يۆتەل

يۆتەل نەپەس يولى غىدىقلانغاندىن كېيىن، ئورگانىزمنىڭ بىر خىل ئۆزىنى قوغداش ئىنكاسىنى كۆرسىتىدۇ. ئۇ نەپەس يولىدىكى يات ماددا، بەلغەم قاتارلىقلارنى تازىلاپ، نەپەس يولىنىڭ راۋانلىقىنى ساقلايدۇ. لېكىن، ئەگەر يۆتەلنىڭ داۋاملىشىش ۋاقتى بىر قەدەر ئۇزۇن بولسا ياكى باشقا كېسەللىك ئالامەتلىرى كۆرۈلسە، ۋاقتىدا دوختۇرغا كۆرۈنۈپ دىئاگنوز قويۇش ۋە داۋالاش كېرەك.

ئۇيغۇرچە: يۆتەل
ئىنگىلىزچە: Caughing
خەنزۇچە: 咳嗽
تۈركچە: Öksürük

غەرب تېبابىتى نۇقتىسىدىن قارىغاندا، يۆتەلنىڭ سەۋەبى كۆپ خىل بولۇشى مۇمكىن، ئۇ تۆۋەندىكىلەرنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ:

1. يۇقۇملىنىش خاراكتېرلىك كېسەللىك مەسىلەن، زۇكام، تارقىلىشچان زۇكام، ئۆپكە ياللۇغى قاتارلىقلار.

2. ئاللېرگىيىلىك كېسەللىكلەر مەسىلەن، زىققا، زىيادە سەزگۈرلۈك بۇرۇن ياللۇغى قاتارلىقلار.

3. سوزۇلما توسۇلۇش خاراكتېرلىك ئۆپكە كېسىلى ( COPD ):مەسىلەن:ئاستا خاراكتېرلىك كانايچە ياللۇغى ،ئۆپكە گازلىق ئىششىقى قاتارلىقلار.

4. يۈرەك قان تومۇر كېسەللىكلىرى مەسىلەن، يۈرەك زەئىپلىشىش، يۈرەك مۇسكۇل كېسىلى قاتارلىقلار.

5. باشقا سەۋەب مەسىلەن، ئۆپكە راكى، قىزىلئۆڭگەچ ياندۇرۇش كېسىلى قاتارلىقلار.

تەكشۈرۈپ دىئاگنوز قويۇش ئۇسۇلى تۆۋەندىكىلەرنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ:

1. كېسەللىك تارىخىنى سوراش دوختۇر بىمارنىڭ كېسەللىك تارىخى، كېسەللىك ئالامىتى قاتارلىق ئەھۋاللارنى سورايدۇ.

2. بەدەن تەكشۈرۈش دوختۇر بىمارنىڭ نەپەس تاۋۇشى، كۆكرەك قىسمى X رېنتگېندە سۈرەتكە ئېلىش قاتارلىقلارنى تەكشۈرىدۇ.

3. قان تەكشۈرۈش يۇقۇملىنىش قاتارلىق مەسىلىلەرنىڭ بار-يوقلۇقىنى تەكشۈرگىلى بولىدۇ.

4. كانايچە ئەينىكىدە تەكشۈرۈش نەپەس يولىنىڭ ئىچكى ئەھۋالىنى، جۈملىدىن ياللۇغ، ئۆسمە قاتارلىقلارنىڭ بار – يوقلۇقىنى بىۋاسىتە كۆزەتكىلى بولىدۇ.

داۋالاش ئۇسۇلى كېسەللىك سەۋەبىگە قاراپ پەرقلىنىدۇ. ئەگەر يۇقۇملۇق كېسەللىكلەر كەلتۈرۈپ چىقارغان بولسا، دوختۇر ئانتىبىئوتىك قاتارلىق دورىلار بىلەن داۋالاش لايىھىسىنى يېزىپ بېرىشى مۇمكىن؛ ئەگەر زىيادە سەزگۈرلۈك كېسەللىكى كەلتۈرۈپ چىقارغان بولسا، زىيادە سېزىمچانلىققا قارشى دورىلار بىلەن داۋالاشقا توغرا كېلىدۇ؛ ئەگەر COPD قاتارلىق ئاستا خاراكتېرلىك كېسەللىكلەر كەلتۈرۈپ چىقارغان بولسا ،ئۇزاق مۇددەتلىك دورا بىلەن داۋالاش ۋە باشقۇرۇشقا توغرا كېلىدۇ. ئەگەر باشقا سەۋەبلەر كەلتۈرۈپ چىقارغان بولسا، كونكرېت ئەھۋالغا ئاساسەن يەككە داۋالاش لايىھەسىنى تۈزۈپ چىقىش كېرەك.

يۇقارىدىكى مەزمونغا قانداق قارايسىز؟
+1
0
+1
0
+1
0
+1
0
+1
0
+1
0
+1
0
مەزمون قوشۇلغان ۋاقىت: 2024-05-11

يېقىندا تەھرىرلەنگەن ۋاقىت: 2024-05-18 / 07:45:26

ساقلىۋالايچۇ؟
ساقلىۋالدىم!
سەمىمىي ئەسكەرتىش
مەزكۇر بەتتىكى مەزمۇندا، ئىملادا خاتالىق بولسا، ۋەيا تولۇقلىما مەزمۇن تەمىنلەپ بېرىشنى خالىسىڭىز، ئاستىدىكى سۆز قالدۇرۇش قىسمىغا سۆز قالدۇرسىڭىز بولىدۇ. تاما تاما كۆل بولۇر. سىزنىڭ نامىڭىزنى قوشۇپ ئېلان قىلىمىز.

بىكەتتىكى مەزمۇنلار تورداشلارنىڭ پايدىلىنىشى، ساغلاملىققا بولغان تونۇشىنى ئاشۇرۇش ئۈچۈن تەمىنلەنگەن ئۇچۇرلاردۇر. ئەمما دىئاگنوز ئاساسى بولالمايدۇ. ئوخشىمىغان بىماردا ئوخشىمىغان ئالامەتلەر كۆرۈلىدۇ ۋە دىئاگنوزى ئوخشىمايدۇ. شۇڭا بەدەندە كېسەللىك ئالامەتلىرى كۆرۈلگەندە چوقۇم مۇنتىزىم دوختۇر بىلەن يۈز تۇرانە مەسىلىھەت ئېلىشىڭىزنى، دوختۇرخانىدا تەكشۈرتۈشىڭىزنى تەۋسىيە قىلىمىز.

باشقا يەرلەردىن ئېلىنغان بەزى مەزمۇنلار، رەسىملەرنىڭ ئەسلى مەنبەسىنى ئەسكەرتىشكە تىرىشتۇق. باشقا يەردىن ئېلىنغان مەزمۇنلار پەقەت شۇ ئاپتور يازارنىڭ ئۆز كۆز قارىشىنى ئىپادىلەيدۇ، بېكىتىمىزنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلالمايدۇ. بۇنىڭدىن سىرت، ئەگەر ئەسەرنىڭ ئەسلى ئاپتورى ماقالىنىڭ تور بېكىتىمىزدە ئېلان قىلىنغانلىقى ئۆزىنىڭ شەخسىي مەنپەئىتىگە دەخلى قىلىندى دەپ ئويلىسا، بىز بىلەن ئالاقىلاشسىڭىز، ئەڭ قىسقا ۋاقىت ئىچىدە بىكەتتىن ئۆچۈرۋەتسەك بولىدۇ.

تور بېكىتىمىزدىكى مەزمونلارنى شەخسىي بېتىڭىزدە ئىشلەتمەكچى بولسىڭىز، دوختۇرلار تور بېكىتى ياكى dohturlar.com دىن ئېلىنغانلىقىنى ۋەيا بىز ئەسكەرتكەن مەزمۇننىڭ ئەسلى مەنبەسىنى ئەسكەرتىپ قويۇشىڭىزنى چىن دىلىمىزدىن ئۈمىد قىلىمىز. ئەمگەك مېۋىسىگە ھۆرمەت قىلىڭ.

تەييارلىغان مەزمۇنلىرىمىزنى رۇخسەتسىز، قانۇنسىز سودا ئىشلىرىغا ئىشلەتمەڭ. بولمىسا قانۇنى ۋە ۋىجدانى جاۋاپكارلىققا تارتىلىسىز.

سۆز قالدۇراي

Please enter your comment!
Please enter your name here

قىززىق نۇقتىلار

يېڭى مەزمونلار

مەخسۇس سەھىپىلەر

تېخىمۇ كۆپ