ئانا سەھىپەبىلىمتەۋسىيەلىرىمىزمىكروسكوپ ۋە قىزىل قان ھۈجەيرىلىرى

مىكروسكوپ ۋە قىزىل قان ھۈجەيرىلىرى

     + چوڭ خەت | - كىچىك خەت

كىرىش سۆز

يېقىندا قىزىقارلىق ئەسۋاپتىن بىرنى سېتىۋالدىم، ئۇ بولسىمۇ ئوپتىك مىكروسكوپ. بۇنى كۆپىنچە كىشىلەر نىمە ئىكەنلىكىنى بىلىدۇ، يەنى مىكرودۇنيانى تېخىمۇ ئېنىق كۆرۈش ئۈچۈن ئىجاد قىلىنغان بىر خىل ئەسۋاپ. يېقىندا يىراق شەھەردە خىزمەت قىلىش جەريانىدا ۋاقىت چىقىرىپ بۇنىڭ بىلەن بىراز ھەپىلىشىپ باقتىم. بەلكىم بەزى دوستلار ئوتتۇرا مەكتەپ ۋاقىتىدا بۇنى كۆرۈپ باققان، ئىشلىتىپ باققان بولۇشى مۇمكىن. ئويلاپ باقسام مەنمۇ ئوتتۇرا مەكتەپ ۋە ئالىي مەكتەپنىڭ دەسلەپكى ۋاقىتلىرىدا ئىشلىتىپ بېقىپتىكەنمەن، ئەمما ھەقىقىي ئىچكى ماھىيىتىنى ھازىرقىدەك بۇنچىلىك ھىس قىلىپ باقماپتىكەنمەن. بۇنىڭ بىلەن ھەپىلىشىش، ئىزدىنىش بىلەن بىرگە، توردا ناھايىتى كۆپ مىكروسكوپ، مىكرو دۇنيا بىلەن مۇناسىۋەتلىك ئۇچۇرلارنى، فىلىملەرنى كۆرۈپ ھەقىقەتەن ھەيران قالدىم. ئەتراپىمىزدا شۇنچىلىك ئاجايىپ غارايىباتلار بىلەن تولغانلىقىنى شۇ ساھەگە شۇڭغۇپ كىرگەندە ئاندىن ھىس قىلغىلى بولىدىكەن. مۇشۇ بىلىملەرنى ئىزدىنىش جەريانىدا، ئۆگەنگەن بايقىغان ھەمبەھىرلىنىشنى قارار قىلدىم.

 

قېنى ئەمىسە، مېنىڭ بىلەن بىللە مىكرودۇنيا سەپىرىمىزنى باشلايلى.

 

مىكروسكوپ

ئاۋۋال مىكروسكوپنى قىسقىچە تونۇشتۇرۇپ چىقىلى.

مىكروسكوپ ئىنسان تەرەققىياتىدىكى مۇھىم كەشپىياتلارنىڭ بىرسى بولۇپ ، تېلېسكوپ يىراق ئاسماندىكى كۆز بىلەن ئېنىق كۆرگىلى بولمايدىغان يۇلتۇزلارنى كۆرۈپ كۈزىتىشكە ئىشلەتكەنگە ئوخشاش، مىكروسكوپ بولسا، يېنىمىزدىكى كۆز بىلەن ئېنىق كۆرگىلى بولمايدىغان ناھايىتى كىچىك جىسىم، جانلىقلارنى كۆرۈش، تەكشۈرۈش ئۈچۈن ئىشلىتىلىدىغان ئەسۋاپ دەپ چۈشەنسىڭىز بولىدۇ. مىكروسكوپ سۆزى گىرىكچە تىببىي سۆزلۈكتىن كىرگەن بولۇپ، مىكرو- ئىنچىكە، كىچىك مەنىدە، -سكوپ بولسا كۆرۈش ئەسۋابى، تەكشۈرۈش ئەسۋابى مەنىسىدە كېلىدۇ. ھىلى بىز دەپ ئۆتىدىغان ئوپتىك مىكروسكوپتىكى ئوپتىك سۆزى بولسا، لاتىنچە تىببىي تىلىدىن كىرگەن بولۇپ كۆرۈش، كۆرۈش قۇۋۋىتى مەنىنى ئىپادىلەيدۇ.

مىكروسكوپ ئوپتىك مىكروسكوپ ۋە ئېلېكترونلۇق مىكروسكوپ دەپ ئىككى چوڭ تۈرگە ئايرىلىدۇ. ھازىر پەن تېخنىكىنىڭ تەرەققىياتىغا ئەگىشىپ، بۇ ئىككى چوڭ تۈر مىكروسكوپلار ئىشلىتىش ساھەسىگە، ئىشلىتىش ئۇسۇلىغا، ۋە قوللانغان تېخنىكىلارغا قارىتا تارماق تۈردىكى مىكروسكوپلار ئىجاد قىلىنىپ چىقىشقا باشلىدى. بىز بۇ فىلىملىرىمىزدە ھازىرچە پەقەت ئوپتىك مىكروسكوپنىلا ئىشلىتىمىز.

 

ئوپتىك مىكروسكوپ

ئوپتىك مىكوروسكوپنى بەزىلەر نۇرلۇق مىكروسكوپ ياكى بىئولوگىيىلىك مىكروسكوپمۇ دەپ ئاتاپ قويىدۇ. ئوپتىك مىكروسكوپ ئەڭ بالدۇر ئىجاد قىلىنغان مىكروسكوپ ھىساپلىنىدۇ.

تارىخى ماتېرىياللارغا ئاساسلانغاندا، ئوپتىك مىكروسكوپنىڭ ئەڭ دەسلەپكى نۇسخىسىنى تۇنجى بولۇپ 16 ئەسىرنىڭ ئاخىرقى مەزگىللىرىدە، گوللاندىيە كۆزەينەكچى ۋە كەشپىياتچى

Hans Lippershey  ۋە  Zacharias Janssenتەرىپىدىن ئىجات قىلىنغانلىقى بايان قىلىنغان، ئەمما مۇشۇ كىم ئىجاد قىلدى، قاچان ئىجاد قىلدى دىگەن مەسىلە ھېلىھەم تارتىشىلىۋاتقان بىر نۇقتا.  بۇ يەنە باشقا بىر ھىكايە قىلىپ سۆزلەپ چىقىشقا توغرا كېلىدۇ.

نورمال تۇرمۇشتا، كۆزى ساغلام بىر كىشىنىڭ ، كۆزئەينەك تاقىمىغاندا 0.2 مىللىمېتىر كىچىكلىكتىكى جىسىملەرنى كۆرۈپ پەرق قىلالايمىز. يەنى ناھايىتى كىچىك قۇرۇتلارنى كۆزىمىز بىلەن كۆرۈپ پەرقلەندۈرلەيمىز. ئەمما بۇنىڭدىن كىچىك جىسىم جانلىقلار بولسا ئوپتىك مىكروسكوپ بىلەن كۆرۈشكە توغرا كېلىدۇ. ھازىرقى ئوپتىك مىكروسكوپلار مەلۇم بىر جىسىمنى 2000 – 2500 ھەسسىگىچە چوڭايتىپ كۆرگىلى بولىدۇ. مۇنداقچە ئېيتقاندا، ئوپتىك مىكروسكوپ ئارقىلىق 0.1 مىكرومېتىر ئۇزۇنلۇقتىكى جىسىملەرنى، جانلىقلارنى كۆرەلەيمىز، يەنى قىزىل قان ھۈجەيرىسىنىڭ شەكىللىرىگىچە ئېنىق كۆرگىلى بولىدۇ. بۇ 0.1 مىكرومېتىر دىگىنىمىز،  100 نانومېتىرغا تەڭ كېلىدۇ. ھازىر بۇ يەردە مىللىمېتىر، مىكرومېتىر، نانومېتىر… دىگەندەك ئاتالغۇلارنى تىلغا ئالدىم. بۇلار ئۇزۇنلۇق بىرلىكلىرى بولۇپ، كېلومېتىر، مېتىر، سانتىمېتىر، مىللىمېتىر، مىكرومېتىر ۋە نانومېتىرلەر ھەتتاكى پىكومېتىر توغرىلىق مەن ئايرىم بىر قىممەت ئالماشتۇرۇش تور بېتى ياساپ چىقتىم، ھەم رەسىملىك بىر سېلىشتۇرما جەدۋىلى لايىھىلىگەن ئىدىم. قىززىقۇچىلار دوختۇرلار تور بېكىتىمىزدىن ياكى سوتسىيال تاراتقۇلىرىمىزدا كۆرۈپ باقسا بولىدۇ.  مەنمۇ بۇ ۋىدىئونىڭ چۈشەندۈرۈش قىسمىغا ئادرىسنى چاپلاپ قويىمەن.

ھەرقايسى ئۇزۇنلۇقتىكى جانلىقلار جەدۋىلى

 

ئۇزۇنلۇق قىممەت بىرلىكى ئالماشتۇرۇش ئۇيغۇرچە تور ئادرىسى:

https://dohturlar.com/sinaq/uzunluq-qimmiti-almashturush.html

ئېغىرلىق قىممەت بىرلىكى ئالماشتۇرۇش ئۇيغۇرچە تور ئادرىسى:

https://dohturlar.com/sinaq/eghirliq-qimmiti-almashturush.html

 

ئەمدى، 0.1 مىكرومېتىردىنمۇ كىچىك بولغان  جىسىم، جانلىقلار، مەسىلەن ۋىرۇس، ئاقسىل تۈزۈلمىسى قاتارلىقلارنى… ئوپتىك مىكروسكوپ بىلەن كۆرەلمەيمىز. 0.1 مىكرومېتىردىنمۇ كىچىك بولغانلارنى ئېلېكترونلۇق مىكروسكوپلار بىلەن ياكى تېخىمۇ ئىلغار تېخنىكىلىق كۆرۈش ئەسۋابلىرى بىلەن كۈزىتىشكە توغرا كېلىدۇ. يېقىنقى يىللاردا مىكرودۇنيانى تەتقىق قىلىشتىن ئۆتۈپ تېخىمۇ كىچىك بولغان نانو دۇنياسى  ۋە ھەتتا ئۇنىڭدىن كىچىك دۇنيانى تەتقىق قىلىش تېمىلىرى بەكمۇ قىززىپ كەتتى. مېنىڭ بۇ مىكروسكوپ، يەنى ئوپتىك مىكروسكوپنى ھازىر كۆپىنچە ئوتتۇرا مەكتەپلەرنىڭ بىئولوگىيە دەرىسلىكىدە، ئوقۇغۇچىلارغا چوڭراق ھۈجەيرىلەرنى كۆرسىتىش ئۈچۈن تەجرىبە دەرىسى تەرىقىسىدە ئىشلىتىپ كېلىۋاتىدۇ. ئېلېكترونلۇق مىكروسكوپ ۋە ئۇنىڭدىن ئىلغار بولغان ئەسۋاپلارنى كۆپىنچە چوڭراق دوختۇرخانا ۋە باشقا ئىلغار تېخنىكا ساھەلەردە ئىشلىتىپ كېلىۋاتىدۇ.

خوش ئەمىسە، مىكروسكوپقا مۇناسىۋەتلىك بىلىملەرنى ئاز تولا پاراڭلاشتۇق، ئەمدى بىزنىڭ بۈگۈنكى باش پىرسۇناجىمىز. يەنى قىزىل قان ھۈجەيرىسىگە كېلەيلى.

 

 

قىزىل قان ھۈجەيرىسى

بۈگۈن ئوپتىك مىكروسكوپتا مېنىڭ تۇنجى قېتىم تەييارلىغان ئەۋرىشكەم، يەنى قىزىل قان ھۈجەيرىسى قانداق بولىدىغانلىقىنى كۆرۈپ باقايلى :

مانا ھازىر سىلەرگە كۆرسىتىۋاتقىنىم، ئۆزۈمنىڭ قېنى بىلەن تەييارلانغان تۇنجى مىكروسكوپ ئەۋرىشكەم، ئەينەك پارچىسى ئۈستىدىكىسى، مېنىڭ قېنىم.

ئوپتىك مىكروسكوپتا 2000 ھەسسە چوڭايتىلىپ تارتىلغان ئادەم قىزىل قان ھۈجەيرىلىرى

ئوڭ تەرەپتىكىسى تۇنجى قېتىم قىلغان تامچە شەكىلدىكىسى، بۇ تامچە شەكىلدە بولسا ھۈجەيرىلەرنى تازا ئېنىق كۆرگىلى بولمايدىكەن. شۇڭا سول تەرەپتىكى سۈرۈش تېخنىكىسى ئارقىلىق تەييارلىدىم. بۇ ئۇسۇل ئارقىلىق ھەربىر قىزىلقان ھۈجەيرىسىنى ئېنىق كۆرگىلى بولىدۇ.

نورمال ساغلام قىزىل قان ھۈجەيرىسىنىڭ دىئامىتىرى 6-9 مىكرومېتىر، قېلىنلىقى 2 مىكرومېتىر ، ئېغىرلىقى بولسا 27 پىكوگرام ئەتراپىدا بولىدۇ. شەكىل جەھەتتە گىردە نانغا ئوخشايدۇ دىدۇق. قېنى ئەمىسە بۇ گىردە نانلىرىنى بىر كۆرۈپ باقىلى.

ھازىر كۆرۈۋاتقىنىڭلار 200 ھەسسە چوڭايتىلىپ تارتىلغان قىزىل قان ھۈجەيرىلىرى.  كۆرۈنۈشتىكى ئۇششاق دانچىلار قىزىل قان ھۈجەيرىسىدۇر. ئەمما ئېنىق ئەمەس. بۇ كۆرۈنۈش خۇددى چېچىتىۋېتىلگەن قۇمغا ئوخشاپ قالىدۇ. 200 ھەسسە چوڭلۇقتا ھازىرچە مۇشۇنچىلىك كۆرگىلى بولىدۇ.

ئەمدى 500 ھەسسە چوڭايتىپ باقايلى. مانا ئەمدى، قىزىلقان ھۈجەيرىلىرى دانچىلىرى سەل ئېنىق كۆرۈنۈشكە باشلىدى. گەرچە ھېلىھەم گىردە نان كۆرەلمىگەن بولساممۇ ئەمما لىگەن ئۈستىگە ئانار ئۈنچىلىرىنى چېچىۋەتكەندەك بىر كۆرۈنۈشنى كۆرگەندەك بولدۇم. ئەمدى بۇنى تېخىمۇ چوڭايتىپ 2000 ھەسسە قىلىپ كۆرۈپ باقايلى.

مانا ھازىر كۆرۈۋاتقىنىڭلار، ئوپتىك مىكروسكوپتا 2000 ھەسسە چوڭايتىلىپ تارتىلغان قىزىل قان ھۈجەيرىلىرى. ھە، مانا ئەمدى بىر رەسمى گىردە نان كۆرگەندەك بولدۇم. بۇ قىزىل قان ھۈجەيرىلىرى ئەتراپى قېلىن شۇڭا رەڭگى قېنىقراق، ئوتتۇرى نېپىز رەڭگى سۇسراق بولىدۇ، شەكىل جەھەتتە ياپىلاقراق بولىدۇ. ھە راست، قىزىل قان ھۈجەيرىسىنىڭ ھۈجەيرە يادروسى بولمايدۇ. ئەگەر ھۈجەيرە يادروسى بولسا، دىمەك بۇ قىزىلقان ھۈجەيرىسى تېخى پىشىپ يېتىلمىگەن، ياكى مەلۇم بىر كېسەللىك ئالامېتى ھىساپلىنىدۇ. پاتولوگىيە دوختۇرلىرى ۋە باشقا تەجرىبىسى بار دوختۇرلار قىزىل قان ھۈجەيرىلىرىنىڭ يادروسى بار يوقلۇقىغا، يادرونىڭ شەكىللىرىگە قاراپ بەزى كېسەللىكلەرگە دىئاگنوز قويىدۇ. ئەگەر ھۈجەيرە يادروسى بولغان بولسا، بۇ يادرو قىزىل قان ھۈجەيرىسىنىڭ ئوتتۇرىدا بىر قېنىق چىكىت شەكىلدە كۆرۈلىدۇ.

 

قىزىل قان ھۈجەيرىلىرىنىڭ روللىرى

ئادەم بەدىنىدە ئېقىۋاتقان قاننىڭ جەمئىي ئېغىرلىقى، پۈتۈن بەدەن ئېغىرلىقىنىڭ 5%-7% گە قەدەر بولىدۇ. نورمال قۇرامىغا يەتكەن ئادەمنىڭ بەدەن ئېغىرلىقى 80 كىلوگرام دىسەك، بۇ ئادەمنىڭ بەدىنىدە تەخمىنەن 4-5 كىلوگرام ئەتراپىدا قېنى بولىدۇ ۋە بۇ قاننىڭ ئىچىدە تەخمىنەن 20-30 تىرىلىيون ئەتراپىدا قىزىل قان ھۈجەيرىلىرى بولىدۇ. ئادەم بەدىنىنىڭ مەلۇم بىر قىسمى قاناپ ، 30% غا يەنى 1 يېرىم كىلوگرامغا يېقىن قېنى ئېقىپ چىقىپ كەتسە، ھاياتقا خەۋىپ يېتىدۇ.

ئادەتتە قىزىل قان ھۈجەيرىلەرنىڭ ئۆمرى 120 كۈن ئەتراپىدا بولىدۇ. قۇرامىغا يەتكەن كىشىلەردە يېڭى قىزىل قان ھۈجەيرىلىرى ئاساسلىقى سۆڭەك يىلىكىدە ئىشلەپ چىقىرىدۇ. بوۋاقلاردا ۋە تۆرەلمىلەردە بولسا ئاساسلىقى جىگەر، تال، سۆڭەل يىلىكلەردە قان ئىشلەپ چىقىرىدۇ.

قىزىل قان ھۈجەيرىلەر بەدىنىمىزدە ئوكسىگىن ۋە ئوزۇقلۇق توشۇشقا مەسئۇل بولىدىغان ئەڭ مۇھىم ھۈجەيرىلەردۇر.  يەنى ئۆپكىدىن كەلگەن ئوكسىگىن ۋە ئۈچەيدىن سۈمۈرۈلگەن ئوزۇقلۇقلارنى، جىگەردە ئىشلەپ چىقىرىلغان پايدىلىق ماددىلارنى بەدەننىڭ ھەرقايسى توقۇلما ئورگانلارغا يەتكۈزۈپ بېرىدۇ. بۇنىڭ بىلەن بىرگە شۇ ھۈجەيرە، توقۇلما، ئورگانلار ئىشلەپ چىقارغان كېرەكسىز ماددىلارنى بەدەن سىرتىغا چىقىرۋېتىش ئۈچۈن مۇناسىۋەتلىك ئورگانلارغا يەتكۈزۈپ بېرىدۇ.

قىزىل قان ھۈجەيرىلىرى ياشانغاندىن كېيىن، ھۈجەيرە دىۋارى ئىلاستىكىلىقى ئازلايدۇ، ۋە جىگەر، تال، بۆرەك، ئىنچىكە تومۇرلاردىن ئۆتكەندە پارچىلىنىپ سۈزۈلىدۇ. ئىچىدىكى بەزى كېرەكلىك بولغان قىسىملىرى قايتىدىن باشقا ھۈجەيرىلەر تەرىپىدىن سۈمۈرۈلىدۇ ياكى ئۆت سۇيۇقلۇقى ۋە باشقا سۇيۇقلۇقلار بىلەن بىرلىشىپ، كىچىك تەرەت، چوڭ تەرەت ئارقىلىق بەدەننىڭ سىرتىغا چىقىرىلىدۇ. ئەمما بەزى كېسەللىكلەردە ، قىزىل قان ھۈجەيرىلىرىنىڭ يېپىشىشچانلىقى بىنورماللاشسا، ياكى تولۇق پارچىلانمىسا، بىر يەرگە توپلىشىۋېلىپ قان تومۇر كەپلىشىپ قېلىش ئەھۋاللىرى يۈز بېرىشى، ۋە شۇ قان تومۇر ئوزۇقلاندۇرىدىغان ئورگاندا ئوكسىگىن يېتىشمەسلىك سەۋەبلىك ئۆلۈم پەيدا قىلىدۇ.

شۇڭا بەدەندىكى قىزىل قان ھۈجەيرىلىرىنىڭ شوخ، ساغلام بولۇپ تۇرۇشىغا كاپالەتلىك بېرىش ئۈچۈن، چېنىقىپ بېرىشكە، ساغلام غىزالىنىش، تولۇق ئۇيقۇغا، قەرەللىك ھالدا دوختۇر بىلەن كۆرۈشۈپ كونترول قىلدۇرۇپ تۇرۇشقا ئادەتلىنىش لازىم.

