ئانا سەھىپەئاساسىي بىلىملەرفىزىئولوگىيەئادەم بەدىنىدىكى بىر قىسىم ئورگانىزملارنىڭ رولى

ئادەم بەدىنىدىكى بىر قىسىم ئورگانىزملارنىڭ رولى

     + چوڭ خەت | - كىچىك خەت

ئۆپكە پۈۋەكچىلىرى ئەتراپىدىكى ئاكتىپ ماددا ئۆپكىدىكى ئۆپكە پۈۋەكچىلىرى دەپ ئاتىلىدىغان ئۇششاق ھاۋا خالتىسىنىڭ سىرتقى يۈزىدە بىر قەۋەت خۇددى سوپۇنغا ئوخشايدىغان ئاكتىپ ماددا بولۇپ (قېلىنلىقى 0.5mmm غىمۇ يەتمەيدۇ)، بۇ نېپىز پەردە ئادەم بەدىنىنىڭ ئوكسىگېن سۈمۈرۈشىنى كاپالەتكە ئىگە قىلىدۇ. ئەگەر بۇ ماددا بولمىسا ئادەم ھاياتىدىن ئايرىلىدۇ.

سۆڭەكنىڭ قان بىلەن تەمىنلەش مېخانىزمى سۆڭەكنىڭ بەدەننى كۆتۈرۈپ تۇرۇشتىن باشقا، يەنە قان بىلەن تەمىنلەش رولىمۇ بار. سۆڭەكنىڭ قان يەتكۈزۈش يولى سۆڭەكنى قاپلىغان نېپىز بىر قەۋەت پەردە ئارقىلىق سۆڭەكنىڭ ئىچكى قىسمىغا تۇتىشىدۇ. بۇ نېپىز پەردە سۆڭەك پەردىسى، دەپ ئاتىلىدۇ. ئەگەر سۆڭەكنىڭ بۇ خىل ئىقتىدارى بولمىسا، ئىممۇنىتېت ھۈجەيرىلىرى زور دەرىجىدە ئازىيىپ، باكتېرىيىلەر ئاسانلا ئادەمنىڭ ھاياتىغا خەۋپ يەتكۈزىدۇ.

ئاجايىپ ئىقتىدارغا ئىگە ئاشقازان شىللىق پەردە ھۈجەيرىسى ھەزىم قىلىش جەريانىدا ئەڭ مۇھىم رول ئوينايدىغىنى ئاشقازان شىللىق پەردە ھۈجەيرىسى ئاجرىتىپ چىقارغان ھورموندۇر. مەسىلەن، يېمەكلىك يېگەندە چوڭ مېڭە ئاشقازان شىللىق پەردە ھۈجەيرىسىگە سىگنال يوللاپ، ئاشقازان ھورمونى ئاجرىتىپ چىقىرىشنى ئەسكەرتىدۇ. ئاشقازان ھورمونى ئاشقازان سۇيۇقلۇقى ئاجرىتىپ چىقىرىشنى ئىلگىرى سۈرىدىغان ھورمون بولۇپ، ئاشقازان سۇيۇقلۇقى تەركىبىدە يېمەكلىكلەرنى ئېرىتىشتە زۆرۈر بولغان تۇز كىسلاتاسى بار. ئاشقازان ھورمونى تەركىبىدە يەنە ئاشقازان ئاقسىل فېرمېنتى بولۇپ، ئاقسىلنى پارچىلاپ، گېنلارنىڭ ئۆت سۇيۇقلۇقى ھاسىل قىلىشىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، ياغلارنىڭ بەدەنگە قوبۇل قىلىنىشىنى ئىشقا ئاشۇرىدۇ.

قاننىڭ ئاجىز ئىشقارلىقنى ساقلاش سىستېمىسى ساغلام ھالەتنى ساقلاش ئۈچۈن، قاننىڭ PH قىممىتى 7.35 – 7.45 بولۇشى زۆرۈر. بۇنى كاپالەتكە ئىگە قىلىش ئۈچۈن، قاننىڭ ئۆزگىچە مولېكۇلا قۇرۇلمىسى ئارقىلىق شەكىللەنگەن ئاجىز ئىشقارلىقنى ساقلاش سىستېمىسىغا تايىنىشقا توغرا كېلىدۇ. ئەگەر قاننىڭ كىسلاتالىق خۇسۇسىيىتى ئېشىپ كەتسە، قاندىكى مولېكۇلا ھىدروگېن ئىئونىنى قوبۇل قىلىدۇ. قاننىڭ ئىشقارلىق خۇسۇسىيىتى ئېشىپ كەتسە، قاندىكى مولېكۇلا ھىدروگېن ئىئونىنى قويۇپ بېرىدۇ. بۇ سىستېمىنىڭ رولى ئارقىلىق قان ئاجىز ئىشقارلىق ھالەتنى ساقلايدۇ. ئەگەر بۇ سىستېما بولمىسا ئادەم بەدىنىدىكى فېرمېنتلار نورمال خىزمەت قىلالماي، بەدەندە زەھەر شىددەت بىلەن كۆپىيىپ، ئادەم قىسقا ۋاقىت ئىچىدىلا ھاياتىدىن ئايرىلىدۇ.

