ئەرلەرگە ئاگاھلاندۇرۇش

     + چوڭ خەت | - كىچىك خەت

ئاق ياقىلىق خىزمەتچى، غوللۇق خادىم ۋە زىيادە قابىلىيەتلىك ئەرلەرنىڭ جىنسىي ئەزاسىدا تۆۋەندىكى ئۈچ مەسىلە كۆپ ئۇچرايدۇ
ھەر ساھەدە ئاق ياقىلىق خىزمەتچى، غوللۇق خادىم ۋە زىيادە قابىلىيەتلىك كىشىلەر ئىچىدە ئەرلەر خېلى كۆپ سالماقنى ئىگەللەيدۇ

ئەمما ئۇلارنىڭ خىزمىتىنىڭ سىجىللىقى يۇقىرى، بېسىمى چوڭ بولغانلىقتىن ئۇلارنىڭ سالامەتلىكى ئاسانلا ناچارلىشىپ، ساغلاملىق قىزىل چىراقلىرى يورۇپ كېتدۇ.

ئەرلەرگە ئاگاھلاندۇرۇش

ئەرلەرگە ئاگاھلاندۇرۇش

بىرىنچى ساغلاملىق قىزىل چىرىقى: مەزى بېزى كېسەللىكلىرى

سەۋەبى: ئادەتتە خىزمەت بېسىمى چوڭ بولۇش، زىيادە چارچاش، تەشۋىشلىنىش، جىددىلىشىش، ئۇيقۇ يېتەرلىك بولماسلىق، ھەرىكەت ئاز بولۇش قاتارلىقلار ئاشقازان ئۈچەي كېسەللىكلىرىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ. ‹‹تاماق يېيىش›› كۆپ بولۇش، يېمەك-ئىچمەكنىڭ مۇۋاپىق ماسلاشتۇرۇلماسلىقى، تۇرمۇش تەرتىپلىك بولماسلىق، ئىممونىتېت كۈچى تۆۋەنلەش قاتارلىقلار سەمىرىپ كېتىش، دىئابىت كېسىلى، يۇقىرى قان بېسىم، قان-تومۇر كېسەللىكلىرى قاتارلىقلارنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ. خېرىدارلار بىلەن كۆڭۈل ئېچىش سورۇنلىرىغا كىرىش كۆپ بولغانلىقتىن ھاراق-تاماكا ئىستېمال مىقدارى ئېشىپ كېتىدۇ. ھاراق-تاماكا ئىستېمال قىلغاندا مەزى بېزىگە قان تولۇپ، بۇنىڭدىن ئاستا خارەكتېرلىك مەزى بېزى ياللۇغى ۋە سۈيدۈك ئاجرىتىش ئەزالىرىدا ياللۇغلىنىش پەيدا بولىدۇ. بۇ ئەھۋالدا جىگەردە ياغنىڭ ئارتىپ كېتىشى ۋە جىگەرنىڭ ئىسپىرتلىق قېتىۋېلىشى كېلىپ چىقىدۇ.

ئومۇمى ئەھۋالى: مەزى بېزى كېسەللىكلىرى ئەرلەر ساغلاملىقىنىڭ بىرىنچى قاتىلى بولۇپ، ياش ۋە ئوتتۇرا ياش ئەرلەردە كۆپ كۆرىلىدۇ. ھەمدە كېسەللىك پەيدا بولۇش نىسبىتى ناھايىتى يۇقىرى. سىتاتىستىكىغا ئاساسلانغاندا %40 ئەرلەردە ئوخشىمىغان دەرىجىدە مەزى بېزى كېسەللىكى بار ئىكەن. مەزى بېزى ياللۇغلىنىپ ياكى يوغىناپ كەتكەندە سۈيدۈك ۋە مەنىي توسالغۇغا ئۇچراپ بۆرەككە زەخمە يەتكۈزىدىكەن.
ئىككىنچى ساغلاملىق قىزىل چىرىقى: جىنسى ئىقتىدارى توسالغۇسى

سەۋەبى: نۇرغۇن ئاق ياقىلىقلار خىزمەت سەۋەبىدىن ئۇزۇن مۇددەت كېچىسى ئۇخلىماسلىققا، نورمىدىن ئارتۇق خىزمەت قىلىشقا مەجبۇر. بۇ ئەزالار ئىقتىدارىنىڭ قالايمىقانلىشىشى، ئىچكى ئاجرىتىشنىڭ قالايمىقان بولىشى، نېرۋا ئاجىزلاش، ئەستە تۇتۇش ئىقتىدارى تۆۋەنلەش، دىققىتىنى يىغالماسلىق، ئىنكاسى ئاستا بولۇش، باش ئاغرىش قاتارلىقلارنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ.

دائىم كېچىسى ئۇخلىمايدىغان ئادەملەرنىڭ تۇرمۇش تەرتىپى قالايمىقان، تاماقلىنىش ۋاقتى ۋە مىقدارى بىنورمال بولۇپ ئاسانلار ئاشقازان ئۈچەي كېسەللىكلىرىگە گىرىپتار بولىدۇ. يەنە بۇنىڭ بىلەن بىرگە بەل ۋە تىزى ماغدۇرسىزلىنىش، پۇت-قول سوغۇق بولۇش، ئۇخلىيالماسلىق قاتارلىق ئالامەتلەر كۆرۈلۈپ، ئەر-ئاياللىق تۇرمۇش ئىناق بولماسلىق، پسىخىكىسى بىنورمال بولۇش قاتارلىقلارنىڭ كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ.

ئومۇمى ئەھۋالى: يېقىنقى يىللاردىن بويان ئەرلەر جىنسى ئىقتىدارى توسالغۇسى كېسەللىكىنىڭ پەيدا بولۇش نىسبىتى كۆرۈنەرلىك يۇقىرىلىماقتا. نۇرغۇن ئەرلەر كېسەل بولۇپ قالغىلى نەچچە ئاي ھەتتا نەچچە يىل بولسىمۇ بۇ توغرىلىق ئېغىز ئېچىشتىن نومۇس قىلىپ دوختۇرخانىغا بارماي كېسىلى تېخىمۇ ئېغىرلاپ كەتمەكتە ۋە ئەڭ ياخشى داۋالاش پۇرسىتىنى ئۆتكۈزۈۋېتىپ بارماقتا. ئەرلەردە كۆپ كۆرىلىدىغان كېسەللىكلەرنىڭ بىرى بولغان جىنسى ئىقتىدارى توسالغۇغا ئۇچراش كېسىلى ئەرلەرنىڭ تەن سالامەتلىكىگە ۋە روھى ساغلاملىقىغا زور زىيانلارنى يەتكۈزۈپ ئائىلىلەرنىڭ ئىناق بولماسلىقى، ئەرلەرنىڭ ئىشەنچىسىنى يوقىتىپ قويۇشىنى كەلتۈرۈپ چىقارماقتا.

ئۈچىنچى ساغلاملىق قىزىل چىرىقى: سۈيدۈك ئاجرىتىش ۋە كۆپىيىش سىستېمىسى يۇقۇملۇق كېسەللىكى

خىزمەتتىكى تەرەققىياتى ۋە كەلگۈسىگە زىيادە كۆڭۈل بولىدىغان شەھەر ئاق ياقىلىقلىرى خىزمەتنى ئۆيگە ئېلىپ كېتىدۇ، كېچە بىلەن كۈندۈزنى ئايرىماي ئىشلەيدۇ. باش قېتىنچىلىقى بولسا باشقىلارغا ئېيتمايدۇ. مۇنداق ئادەملەرنىڭ ئومۇمىي ئالاھىدىلىكى توختىماستىن تىركىشىش، ئازابلىنىش، ئىككىلىنىش، ئۇخلىيالماسلىق، تەشۋىشلىنىش، جىددىيىشىش ۋە بېسىمى ئېغىر بولۇش قاتارلىقلار.

ناچار كەيپىيات ھەرخىل پسىخىكا كېسەللىكىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ. كەيپىياتى دائىم ناچار بولىدىغانلار ئادەتتە يالغۇزلۇقنى خالايدىغان، گۇمانخور، ھارغىن، ئۇيقۇسى ناچار، دىققىتىنى يىغالمايدىغان بولىدۇ. روھى بېسىمى چوڭ بولۇش بەدەننىڭ ئىممۇنىتېت كۈچىنى ئاجىزلاشتۇرۇپ كېسەللىك باكتېرىيىلەرگە قارشى تۇرۇش ئىقتىدارىنى تۆۋەنلىتىۋېتىدۇ. ئەگەر قوقاق ۋىروسى(疱疹病毒) بىلەن ئۇچرىشىپ قالسا سۇلۇق قاپارتما ۋە جىنس ئەزا قاپارتمىسى قاتارلىق سۈيدۈك ئاجرىتىپ چىقرىش كۆپىيىش سىستېمىسى كېسەللىكلىرىگە گىرىپتار بولۇش ئېھتىماللىقى ناھايىتى يۇقىرى

ھازىر دۆلىتىمىزدە سۈيدۈك ئاجرىتىپ چىقرىش كۆپىيىش سىستېمىسى كېسەللىكلىرى بىلەن يۇقۇملانغانلارنىڭ سانى كۆپىيىپ بارماقتا. مېدىتسىنادا سۈيدۈك ئاجرىتىش يوللىرى كېسەللىكلىرى 20 خىلغا بارىدۇ. ئەرلەردىكى سۈيدۈك ئاجرىتىش كۆپىيىش سىستېمىسى يۇقۇملىنىشتىن كېلىپ چىققان ھەرخىل كېسەللەر دۇنيا تىببىي ئىلىم ساھەسىدىكى مۇتەخەسسىسلەرنىڭ دىققىتىنى تارتقان چوڭ ئىش بولۇپ قالدى. سىتاتىسيىكىغا ئاساسلانغاندا 35 ياشتىن يۇقىرى ئەرلەرنىڭ ئىچىدە %65 تى سۈيدۈك ئاجرىتىپ چىقرىش كۆپىيىش سىستېمىسى كېسەللىكلىرىنىڭ ئازابىنى تارتىۋاتقان بولۇپ، بۇ كېسەل زىيىنى چوڭ، ئاسان قايتا قوزغىلىدىغان، ۋاقىت سوزۇلغانسېرى داۋالاش قىيىن بولغان كېسەل بولۇپ ئەر-ئاياللار ئوتتۇرىسىدىكى ھىسياتقا ۋە ئائىلە مۇقىملىقىغا ئېغىر زىيانلارنى يەتكۈزمەكتە.

مۇتەخەسىسلەر شۇنى ئەسكەرتىدۇ: يۇقىرىدا بايان قىلىنغان كېسەللىك ئالامەتلىرىدىن بىر-ئىككىسى كۆرۈلسە سالامەتلىكىڭىزدىن مەسىلە چىققانلىقىنى بىلدۈرىدۇ، ئۈچ-تۆتى كۆرۈلسە چوقۇم مۇنتىزىم دوختۇرخانىغا بېرىپ تەكشۈرتۈشىڭىز كېرەك. كېسەلنى بالدۇر بايقاش، بالدۇر ئۇمۇمىيۈزلۈك توغرا دىئاگنوز قويۇش، بالدۇر داۋالاش سالامەتلىكنى ئەسلىگە كەلتۈرۈشنىڭ ئالدىنقى شەرتى.

يۇقارىدىكى مەزمونغا قانداق قارايسىز؟
+1
0
+1
0
+1
0
+1
0
+1
0
+1
0
+1
0
مەزمون قوشۇلغان ۋاقىت: 2020-10-18

يېقىندا تەھرىرلەنگەن ۋاقىت: 2020-10-16 / 03:24:17

ساقلىۋالايچۇ؟
ساقلىۋالدىم!
سەمىمىي ئەسكەرتىش
مەزكۇر بەتتىكى مەزمۇندا، ئىملادا خاتالىق بولسا، ۋەيا تولۇقلىما مەزمۇن تەمىنلەپ بېرىشنى خالىسىڭىز، ئاستىدىكى سۆز قالدۇرۇش قىسمىغا سۆز قالدۇرسىڭىز بولىدۇ. تاما تاما كۆل بولۇر. سىزنىڭ نامىڭىزنى قوشۇپ ئېلان قىلىمىز.

بىكەتتىكى مەزمۇنلار تورداشلارنىڭ پايدىلىنىشى، ساغلاملىققا بولغان تونۇشىنى ئاشۇرۇش ئۈچۈن تەمىنلەنگەن ئۇچۇرلاردۇر. ئەمما دىئاگنوز ئاساسى بولالمايدۇ. ئوخشىمىغان بىماردا ئوخشىمىغان ئالامەتلەر كۆرۈلىدۇ ۋە دىئاگنوزى ئوخشىمايدۇ. شۇڭا بەدەندە كېسەللىك ئالامەتلىرى كۆرۈلگەندە چوقۇم مۇنتىزىم دوختۇر بىلەن يۈز تۇرانە مەسىلىھەت ئېلىشىڭىزنى، دوختۇرخانىدا تەكشۈرتۈشىڭىزنى تەۋسىيە قىلىمىز.

باشقا يەرلەردىن ئېلىنغان بەزى مەزمۇنلار، رەسىملەرنىڭ ئەسلى مەنبەسىنى ئەسكەرتىشكە تىرىشتۇق. باشقا يەردىن ئېلىنغان مەزمۇنلار پەقەت شۇ ئاپتور يازارنىڭ ئۆز كۆز قارىشىنى ئىپادىلەيدۇ، بېكىتىمىزنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلالمايدۇ. بۇنىڭدىن سىرت، ئەگەر ئەسەرنىڭ ئەسلى ئاپتورى ماقالىنىڭ تور بېكىتىمىزدە ئېلان قىلىنغانلىقى ئۆزىنىڭ شەخسىي مەنپەئىتىگە دەخلى قىلىندى دەپ ئويلىسا، بىز بىلەن ئالاقىلاشسىڭىز، ئەڭ قىسقا ۋاقىت ئىچىدە بىكەتتىن ئۆچۈرۋەتسەك بولىدۇ.

تور بېكىتىمىزدىكى مەزمونلارنى شەخسىي بېتىڭىزدە ئىشلەتمەكچى بولسىڭىز، دوختۇرلار تور بېكىتى ياكى dohturlar.com دىن ئېلىنغانلىقىنى ۋەيا بىز ئەسكەرتكەن مەزمۇننىڭ ئەسلى مەنبەسىنى ئەسكەرتىپ قويۇشىڭىزنى چىن دىلىمىزدىن ئۈمىد قىلىمىز. ئەمگەك مېۋىسىگە ھۆرمەت قىلىڭ.

سۆز قالدۇراي

Please enter your comment!
Please enter your name here

قىززىق نۇقتىلار

يېڭى مەزمونلار

مەخسۇس سەھىپىلەر

تېخىمۇ كۆپ