تورداشدىن سوئال

ياخشىمۇسىز دوختۇر، مەھەللىمىزدىكى ساقلىقنى ساقلاش مەركىزىگە تىزىملىتاي دىگەن ئىدىم. تىزىملىتىش ئۈچۈن ئىقامەت بولۇش شەرتمۇ ۋەيا پاسپورت بولسىمۇ بولىۋېرەمدۇ؟

نۇرمەمەت دوختۇردىن جاۋاپ
ياخشىمۇسىز. سالامەت تۇرۇپسىز.
قان تەكشۈرۈش، كىچىك تەرەت تەكشۈرۈش ئۈچۈن ئىقامەت بولمىسا بولمايدۇ. چۈنكى سىستېمىغا ئىقمامەت ئارقىلىق شۇ بىمارنىڭ ئۇچۇرلىرىنى ۋە تەكشۈرۈشلەرنى كىرگۈزۈش لازىم، ۋاكسىنا ئەملىتىش ئۈچۈن ھىچ بولمىسا ئىقامەت نومۇرى ۋەيا ئانىسىنىڭ ئىقامىتى بولمىسا بولمايدۇ. ئەگەر شۇ بىمارنىڭ ۋەيا بالىنىڭ ئىقامىتى تېخى چىقمىغان بولسا ۋاقتىنچە گۆچمەنلەر ساقلىقنى ساقلاش مەركىزى (گۆچمەنلەر ساغلىق ئوجاغى) غا بېرىش كېرەك. ھەربىر چوڭ رايوندا بىردىن بولىدۇ. ئۇ يەردە ئىقامىتى يوقلار ۋەيا ئىقامەت ۋە پاسپورت ئىككىلىسى يوق كىشىلەرگە قان، كىچىك تەرەت تەكشۈرۈش ، ۋاكسىنا ئۇرۇش ئىشلىرىنى قىلالايدۇ.
تۆۋەندىكى ۋىدىئودىن تېخىمۇ تولۇق مەزمونلارنى كۆرەلەيسىز: