زۈلۈك ئادەتتە تاتلىق سۇلاردا ياشايدىغان، بەدىنىدە ئەڭ ئاز 20 دىن ئارتۇق ھەزىم قىلىش خالىتىسى بار بولغان، ۋە بۇ ھەزىم خالتىلىرى ئارقىلىق ناھايىتى قان ۋە سۇيۇقلۇق شوراپ، بەدەن ئېغىرلىقىنى نورمالدىن 8 قات يۇقىرىلىتالايدىغان بىر خىل قان ئەمگۈچى جانلىق.
زۈلۈكنىڭ قان شوراش ئالاھىدىلىكى ئارقىلىق بۇرۇنقى كىشىلەر، ئادەم بەدىنىدىكى بەزى قان يىغىلىپ قالغان ئورۇنلارغا قويۇپ، شۇ قىسىمدىكى قاننى شوراپ ئېلىش ئارقىلىق داۋالاش ئېلىپ بارغان. زۈلۈكنىڭ ئاغزىدىن ئاجرىتىپ چىقارغان سۇيۇقلۇق ئادەم قان تومۇرىغا كىرىپ، قان نوكچىلىرىنى ئېرىتىش، قان تومۇرلارنى ئېچىش، مۇسكۇللارنى يۇمشىتىش، تېرىنى تېخىمۇ ساغلاملاشتۇرۇش، ئىممۇنىتېت كۈچلەندۈرۈش، باكتېرىيە ئۆلتۈرۈش… قاتارلىق پايدىلىق روللىرى بارلىقى ئىسپاتلىنىپ چىقماقتا.
زۈلۈك نىڭ لاتىنچە ئىسمى خىرۇدو (hirudo) بولغاچقا، شۇڭا بەزى ۋاقىتلاردا، ئىنگىلىزچە خىرۇدوسېراپى (hirudotherapy)، تۈركچە خىرۇدوتېراپى (hirudoterapi) دەپمۇ ئاتىلىدۇ.
تىببىي زۈلۈك بىلەن قان سۈمۈرۈپ داۋالاش بەزى كېسەللىكلەرگە بولۇپمۇ قان تومۇر توسۇلۇش، قان ئېقىش بىنورمال سەۋەبلىك كېلىپ چىققان بەزى كېسەللىكلەر (گلوكوما، گىموروي، ۋىنا تومۇر ئەگرى-بۈگرى كېڭىيىش… ۋە باشقىلار) ئەھۋاللىرىنى ياخشىلاشقا پايسىى بولىدۇ. ئەمما مەزكۈر داۋالاشنى چوقۇم مۇنتىزىم دوختۇر، پاكىز مۇھىت ۋە مەنبەسى ئىشەنچلىك بولغان زۈلۈكلەر بىلەن ئېلىپ بېرىلىشى لازىم.