تۇتقاقلىق بۇ كېسەللىكنىڭ ئومۇمىي ئىسمى بولۇپ، تارتىشىپ قېلىش بولسا بۇ كېسەللىك قوزغالغاندا بىمار بەدىنىدىكى بىنورمال بەدەن ھەرىكىتىنى كۆزدە تۇتىدۇ. بۇ بىر خىل سوزۇلما خاراكتېرلىك (ئۇزۇن مۇددەتلىك) كېسەللىك بولۇپ ، نورمال ئېلېكتىر پائالىيەتلىرى ئېلىپ بېرىۋاتقان مېڭە نېرۋا ھۈجەيرىلىرىنىڭ بەزى بىنورمال دەرىجىدىكى ماددىلارنىڭ تەسىرىگە ئۇچراپ، بىنورمال ئېلېكتىر پائالىيەتلىرى كېلىپ چىقىشى ۋە نەتىجىدە تۇتقاق تۇتۇش پەيدا بولىدۇ.
تۇتقاقلىق كېسىلى ھەم چوڭلاردا ھەم بالىلاردا كۆرۈلۈش ئىھتىماللىقى بولىدۇ. ئەمما بالىلىق دەۋرىدە تۇتقاقلىق كېسىلى كۆرۈلۈش نىسبىتى قۇرامىغا يەتكەن دەۋردىكى كۆرۈلۈش نىسبىتىنىڭ ئىككى ھەسسىسىگە تەڭ كېلىدۇ. بۇلار كۆپىنچە بىر قىسمى مەلۇم ئىرسىيەت ۋە تۇغما كېسەللىكلەر سەۋەبىدىن بولىدۇ. مۆلچەرلىنىشىچە ، پۈتۈن دۇنيادا جىددىي قۇتقۇزۇش بۆلۈمىگە قوبۇل قىلىنغان بالىلارنىڭ تەخمىنەن% 1 ىنىڭ سەۋەبى تۇتقاقلىقتىن كېلىپ چىققان جىددىي تۇتقاق قوزغىلىش ئەھۋالى ئىكەن.
تۇتقاقلىق كېسىلى ئادەتتە تۇغما ياكى تۇغۇلغاندىن كېيىن بەزى سەۋەپلەر تۈپەيلىدىن مېڭە توقۇلما ھۈجەيرىلىرىنىڭ زەخمگە ئۇچرىشى سەۋەبىدىن كېلىپ چىقىدۇ. شۇڭا بۇ كېسەللىك بىر ئىنسان تۇغۇلغاندىن تارتىپ ھاياتنىڭ ھەر قانداق يېشىدا كۆرۈلۈش ئىھتىماللىقى بولىدۇ. بۇنىڭدىن سىرت مېڭىدە ئۆسمە پەيدا بولۇپ قېلىپ، نورمال مىڭە توقۇلمىلىرىنى قىستاش، بېسىۋېلىش، بىنورمال ماددا ئىشلەپ چىقىرىش سەۋەپلىكمۇ تۇتقاقلىق كېسىلى پەيدا قىلىشى مۇمكىن.
تۆۋەندىكى ئادرىستىن تېخىمۇ كۆپ بالىلاردىكى تۇتقاقلىق كېسىلىگە ئائىت مەزمونلارنى تاپالايسىز.