بۈگۈنكى مىكروسكوپ دۇنياسى سەپىرىمىزدىكى بىرىنجى بىكەت بولغان، قىزىل قان ھۈجەيرىسىنىڭ ئوپتىك مىكروسكوپتىكى كۆرۈنۈشى تونۇشتۇرۇش فىلىمىمىز مۇشۇ يەردە ئاياقلىشىدۇ.

تورداشلار ئەگەر بىرەر نەرسىلەرنى چوڭايتىپ كۆرۈشنى ئۈمىد قىلسا، سۆز قالدۇرساڭلار شۇنىڭغا قارىتا تارتىپ چىقساق بولىدۇ.

ئەمىسە كېيىنكى فىلىمىمىزدە كۆرۈشەيلى. سالامەت بولۇڭلار. بىلىم ئېلىشنى توختاتماڭلار.

يۇقارىدىكى مەزمونغا قانداق قارايسىز؟
+1
0
+1
2
+1
0
+1
0
+1
0
+1
0
+1
0
مەزمون قوشۇلغان ۋاقىت: 2023-06-18

يېقىندا تەھرىرلەنگەن ۋاقىت: 2023-06-18 / 06:58:58

ساقلىۋالايچۇ؟
ساقلىۋالدىم!
سەمىمىي ئەسكەرتىش
مەزكۇر بەتتىكى مەزمۇندا، ئىملادا خاتالىق بولسا، ۋەيا تولۇقلىما مەزمۇن تەمىنلەپ بېرىشنى خالىسىڭىز، ئاستىدىكى سۆز قالدۇرۇش قىسمىغا سۆز قالدۇرسىڭىز بولىدۇ. تاما تاما كۆل بولۇر. سىزنىڭ نامىڭىزنى قوشۇپ ئېلان قىلىمىز.

بىكەتتىكى مەزمۇنلار تورداشلارنىڭ پايدىلىنىشى، ساغلاملىققا بولغان تونۇشىنى ئاشۇرۇش ئۈچۈن تەمىنلەنگەن ئۇچۇرلاردۇر. ئەمما دىئاگنوز ئاساسى بولالمايدۇ. ئوخشىمىغان بىماردا ئوخشىمىغان ئالامەتلەر كۆرۈلىدۇ ۋە دىئاگنوزى ئوخشىمايدۇ. شۇڭا بەدەندە كېسەللىك ئالامەتلىرى كۆرۈلگەندە چوقۇم مۇنتىزىم دوختۇر بىلەن يۈز تۇرانە مەسىلىھەت ئېلىشىڭىزنى، دوختۇرخانىدا تەكشۈرتۈشىڭىزنى تەۋسىيە قىلىمىز.

باشقا يەرلەردىن ئېلىنغان بەزى مەزمۇنلار، رەسىملەرنىڭ ئەسلى مەنبەسىنى ئەسكەرتىشكە تىرىشتۇق. باشقا يەردىن ئېلىنغان مەزمۇنلار پەقەت شۇ ئاپتور يازارنىڭ ئۆز كۆز قارىشىنى ئىپادىلەيدۇ، بېكىتىمىزنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلالمايدۇ. بۇنىڭدىن سىرت، ئەگەر ئەسەرنىڭ ئەسلى ئاپتورى ماقالىنىڭ تور بېكىتىمىزدە ئېلان قىلىنغانلىقى ئۆزىنىڭ شەخسىي مەنپەئىتىگە دەخلى قىلىندى دەپ ئويلىسا، بىز بىلەن ئالاقىلاشسىڭىز، ئەڭ قىسقا ۋاقىت ئىچىدە بىكەتتىن ئۆچۈرۋەتسەك بولىدۇ.

تور بېكىتىمىزدىكى مەزمونلارنى شەخسىي بېتىڭىزدە ئىشلەتمەكچى بولسىڭىز، دوختۇرلار تور بېكىتى ياكى dohturlar.com دىن ئېلىنغانلىقىنى ۋەيا بىز ئەسكەرتكەن مەزمۇننىڭ ئەسلى مەنبەسىنى ئەسكەرتىپ قويۇشىڭىزنى چىن دىلىمىزدىن ئۈمىد قىلىمىز. ئەمگەك مېۋىسىگە ھۆرمەت قىلىڭ.

سۆز قالدۇراي

Please enter your comment!
Please enter your name here

قىززىق نۇقتىلار

يېڭى مەزمونلار

مەخسۇس سەھىپىلەر

تېخىمۇ كۆپ