ئانتىبادى
ئۇيغۇرچە باشقا ئاتىلىشلىرى:
ئانتىبودى, ئانتىتېلا, كاڭتى, ئانتېتېلا, ئانتىتىلا
Antibody
抗体
Antikor
ئادەم بەدىنى سىرتقى دۇنيادىن كەلگەن ۋىرۇس، باكتېرىيە، زەمبۇرۇغ، ۋە باشقا ھۇجۇمچى ۋەيا تەسىر كۆرسەتكۈچى سىرتقى جانلىقلار ۋە بەدەن ئىچىدىكى ئانتىگېنلەرگە قارشى پەيدا بولغان قارشىلىق كۈچكە ئېگە يەنى ئىممۇنىتېت كۈچكە ئېگە ماددىلارغا بېرىلگەن ئومۇمىي بىر ئىسىم.
تەسرى قىلغان ئانتىگېننىڭ تۈرىنىڭ ئوخشىماسلىقىغا قاراپ، پەيدا بولغان ئانتىبادىنىڭ تۈرى شەكلىمۇ ئوخشاش بولمايدۇ.
مەسىلەن سىرتقى دۇنيادىن كەلگەن ئا تىپلىق جىگەر ياللۇغى ۋىرۇسىغا مۇناسىپ شەكىلدە ئا تىپلىق جىگەر ياللۇغى ئانتىبادىسى شەكىللىنىدۇ.
ب تىپلىق جىگەر ياللۇغى ۋىرۇسىغا ماس ھالدا ب تىپلىق جىگەر ياللۇغى ئانتىبادىسى شەكىللىنىدۇ.
يەنى دېمەك، بەدەندە ئانتىبادى شەكىللەنىسە ۋە بولسا، شۇ كېسەللىككە قارشى تۇرالايدىغان ئىممۇنىتېت كۈچى بولىدۇ.