زەكەر
ئۇيغۇرچە باشقا ئاتىلىشلىرى:
ئەرلەر كۆپىيىش ئەزاسى, ئەرلىك كۆپىيىش ئەزاسى
penis
阴茎
penis
ئەرلىك جىنسىي مۇناسىۋەت ئېلىپ بېرىش ئورگىنى. باش قىسمى، بەدەن قىسمى ۋە تۈۋى دەپ ئۈچ چوڭ قىسىمغا بۆلۈنىدۇ. بەدەن قىسمى ئاساسلىقى ئىككى زەكەر بۇلۇتسىمان تەنچىسى ۋە ئاستىدىكى سۈيدۈك يول بۇلۇتسىمان تەنچىسىدىن تۈزۈلىدۇ. زەكەر بۇلۇتسىمان تەنچىسى ئۈستى قىسمىدا بولىدۇ، ئاستىدىكى سۈيدۈك يول بۇلۇتسىمان تەنچىسى ئىچىدە سۈيدۈك يولى بولىدۇ. جىنسىي مۇناسىۋەت بولغاندا، مۇشۇ بۇلۇتسىمان تەنچىلەر ئىچىگە قان تولۇش ئارقىلىق قاتتىقلىشىدۇ.
زەكەرنىڭ ئەڭ سىرتقى قىسمىدىكى تېرىسى زەكەر بېشىنى قورشاپ تۇرىدۇ. بىز نورمالدا خەتنە قىلىش ئارقىلىق باش قىسمىنى ئېلىۋېتىمىز. بولمىسا ئىچىدە سۈيدۈك يۇقۇندىلىرى، تەر يۇقۇندىلىرى قېلىپ قالسا ياللۇغىلىنىش ئەھۋاللىرى بولىدۇ.