ئەپيۇن ئۆسۈملۈكىدىن سۈتكە ئوخشاش ئاق رەڭلىك سۇيۇقلۇق چىقىرىلىپ، ئاپتاپقا قاقلىنىپ قۇرۇتىلىپ شەكىللەندۈرۈلگەن ماددا بولۇپ، تەركىبىدە مورفىن ۋە كودېن قاتارلىق ماددىلار بولغاچقا، كۆپىنچە دۆلەتلەردە زەھەرلىك چىكىملىك ئورنىدا ئىشلىتىلىدۇ. ئەمما غەرپ تېبابىتىدە، بەزى ئەھۋاللاردا ئاغرىق توختىتىش، ئۇيۇشتۇرۇش مەقسەتتىمۇ ئىشلىتىلىدۇ.




