يېڭى تۇغۇلغان بوۋاقلارنىڭ سىزگە ماڭا دىمەيدىغان بىرمۇنچە سىرلىرى بولىدۇ، ئۇلارنى بىلەمسىز؟ تۆۋەندە مەن بىلىدىغان 5 سىرنى سىزگە دەپ بېرەي، قالغانلىرىنى ئۇماق بالىڭىزدىن ئۆزىڭىز ھېس قىلىپ ماڭا دەپ بېرىشنى ئۇنۇتماڭ!
قېنى باشلايلى
بىرىنچى سىرى:
ئىككىنچى سىرى:
ئۈچىنچى سىرى:
تۆتىنچى سىرى:
بەشىنچى سىرى:
بىزگە ئەگىشىۋېلىڭ، تېخىمۇ سىرلارنى بىللە تاپايلى
ئۇماق بوۋاقلارنىڭ 5 سىرى
- يېڭى تۇغۇلغان بوۋاقلار پۇراش سېزىمى ناھايىتى ياخشى بولۇپ، ئانىسىنىڭ پۇرىقىنى بەك ياخشى تونىيالايدۇ . شۇڭا ئانىنىڭ پۇرىقى بوۋاقنى تىنىچلاندۇرۇش رولىغا ئىگە.
- يېڭى تۇغۇلغان بوۋاقلارنىڭ كۆز رەڭگى تۇغۇلغاندا كۆك ياكى كۈلرەڭ قاتارلىق رەڭلەردە بولۇشى مۇمكىن ، ئەمما ۋاقىتنىڭ ئۆتۈشىگە ئەگىشىپ ، كۆزنىڭ رەڭگى مۇقىملىشىپ ئۆزگەرمەيدۇ.
- تۇغۇلۇش جەريانىدا ، بوۋاقنىڭ باش قىسمى ئانىنىڭ تۇغۇت يولىغا ماسلىشىش ئۈچۈن شەكلىنى ئۆزگەرتەلەيدۇ ، تۇغۇلۇپ بولۇپ ۋاقىتنىڭ ئۆتۈشىگە ئەگىشىپ ، باش سۆڭىكى قېتىپ نورمال ھالىتىگە قايتىدۇ.
- يېڭى تۇغۇلغان بوۋاقلار تاشقى دۇنيا بىلەن تونۇشۇش ئۈچۈن قوللىرىنى يۈزىگە يېقىنلاشتۇرۇپ ھېس قىلىپ باقىدۇ. قول بوۋاقلارنىڭ تاشقى دۇنيادا ئانىدىن باشقا تۇنجى ھىس قىلغان ئوبىيكتى ھىساپلىنىدۇ.
- يېڭى تۇغۇلغان بوۋاقلار نەپەسلىنىش سىستېمىسى تېخى مۇكەممەل بولۇپ بولالمىغاچقا تېز تېز نەپەس ئالىدۇ. يەنە كېلىپ ئوغۇللارنىڭ ئۆپكىسى قىزلارنىڭكە قارىغاندا تەرەققىياتى ئاستىراق بولىدۇ، شۇڭا قىز بوۋاقلارنىڭ چىقارغان ئاۋازى بەكرەك ياڭراق بولىدۇ.