تاماكا چېكىش سىزنىڭ بەدىنىڭىزنى نىكوتىنغا ئادەتلەندۈرۈپ قويىدىغان بولۇپ ، سىز خۇمار بولۇپ قالغاندىن كېيىن ، بەدىنىڭىزنىڭ نىكوتىنغا بولغان ئېھتىياجىنى قاندۇرۇپ تۇرۇشىڭىز كېرەك
فىزىئولۇگىيىلىك ھادىسىدىن قارىغاند ا، سىزنىڭ جىددىيلەشكىنىڭىز ۋاقىلىق بولىدۇ ، مەيلى سىز قانچىلىك جىددىيلىشىڭ ، ھامان ئۆتۈپ كېتىدۇ ، بۇ خىل كەيپىيات پەقەتلا ۋاقىتلىق بولىدۇ .
تاماكا چېكىشنىڭ بەدەنگە بولغان تەسىرى ناھايىتى چوڭ بولۇپ ، يۇقىرى قان بېسىمغا بولغان ئەكىس تەسىرى پەۋقۇلھادە چوڭ ئىكەن ، ھەتتا بۇ يۇقىرى قان بىسىم كىسىلىگە گىرىپتار بولغانلار ئۇزۇن مەزگىل تاماكا چەكسە قان قېتىش ۋە ئۆپكە راكىغا گىرىپتار بولۇش نىسبىتى يۇقىرى بولدىكەن .
ئۇنداقتا تاماكا چەككۈچىلەر تاماكا چېكىشنى تاشلىغاندىن كېيىن كىسەل بولۇپ قالامدۇ ؟
تاماكا چەككۈچىلەر تاماكا تاشلىغاندىن كېيىن گال قىچىشىش ، كۆڭلى جايىدا بولماسلىق ، ئۇيقىسى ياخشى بولماسلىق ، يۈرەك سوقىشى نۇرمال بولماسلىق دېگەندەك بەزى كىسەللەر كۆرىلىدۇ . بۇلارنى ناھايىتى كىچىك كىسەل دېمسەكمۇ بولىدۇ ، تاماكا تاشلىغۇچى ، تاماكا تاشلىغان ۋاقىتتا بەدەن چىنىقتۇرۇشقا تەڭ ئەھمىيەت بەرسە ، بۇ خىل ۋاقىتلىق كىسەللەر بارا- بارا ئاجىزلايدىكەن ۋە يوقۇلۇپ كېتىدىكەن .