ۋىرۇس
virus
病毒
virus
ۋىرۇس ، ناھايىتى كىچىك بولغان يۇقۇملىنىش ئىقتىدارىغا ئېگە بىر خىل ماددا. ئەمەلىيەتتە، ماددا دىسەكمۇ سەل خاتا بولىدۇ. ۋىرۇس دەل جانلىق ۋە ماددىنىڭ ئارىلىقىدا قالغان بىر ئاگېنت . ۋىرۇس دىگەن بۇ ئۇقۇمىنى چۈشەندۈرۈش ئۈچۈن، ئىنگىلىزچىدىمۇ يۇقۇملۇق ئاگېنت دەپ ئاتاپ قويىدۇ. ۋىرۇس ئىنگىلىزچە لاتىنچىدىن كەلگەن بىر ئىسىم بولۇپ، لاتىنچە زەھەر ياكى زەھەرلىك سۇيۇقلۇق دىگەن مەنىدە كېلىدۇ.