سۆڭەك ھۈجەيرىسى دىگەن نىمە؟
سۆڭەك ھۈجەيرىسى سۆڭەككە جايلاشقان يۇلتۇزسىمان ھۈجەيرە بولۇپ، يېتىلگەن سۆڭەك توقۇلمىلىرىدا ئىگىلىگەن نىسبىتى ئەڭ چوڭ بىر خىل ھۈجەيرە ھېسابلىنىدۇ. ئادەم سۆڭەك ھۈجەيرىلىرىنىڭ ئۆمرى ئادەم بىلەن ئوخشاش دېگۈدەك ئۇزۇن بولۇپ، يېتىلگەن ئادەم بەدىنىدە تەخمىنەن 42 مىليارد سۆڭەك ھۈجەيرىسى بولىدۇ.
سۆڭەك ھۈجەيرىسى بىر خىل يۇقىرى دەرىجىدە بۆلۈنگەن ھۈجەيرە بولۇپ، نورمال ئەھۋالدا قايتىدىن بۆلۈنۈش يۈز بەرمەيدۇ. سۆڭەك ھۈجەيرىلىرىنىڭ شەكلى يۇلتۇزسىمان بولۇپ، مىنېراللاشقان سۆڭەك ئاساسىي ماددىسى تەرىپىدىن ئورىلىپ تۇرىدۇ، ھۈجەيرە تېنى سۆڭەك ئويمىنىغا جايلاشقان بولۇپ، ئوخشاش بولمىغان سۆڭەك ھۈجەيرىلىرى سۆڭەك نەيچىلىرىدىكى ھۈجەيرىلەر ئۆسۈكچىسى ئارقىلىق تۇتىشىپ تۇرىدۇ.
تاشقاتما ئىسپاتلىرىدىن مەلۇم بولۇشىچە، سۆڭەك ھۈجەيرىلىرى ئەڭ بۇرۇن 250 مىليون يىلدىن 400 مىليون يىل ئىلگىرى ئېڭەكسىزلەر ئىچىدە پەيدا بولغان.
قۇرۇلما
سۆڭەك ھۈجەيرىلىرى سۆڭەك ھاسىل قىلغۇچى ھۈجەيرىلەردىن كىچىك، ئىشقارخۇمارلىقىمۇ سۆڭەك ھاسىل قىلغۇچى ھۈجەيرىلەردىن ئاجىز بولىدۇ. بىر پىشىپ يېتىلگەن سۆڭەك ھۈجەيرىسى نورمالدا مىنېراللاشقان سۆڭەك ئاساسىي ماددىسى تەرىپىدىن ئورىلىپ تۇرىدۇ، ئېللىپسوئىد شەكىللىك ھۈجەيرە تېنى سۆڭەك ئويمىنىغا جايلاشقان بولۇپ، نۇرغۇنلىرى سۆڭەك كىچىك نەيچىلىرى ئارىلىرىدىن تومپىيىپ چىقىپ ھۈجەيرە سىرتىغا چىقىپ تۇرىدۇ. ئوخشاش بولمىغان سۆڭەك ھۈجەيرىلىرى ئۆسۈكچىلەر ئارىسىدىكى يوچۇق ئارقىلىق تۇتىشىپ تۇرىدۇ. سۆڭەك ھۈجەيرىسىنىڭ ھۈجەيرە يادروسى چوڭ، سىتوپلازمىنىڭ ئىگىلىگەن نىسبىتى نىسبەتەن تۆۋەن، سىتوپلازمىدىكى ھۈجەيرە ئەزالىرىمۇ نىسبەتەن ئاز بولىدۇ. سۆڭەك ھۈجەيرىلىرىنىڭ سىتوپلازمىسىدا ئاز مىقداردا يىرىك يۈزلۈك ئىچكى پلازما تورى ۋە گولگى تەنچىسى بولىدۇ، ئادەتتە بۇ قۇرۇلمىلار سۆڭەك ئاساسىي ماددىسىنى ساقلاش رولىنى ئوينايدۇ، دەپ قارىلىدۇ.
فىزىئولوگىيە ئىقتىدارى
سۆڭەك ھۈجەيرىسى سۆڭەك ھاسىل قىلغۇچى ھۈجەيرە بۆلۈنۈپ كەلگەن. سۆڭەك شەكىللىنىش جەريانىدا، سۆڭەك ھاسىل قىلغۇچى ھۈجەيرە ئەتراپىدىكى ھۈجەيرە سىرتىدىكى ئاساسىي ماددا تەدرىجىي مىنېراللىشىدۇ، ئەڭ ئاخىرىدا سۆڭەك ھاسىل قىلغۇچى ھۈجەيرە پارچىلىنىپ سۆڭەك ھۈجەيرىسىگە ئايلىنىدۇ. سۆڭەك ھاسىل قىلغۇچى ھۈجەيرە سۆڭەك ھۈجەيرىسىگە بۆلۈنۈش جەريانىدا، سۆڭەك ھاسىل قىلغۇچى ھۈجەيرە I تىپلىق كوللاگېن ئاقسىلى، سۆڭەك كالتسىي ئاقسىلى، ئىشقارلىق فوسفاتازا ( AP ) ھەمدە سۆڭەك شۆلگەي ئاقسىلى قاتارلىق گېننى ئىپادىلەشنى توختىتىدۇ. يېتىلگەن سۆڭەك ھۈجەيرىلىرى ئارىسىدىكى تۇتاشتۇرۇش تورىمۇ مۇشۇ بۆلۈنۈش جەريانىدا شەكىللىنىدۇ.
كلىنىكىلىق مېدىتسىنا بىلەن بولغان ئالاقىسى
سۆڭەك شالاڭلىشىش كېسىلى سۆڭەك ھۈجەيرىلىرىنىڭ ئۆلۈشى بىلەن مۇناسىۋەتلىك بولۇشى مۇمكىن. سۆڭەك ھۈجەيرىلىرىنىڭ بىنورمال ئۆلۈشى سۆڭەكتىكى مىنېرال ماددىلارنىڭ يېڭىلانماسلىقىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىپ، سۆڭەك نېكروزلىنىشنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ.
ئۇيغۇرچە: سۆڭەك ھۈجەيرىسى
ئىنگىلىزچە: osteocyte
خەنزۇچە: 骨细胞
تۈركچە: osteosit