يۈرەك قېپى پەردىسى يۈرەك قېپى پەردىسى يۈرەك ئەتراپىدىكى نېپىز پەردىنى كۆرسىتىدۇ. ئۇ يۈرەك مۇسكۇلىنىڭ نورمال ھالەتنى ساقلىشىغا ياردەم بېرىپ، يۈرەك مۇسكۇلىنىڭ زىيادە كېڭىيىشىنىڭ ئالدىنى ئالىدۇ. ئەگەر يۈرەك قېپى ياللۇغلانسا، يۈرەك قېپى پەردىسى قېلىنلاپ، يۈرەك مۇسكۇلى بىلەن يۈرەك قېپى پەردىسى ئوتتۇرىسىدىكى سۇيۇقلۇق قىسىلىپ، يۈرەك ئىقتىدارىغا زور تەسىر يەتكۈزىدۇ.

مېڭە – ئومۇرتقا سۇيۇقلۇقى مېڭە – ئومۇرتقا سۇيۇقلۇقى رەڭسىز، سۈزۈك سۇيۇقلۇق بولۇپ، مېڭە، يۇلۇن قاتارلىق پۈتكۈل مەركىزىي نېرۋا سىستېمىسىغا تارقالغان. ئۇ باش قىسىم سوقۇلۇشقا ئۇچرىغاندا پەيدا بولىدىغان بېسىم كۈچىنىڭ چوڭ مېڭىگە بولغان تەسىرىنى ئازايتىش رولىغا ئىگە. ئۇنىڭدىن باشقا، يەنە بەزى ھورمونلارنى چوڭ مېڭىگە يەتكۈزۈپ، چوڭ مېڭىدىكى زەھەرنى تازىلايدۇ.

يۇقارىدىكى مەزمونغا قانداق قارايسىز؟
+1
0
+1
0
+1
0
+1
0
+1
0
+1
0
+1
0
مەزمون قوشۇلغان ۋاقىت: 2021-12-22

يېقىندا تەھرىرلەنگەن ۋاقىت: 2021-12-19 / 07:12:22

ساقلىۋالايچۇ؟
ساقلىۋالدىم!
سەمىمىي ئەسكەرتىش
مەزكۇر بەتتىكى مەزمۇندا، ئىملادا خاتالىق بولسا، ۋەيا تولۇقلىما مەزمۇن تەمىنلەپ بېرىشنى خالىسىڭىز، ئاستىدىكى سۆز قالدۇرۇش قىسمىغا سۆز قالدۇرسىڭىز بولىدۇ. تاما تاما كۆل بولۇر. سىزنىڭ نامىڭىزنى قوشۇپ ئېلان قىلىمىز.

بىكەتتىكى مەزمۇنلار تورداشلارنىڭ پايدىلىنىشى، ساغلاملىققا بولغان تونۇشىنى ئاشۇرۇش ئۈچۈن تەمىنلەنگەن ئۇچۇرلاردۇر. ئەمما دىئاگنوز ئاساسى بولالمايدۇ. ئوخشىمىغان بىماردا ئوخشىمىغان ئالامەتلەر كۆرۈلىدۇ ۋە دىئاگنوزى ئوخشىمايدۇ. شۇڭا بەدەندە كېسەللىك ئالامەتلىرى كۆرۈلگەندە چوقۇم مۇنتىزىم دوختۇر بىلەن يۈز تۇرانە مەسىلىھەت ئېلىشىڭىزنى، دوختۇرخانىدا تەكشۈرتۈشىڭىزنى تەۋسىيە قىلىمىز.

باشقا يەرلەردىن ئېلىنغان بەزى مەزمۇنلار، رەسىملەرنىڭ ئەسلى مەنبەسىنى ئەسكەرتىشكە تىرىشتۇق. باشقا يەردىن ئېلىنغان مەزمۇنلار پەقەت شۇ ئاپتور يازارنىڭ ئۆز كۆز قارىشىنى ئىپادىلەيدۇ، بېكىتىمىزنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلالمايدۇ. بۇنىڭدىن سىرت، ئەگەر ئەسەرنىڭ ئەسلى ئاپتورى ماقالىنىڭ تور بېكىتىمىزدە ئېلان قىلىنغانلىقى ئۆزىنىڭ شەخسىي مەنپەئىتىگە دەخلى قىلىندى دەپ ئويلىسا، بىز بىلەن ئالاقىلاشسىڭىز، ئەڭ قىسقا ۋاقىت ئىچىدە بىكەتتىن ئۆچۈرۋەتسەك بولىدۇ.

تور بېكىتىمىزدىكى مەزمونلارنى شەخسىي بېتىڭىزدە ئىشلەتمەكچى بولسىڭىز، دوختۇرلار تور بېكىتى ياكى dohturlar.com دىن ئېلىنغانلىقىنى ۋەيا بىز ئەسكەرتكەن مەزمۇننىڭ ئەسلى مەنبەسىنى ئەسكەرتىپ قويۇشىڭىزنى چىن دىلىمىزدىن ئۈمىد قىلىمىز. ئەمگەك مېۋىسىگە ھۆرمەت قىلىڭ.

سۆز قالدۇراي

Please enter your comment!
Please enter your name here

قىززىق نۇقتىلار

يېڭى مەزمونلار

مەخسۇس سەھىپىلەر

تېخىمۇ كۆپ