تورداشدىن سوئال

ياخشىمۇسىز دوختۇر،
تۈركىيەدىكى ساقلىقنى ساقلاش پونكىتى (ساغلىق ئوجاغى، ساقلىقنى ساقلاش مەركىزى) دىكى بەدەن تەكشۈرۈش، قان تەكشۈرۈش، كىچىك تەرەت تەكشۈرۈش خىزمەتلىرىنى مەيلى قايسى ساقلىقنى ساقلاش پونكىتىغا بارغان ھامانلا قىلىپ قويامدۇ؟

نۇرمەمەت دوختۇردىن جاۋاپ
ياخشىمۇسىز. سالامەت تۇرۇپسىز.
يۇقارىدا تىلغا ئېلىنغان تەكشۈرۈشلەرنى كۆپىنچە ساقلىق ساقلاش پونكىتى ( Sağlık ocağı ,ASM, Aile sağlık merkezi ) قىلالايدۇ، ئەمما بارغان ھامانلا ھەممىنى قىلىپ قويۇشى ناتايىن. بىمارنىڭ بەدىنىدىكى ئالامەتلەرنىڭ بار يوقلۇقى، ئالامەت بار بولغان تەغدىردە ئېغىر يېنىكلىك دەرىجىسى، بىمارنىڭ ئەندىشىسى، بىمارنىڭ ئومۇمىي بەدەن ئەھۋالى، شۇ ئالاقىدار تەكشۈرۈشكە ئېھتىياجىنىڭ بار يوقلۇقى، ساقلىقنى ساقلاش پونكىتىنىڭ شۇ ۋاقىتتىكى ئىش يۈكىنىڭ ئېغىر يېنىكلىكى ۋە شارائىتىنىڭ بار يوقلۇقىغا قاراپ قارار قىلىنىدۇ. بۇنى شۇ ساقلىقنى ساقلاش پونكىتىدا ئىشلەۋاتقان دوختۇر بىلەن ئەستايىدىللىق بىلەن پىكىر ئالماشتۇرۇش لازىم.
تۆۋەندىكى ۋىدىئودىن تېخىمۇ تولۇق مەزمونلارنى كۆرەلەيسىز: