ئانا سەھىپەكېسەللىكلەرنەزىرىيە ئاساسلىرىئىچكى كېسەللىكلەرنىڭ تەرەققىياتى

ئىچكى كېسەللىكلەرنىڭ تەرەققىياتى

     + چوڭ خەت | - كىچىك خەت

يېقىنقى يىللاردىن بېرى، ئاساسىي تىببىي پەن نەزىرىيىسىنىڭ تەرەققىي قىلىش ۋە ھازىرقى زامان بىئولوگىيە، خىمىيە ۋە فىزىكا قاتارلىقلار تىببىي دائىرىلىرىدە كەڭ قوللىنىلغانلىقتىن، ئىچكى كېسەللىكلەرنىڭ نەزەرىيە ۋە ئەمەلىيەتتىن، كېسەللىكىنىڭ سەۋەبى ۋە كېسەل پەيدا بولۇش مىخانىزمى جەھەتتىن بولسۇن، تەكشۈرۈش ۋە دىئاگنوز قويۇش تېخنىكىسى جەھەتتىن بولۇن شۇنداقلا ئالدىنى ئېلىش ۋە داۋالاش تەرەپتىن بولسۇن ناھايىتى چوڭ يۈكسىلىش ۋە تەرەققىيات بارلىققا كەلدى.

1. كېسەللىك سەۋەبى ۋە كېسەل پەيدا بولۇش مېخاينىزمى جەھەتتىكى تەرەققىيات :

ئىممونولوگىيە، ئىرسىيەت ئىلمى ۋە ئىچكى ئاجراتمىلار ئىلمى قاتارلىق پەنلەر تەرەققى قىلغانلىقتىن، بۇرۇن كېسەللىك سەۋەبى ۋە كېسەللىك پەيدا بولۇش مېخاينىزمى ئوچۇق بولمىغان نۇرغۇن ئىچكى بۆلۈم كېسەللىكلىرى يەنىمۇ ئىلگىرىلىگەن ھالدا ئايدىڭلاشتى. نۇرغۈن كېسەللىكلەر نىڭ پەيدا بولۇشى ۋە تەرەققى قىلىش بىلەن ئىممۇنىتېتنىڭ مۇناسىۋىتى بارلىقىنى ، ئىممونوتولوگىيە تەتقىقاتىنىڭ يېقىنقى تەرەققىياتى ئىسپاتلاپ چىقتى. مەسىلەن ئۆتكۈر يۈقۈملىنىش خاراكتېرلىك كۆپ نېرۋا يىلتىز ياللۇغى ۋە ئېغىر ئۆتىدىغان مۇسكۇل جانسىزلىنىش كېسىلى بولسا نېرۋا ئىممونىتلىق كېسىلىدۇر. قالقان بەز خىزىمىتى كۈچىيىپ كېتىش كېسىلى بىلەن سوزۇلما لىمفا خاراكتېر لىك قالقان بەزياللۇغى بولسا ئۆزبەدەن ئىممۇنىتېتلىق كېسەللىكتۇر. ئىرسىيەت ئىلمى تەرەققىياتى، ئەرسىيەتنىڭ نۇرغۇن كېسەللىكلەرنىڭ كېسەل پەيدا قىلغۇچى ئامىللاردىن بىرى ئىكەنلىكىنى بايقاپ چىقتى. ھۈجەيرە خروموسومدىكى گېن بىلەن ئاقسىل مالىكۇللاسىنىڭ بېرىكىشىنى چوڭقۇر تەتقىق قىلىش ئارقىلىق نۇرغۇنلىغان كېسەللەكلەرنىك پەيدا بولۇش مېخاينىزمى ئىرسىيەت جەھەتتىكى كەمتۈكلىكىدىن بولىدىغانلىقى بايقالدى. ئۇنىڭ ئىچىدە ھېمۇگلوبىن كېسلى تەتقىقاتى ئەڭ چوڭقۇر بولدى. مەسىلەن ئوغاقسىمان ھۈجەيرىلىك قان ئازلىق كېسىلى ۋە ئوتتۇرا دېڭىز قان ئازلىقى ( كوئۇل قان ئازلىقى) قاتارلىقلار. ئىچكى ئاجراتما ئىلمىي تەتقىقاتى، تۆۋەنكى دۆڭ مېڭە، ھىپوپېز تەنچە ئالدى بۆلىكىنىڭ ھورمۇنىنى ئاجرىتىپ چىقىرىشقا ئىلگىرى سۈرۈش ياكى تورمۇزلاش رولىنى ئۆتەيدىغان ھورمۇن ياكې پاكتور ئىشلەپچىقىرىدىغانلىقىنى ھەمدە تۆۋەنكى دۆڭ مېڭە يەنى نىشان بەزھور مۇن ئەسىرى بىلەن ئېرۋاخىمىيىۋىلىكيەتكۈزگۈچى ماددىلار ، مەسىلەن : كاتاخۇلامىن؛ 5- Hydroxytryptamineقاتارلىقلارنىڭ تەڭشىشىگە ئۇچرايدىغانلىقى بايقالدى ، پولىپېپتد ھورمۇن بىلەن كاتاخولامىننىڭ تەسىر قىلىش قانۇنىيتىگە قارىتا يېڭى تونۇش بارلىققا كەلدى. ئۇلارنىڭ فىزىئولوگىيىلىك رولى CAMP ئارقىلىق ئەمەلگە ئاشىدۇ .

بەزى فىزىئولوگىيىلىك ھادىسىلارنى چىقىش نۇقتا قىلىپ ، ئىنچىكە بىئوخىمىيىلىك تەتقىق قىلىش ئارقىلىق CCK, Secretin, Gastrin ئۇچەي قان تومۇرلىرىنى جا للاندۇرغۇچى پېپىتى ، ئاشقازان ئاستى بەز قەنتىنى يۇقۇرىلاتقۇچى ماددىسى قا تارلىق قالقان بەز ئىككىنچى خىلىدىكى ھورمۇنلاررغا مەنسۇپ بولغان يېڭى ھورمۇنلار بايقالدى. بۇلار يالغۇز فىزىئولوگىيىنىڭ مەزمۇنىنى بېيىتىپلا قالماستىن ، بەلكى يەنىمۇ ئىلگىرىلىگەن ھالدا بۇ ھورمۇنلارنىڭ ئاشقازان-ئۇچەي خىزمىتىنى تەڭشەشتىكى رولىنى چۇشىنىپ چىقىش بىلەن بۇ ئارقىلىق بەزى كېسەللىكلەرنىڭ كېسەل پەيدا قىلىش مېخانىزمى، مۇشۇ ھورمۇنلارنىڭ ئۆسمىسىدىن بولىدىغانلىقىنى پا تولوگىيە جەھەتتىن چۈشىنىپ چىقىلدى. مەسىلەن: گاستىرىن ئۆسمىسى ، ئاشقازان ئاستى بەز قەنتىنى يۇقىرىلىتىش ھورمۇن ئۆسمىسى قاتارلىقلار . بۇ ھال ھەرىم قىلىش سىستېما كېسەللىكلىرىنىڭ كېسەل پەيدا قىلىش مېخانىزمىنى ئىزدىنىشكە يېڭى يول ئېچىپ بەردى

 

2. كېسەللىكلەرگە دىئاگنوز قويۇش تېخنىكىسى جەھەتتىكى تەرەققىيات:

70-يىللاردىن بېرى، بولۇپمۇ يېقىنقى يىللاردىن بېرى بەزى كېسەللەرگە بالدۇر دىئاگنوز قويۇش ۋە توغرا دىئاگنوز قويۇش نىسبىتى زور دەرىجىد، يۇقىرىلاپ بىمارلارنىڭ ئازابىنى يېنىكلىتىپ ، بالدۇر ئالدىنى ئېلىپ داۋالاش خىزمىتى ئۈچۈن پايدىلىق شەرت يارتىلدى. مەسىلەن ؛ كۆپ يوللۇق بىئو – خىمىيىلىك تەھلىل قىلىش ماشىنىسى يۇقىرى ئۈنۈم، يۇقىرى سۈرئەتلىك ئاپتوماتلاشقان دەرىجىدىن تاشقىرى مىكرو مىقدار ئانالىز سايمىنى بولۇپ، ھەر سائەتتە بىر قانچە يۈزلىگەن ئۈلگىلەر نى بىرقانچە ئون تۈرلۈك ئۆلچەمدىكى لابوراتورىيىلىك تەلەپنى ئورونلىيالايدۇ. تالالىق ئەينەك بولسا ھەزىم قىلىش يوللىرى كېسەللىكلىرى، نەپەس يوللىرى كېسەللىكلىرى ،سۈيدۈك ئاجرىتىش يول كېسەللىكلىرى قاتارلىقلارنى تەكشۈرۈشتە ئىشلىتىپ، بالدۇر دىئاگنوز قويۇش ۋە دىئاگنوزنىڭ توغرا بولۇش نىسبىتىنى يۇقىرى كۆتۈرۈشتە ناھايىتى چوڭ رول ئوينىدى. ئېلېكترونلۇق نازارەت قىلىش سىستېمىسى يۈرەك، ئۆپكە، مېڭە كېسەللىكلىرىنى داۋاملىق نازارەت قىلىش ۋە ئۆزلىكىدىن خەۋەرقىلىش ئارقىلىق خەتەرلىك ئېغىر كېسەللەرنى قۇتقۇزۇۋېلىشنىڭ مۇۋەپپەقىيەتلىك بولۇش پىرسەنتىنى يۇقىرى كۆتەردى .

دۆلىتىمىزدە قىزىل ئۆڭگەچكە تور سېلىپ تارتىش ئۇسۇلى ئارقىلىق ئاجرىلىپ چۈشكەن ھۈجەيرىلەرنى تەكشۈرۈش ئۇسۇلىنى قوللىنىپ، قىزىل ئۆڭگەچ راكىنى بالدۇر ئېنىقلاشقا قارىتا تۆھپە قوشتى. باشقا مەسىلەن؛ رادىئوئاكتىپلىق ئىممونىتېتنى ئۆلچەش تېخنىكىسى، ئۇلتىرا ئاۋازلىق رەسىمگە چۈشۈرۈش، يادرو ماددىلىق سىرىش، ئېلېكترونلۇق ھېسابلاش ماشىنىسى قوللىنىپ ئۈزمە قەۋەتلىك رەسىمگە ئېلىش تېخنىكىسى قاتارلىقلارنىڭ ھەممىس كېسەللىكلەرگە دىئاگنوز قويۇشتا ناھايىتى ئۈنۈملۈك ۋاستىلار بىلەن تەمىن ئەتمەكتە.

 

3. كېسەللىكلەرنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە داۋالاش جەھەتتىكى ئىلگىرىلەش:

سۈنئىي بۆرەك ئارقىلىق بىمارلارنىڭ بۆرەك پائالىيىتىنى ساقلاپ قېلىش ھازىر دۇنيا مىقياسىدا كەڭرى قوللىنىپ، ھەر يىلى 70 مىڭ ئادەم ئەتراپىغا يېتىدۇ.

ئەزالاردىن بۆرەك، جىگەر، يۈرەك قاتارلىقلارنى كۆچۈرۈش بولۇپمۇ بۆرەكنى كۆچۈرۈشنىڭ نەتىجىلىك بولۇشى كېسەللەرنىڭ ھاياتىنى ئۇزارتىشتا كۆرۈنەرلىك رول ئوينىماقتا. جىگەر ۋە يۈرەكنى كۆچۈرۈش بەزى تىببىي مەركەزلەردە ئاكتىپلىق بىلەن قانات يايدۇرۇلماقتا. مىكرو تىپلىق ئۇزۇن ئۈنۈملۈك ئېنىرگىيە مەنبىئىگە ئىگە كۆمۈش تىپلىق سۈنئىي يۈرەك ھەرىكىتىنى قوزغىتىش ئاپپاراتىنىڭ ئىشلىتىلىشى بىلەن ، بىر نەچچە يۈز مىڭ يۈرەك كېسىلى بىلەن ئاغرىغۇچى بىمارلار نورمال تۇرمۇش ۋە خىزمىتىنى ساقلاشقا مۇيەسسەر بولماقتا. ئىممۇنىتېتلىق ئاكتىپلىققا ئىگە ھۈجگيرىلەرنى تەتقىق قىلىشنىڭ تەرەققىي قىلىشى بىلەن ئىممۇنىتېت كەمتۈكلۈك كېسەللىكلىرىگە قارىتا يىلىك كۆچۈرۈش، ھامىلە جىگىرى، ھامىلە تۆش بېزى ياكى تۆش بەز ھورمونلىرى قاتارلىقلار بىلەن داۋالاشنى قوللىنىپ، ناھايىتى چوڭ مۇۋەپپەقىيەتلەرنى قولغا كەلتۈرۈلدى.

فارماكولوگىيە جەھەتتە قوبۇل قىلىش تەنچە تەلىماتى توغرىسىدا قوبۇل قىلىش تەنچىلىرىنى توسقۇچى ۋە نېرۋا يەتكۈزگۈچى ماددىلارنى تەتقىق قىلىشنىڭ تەرەققىي قىلىشى بىلەن ئادرىنالىنلىق بېتا قوبۇل قىلىش تەنچىسىنى توسقۇچى دورا، دوپامىنلىق ياسالمىلار ۋە دوپامىنلىق قوبۇل قىلىش تەنچىسىنى توسقۇچى دورا قاتارلىق مۇناسىپ دورىلارنى ياساپ چىقىپ كلىنىكىلىدا ئىشلىتىپ، نۇرغۇن كېسەللىكلەرنى داۋالاشتا ناھايىتى ياخشى ئۈنۈمگە ئېرىشىلدى.

 

4. دۆلىتىمىزنىڭ ئىچكى كېسەللىكلەر جەھەتتە يېقىنقى يىللاردىن بېرى قولغا كەلتۈرگەن ئاساسلىق مۇۋەپپەقىيەتلىرى:

يېقىنقى يىللاردىن بېرى دۆلىتىمىزنىڭ ئىچكى كېسەللىكلەر ئىلمى باشقا پەنلەرگە ئوخشاشلار ناھايىتى چوڭ مۇۋەپپەقىيەتلەرنى قولغا كەلتۈردى. مەسىلەن : يۇقىرى قان بېسىم كېسىلىگە قارىتا ئىپدىمولوگخيىلىك تەكشۈرۈش ۋە كىشىلەر توپىنىڭ ئالدىنى ئېلىش داۋالاش خىزمىتىنى ئالغاندا: ئىلگخرى ئاخىرى بولۇپ مەملىكەت بويىچە ەر خىل ئۆلكە، شەھەر ، ئاپتونۇم رايونلاردا ئوموميۈزلۈك تەكشۈرۈش ئېلىپ بېرىلىپ، يۇقىرى قان بېسىم كېسىلى بىلەن ئاغرىش پىرسەنتىنى 2-10 % بولۇپ، شەھەرلەردە يېزىلاغا قارىغاندا يۇقىرى بولىدىغانلىقى، خۇابىي، بىيجىڭ ۋە تىيەنجىن رايونلىرى يۇقىرى كېسەل پەيدا بولىدىغان رايون، گۇاڭدۇق قاتارلىق دېڭىز بويى رايونلىرى كېسەل پەيدا بولۇش تۆۋەن رايون ئىكەنلىكى ئېنىقلاپ چىقىلدى.

كىشەن تاغ كېسىلىگە قارىتا ئېپىدىمىئولوگىيىلىك تەكشۈرۈش ئېلىپ بېرىش ۋە ئالدىنى ئېلىپ داۋالاش خىزمىتىنى قانات يايدۇرۇش نەتىجىسىدە Selenium كەملىكى بۇ كېسەلنىڭ مۇھىم بىركېسەللىك سەۋەبى بولىدىغانلىقىنى بايقاپ Selenium ئىشلىتىش ئارقىلىق بۇكېسەلگە قارىتا تەجرىبە خاراكتىرىدە ئالدىنى ئېلىپ داۋالاش ئېلىپ بېرىپ، بەلگىلىك ئۈنۈمگە ئېرىشىلدى. ئۆتكۈر كىشەن تاغ كېسىلىگە قارىتا ئاكتىپ ئالدىنى ئېلىپ داۋالاش ئېلىپ بېرىلغانلىقتىن ، ئۆلۈش پىرسەنتى بۇرۇنقى 30 پىرسەنتتىن تۆۋەنلەپ 5 پىرسەنتكە چۈشتى.

بالدۇر دىئاگنوز قويۇش سەۋىيىسىنىڭ يۇقىرى كۆتۈرۈلۈشى ۋە جۇڭيى بىلەن غەرپچە داۋالاشنى بىرلەشتۈرۈپ قۇتقۇزۇش ئېلىپ بېرىش تەدبىرلىرىنى قوللىنىپ، قانات يايدۇرۇلغانلىقتىن ئۆتكۈر يۈرەك مۇسكۇل تىقىلمىسىنىڭ ئۆلۈش پىرسەنتى بۇرۇنقى 40 پىرسەنتتىن تۆۋەنلەپ 15 پىرسەنتكە چۈشتى. ئايرىم رايون ۋە ئورۇنلاردا ھەتتا 8 پىرسەنتكە چۈشتى. مەملىكەت بويىچە نۇرغۇن رايونلاردا يامان سۈپەتلىك ئۆسمىگە قارىتا تەكشۈرۈش ئېلىپ بېرىش نەتىجىسىە يامان سۈپەتلىك ئۆسمىدىن ئۆلۈش پىرسەنتى پەقەت نەپەس سىستېما ۋە قان ئايلىنىش سىستېما كېسەللىكلىرىدىنلا كېيىن ئۈچىنچى ئورۇندا تۇرىدىغانلىقى بايقالدى ( ھەر 10000 كىشىدە 73.99 كىشى). دۆلىتىمىزنىڭ قىزىلئۆڭگەچ راكىغا بالدۇر دىئاگنوز قويۇش پىرسەنتى ۋە بەش يىل ھايات كۆچۈرۈش پىرسەنتى دۇنادىكى ئىلغار سەۋىيىگە يەتتى.

 

ئىچكى كېسەللىكلەر
(مەملىكەتلىك ئالىي تىببىي تېخنىكوملار ئۈچۈن سىناق دەرسلىكى)

بۇ كىتاپ خەلق سەھىيە نەشرىياتى تەرىپىدىن 1985-يىلى نەشىر قىلىنغان، 1-نەشرى 5-قېتىملىق باسمىسىغا ئاساسەن 1986-يىل 11-ئاي تەرجىمە نەشىر قىلىنغان
تەرجىمە قىلغۇچى: مەھەممەت ئېلى ئەيسا، ئابدىقادىر قەييۇم، ئىلغار سابىت
تەرجىمە تەھرىرى: غوپۇر ئىمىن
مەسئۇل كوررىكتور: ئېلى روزى
شىنجاڭ خەلق سەھىيە نەشرىياتى تەرجىمە – نەشىر قىلدى

كىرگۈزگۈچى: نۇرمەمەت دانىش (نۇرمەمەت دوختۇر)

يۇقارىدىكى مەزمونغا قانداق قارايسىز؟
+1
0
+1
2
+1
0
+1
0
+1
0
+1
0
+1
0
مەزمون قوشۇلغان ۋاقىت: 2023-09-10

يېقىندا تەھرىرلەنگەن ۋاقىت: 2023-09-10 / 11:01:29

ساقلىۋالايچۇ؟
ساقلىۋالدىم!
سەمىمىي ئەسكەرتىش
مەزكۇر بەتتىكى مەزمۇندا، ئىملادا خاتالىق بولسا، ۋەيا تولۇقلىما مەزمۇن تەمىنلەپ بېرىشنى خالىسىڭىز، ئاستىدىكى سۆز قالدۇرۇش قىسمىغا سۆز قالدۇرسىڭىز بولىدۇ. تاما تاما كۆل بولۇر. سىزنىڭ نامىڭىزنى قوشۇپ ئېلان قىلىمىز.

بىكەتتىكى مەزمۇنلار تورداشلارنىڭ پايدىلىنىشى، ساغلاملىققا بولغان تونۇشىنى ئاشۇرۇش ئۈچۈن تەمىنلەنگەن ئۇچۇرلاردۇر. ئەمما دىئاگنوز ئاساسى بولالمايدۇ. ئوخشىمىغان بىماردا ئوخشىمىغان ئالامەتلەر كۆرۈلىدۇ ۋە دىئاگنوزى ئوخشىمايدۇ. شۇڭا بەدەندە كېسەللىك ئالامەتلىرى كۆرۈلگەندە چوقۇم مۇنتىزىم دوختۇر بىلەن يۈز تۇرانە مەسىلىھەت ئېلىشىڭىزنى، دوختۇرخانىدا تەكشۈرتۈشىڭىزنى تەۋسىيە قىلىمىز.

باشقا يەرلەردىن ئېلىنغان بەزى مەزمۇنلار، رەسىملەرنىڭ ئەسلى مەنبەسىنى ئەسكەرتىشكە تىرىشتۇق. باشقا يەردىن ئېلىنغان مەزمۇنلار پەقەت شۇ ئاپتور يازارنىڭ ئۆز كۆز قارىشىنى ئىپادىلەيدۇ، بېكىتىمىزنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلالمايدۇ. بۇنىڭدىن سىرت، ئەگەر ئەسەرنىڭ ئەسلى ئاپتورى ماقالىنىڭ تور بېكىتىمىزدە ئېلان قىلىنغانلىقى ئۆزىنىڭ شەخسىي مەنپەئىتىگە دەخلى قىلىندى دەپ ئويلىسا، بىز بىلەن ئالاقىلاشسىڭىز، ئەڭ قىسقا ۋاقىت ئىچىدە بىكەتتىن ئۆچۈرۋەتسەك بولىدۇ.

تور بېكىتىمىزدىكى مەزمونلارنى شەخسىي بېتىڭىزدە ئىشلەتمەكچى بولسىڭىز، دوختۇرلار تور بېكىتى ياكى dohturlar.com دىن ئېلىنغانلىقىنى ۋەيا بىز ئەسكەرتكەن مەزمۇننىڭ ئەسلى مەنبەسىنى ئەسكەرتىپ قويۇشىڭىزنى چىن دىلىمىزدىن ئۈمىد قىلىمىز. ئەمگەك مېۋىسىگە ھۆرمەت قىلىڭ.

سۆز قالدۇراي

Please enter your comment!
Please enter your name here

قىززىق نۇقتىلار

يېڭى مەزمونلار

مەخسۇس سەھىپىلەر

تېخىمۇ كۆپ