قان گاز ئانالىزى
ئۇيغۇرچە باشقا ئاتىلىشلىرى:
قان گاز تەكشۈرۈشى, قان گازى ئانالىزى, قان گازى تەكشۈرۈش
blood gas analysis
ئىنگىلىزچە باشقا ئاتىلىشلىرى:
blood gas test
血气分析
خەنزۇچە باشقا ئاتىلىشلىرى:
血气检查
Kan gazı analızı
تۈركچە باشقا ئاتىلىشلىرى:
Kan gazı testi
قاندىكى كىسلاتا-ئىشقار دەرىجىسىنى كۆپىنچە قان-گاز تەكشۈرۈش ئۇسۇلى ئارقىلىق تەكشۈرىدۇ. كۆپىنچە ۋاقىتلاردا ئارتېرىيە تومۇردىن قان ئېلىپ، تەكشۈرۈش ئېلىپ بارىدۇ. نەتىجىسى نەچچە مىنوتتىلا چىقىدۇ. ھازىرچە بۇ خىل تەكشۈرۈشتە بەك كۆپ نەتىجىلەرنى ئالغىلى بولمايدۇ.
تەكشۈرگۈلى بولىدىغان نەتىجىلەر تۆۋەندىكىچە:
- قاندىكى كىسلاتا ئىشقار تەڭپۇڭلۇق دەرىجىسى
- قىزىل قان دانچىسى
- قاندىكى ئېلېكترولىتلەر مەسىلەن ناترىي، كالىي، ….
- ۋە باشقىلار
كۆپىنچە ئەھۋاللاردا جىددىي قۇتقۇزۇش بۆلۈمىدە بىمارلارنىڭ بەدىنىگە جىددىي بىر تەكشۈرۈش ئېلىپ بېرىش ئۈچۈن ئېلىپ بېرىلىدىغان تەكشۈرۈش تۈرى.