سۆڭەكنىڭ ئۈچىنجى قاتلىمى بولسا شالاڭ سۆڭەك قاتلىمى. بۇ قاتلامنىڭ شەكلى ئاشخانىمىزدىكى قاچا يۇغۇچ بۇلۇتقا ئوخشاپ قالىدۇ يەنى شالاڭ بولۇپ، ئارىلىقلىرىدا بوشلۇق بولىدۇ. بۇ پۈتۈن بەدەندىكى سۆڭەكلەرنىڭ ئېغىرلىقىنىڭ 20% نى ئىگەللەيدۇ. بۇ قاتلام سۆڭىكىڭىزنىڭ ئىلاستىلىكىنى ئاشۇرىدۇ، ھەم بۇ قاتلامدا ئوزۇقلۇق ماددىلار ساقلىنىدۇ، كالتسىينىڭ بەزى خېمىيىۋىلىك پائالىيەتلىرى بۇ قاتلامدا بولىدۇ. قىزىل يىلىك قىسمىمۇ مۇشۇ قاتتا كۆپرەك بولىدۇ.



