە قاتتىق ماي كىسلاتاسى نىسبەتەن كۆپ بولىدۇ. شۇڭا ھەزىم قىلىش نىسبىتى ۋە ئوزۇقلۇق قىممىتى نىسبەتەن يۇقىرى بولىدۇ. كالا سۈتىدە تۆۋەن دەرىجىلىك ماي كىسلاتاسى نىسبەتەن كۆپ بولىدۇ. ئاشقازان، ئۈچەينى ئوڭايلا غىدىقلايدۇ. ماي شارچىلىرى نىسبەتەن چوڭ بولىدۇ. شۇڭا ھەزىم قىلىش قىيىن بولىدۇ.
قەنت: ئانا سۈتى بىلەن كالا سۈتىدە بىردەك سۈت قەنتى بولۇپ ئانا سۈتىدە تۇتقان مىقتارى نىسبەتەن كۆپ بولۇپ، B تىپتىكى سۈت قەنتتۇر. ئۈچەي ئىچىدىكى قوش شاخچە تاياقچىنىڭ ئۆسۈشىنى ئىلگىرى سۈرۈش بىلەن چوڭ ئۈچەي تاياقچىسىنىڭ تەرەققىي قىلىشىنى تېزگىنلەيدۇ. كالا سۈتىدە A تىپتىكى سۈت قەنتى بولۇپ، چوڭ ئۈچەي تاياقچىسىنىڭ ئۆسۈشىگە پايدىلىقتۇر.
ۋىتامىنلار: ئانا سۈتىدە ۋىتامىن A ۋە C كالا سۈتىگە نىسبەتەن كۆپ بولىدۇ. ۋىتامىن ب1 ۋە ب2 كالا سۈتىگە نىسبەتەن ئاز بولىدۇ. ۋىتامىن د ئانا سۈتى ۋە كالا سۈتىدە بىردەك يېتىشمەيدۇ. شۇڭا ئۆز ۋاقتىدا قوشۇپ بېرىش لازىم.
كان ماددىلىرى: ئانا سۈتىنىڭ تەركىبىدىكى كان ماددىلىرى، تۆمۈر، مىستىن باشقا كالا سۈتىگە نسبەتەن بىردەك ئاز بولىدۇ. لېكىن بالىلارنىڭ ئۆسۈپ تەرەققىي قىلىش ئىھتىياجىغا يېتىدۇ. ئانا سۈتىدىكى كالتسىي فوسفورنىڭ نىسبىتى 1:2 بولۇپ، ئوڭاي شۈمۈرىلىدۇ. تۆمۈرنىڭ تۇتقان مىقتارى يېتىشمەيدۇ. تۇغۇلۇپ 4-5 ئايلىق بولغاندا يېمەكلىكلەر ئارقىلىق تولۇقلاپ بېرىش لازىم. كالا سۈتىدە كان ماددىلىرى نىسبەتەن كۆپ بولىدۇ. بولۇپمۇ فوسفور كىسلاتا تۇزلىرى كۆپ بولىدۇ. كالتسىي فوسفورنىڭ نىسبىتى مۇۋاپىق بولمىغانلىقتىن كالتسىينىڭ شۈمۈلۈرىشىگە پايدىسىز بولىدۇ.
فېرمېنت ۋە ئانتىتېلا: ئانا سۈتى كۆپ مىقتاردا ماي فېرمېنتى ۋە كراخمال فېرمېنتى قاتارلىقلارنى تۇتىدۇ، ھەمدە ھەرخىل ئانتىتېلا مەسىلەن: ئانتىبىئوتىك، باكتېرىيە ئېرىتكۈچى ماددا، ئۇيۇتقۇچى ماددا بولىدۇ. بۇلار كالا سۈتىدە پەقەت ئاز مىقتاردا بولۇپ، كۆچىلىكى دېزىنفىكسىيە قىلغاندا بۇزۇلۇپ كېتىدۇ.
باكتېرىيە: ئانا سۈتى ئاساسىي جەھەتتىن باكتېرىيىسىز بولىدۇ. ئەگەر ئېمىتكەن ۋاقىتتا ئەمچەكنى دېزىنفىكسىيە قىلىشقا دىققەت قىلسا، باكتېرىيە بىلەن يۇقۇملىنىش ئىھتىماللىقى بولمايدۇ. كالا سۈتىنى يىغىپ يۆتكەش جەريانىدا بۇلغىنىش پۇرسىتى نىسبەتەن كۆپ بولىدۇ. دېزىنفىكسىيە قىلىپ باكتېرىيىلەرنى ئۆلتۈرگەندە ئۇنىڭ توكسىنلىرى يەنىلا سۈتتە مەۋجۇت بولۇپ تۇرۇپ ناچار تەسىر كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ. (1-4 جەدۋەل)
ئانا سۈتى | كالا سۈتى | قوي سۈتى | |
ئاقسىل(گرام)
ماي (گرام) قەنت (گرام) كان ماددىسى (گرام) ۋىتامىن باكتېرىيە ئىسسىقلىق كالورىيە |
1.2
3.5 7.5 0.2 نىسبەتەن كۆپ ئاساسەن يوق 66 |
3.5
3.5 4.8 0.7 ئاز ئوڭاي بۇلغىنىدۇ 66 |
3.3
4.1 4.7 0.7-1.0 ئاز ئوڭاي بۇلغىنىدۇ 69 |
بالىلار كېسەللىكلىرى
(مەملىكەتلىك ئالىي تىببىي تېخنىكوملار ئۈچۈن سىناق دەرسلىكى)
تەرجىمە قىلغۇچى: ئابدىسوپۇر ئابدۇرېھىم
تەرجىمە تەھرىرى:غوپۇر ئىمىن
مەسئۇل كوررېكتورى: ئابلەت مۇسا
شىنجاڭ خەلق سەھىيە نەشرىياتى
1986-يىلى 4-ئاي
كىرگۈزگۈچى: نۇرمەمەت دانىش