بور ( Boron ) ،خىمىيەلىك ئېلېمېنت ،ئېلېمېنت بەلگىسى B بولۇپ ،ئېلېمېنتلار دەۋرىي جەدۋىلىدىكى 3 – A گۇرۇپپىسى ( بور گۇرۇپپىسى ) دىكى بىردىنبىر مېتاللوئىد ئېلېمېنت.
بورنىڭ سىرتقى كۆرۈنۈشى ئادەتتە قارا ياكى كۈمۈش رەڭ قاتتىق جىسىم بولۇپ، كرىستال بورنىڭ تېخىمۇ قارا ئالاھىدىلىكى بار. ئۇنىڭ قاتتىقلىقى ئىنتايىن يۇقىرى بولۇپ، ئالماستىن قالسىلا ئىككىنچى ئورۇندا تۇرىدۇ، شۇڭا ئۇ ئىنتايىن مۇستەھكەم دەپ قارىلىدۇ. بىر خىل كۋازى مېتال ياكى يېرىم مېتال ئېلېمېنت بولۇش سۈپىتى بىلەن، ئۇ مېتال بىلەن مېتاللوئىد ئارىسىدا بولۇپ، بەزى ئۆزگىچە فىزىكىلىق ۋە خىمىيەلىك خۇسۇسىيەتلەرگە ئىگە. مەسىلەن، ئۇنىڭ توك ئۆتكۈزۈشچانلىقى گەرچە مېتالغا يەتمىسىمۇ، لېكىن ئادەتتىكى مېتاللوئىدلاردىن ياخشى.
تارىختا بورنىڭ ئىشلىتىلىشىنى قەدىمكى مىسىر، رىم ۋە بابىلون دەۋرىگىچە سۈرۈشتۈرۈشكە بولىدۇ، ئەينى چاغدا كىشىلەر بوراكس ئارقىلىق ئەينەك ياسىغان ۋە ئالتۇننى كەپشەرلىگەن. 1808 – يىلىغا كەلگەندە فرانسىيىلىك خىمىيە ئالىمى گاي لۇساك كالىي مېتالدىن پايدىلىنىپ بورات كىسلاتاسىنى ئوكسىدسىزلاش ئارقىلىق يەككە ماددىلىق بورغا ئېرىشكەن.
بور ئېلېمېنتى ، تىببىي ساھەدە سۆڭەك ۋە مۇسكۇلنى كۈچلەندۈرۈش، سۆڭەك بوغۇم ياللۇغىنى داۋالاش، تېستوستېرون(ئەرلىك ھورمون) نىڭ سەۋىيىسىنى ئاشۇرۇش ۋە تەپەككۇر ئىقتىدارىنى ئاشۇرۇش روللىرى بارلىقى بايقالدى.
ئۇنىڭدىن باشقا، بور ھازىرقى زامان سانائىتىدە كەڭ كۆلەمدە ئىشلىتىلىدۇ، ئۇ يېرىم ئۆتكۈزگۈچ ماتېرىيال بولۇش، ساپال تەييارلاش قاتارلىقلارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ.
ئومۇمەن ئېيتقاندا، بور بىر خىل مۇھىم سانائەت ۋە پەن – تەتقىقاتتا ئىشلىتىلىدىغان ئېلېمېنت، ئۇنىڭ ئۆزگىچە فىزىكىلىق ۋە خىمىيەلىك خۇسۇسىيىتى ئۇنى ھازىرقى زامان جەمئىيىتىدە كەم بولسا بولمايدىغان رولىنى جارى قىلدۇرماقتا.