تورداشدىن سوئال

ياخشىمۇسىز، نۇرمەمەت دوختۇر، مېنىڭ ئىقامىتىم تېخى چىقمىدى. قولۇمدا پەقەت پاسپورتۇملا بار. ساقلىقنى ساقلاش مەركىزى ساغلىق ئوجاغىغا بېرىپ بەدەن تەكشۈرۈش قان تەكشۈرۈش قىلالامدىم؟ رەھمەت.

نۇرمەمەت دوختۇردىن جاۋاپ
ياخشىمۇسىز. سالامەت تۇرۇپسىز.
سىزنىڭ سوئالىڭىزنى تۆۋەندىكىچە چۈشەنسەك،
ئىقامىتى يوقلار ھەم پاسپورتى يوقلار ساقلىقنى ساقلاش پونكىتىدا (ساغلىق ئوچاغىدا) تەكشۈرۈش، داۋالىنىش ئېلىپ بارالامدۇ؟
ئىناۋەتلىك ئىقامىتى يوق كىشىلەر، شۇ تۇرۇشلۇق رايوننىڭ كۆچمەنلەر ساقلىقنى ساقلاش پونكىتى ( göçmen sağlığı merkezi ۋەيا göçmenler sağlık ocağı ) غا بېرىپ ، ئەھۋالنى چۈشەندۈرسە، شۇ جايدىكى دوختۇر بىمار ئەھۋالىغا قاراپ ، ئىقامەتسىز قان تەكشۈرۈش، كىچىك تەرەت تەكشۈرۈش ئېلىپ بارالايدۇ. نورمالدا ھەربى رايوندا بىردىن كۆچمەنلەر ساقلىقنى ساقلاش پونكىتى بولىدۇ.
تۆۋەندىكى ۋىدىئودىن تېخىمۇ تولۇق مەزمونلارنى كۆرەلەيسىز: