كانايچە
ئۇيغۇرچە باشقا ئاتىلىشلىرى:
شاخچە كاناي
bronchi
支气管
bronş
ئۆپكىنى تەتۈر ئۆرۈپ قارىساق، شاخچە كاناي خۇددىي دەرەخكە ئوخشاش ھەر دەرىجىلىك شاخلارغا بۆلۈنگەن شەكىلدە ئىكەنلىكىنى كۆرۈۋالغىلى بولىدۇ. ئوڭ سول غول شاخچە كاناي دەپ ئىككىگە بۆلۈنىدۇ. ئۇلار يەنە كىچىك شاخچە كانايغا بۆلۈنۈپ ئاخىرقى ئۇچىدا ئۆپكە پۈۋۋەكچىلىرىگە قەدەر بۆلۈنۈپ ماڭىدۇ. ھازىرغىچە بۇ دەرىجە بۆلۈشنى جەمئىي 24 دەرىجىگە بۆلگەن. يەنى قانچە دەرىجىسى يۇقىرىلاشقسا، نەپەس يولى شۇنچە ئىنچىكىلەپ ماڭىدۇ. يەنى بىر دەرەخنىڭ شاخچىلىرىنى كۆز ئالدىڭىزغا كەلتۈرۈڭ.