تورداشدىن سوئال

ياخشىمۇسىز دوختۇر، مەن ئىستانبۇلدىكى يېڭى بىر رايونغا كۆچۈپ كەلگەن ئىدىم، بۇرۇنقى تىزىملاتقان ساقلىقنى ساقلاش مەركىزى (ساغلىق ئوچاغىغا) بارالمىغۇدەكمەن. مېنىڭ ئائىلە دوختۇرۇمنى ھازىرقى تۇرۇشلۇق مەھەللەمدىكى ساغلىق ئوجىغىغا ئالماشتۇرسام بولامدۇ؟ قانداق قىلسام بولىدۇ؟

نۇرمەمەت دوختۇردىن جاۋاپ
ياخشىمۇسىز. سالامەت تۇرۇپسىز. تۆۋەندىكى ئۈچ خىل ئۇسۇلدا ئائىلە دوختۇرىنى ئالماشتۇرغىلى بولىدۇ.
- ئې نابىز E-nabız سىستېمىسىنى ئىشلىتىش ئارقىلىق، تېلىفوندا ياكى كومپىيوتېردا نەچچە مىنۇت ئىچىدە ئاسانلا ئالماشتۇرالايسىز. ئاي ئوتتۇرىدا ئالماشتۇرسىڭىز، شۇ كۈنى يېرىم كېچە 12 دە ئالمىشىش مۇۋەپپەقىيەتلىك بولىدۇ. ئاي بېشى ۋە ئاخىرىدا ئالماشتۇرسىڭىز ھەر ئاينىڭ 5-كۈنىگە كەلگەندە ئالمىشىش مۇۋەپپەقىيەتلىك بولىدۇ. تېلېفوندا 3 ئايدا بىر قېتىم ئالماشتۇرالايسىز.
- سىز ئالماشتۇرماقچى بولغان يېڭى ئائىلە دوختۇرىڭىزغا دىسىڭىز سىستېمدىن ئالماشتۇرۇپ بېرىدۇ.
- سىز تۇرۇشلۇق رايون سەھىيە ئىدارىسى ( ئىلچە ساغلىق مۈدۈرلۈگۈ ilçe sağlık müdürlüğü) گە بېرىپ ئىلتىماس تاپشۇرىسىڭىزمۇ بولىدۇ.
ئائىلە دوختۇرىغا تىزىملىتىش ۋە ئالماشتۇرۇش ئۈچۈن ئىناۋەتلىك ئىقامەت لازىم. ئىقامىتى يوق، پەقەت پاسپورتى بارلار، ۋەيا ئىقامىتى يوق ھەم پاسپورتى يوقلار ئائىلە دوختۇرىدا تەكشۈرۈش ئېلىپ بېرىش ئۈچۈن، رايون كۆچمەنلەر ساقلىقنى ساقلاش پونكىتى göçmen sağlığı merkezi ۋەيا göçmenler sağlık ocağı ) غا بېرىشى لازىم.
تۆۋەندىكى ۋىدىئودىن تېخىمۇ تولۇق مەزمونلارنى كۆرەلەيسىز: